A-A+

يۈز مىليۇنلۇق ‹‹جاۋاھىرات›› ماشىنا

2017-يىل 3-ماي جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 237 قېتىم

بۇ ماشىنىلار ئەزەلدىن يول ياقىسىدا توختىمايدۇ

تېڭشۈن تورىنىڭ 18-مارتتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1

ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ماشىنىلار بەك كۆپ، ئەمما بىر ھەشەمەتلىك ماشىنىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشنى خالايدىغانلار  ناھايىتى ئاز. لېكىن ئاز دېگەنلىك يوق دېگەنلىك ئەمەس، مەسىلەن: سۈرەتتىكى بۇ ماشىنا ئالدىنى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى روللس رويس Silver Cloud II بولۇپ، ئۇ ناھايىتى ئۆزگىچە قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان. 

2

ئالدى بىلەن بۇ ماشىنىغا بىر مىليون دانىدىن ئارتۇق سىۋاروۋسكى خىرۇستالى ئورنىتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا بەلگىسى دۇنيادا بىردىنبىر بولغان ئالىي دەرىجىلىك ئالماستىن ياسالغان، شۇڭا ئۇنىڭ باھاسىدىن 100 مىليوندىن ئاشىدۇ. 

20170318172617863

بۇ ماشىنىنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىك يېرى ئۇششاق نەرسىلىرى، ئۇنىڭ قانىتىغا نۇرغۇن ئالماس ئورنىتىلغان، شۇڭا مۇشۇ ماشىنا بەلگىسىنىڭ ئۆزىلا 300 مىڭ دوللاردىن ئاشىدۇ. بۇ بەلگە بىر مىليون دەرىجىلىك ئاپتوموبىلدىنمۇ بەكرەك پۇلغا يارايدۇ. شۇڭا بۇ ماشىنىنى ھەيدىگەندە ئېھتىيات بىلەن ھەيدىمىسە بولمايدۇ. 

20170318172635602 20170318172641436

بۇ بىر بېنتلېي Flying ئاپتوموبىلى، ئەمما بۇ ماشىنىنىڭ بەلگىسى ئۆزىدىنمۇ بەكرەك جەلب قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئۇنىڭغا 124 دانە ئالماس ئورنىتىلغان، ئومۇمىي قىممىتى 150 مىڭ دوللار. ئەگەر بۇ ماشىنا ھادىسىگە ئۇچرىسا، كىشىلەر بەلكىم يەردىن ئالماس تېرىۋېلىشى مۇمكىن.

20170318172737848

ئەمما بۇ ماشىنىنىڭ ئىگىسى بۇلاردىنمۇ رازى بولماي، يەنە بىر يېڭى بەلگە ئالماشتۇرۇشقا تەييارلاندى. بۇ بەلگە پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغان ھەمدە سىرتقى يۈزىگە خىرۇستال بىلەن ھەل بېرىلگەن، قىممىتى 250 مىڭ دوللارغا يېتىدۇ.

20170318172754565

بۇ بېنزنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد SL ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىلى تېخىمۇ قالتىس، ئۇنىڭ ئەتراپىغا 300 مىڭ دانە رەڭلىك خىرۇستال ئورنىتىلغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىلا 48 مىليون دوللارغا توختىغان. 

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ