A-A+

بايلارنىڭ نىشانى ئېنىق

2016-يىل 21-مارت مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 204 قېتىم

1-HOWARD-SCHULTZ

سۈرەتتە : سىتارباكىسنىڭ قۇرغۇچىسى ، قەھۋە شاھى ، مىليادىر خوۋارد شۇلتىز


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

نامراتلارنىڭ نىشانى بولمايدۇ، بايلارنىڭ نىشانى ناھايىتى ئېنىق بولىدۇ

مۇنداق بىرھىكايە بار:

بىر ئادەم قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۈچ ئىشچىنىڭ خىشتا تام قوپۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،ئۇلاردىن: «نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ.

بۇ ئۈچ ئىشچى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان جاۋاب بېرىپتۇ، بىرىنچى ئىشچى خوشياقمىغاندەك:«سىز مېنىڭ تام قوپۇرۋاتقانلىقىمنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟  تۇرمۇشۇمنى قامداپ،ئائىلەمنى باقىدىغان ئىش قىلىۋاتىمەن، خالاس.» دەپتۇ. ئىككىنچى ئىشچى بېشىنى كۆتۈرۈپ كۈلگىنىچە: «مەن ھازىر بىر ئۆي سېلىۋاتىمەن، مەن بۇنى ئەڭ ياخشى  خىزمەت دەپ قارايمەن.» دەپتۇ. ئاخىرقى ئىشچى پەخىرلەنگەن ھالدا: «مەن ھازىر بىرگۈزەل شەھەر سېلىۋاتىمەن، گەرچە بۇ ئەمدىلا باشلانغان بولسىمۇ، بىراق ئوزۇن ئۆتمەستىن نەتىجىسىنى كۆرەلەيسىلەر.» دەپتۇ.

نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى بىرىنچى ئىشچى  ئاۋۋالقىدەكلا ئىشچى بولۇپ ، كۈندە ئوخشاش خىزمەتنى قىلىدىكەن؛ ئىككىنچى ئىشچى خېلى نامى بارلايىھەلىگۈچىگە ئايلىنىپتۇ؛ ئۈچىنچى ئىشچى بولسا بىر ئۆي – مۈلۈك شىركىتىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ، ئالدىنقى ئىككى ئىشچى ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان بوپتۇ.

ئوخشىمايدىغان ئۈچ خىل جاۋاب، ئوخشىمىغان ئۈچ خىل نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھىكايىدىكى بىرىنچى ئىشچىنىڭ نىشانى بولمىغاچقا، تىرىشىشتىكى تۈرتكىلىك كۈچ كەمچىل. ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك خىزمىتى ئۇ ئېيىتقاندەك ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن بولۇپ، كۈن ئۆتسىلا شۇنىڭغا رازى بولىدۇ، شۇڭا نەچچە ئون يىلمۇ خۇددى بىر كۈندەك ئۆتۈپ، ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان؛ ئىككىنچى ئىشچىنىڭ بىرىنچى ئىشچىغا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ئېنىق بولغان قىسقا مۇددەتلىك نىشانى بار، شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن ھوزۇرلىنالىغان ھەمدە ئەڭ ئاخىرى بىر لايىھەلىگۈچىگە ئايلانغان. ئۈچىنچى ئىشچىنىڭ بولسا ناھايىتى ئېنىق بولغان ئوزۇن مۇددەتلىك نىشانى بار .ئۇ ئۈمىدكە تولغان، قىزغىن ۋە ناھايىتى جۇشقۇن بولۇپ، كۆڭلىدە ئېنىق نىشانى بولغاچقا ئاخىرى ئالدىنقى ئىككى ئىشچىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

ئامېرىكاخارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتى ئىلگىرى بۇ مەكتەپتىكى ئەقلى، ئوقۇش تارىخى، مۇھىت شارائىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاساسەن ئوخشاش بولغان بىر تۈركۈم ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا نىشاننىڭ كىشلىك ھاياتقا بولغان تەسىرى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا،%27 كىشىنىڭ نىشانى يوق، %60 كىشىنىڭ نىشانى غۇۋا، %10 ئادەمنىڭ بىر قەدەر ئېنىق بولغان قىسقا مەزگىللىك نىشانى بار، %3 ئادەمنىڭ ئېنىق بولغان ئوزۇن مەزگىللىك نىشانى بار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

25 يىلدىن كىيىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتى بۇ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە: ئوزۇن مەزگىللىك نىشانى بولغان بۇ %3 ئادەم ھەر كۈنى ئوخشاش بىر يۆنىلىشكە قاراپ توختىماستىن كۆرەش قىلىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە ئاللىقاچان ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شەخىسلەرگە ئايلانغان، بۇلارنىڭ ئىچىدەئۆز كەسپىنىڭ سەركىلىرى ۋە ئىجتىمائىي قەھرىمانلارمۇ بولغان؛ بىر قەدەر ئېنىق بولغان قىسقا مەزگىللىك نىشانى بولغان %10 ئادەم ئۆزىنىڭ نىشانى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى كەسپىي ئەربابلارغا ئايلانغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمىدا ياشىغان؛ نىشانى غۇۋا بولغان %60 ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ئادەتتىكىچە بولۇپ، گەۋدىلىك نەتىجە قازىنالمىغان، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمىدىن تۆۋەن ئورۇندا ياشىغان؛ نىشانى بولمىغان %27ئادەمنىڭ تۇرمۇشتا ھېچقانداق يۆنىلىشى يوق بولۇپ، تۇرمۇشى ناھايىتى تەستە ئۆتكەن،ھەتتا دائىم باشقىلاردىن، جەمئىيەتتىن ئاغرىنىدىغان بولغان.

بىز بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، نامراتلار ۋە بايلارنىڭ يەنە بىر پەرقى:نامراتلارنىڭ نىشانى يوق، بايلارنىڭ نىشانى ناھايىتى ئېنىق بولىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا، گۇاڭدۇڭ شېڭفاڭ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى خۇاڭشىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتى بار، ئۇ ئېنىق نىشاننىڭ كىشىلىك ھاياتقا بولغان يىتەكچىلىك رولىدىن گۇمانلانمايدۇ، ھەمدە ئۇ ئۆزىمۇ نىشانى ناھايىتى ئېنىق ئادەم.

خۇاڭشى كىچىك ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى دائىم ئۇنى ياخشى ئۆگىنىشكە، كەلگۈسىدە بىر ياخشى خىزمەت تېپىشىغا يىتەكلەيىتتى. ھالبۇكى ئەينى ۋاقىتتا كىچىككىنە خۇاڭشىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز – قارىشى بولۇپ، ئۇ كۆڭلىدە شۇنداق ئويلايىتتى: كەلگۈسىدەنېمىشقا ياخشىراق خىزمەت تېپىشىم كېرەك؟ مەن نېمىشقا باشقىلارنى ياخشى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىمەيمەن؟

شۇنداق قىلىپ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، كىچىك خۇاڭشى ئۆزىگە ئىگىلىك تىكلەپ خوجايىن بولۇش – تىن ئىبارەت نىشان بەلگىلىگەن. بۇ نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كىيىن، خۇاڭشى سەمىمىيلىك بىلەن ئىزچىل تىرىشقان. ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدا، ئۇ ئىگىلىك تىكلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە پۇرسەتلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئوقۇۋاتقان جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتىتىدا نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولۇپ،خۇاڭشى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز – ئارا تىل ئۆگىنىدىغان سەھنە ھازىرلاپ، ئۇلارنى تىل ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەشنى ئويلايدۇ.

ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ  ئىككىنچى يىللىققدا ئوقۇۋاتقان خۇاڭشى ئامېرىكا ۋە ۋېنگىرىيەلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ جۇڭگو – چەتئەل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمەكۇلۇبىنى قۇرۇپ چىقىدۇ .بۇ كۇلۇب ئەينى ۋاقىتتا جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتىتىدا خېلى زور تەسىر قوزغايدۇ. كۇلۇبنىڭ نامىنى ئاڭلاپ تىزىملىتىشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي 3000 دىن كۆپرەك ئادەم ئەزا بولىدۇ، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارتاپشۇرغان ئەزالىق ھەققى خۇاڭشىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش  ھاياتىدىكى تۇنجى مەبلىغى بولىدۇ.

خۇاڭشى ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش تولۇق كۇرسىنى تاماملاپ، ئىگىلىك تىكلەش قەدىمىنى باسىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش سەپىرىنى باشلايدۇ.

ئۈچ يىلدىن كىيىن، خۇاڭشىنىڭ دانالارچە رەھبەرلىكى ئاستىدا، ئۇ ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ چىققان شېڭفاڭ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى گۇاڭجۇ شەھىرىكى ئون چوڭ مۇنەۋۋەرخەلقئارالىق مودىل شىركىتىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.

دۇنياغا داڭلىق تىز تاماقخانا مەكدونالدنىڭ قۇرغۇچىسى ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى خۇلاسىلىگەندە: «بىر ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىسا چوقۇم ئىككى خىل سۈپەتنى ھازىرلىشى كېرەك، بىرى نىشانى ئېنىق بولۇش، يەنە بىرى كۈچلۈك ئىرادىسى بولۇش كېرەك.» دىگەن. خۇاڭشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ بايلارغا ئايلىنىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ئېنىق نىشانىنىڭ بولغانلىقىدا، ھەمدە ئۆز نىشانىغا قاراپ توختىماستىن كۆرەش قىلغانلىقىدا. نىشانى ئېنىق بولغاچقا، خۇاڭشى ئۆزىنىڭ كۆرەش نىشانى ۋەماڭىدىغان يولىنى كەسكىن قارار قىلالىغان؛ ئاكتىپلىق بىلەن ئىگىلىك يارىتىدىغان پۇرسەتنى ئىزلىگەن؛ نىشانى ئېنىق بولغاچقا،خۇاڭشى ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇرۇپ، باشقىلارغا خىزمەت پۇرسىتى تەمىنلىيەلىگەن.

شۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بايلىققا ئېرىشىپ بايلارغا ئايلىنىشنى ئويلىغاندا، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش، ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى،قانداق ئادەم بولماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك. پەقەت نىشان ئېنىق بولغاندىلا،نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بايلاردىن بولۇش يولىدا تېخىمۇ تىز، تېخىمۇ يىراققا ماڭغىلى بولىدۇ.

ھەقىقەتەن،بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا بىر ئېنىق نىشان بولۇشى كېرەك، نىشان بولغان ئىكەن ئۈمىد بولىدۇ، ئۈمىد بولغان ئىكەن كۆرەش قىلىشتىكى تۈرتكىلىك كۈچ بولىدۇ. بىر نىشانسىز ئادەم خۇددى يەلكەنسىز كېمىگە ئوخشايدۇ، مەڭگۈ تىنىمسىز لەيلىسىمۇ،مۇۋەپپەقىيەتنىڭ قىرغىقىغا يىتىشى مۇمكىن ئەمەس؛ بىر نىشانى يوق ئادەم خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەككە ئوخشايدۇ، نىشانى يوق، نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشنى بىلمەيدۇ؛ بىرنىشانسىز ئادەم خۇددى باشسىز چىۋىنغا ئوخشايدۇ، شۇ ۋەجىدىن بايلىق يارىتىش يولىدا چوقۇم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سىز بايلاردىن بولماقچى بولسىڭىز بىرىنچى قەدەمدە چوقۇم ئۆزىڭىزگە بىرئېنىق نىشان تۇرغۇزۇشىڭىز كېرەك. نىشان بەلگىلەنگەندىن كىيىن، بەلگىلەنگەن نىشانغا قاراپ ئىزچىل كۆرەش قىلىش كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، سىز ئارزۇ قىلغان بايلىق قەسىرىگە كىرەلەيسىز.

بايلىقنىڭ بايانى :

ئېينىشتىيىن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا ئاۋۋال نىشان ئېنىق بولۇشى كېرەك،ئاندىن دىققەتنى يىغىپ نىشانغا قاراپ كۆرەش قىلىش كېرەك.» .نامراتلارنىڭ ئىزچىل نامرات بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلاردا نىشان بولماسلىقى ياكى ئېنىق نىشاننىڭ،تۇرمۇشتىكى كۆرەش يۆلىنىشىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدا. بايلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېنىق نىشانى بولىدۇ، ئۇلار ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىگە ئېنىق نىشان تۇرغۇزىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن نىشانغا قاراپ ھەرىكەت قىلىپ، ئاخىرىدا بايلىق مۇنارىنىڭ چوققىسىغا يىتىپ بارىدۇ.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ