A-A+

ئەڭ مۇنەۋۋەر تالانت ئىگىسى بولمايدۇ، بەلكى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بولىدۇ

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 189 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

9-دەرس 8-پارىگىراپ

ئەڭ مۇنەۋۋەر تالانت ئىگىسى بولمايدۇ، بەلكى ئەڭ

زور تىرىشچانلىق بولىدۇ

نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، مايۈن كارخانا قىممەت قارىشىنىڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىسى، تور سودىسىنى جۇڭگودا تەرەققىي قىلدۇرغۇچى، ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلايدىغان سانسىزلىغان ياشلارنىڭ قەلبىدىكى «مەبۇد» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئەندىزىسى، كۆز-قارىشى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ، سودا ساھەسىدىكى مۆجىزە دەپ قارالغان. ھالبۇكى بۇلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇنىڭ ئىنكاسى ئەكسىچە مۇنداق بولغان: «مەن ئەڭ مۇنەۋۋەر تالانت ئىگىسىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن، بەلكى ئەڭ زور تىرىشچانلىققا ئىشىنىمەن.» مايۈننىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىدە ئېيتىشىچە، بىلىمنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، بىراق ئەقىل-پاراسەت قوزغىتىشقا، تۈرتكە بولۇشقا موھتاج .

كىچىكىدىن نەتىجىسى ئادەتتىكىچە بولغان مايۈن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىككى قېتىم ئۆتەلمىگەن، ئاخىرىدا ئوقۇغان مەكتىپىمۇ ئادەتتىكىچە مەكتەپ ئىدى. ئۇ رىكشىدا كىرا قىلىپ باققان، يايما ئېچىپ باققان، گۈل سېتىپ باققان، قول چىرىقى سېتىپ باققان، تەرجىمانلىق ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، يەنە «خاڭجۇدىكى ئون ئۈلگىلىك ياش ئوقۇتقۇچى» دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان؛ كېيىن جۇڭگو ئۇچۇر بېتى، ئالى بابا، تاۋباۋ... قاتارلىقلارنى قۇرغان، بۇ جەرياندا شان-شەرەپكە ئېرىشكەن ھەم مەغلۇبىيەتكىمۇ ئۇچرىغان. بىراق نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، مايۈن ئەزەلدىن ۋاز كېچىپ باقمىغان، توختىماستىن تىرىشىش مايۈننىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولى.

جۇڭگو ئۇچۇر بېتىنى ئەمدىلا قۇرۇپ چىققاندا، سۈن دەنيۈ مەزكۇر تور بېكەتنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىغا، ۋۇ يۇڭزۈن بىلەن جۇ يۆخۇڭ تېخنىكىغا، لۇ ۋېنشېڭ پىلان-لايىھەگە، شې شىخۇاڭ مالىيەگە، جاڭ يىڭ بىلەن شېن شۈن مەمۇرىي ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرىغا، باشقىلار تور بېكەتنىڭ تەھرىرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئادەم سانى ئاز، بۆلۈنگەن ئىش كۆپ بولغاچقا، بىر ئادەم نۇرغۇنلىغان ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.

كوللىكتىپنىڭ مەدەنيەت سەۋىيەسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق شەيئىگە تۇتۇش قىلغان بولغاچقا، كۆپچىلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت بولسىلا ھەر تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگىنەتتى. كۈندۈزى جاپالىق ئىشلىگەن بولسىمۇ، كۆپچىلىك كەچ ۋاقىتلىرى مايۈن ئۆزى سۆزلىگەن ئېنگلىزتىلى دەرسىنى ئاڭلايىتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، مايۈن ئاللىقاچان نەچچە تۈمەن خىزمەتچىسى بار ئالى بابانىڭ باش لىدىرىغا ئايلاندى، ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتە، ئۇ يەنىلا «ئەڭ مۇنەۋۋەر تالانت ئىگىسى يوق، پەقەتلا ئەڭ زور تىرىشچانلىق بار» دېگەن پىرىنسىپنى ئاساس قىلماقتا. شۇ سەۋەبتىن، ئۇنىڭ قوشۇنى ئەزەلدىن ئۇنۋاننى ئاساس قىلمايدۇ، خىزمەت ئىستاژىنى غالبىيەت ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ ئۆلچىمى قىلمايدۇ. سىز پەقەت مايۈننىڭ قوشۇنىدا تىرىشىشنى خالىسىڭىزلا، ئۇ چوقۇم سىز ئۈچۈن پۇرسەت ۋە سەھنە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«تىرىشقان تاغ ئاشار،» بۇ قەدىمدىن ئۆزگەرمەس قائىدە. ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە مايۈننىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى ئارقىلىق، ئىلگىرى مايۈنگە ئوخشاشلا تولۇق كۇرس دىپلومىغا ئىگە سۈن دەنيۈ ئاللىقاچان سودا باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ماگىستىرىغا ئايلاندى، ھەمدە ئالى بابانىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى سۈپىتىدە نەچچە مىڭ ئادەمگە رەھبەرلىك قىلماقتا. دەسلەپتە ئىنتېرنېتنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان ئالى بابانىڭ باشقا ئەزالىرى تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىر ئاللىقاچان بۇ ساھەدىكى سەركىلەرگە ئايلاندى.

گېرمانىيەدىكى داڭلىق شىركەت سىمېنىس شىركىتىدە خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز تالانتىنى يېتەرلىك جارى قىلدۇرالايدىغان پۇرسەت بار بولۇپ، ئەگەر خىزمەتچىلەرنىڭ بىر مەزگىللىك خىزمەت ئىپادىسى ياخشى بولسا جەزمەن ئۆستۈرۈلەتتى. خىزمەتچى ئىشلەۋاتقان بۆلۈمدە بوش ئورۇن بولمىغان تەغدىردىمۇ باشقا بۆلۈملەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىنى بەلگىلەپ، بىر دەرىجە-بىر دەرىجىدىن تەرەققىي قىلاتتى؛ ۋاقتىنچە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن، سىمېنىس شىركىتى ئۇلارنى ئىشتىن بوشاتماستىن، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۇلارنى باشقا خىزمەت ئورۇنلىرىغا يۆتكەپ سىناپ باقاتتى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، خىزمەتچىلەر تەڭشىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئورۇننى تېپىپ خىزمەتنى يەنىلا ياخشى قىلالايىتتى.

بۇ سىمېنىس شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ دەسلىپىدىلا ناھايىتى مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەمدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنداق ئەمەس. سىمېنىس شىركىتىنىڭ قارىشىچە، بىر ئادەم توختىماستىن تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئاندىن ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئاخىرىدا تېخىمۇ كۈچلىنەلەيىتتى-دە، بۇنداق ئادەملەرنىڭ شىركەت ئالدىدىكى قىممىتى تېخىمۇ ئاشاتتى.

لى جياچېڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە تىرىشچانلىق غەلبە قازىنىشتىكى ئامىل، قانچىلىك كۈچىسەڭ شۇنچىلىك ئالىسەن دېگەندەك، بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك ئېرىشكەنلىكى ئۇنىڭ قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىگە باغلىق. ئامەت پەقەت بىر كىچىكلا ئامىل، شەخسنىڭ تىرىشچانلىقىلا نەتىجە قازىنىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل.»

ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، كېيىنكى تىرىشچانلىق بىر ئاددى ئادەمنىڭ تالانت ئىگىسىگە ئايلىىشىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىل. شۇ سەۋەبتىن، مايۈن تالانت ئىگىلىرىنى قانداق تاللاش مەسىلىسىگە نىسبەتەن مۇنداق دېگەن: «ئىختىساسلىقلار شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن بىر ئايلىق تەربىيەلەش بار، بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا بىز ئورتاق قىممەت-قاراش ۋە ئىتىپاقلىق روھىنى تەكىتلەيمىز. بىز يېڭىدىن كەلگەن خىزمەتچىلەرگە ھەممىمىزنىڭ ئاددى ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى، ئاددى ئادەملەرنىڭ بىر جايغا كېلىپ ئاددى بولمىغان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىمىز. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى ئاللىقاچان تالانت ئىگىسىگە ئايلانغان دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا شىركەتتىن كەتسىڭىز بولىدۇ.»

سودا مەيدانلىرىدىكى رىقابەت تۈپكى ماھىيىتىدىن ئېيىتقاندا تالانتلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ ئېلىشىشتىن ئىبارەت. قابىلىيەت ئىگىلىرىنى تەكلىپ قىلىش كارخانىنى رىقابەتتە ئەۋزەل ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. بىراق ھەقىقىي قابىلىيەتلىك رەھبەرلا ئەتراپىدىكى ئادەملەردىن تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، خىزمەتچى ۋە كارخانىنىڭ قوش پايدىغا ئېرىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغاندىن بۇيان، دەسلەپ ئالى بابا شىركىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان 18 نەپەر ئادەم ھازىر ئاللىقاچان مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، «قابىلىيەتلىكلەرنىڭ ئەڭ سەرخىلى» غا ئايلانغان. خۇددى مايۈن ئېيىتقاندەك، «ئالى بابادا ئۈچ يىل خىزمەت قىلىش ئۈچ يىل ئاسپىرانتلىق ئوقۇغانغا باراۋەر» دېگەندەك ئىش بولغان. ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ كەسپى خادىملاردىن ئېشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار «ئاسپىرانتلىق» نى نەچچە قېتىم ئوقۇپ بولغان.

شۇ سەۋەبتىن «ئەڭ مۇنەۋۋەر تالانت ئىگىسى بولمايدۇ، پەقەتلا ئەڭ زور تىرىشچانلىق بولىدۇ» دېگەن بۇ جۈملە، كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىق خادىملارنى باشقۇرۇش ۋە تاللىشىدا ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر بىر كارخانا رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغان قوشۇن قۇرماقچى بولسا، تالانت ئىگىلىرىنى تاللىغاندا، باشلىنىشتىلا كەسپى بىلىملەرگە ئىگە كىشىلەرنى تاللىغاندىن باشقا، يەنە ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئادەتتىكى خادىملارنىمۇ تاللاش كېرەك، ئۇلارمۇ كارخانا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قىممەت يارىتىپ بېرەلەيدىغان تالانتلىقلارغا ئايلىنالايدۇ.

****************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى  شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ