A-A+

نامراتلار كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى كۆرىدۇ، بايلار ئوزۇن مۇددەتلىك كىرىمنى ئويلايدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 275 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( بىرىنچى كىتاپ )

29781515515736

5-باپ 3-پارىگىراپ

نامراتلار كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى كۆرىدۇ، بايلار ئوزۇن

مۇددەتلىك كىرىمنى ئويلايدۇ   

مۇنداق بىر ھېكىمەتلىك ھېكايەت بار:

   ناھايىتى ئوزۇن زامانلار ئىلگىرى، ناھايىتى ۋەيرانە ئىككى ئادەم يولدا بىرمويسىپىتنى ئۇچرىتىپتۇ. بۇ مويسىپىت ئۇلارغا ئوخشاش شەپقەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن،ئۇلارغا بىر دانە بېلىق تۇتىدىغان قارماق ۋە ئويناقلاپ تۇرغان چوڭ بېلىقتىن بىرىنى كۆرسىتىپ بىردىن تاللاشنى بۇيرۇپتۇ.

   بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئويلانماستىنلا ئالدىراقسانلىق بىلەن بېلىقنى تاللاپتۇ، يەنە بىرى ئوزۇن ئويلانغاندىن كىيىن بېلىق تۇتىدىغان قارماقنى تاللاپتۇ، مويسىپىتنىڭ شەپقىتىگە نائىل بولغاندىن كىيىن ئىككەيلەن ئۆز يوللىرىغا مېڭىپتۇ.

   بېلىقنى ئالغان ئادەم بىر دۆۋە قۇرۇق ئوتۇن تېپىپ بېلىقنى پىشۇرۇپ يەپتۇ، ئۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن بېلىقنىڭ گۆشىنى يەپلا قالماستىن، يەنە بېلىقنىڭ شورپىسىنىمۇ ئىچىپ قازاننى قۇرۇقداپ قويۇپتۇ. ھالبۇكى، بىر قېتىم تويۇۋالغاندىن كىيىن ئۇنىڭ يەنە ھېچنىمىسى قالماپتۇ – دە، ئوزۇن ئۆتمەستىن ئاچلىقتىن ئۆلۈپتۇ.

   بېلىق قارمىقىنى تاللىغان يەنە بىر ئادەم  ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىپ، ناھايىتى تەسلىكتە قارماقنى كۆتۈرۈپ دېڭىز بويىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئوزۇن يوللارنى باسقاندىن كىيىن، ئۇ ئاخىرى دېڭىز بويىغا يىتىپ كەپتۇ، ھەمدە بېلىق تۇتۇپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى باشلاپتۇ. بىر نەچچە يىلدىن كىيىن، ئۇ ئۆزىگە تەۋە ئۆي ساپتۇ، ئۆزىنىڭ بېلىق كېمىسىنى ياساپ، خوتۇن – بالا ۋە ئىللىق ئائىلىگە ئىگە بولۇپ، دېڭىز بويىدا خاتىرجەم ياشاپتۇ.

   ئەقىللىق ئوقۇرمەن چوقۇم ھېكايىدىن بەلگىلىك ئىلھامغا ئىگە بولدى. ھېكايىدىكى بېلىقنى تاللىغان ئادەم يىراقنى كۆرەلمەيدۇ، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئاچلىقىنى بېسىش ئۈچۈنلا ئالدىراقسانلىق بىلەن بېلىقنى تاللاپ قورسىقىنى تويدۇرغان، بىراق بېلىقنى يەپ بولغاندىن كىيىن ئۇچرايدىغان مەسىلىنى ئويلىشىپمۇ باقمىغان. دەل شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئېھتىياجىنى ۋاقىتلىق قاندۇرغاندىن كىيىن يەنىلا ئاچلىقتىن قۇتۇلالماي، ئاخىرىدا قۇرۇق بېلىق قاسراقلىرىغا قاراپ ھەسرەت بىلەن ئۆلگەن.

   ئەتراپلىق ئويلىنىش ئارقىلىق بېلىق قارمىقىنى تاللىغان ئادەم ناھايىتى ئەقىللىق. چۈنكى ئۇ بېلىقنى تاللىغاندا پەقەتلا ۋاقىتلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، بىراق يىراقنى كۆزلىگەندە، بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى بىلىدۇ. بېلىق قارمىقىنى تاللىغاندا گەرچە مەسىلىنى تېز ھەل قىلغىلى، ئۇنىڭدىن پايدىلانغىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بېلىق تۇتقىلى بولىدۇ، بۇنداقتا ئوزۇن مەزگىللىك ئاشلىق مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. نەتىجە ئىسپاتلىدىكى،ئۇنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە تاللىشى توغرا بولغان.

   رېئال تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان ئادەملەر بېلىقنى تاللىغان ئادەمگە ئوخشاش يىراقنى كۆرەلمەيدۇ، ئۇلار پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېرىشىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرھېكايىدىكى بېلىق قارمىقىنى تاللىغان ئادەمگە ئوخشاش يىراقنى كۆرۈپ،كۆز ئالدىدىكى كىرىم بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئوزۇن مەزگىللىك پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.

   ھېكايىنىڭ خاتىمىسىگە ئوخشاش، پايدىغا بولغان ئوخشىمىغان كۆز – قاراش تەبئىيلا ئوخشىمىغان نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇمۇ دەل نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى. نامراتلار ۋاقىتلىق مەنپەئەتنىلا ئويلايدۇ، بايلار ئوزۇن مەزگىللىك كىرىمنى كۆزلەيدۇ.

   بۇ يەردە،بىز يەنە مۇنداق بىر  مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى:

   ئىلگىرى ئۈچ  يىگىت شىرىكلىشىپ سىرتقا چىقىپ ئىش قىلماقچى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بېيىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىشىنى ئۈمىد قىپتۇ.

   توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ يىگىتلەر چەت بىر تاغلىق بازاردىن ھەم قىزىل ھەم چوڭ، تەمىناتى ناھايىتى ياخشى بولغان بىر خىل ئالمىنى بايقاپتۇ، بۇ ئالمىلار ناھايىتى جەلپ قىلارلىق بولۇپ، قارىسىلا ئادەمنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ كىلەتتى. بىراق بۇ بازارنىڭ ئىقتىسادىي نامرات، قاتناش قولايسىز بولغاچقا، بۇ سۈپەتلىك ئالمىلار پەقەت مۇشۇ بازاردىلا ناھايىتى تۆۋەن باھا بىلەن سېتىپ چىقىرىلاتتى. يىگىتلەر بىردەك بۇنىڭ ناھايىتى ياخشى سودا ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار بازاردىن ئالما ئېلىپ قايتىپ، بۇ ئارقىلىق باي بولماقچى بوپتۇ.

   بىرىنچى يىگىت ئۆزىنىڭ يېنىدىكى بارلىق پۇللىرىغا ئەڭ ياخشى قىزىل ئالمىلاردىن 10 توننا ئېلىپ يۇرتىغا يۆتكەپتۇ، ھەمدە ئەسلىدىكى باھادىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى باھادا سېتىپتۇ. مۇشۇ تەرىقىدە نۇرغۇن قېتىملاپ ماڭغاندىن كىيىن، ئۇ يۇرتىدىكى تۇنجى تۈمەن پۇللۇق شەخىسكە ئايلىنىپتۇ.

   ئىككىنچى ياش ئازراق ئويلانغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ يېنىدىكى پۇلنىڭ يېرىمىنى خەجلەپ سۈپەتلىك ئالما كۆچىتىدىن 100 نى سېتىۋاپتۇ. ئالما كۆچەتلىرىنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كەلگەندىن كىيىن، ئۇ دەرھال بىر پارچە يەرنى كۆتۈرە ئېلىپ كۆچەتلەرنى تىكىپتۇ، ھەمدە توپتوغرائىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئالما كۆچەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىپتۇ.

   ئەڭ ئاخىرقى ياش تاغلىق بازاردا نەچچە كۈن تۇرۇپ، بۇ جەرياندا ئالمىلىق باغلارنىڭ ئەتراپىنى تەپسىلىي كۈزىتىپتۇ. ئۇ ئاخىرىدا باغنىڭ ئىگىسىنى ئىزدەپ تېپىپ ئالما كۆچەتلىرىنىڭ ئاستىدىكى توپىنى كۆرسىتىپ دەپتۇ: «مەن بۇ توپىلارنى سېتىۋالىمەن.»

   باغنىڭ ئىگىسى بۇ يىگىتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئاۋۋال ناھايىتى ھەيران بوپتۇ، ئارقىدىنلا ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ بېشىنى چايقىغىنىچە: «كەچۈرۈڭ، بىز توپىلارنى ساتمايمىز، ئەگەر توپىلارنى سېتىۋەتسەك ئالما ئۆستۈرەلمەيمىز!» دەپتۇ.

   ھالبۇكى، بۇيىگىتنىڭ چاقچاق قىلىدىغان مەقسىتى يوق ئىدى، ئۇ ئىگىلىپ بىر سىقىم توپىنى ئېلىپ كەسكىنلىك بىلەن: «ماڭا پەقەت مۇشۇنچىلىك بىر سىقىم توپا لازىم، ماڭا سېتىپ بېرىڭ،قانچە پۇل كەتسە مەيلى!» دەپتۇ.

   باغ ئىگىسى يىگىتنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماپتۇ، كۆڭلىدە ئۇنىڭ كاللىسىدا مەسىلە بار ئىكەن، باشقىلار پۇل خەجلەپ ئالما سېتىۋالسا، بۇ يىگىت لازىمى يوق تۇپراق سېتىۋالماقچىكەن دەپ ئويلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ سەۋرىسىزلىك بىلەن: «بولىدۇ،بولىدۇ، بىر كوي بېرىپ ئېلىپ كېتىڭ.» دەپتۇ.

   يىگىت توپىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپتۇ، كۆپچىلىك ئۇنىڭ بىر سىقىم توپىنى ئېلىپلا قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا باشلاپتۇ. بىراق ئۇ بۇنىڭغا پىسەنت قىلماپتۇ، ھەمدە مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ تۇپراقنى ئۆلچىتىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ھەرخىل ئېلېمىنىت ۋە نەملىك تەركىبىنى ئۆلچەپ چىقىپتۇ.

   ئارقىدىنلا بۇ يىگىت يەنە بىر پارچە تاغ قاپتىلىنى كۆتۈرە ئاپتۇ، ھەمدە تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يەر ئېچىپ، ئېلىپ كەلگەن ئەسلىدىكى توپا بىلەن تەركىبى ئوخشاش بولغان تۇپراق يىتىشتۈرۈپتۇ، ھەمدە يىتىشتۈرۈلگەن تۇپراققا ئالما كۆچەتلىرىنى تىكىپتۇ.

   ئون يىلدىن كىيىن، ئالما سېتىۋالغان يىگىت ئاۋۋالقىدەكلا تاغلىق كەنت بىلەن يۇرتىنىڭ ئارلىقىدا قاتناپ ئالما تىجارىتى قىپتۇ، بىراق بۇنداقتا ناھايىتى جاپالىق بولۇپلا قالماي يەنە ئالىدىغان پايدىمۇ بارغانسىرى ئازلاپ كېتىپتۇ.

   ئالما كۆچىتى سېتىۋالغان ياشنىڭ ئۆزىگە تەۋە بېغى بار بوپتۇ، بىراق تۇپراق تەركىبى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۆسۈپ چىققان ئالمىلارتەسەۋۋۇردىكىدەك ياخشى بولماپتۇ، شۇنداەقتىمۇ يەنىلا بۇنىڭدىن بەلگىلىك پۇل تېپىپتۇ.

   تۇپراق سېتىۋالغان ئۈچىنچى ياش ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى باي بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇ يىتىشتۈرۈپ چىققان ئالمىلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.

   ئۈچ يىگىت ئوخشاش پۇرسەتنىڭ ئالدىدا ئوخشىمىغان تاللاش ئېلىپ بارغان، بۇنىڭ بىلەن نەتىجىسىمۇئوخشاش بولمىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ياش پەقەتلا ئالمىنىڭ قىسقا مەزگىللىك پايدىسىنى كۆرگەن، شۇ سەۋەبتىن ئون يىلدىن بۇيان ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولماي،ھېچقانچە بايلىققا ئېرىشەلمىگەن؛ ئىككىنچى ياش گەرچە نەزىرىنى خېلى يىراقلارغا تىككەن بولسىمۇ، بىراق كۆپ پۇل تېپىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى تاپالمىغان، شۇنىڭ بىلەن پەقەت چەكلىك بولغان بىر قىسىم بايلىققىلا ئېرىشكەن؛ ئۈچىنچى ياش يىراقنى كۆرۈپلا قالماستىن، يەنە ئەڭ توغرا ئۇسۇلنى تېپىپ، ئاخىرىدا بايلاردىن بولۇپ قالغان.

   بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بايلىقنى قوغلىشىش يولىدا پەقەتلا قىسقا ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى قوغلىشىش سىزگە ياردەم قىلىپ ۋاقىتلىق پايدا ئەكىلەلىشى مۇمكىن، بىراق ئوزۇن مەزگىللىك پايدا يارىتىشقا ئامالسىز. پەقەت ئوزۇن مەزگىللىك كىرىمنى،يىراقنى كۆرەلەيدىغان ئادەملا ئاندىن ئەڭ كۆپ بايلىققا ئېرىشەلەيدۇ.

   شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر بايلارنىڭ قاتارىغا ئۆتمەكچى بولساق، نەزىرىمىزنى يىراقلارغا قويۇپ،ئوزۇن مەزگىللىك مەنپەئەتنى ئويلىشىشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ قىسقا مەزگىللىك پايدىنىڭ كاللىمىزنى ئېلىشتۇرۇشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

بايلىقنىڭ بايانى:

   مەبلەغ سالغان ۋاقىتتا، نامراتلار قىسقا مەزگىل ئىچىدە قانچىلىك پۇل تاپالايدىغانلىقىغا قارايدۇ، ئەمما بايلار ئۇنىڭ ئوزۇن مەزگىللىك پايدىسىغا نەزەر سالىدۇ. قىسقا مەزگىللىك پايدا ئېھتىمال سىزگە ياردەم قىلىپ يىمەك – ئىچمەكتىن غەم قىلماسلىق ھالىتىنى ساقلىيالىشى، ۋاقىتلىق ماددى ئېھتىياجىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشى مۇمكىن، بىراق ئوزۇن مەزگىلدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئۇ سىزگە ئوزۇن مەزگىللىك ماددى كاپالەت بېرىشكە ئامالسىز. ھەقىقىي بايلار «تورنى ئوزۇن قويۇۋېتىپ بېلىقنىڭ چوڭىنى تۇتۇش» قائىدىسىنى بىلىدۇ.

****************************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ