خوتەن قاش ئويمىچىلىق تەربىيلەش سىنىپىدا دەرس باشلاندى (خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 98)
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...
يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...
يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
خوتەن قاش ئويمىچىلىق تەربىيلەش سىنىپىدا دەرس باشلاندى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ جاۋاھىراتلار سودا ئويۇشمىسىدىن ئىگەللىشىچە تۇنجى نۆۋەتلىك خوتەن قاش ئويمىچىلىق
تەربىيلەش سىنىپىدا 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى دەرس باشلانغان .
دۆلەت دەرىجىلىك قاشتېشى ئويمىچىلىق ئۇستىسى جاۋمېينىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا ياڭزى ، ۋاڭ چۈن خۇا ،
ما لىمىڭ ، پۈ چۈنلېي قاتارلىق ئويمىچىلار خوتەن ناھىيەسىگە كېلىپ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت
ئويمىچىلىق ئۇستىلىرىنى ھەقسىز تەربىيلەش سىنىپىدا دەرس ئۆتۈشنى باشلىغان .
خوتەن ناھىيەلىك كەسپى تېخنىكا مەكتىپىدە تۇنجى قاراردا تەربىيلىنىدىغان ئەللىك ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى
خوتەن ناھىيسەنىڭ ھەر قايسى يېزا بازارلاردىكى نامرات ئائىلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ، ئۈچ
ئايلىق مەخسۇش تەربىيلەشكە قاتنىشىدىكەن .
ئۈچ ئايدىن كېيىن ئىككىنچى قارارلىق تەربىيلەش سىنىپى ئوقۇش باشلايدىكەن . بۇ قېتىمقى تەربىيلەشتە لاياقەتلىك
بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ھۆكۈمەت ئاز سوممۇلۇق ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلى بېرىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا مۇشۇ
ئويمىچىلىقنى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلارغا ھەر قايسى تەرەپتىن ئېتىبار بېرىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئۇيغۇر ئويمىچىلارنى تەربىيلەيدىغان كۇرۇسلار توختاۋسىز ئېچىلىدىكەن.
بۇ تەربىيلەش سىنىپىنى ئېچىش ئۈچۈن شىنجاڭ جاۋاھىراتلار سودا ئۇيۇشمىسى بىلەن خوتەن ناھىيەلىك پارتىكوم ۋە ھۆكۈمەت ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى .
ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ جاۋاھىرات سودا ئۇيۇشمىسى 100 نەچچە مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ قاشتېشى ئويمىچىلىق ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالدى .
بۇ يىل باھار بايرىمىدىن كېيىن 25 دانە ئويمىچىلىق ئۈسكۈنىسى خوتەن ناھىيەسىگە يۆتكەپ كېلىندى .
خوتەن ناھىيەلىك پارتىكوم، ھۆكۈمەت خوتەن ناھىيەلىك كەسپى تېخنىكا مەكتىپىدە قاشتېشى ئويمىچىلىق سىنىپى
ئېچىشنى قارار قىلدى ھەم دەرىسلىكلەرنى تاللاش ، ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەش ، دەرسلىك ماتىرياللارنى تەييارلاش
جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىپ تەربىيلەش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇراق قاشتېشى ئويمىچىلىق ئۇستىلىرىدىن بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئالدىنقى تەييارلىقلارنى پۈتتۈردى .
شىنجاڭ جاۋاھىراتلار سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى گو لەنشىياڭ خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى :
دۆلەت << بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستىراتىگىيەسى >> نى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم شىنجاڭ << يىپەك يولى
ئىقتىساد بەلۋىغىنىڭ ياردرولۇق رايۇنى >> قىلىپ بېكىتىلدى . خوتەن قاشلىرى شىنجاڭدىكى مۇھىم بىر قېزىلما بايلىق بولۇپلا قالماي دىيارىمىزنىڭ داڭلىق نامدار ماركىسى بولۇپ ئىنتايىن زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى .بۇ قېتىملىق تەربىيلەش كۇرسى بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىنى ئىجرا قىلىش ھەم ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ << يۈز كارخانا يۈز كەنتكە ياردەم بېرىپ قول تۇتۇشۇپ تەڭ تەرەققىي قىلىش >> چاقىرىقىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىدىكى تېخنىك خادىملارنى زور كۈچ بىلەن تەربىيلەش ۋە خىزمەتكە ئۇرۇنلۇشۇش ،ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
خوتەن ناھىيەسنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى جاڭ ۋېن جېيې مۇنداق دېدى : << بۇ قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان قاشتېشى
ئويمىچىلىق تەربىيلەش سىنىپى خوتەن تارىخىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئويمىچىلىرىنى تەربىيلەش سىنىپى شۇنداقلا خوتەننىڭ قاشتېشى كەسپ زەنجىرىدە خام ئەشيا سېتىپ چىقىرىشتىن قاشتېشى ئويمىچىلىقىغا ئۇزارتىلىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . بۇ ئۆگۈنۈش كۇرسىنىڭ ئەھمىيىتى يەرلىكتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ، خوتەن قاشلىرىنىڭ قۇشۇلما قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردىلا بولۇپ قالماي مۇھىمى
جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى چوڭئەھمىيىتى بار .
شىنجاڭ جاۋاھىرات سودا ئويۇشمىسى خوتەندە ئېچىلغان بۇ سىنىپنى كەسپى تېخنىكا جەھەتتىن يۆلەپلا قالمايماددىي جەھەتتىنمۇ ناھايىتى زور كۈچ چىقاردى . بۇ يىل بىرىنچى ئايدا شىنجاڭ جاۋاھىرات سودا ئويۇشمىسى
2015-يىللىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى كىم ئاشىدۇ قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بىر يۈز ئەللىك بەش مىڭ يەتتە يۈز يۈەن پۇل تەييارلىغان ئىدى ھەم بۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى خوتەننىڭ ئويمىچىلىق ئۇستىلىرىنى تەربىيلەشكە ئىشلىتىشنى قارار قىلغان . بۇ قېتىمقى تەربىيلەش جەريانىدا ئۆگۈنۈش
نەتىجىسى كۆرىنەرلىك ياخشى بولغان بەش ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە تۆت مىڭ يۈئەن قىممىتىدىكى ئويمىچىلىق ماشىنا ئۈسكىنىسى ھەدىيە قىلىنىپ ئۇلارنىڭ بۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى ئىشقائورۇنلىشىشىغا ياردەم قىلىنىدۇ .
مەنبە: 玉石中国 ئۈندىدار سالونى