A-A+

نامراتلار پۇرسەت كۈتىدۇ، بايلار پۇرسەت يارىتىدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 213 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( ئىككىنچى كىتاپ )

s27185139

2-باپ 7-پاراگىراپ

نامراتلار دائىم پۇرسەت كۈتىدۇ، بايلار تاللاپ تۇرۇپ

پۇرسەت يارىتىدۇ

پۇرسەت بىر ئادەمنىڭ ھايات يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ . پۇرسەت كىشىلەرنىڭ مەغلۇبىيەتنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلاپ غەلىبە يۇلىغا مېڭىشتا ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئىلگىرى بىرەيلەن ئادەمنىڭ غەلىبە قىلىشىنى تالانت، تىرىشچانلىق ۋە پۇرسەتتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئامىل بەلگىلەيدىغانلىقىنى خۇلاسىلەپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پۇرسەت كەم بولسا بولمايدۇ .

بەزى كىشىلەر تالانت ئىگىسى، ئۇلار توختاۋسىز تىرىشقان بولسىمۇ ھەمىشە ھەمىشە غەلىبە بىلەن ياندىشىپلا ئۆتۈپ كېتىدۇ . نامراتلار ھەمىشە پۇرسەت ئۇلارنى ساقلاپ تۇرىدىغاندەك ،ئاسانلىقچە قېچىپ كەتمەيدىغاندەك ھېس قىلىدۇ . شۇڭلاشقا نامرات بۇلۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى ياخشى پۇرسەت يوق بولغانلىقتىن دەپ قارايدۇ . بايلار ئەكسىچە غەلىبە قىلىشنىڭ سەۋەبى ئۇلار ئۆزىگە تەۋە بولغان پۇرسەتنى تۇتىۋالالىغانلىقىدا دەپ قارايدۇ . ئەمىليەتتە ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى پۇرسەت كۆپىنچە ساقلىغانغا كەلمەيدۇ، ئەكىسچە ئۇنى كىشىلەر بارلىققا كەلتۈرىدۇ .

پۇرسەت ھەممە كىشىگە باراۋەر . ئۇ سىزنىڭ نامراتلىقىڭىز سەۋەپلىك سىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ، سىز باي بولغانلىقڭىز سەۋەبلىك سىزگە ياخشىچاق بولمايدۇ . لىكىن پايدىغا ئېرىشىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز، پۇرسەتنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇشىڭىز، پۇرسەتنى بايقاش ئۈچۈن يۇقىرى كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىڭىز كېرەك .

پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇرۇش ھاماقەتلىك. ئەتراپىمىزدا پۇرسەت كۆپ، ئۇ ھەممىلا يەردە بار، زېرەك ئادەم ئۇنى كۆرەلەيدۇ ھەم تۇتالايدۇ، لىكىن پۇرسەت كۈتىدىغان،پۇرسەت سەكرەپ ئالدىغا كېلىدىغاندەك ھېس قىلىدىغان ئادەم ئەمىليەتتە ھاماقەت ئادەمدۇر . ئەقىللىق بايلار ئوبيېكتىپ ھەركەتچانلىقنى جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر ، ئەتراپتىكى ئامىللاردىن پايدىلىنالايدۇ، ئۆزىگە تەۋە بولغان پۇرسەتنى يارىتالايدۇ . ئەمما نامراتلار پەقەت پۇرسەت كەلمىدى دەپ ئۇھسىنىشنىلا بىلىدۇ، ئارقىدىن يەنە داۋاملىق ساقلايدۇ . ئەمىليەتتە پۇرسەت كەلمىدى ئەمەس ئەكىچە پۇرسەتنى كۆرمىدى، خالاس .

كىيۇرى خانىم ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «كۈچلۈكلەر پۇرسەتنى يارىتىدۇ، ئاجىزلار پۇرسەتنى ساقلايدۇ» . بايلىق ساقلىسا پەيدا بولمايدۇ، بەلكى باي بولۇشنى قارار قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە بايلىق توپلاش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ . بايلار پۇرسەتنى يارىتىدۇ، ئۆزىدە ئىقتىدار ۋە شارائىت بار ۋاقىتتا ئۇنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ پۇرسەت يارىتىدۇ، ئوبيېكتىپ ھالەتنى ئۆزىگە پايدىلىق بولغان تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلدۇرىدۇ ياكى ئۆزىگە پايدىلىق ھالەتنى ساقلاپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، ئاكتىپ بولۇپ پايدىلىق ئۇرۇندا تۇرىدۇ .

ئىلگىرى ياۋروپا تارىخىدا ئالىكساندىر ئىسىملىك ھەربى تالانت ئىگىسى بار ئىدى . بىر قېتىملىق جەڭدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن بىرى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: «پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتەمدۇق ياكى باشقا بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلامدۇق؟»   ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلىنىپتۇ ۋە : «پۇرسەت دىگەن ئۆزىمىزگە تايىنىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.» دەپتۇ. پۇرسەتنى يارىتىش ئالىكساندىرنىڭ غەلىبە قازىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى، پەقەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇرسەت يارىتىدىغان ئادەم ئاندىن ئۇلۇغ تۆھپە يارىتالايدۇ .

ئەگەر ئادەم ئىش قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق پۇرسەت ساقلىسا بۇ بەك خەتەرلىك، چۈنكى بارلىق ئۈمىد ساقلاش داۋامىدا خوراپ تۈگەيدۇ، پەقەت بوشاشماي تىرىشىپ پۇرسەت ياراتقاندىلا ئاندىن ئۆزىنى مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. شۇڭا باي بۇلۇشنى ئويلايدىكەنسىز ئۆزىڭىز پۇرسەت يارىتىڭ .

بايلار ناھايىتى ئەقىللىق ، ھەرگىز پۇرسەتنى ساقلىمايدۇ، ئۆزى پۇرسەت يارىتىدۇ، پۇرسەتتن پايدىلىنىدۇ، پۇرسەتنى بويسۇندۇرىدۇ، پۇرسەتنى ئۆزى ئۈچۈن قۇل قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بايلار غەلىبە قىلىشنى ئويلىسا پۇرسەت يارىتىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ، سىزنىڭ بىرلىكتە بېيىش يۇلىنى ئاتلاپ ئۆتۈشىڭىزنى ساقلاپ ھەرگىزمۇ ئەخمەقلەرچە يول بويىدا ئولتۇرمايدۇ . تەقدىر پۇرسەت ئەمەس، ئەمما بىرخىل تاللاش . تەقدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتمەسلىك، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ تەقدىرنى يارىتىش كېرەك .

ۋاڭ مىڭتاۋ  شىركەتكە كەلگەندىن كېيىن رەھبەرلىكنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشەلمىدىم دەپ دائىم: «ئەگەر بىر كۈنى باش مۇدىرنى كۆرۈش مۇمكىن بولسا، ئۆزەمنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ قويىدىغان پۇرسەت بولسا ياخشى بولاتتى» دەپ ئويلايدىكەن. لىكىن ئويلاپلا ئەمەلىي ھەرىكەت قىلمايدىكەن.

بىللە شىركەتكە كىرگەن جۇمىنشيامۇ شۇنداق ئويلىغان بولۇپ، ئۇ دائىم باش مۇدىرنىڭ ئىشقا بېرىش ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىنى سورايدىكەن، ئۇنىڭ تەخمىنەن قايسى ۋاقىتتا لىفىتقا چىقىدىغانلىقىنى ھېسابلايدىكەن، ئۇ مۇشۇ ۋاقىتتا لىفىتقا چىقىپ باش مۇدىر بىلەن ئۇچرىشىپ سالاملىشىش پۇرسىتى بۇلۇشنى ئۈمىد قىپتۇ . لىكىن ئۇ پەقەتلا بىر قېتىم باش مۇدىرنى ئۇچراتقان بولۇپ جىددىيلەشكىنىدىن گەپمۇ قىلالماپتۇ .

ئەمما ئۇلار بىلەن بىللە كەلگەن ۋېيجۈن تېخمۇ ئىلگىرىلەپتۇ، ئۇ باش مۇدىرنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى تەپسىلى چۈشىنىپ، ھەمدە ئۇ پۈتتۇرگەن مەكتەپنى، ياشاش ئۇسۇلىنى، كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىنى بىلىپتۇ . نەچچە جۈملە ئاددى ھەم سالمىقى بار سۆز تەييارلاپ، ۋاقىتنى ياخشى مۆلچەرلەپ لىفىتقا چىقىپتۇ، باش لىدىر بىلەن بىر نەچچە قېتىم سالاملاشقاندىن كېيىن، ئاخىر بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئوزۇن پاراڭلىشىپتۇ، ئۇزاق ئۆتمەي تېخىمۇ ياخشى بولغان خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىپتۇ .

كۆرۈشكە بولىدۇكى، دۆتلەر پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋېتىدۇ، ئەقىللىق كىشىلەر پۇرسەتنى تۇتالايدۇ، غەلىبە قىلغۇچىلار پۇرسەتنى يارىتىدۇ . بۇ مىسالدا ۋاڭ مىڭتاۋ پەقەتلا ئويلىغان ئەمما ھەرىكەتلەنمىگەن، بەلكىم ئۇ پۇرسەت ساقلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، لىكىن پۇرسەت ساقلىغانغا كەلمەيدۇ، ساقلىغانغا كەلگەن پۇرسەتنى پۇرسەت دېگىلى بولمايدۇ . نامراتلار پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، شۇڭا تەڭرىدىن ئاغرىنىشنىلا بىلىدۇ . ھەقىقەت ئىسپاتلايدۇكى، پۇرسەت بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار تۇتالمايدۇ، چۈنكى ئۇلاردا پۇرسەتنى تۇتقۇدەك بىلىم ۋە ئىقتىدار يوق .

نامراتلار دائىم كىچىك ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار كىچىك ئىشنى قىلىشنىڭ پايدىسى يوق دەپ قارايدۇ، لىكىن كىچىك ئىشنى قىلالمىغان ئادەمنىڭ چوڭ ئىشنىمۇ قىلالمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .نامراتلار ھەمىشە ئارقا ئارقىدىن پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ، ھەربىر قېتىملىق پۇرسەت ئۆتۈپ كەتكەندە پۇشايمان قىلىدۇ، ئەمىليەتتە نامراتلاردا كەم بولغىنى پۇرسەت ئەمەس بەلكى پۇرسەتنى تۇتىدىغان ئەقىل .

بىز يۇقارقى مىسالدىكى ئۈچ ئادەمگە  قارايدىغان بولساق ،ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسىدە ئوي ۋە ھەركەت بار،ئەمما ئالدىدىكى ئىككىسى مەغلۇپ بولدى.ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرىدىكى ۋېيجۈنقانداق غەلىبە قىلدى؟ ۋېىجۈننىڭ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسى شۇكى،ئۇنىڭ تەييارلىقى تۇلۇق، نىشانى بار، ھەرىكەت پىلانى مۇكەممەل . مەسىلەن ئۇ باشلىنىشىدىلا باش لىدىرنىڭ ھەرخىل سەزگۈزەشتىسىنى تەپسىلى سۈرۈشتۈردى ھەم باش لىدىر بىلەن كۆرۈشكەندە دەيدىغان سۆزنى ئەستايىدىل تەييارلىدى، شۇڭا كىيىنكى ئۇچرىشىش ئۇنىڭغا بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەكلا  ئاسان بولدى . مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ پۇرسەت يارىتىپلا قالماي پۇرسەتتىىن مۇكەممەل پايدىلاندى .

غەلىبە قىلغۇچى پۇرسەتنى ساقلاپ ئولتۇرمايدۇ، ھەم ھەرقانداق بىر پۇرسەتنى ئۆتكۈزمەيدۇ، پۇرسەتنى كۆرەلمىسە ئۆزى پۇرسەت يارىتىدۇ. ئۇلار پۇرسەتكە ساقلاپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ، تىرىشىپ پۇل تاپقانغا ئوخشاش ئۆزىدىكى تىرىشچانلىققا ۋە پاراسەتكە تايىنىپ ئاندىن پۇرسەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. پۇرسەت بولمىسا ئۆزىمىز ياراتساق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەنسىرگىدەك يىرى يوق، پەقەت تەييارلىقىمىز پۇختا بولسا ،ھەر بىر كۈننى چىڭ تۇتساقلا غەلىبە ۋە بايلىق بىزگە بارغانسىرى يېقىنلىشىدۇ .

بايلىقنىڭ بايانى:

نامراتلار پۇرسەت كۈتىدۇ، بايلار پۇرسەتنى يارىتىدۇ. نامراتلار پۇرسەت بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىدىكى تۈرلۈك چەكلىمىلىك  تۈپەيلىدىن ئۇنى تۇتۇشقا ئامالسىز. شۇڭا پۇرسەت ساقلىغاندىن كۆرە ئۆزى  پۇرسەت ياراتىش ئەۋزەلدۇر!

*****************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ