خېرىدارلارنى يۆلەش-سودىدىكى مۇھىم يول
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
10-دەرس 7-پارىگىراپ
خېرىدارلارنى يۆلەش-سودىدىكى مۇھىم يول
نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنىلا ئويلاش پىسخىكىسى كۈچلۈك، خېرىدارلار بىلەن بېرىش-كېلىشتە ئۇلار ئاۋال قانداق قىلغاندا پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان ئىشنى قىلىدۇ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بىۋاستە قىممەت يارىتالمايدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ئەمما شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇنداق قىلغاندا دائىم ئەڭ ياخشى پۇل تېپىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇش مۇمكىن. بىر كارخانىچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئەگەر سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىلا ئويلاپ خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قارىسىڭىز، خېرىدار ھەرگىزمۇ ئۇزۇن مەزگىلگىچە سىزنى قوللىمايدۇ. خېرىدارنىڭ قوللىشدىن ئايرىلىپ قالغاندا، كارخانىڭىزنىڭ پۇل تېپىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ.
مايۈن مۇنداق دېگەن: «ئەگەر كارخانا قۇرۇشتىكى مەخسەت پەقەت پۇل تېپىشلا بولسا، بۇنداق كارخانا ئۇزۇنغا بارالمايدۇ. ئەگەر بارلىق ساتقۇچىلار پۇل تاپالمىسا، ياخۇ ۋە تاۋباۋنىڭ ئۇلارسىز پۇل تاپالىشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت توردىكى ساتقۇچىلار پۇل تاپالىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاندىن بىز پۇل تاپالىشىمىز مۇمكىن، بۇ بىز ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ.»
مايۈننىڭ خېرىدارنى قانداق قولغا كىرگۈزۈش جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئۇسۇلى بار. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تور بېكىتىنى قۇرۇپ، چوڭ كارخانا ۋە شىركەتلەرنىڭ پۇلىنى تېپىشنى كۆزلەۋاتقان چاغدا، مايۈن ئەكسىچە جۇڭگودىكى %85 ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، B2B ئىنتېرنېت سودىسى ئەندىزىسىنى يولغا قويدى ۋە ئالى بابانى قۇرۇپ چىقتى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى پۇل تېپىش بولۇپلا قالماستىن، كۆپلىگەن ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۇچۇر تەشۋىقات مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىدى، بۇنداقتا پۇلنىمۇ جەزمەن تاپقىلى بولاتتى.
ئالى بابا تور بېكىتىدە «جۇڭگو تەمىنلىگۈچى سودىگىرى» دەپ ئاتىلىدىغان مۇلازىمەت بار بولۇپ، ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، «جۇڭگو تەمىنلىگۈچى سودىگىرى» جۇڭگودىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ چەتئەللەرگە يۈزلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىغا ياردەم قىلىشنى كۆرسىتەتتى.
ئالى بابا «جۇڭگو تەمىنلىگۈچى سودىگىرى» نىڭ ئادەتتىكى ئەزالىرىنى بىر تور بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، خېرىدارلار بۇ تور بوشلۇقىدا مەھسۇلات ئۇچۇرى ۋە 10 پارچە مەھسۇلات سۈرىتىنى يوللىيالايىتتى، ئالى بابا يەنە بۇلارنى ئوپتېك دېسكىغا قاچىلاپ قەرەللىك ھالدا خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇپ، ئەۋرىشكە كۆرگەزمە قىلىش، كەسپ قوللانمىسى تونۇشتۇرۇش، تەمىنلىگۈچى سودىگەر ئوپتېك دېسكىسى ۋە سېتىۋالغۇچىلارنى ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى تەمىنلەيىتتى.
«جۇڭگو تەمىنلىگۈچى سودىگىرى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەزالىرى يۇقارقى مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولغاندىن سىرت، يەنە ئالى بابا تور بېكىتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئۇچۇرلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولاتتى. ئەزالار ئۆز شىركىتى ئۈچۈن سەككىز ئاچقۇچلۇق سۆز، ھەر بىر مەھسۇلات ئۈچۈن ئۈچ ئاچقۇچلۇق سۆز بەلگىلىيەلەيىتتى، سېتىۋالغۇچى بۇ ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئىزدىگەن ۋاقىتتا، مەزكۇر شىركەتنىڭ مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنى ئاۋال كۆرەلەيىتتى.
سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت جەھەتتە، ئالى بابا تور بېكىتىنىڭ ئارقا سۇپىسى مەزكۇر شىركەتنىڭ مەھسۇلات ئۇچۇرلىرى قايتما ئىنكاس مىقدارىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرەتتى. ئەگەر ئەزا شىركەتنىڭ ئۇدا نەچچە ئايلىق ئۇچۇر قايتما ئىنكاس مىقدارى ياخشى بولمىسا، خىزمەتچى ئاكتىپ ھالدا ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلات تەشۋىقاتىغا قارىتا مۇناسىپ تەشۋىقات تەدبىرلىرىنى تەڭشەپ تۈزەيىتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالى بابا ئەزالارنى تاشقى سودىدىكى ئاساسىي قائىدە ۋە ساۋاتلار ھەققىدىكى مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيىتتى.
خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى ۋە پايدا ئېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئالى بابا يەنە نۇرغۇنلىغان تەربىيەلەشلەرنى يولغا قويغان، بۇ تەربىيەلەشلەر ئاساسلىقى تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنى تەربىيەلەش، يۈز يىللىق ئەزالارنى تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ، سودا جەمئىيىتى كۇلۇبى ۋە ئەزالار ئۇچرىشىش يىغىنىدىن تەركىب تاپقان.
2002-يىلى 7-ئايدا، تاۋباۋ تور بېكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بازارغا چىققان، سېتىۋالغۇچى ۋە ساتقۇچى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن، مايۈن تاۋباۋ تور بېكىتىدە خېرىدارلار ئۈچۈن تېخنىكا جەھەتتىن قوللايدىغان سۇپا تەمىنلەپ، «تاۋباۋ دەرسخانىسى» نى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تەشۋىق قىلىپ، ساتقۇچىلارغا دۇكاننى قانداق ئېچىش، كۆرۈلۈش نىسبىتىنى قانداق ئاشۇرۇش، مال مەنبەسىگە قانداق ئېرىشىش، تور دۇكىنىنىڭ تەسىرىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆگەتكەن، يەنە ساتقۇچىلارنى بىر يەرگە توپلاپ پىكىرلەشكەن. بۇ بىر قاتار مۇلازىمەتلەر ساتقۇچىلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلغان.
مايۈن شۇنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇكى، پەقەت خېرىدارلارنىڭ تىجارىتىنى يۈرۈشتۈرۈشىگە ياردەم قىلغاندا، بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق، تىجارەت قىلالايدىغان ساتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ سېتىۋالغۇچىلارنى تاۋباۋغا جەلپ قىلغىلى بولاتتى.
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئالى بابا قارمىقىدىكى تاۋباۋ تور بېكىتى ۋە رۈەنيىن گۇرۇھى پېيىنى كونترول قىلىدىغان ياخۇ (ياپونىيە) گۇرۇھى بىرلىكتە تۇنجى دۆلەت ھالقىغان جۇڭگو-ياپونىيە تور سودىسى سۇپىسىنىڭ 6-ئايدا تورغا چىقىرىلدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ جۇڭگولۇق مىليونلىغان ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋباۋ تور بېكىتى ئارقىلىق ياپونىيە بازىرىدىن كەلگەن 8 مىليون تۈرلۈك تاۋارنى سېتىۋالالايدىغانلىقىدىن، ياپونىيەلىك ئىستېمالچىلارنىڭمۇ ياخۇ (ياپونىيە) تورى ئارقىلىق جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان ئەرزان باھالىق تاۋارلارنى سېتىۋالالايدىغانلىقىدىن دىرەك بېرەتتى.
تۇنجى دۆلەت ھالقىغان جۇڭگو-ياپونىيە تور سودىسى سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا ئۈمىد ئاتا قىلغان: چەتئەللەردە كەسپ كېڭەيتىشتە تىجارەت سورۇنى ۋە ياللانما خادىملارنى ئويلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، خەلقئارالىق سودا ئالاقىسىدىكى تىل مەسىلىسى، ھېسابات مەسىلىسى ۋە مۇرەككەپ بولغان مال يەتكۈزۈش مەسىلىسىنى ئويلىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىغان ئىدى، پەقەت تاۋباۋ ۋە ياخۇ (ياپونىيە) تور بېكىتى ئارقىلىق سودا قىلسىلا بولاتتى.
مايۈن بۇنىڭغا نىسبەتەن مۇنداق دېگەن: «بىز ئىزچىل كىچىك كارخانىلارنىڭ چەتئەللەرگە يۈزلىنىشىگە ياردەم بېرىپ كەلدۇق، بىز ئىزچىل يەر شارىلىشىۋاتقان دەۋردىكى ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ چەتئەل بازىرىنى چۈشىنىشنى توختىتىپ قويمىدۇق، ياپونىيە ۋە ياۋروپا كارخانىلىرى بىلەن قانداق سودا قىلىشنى ئۆگەندۇق.» ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالى بابا ئەزەلدىن شەكىلۋازلىق قىلمايدىكەن، چەتئەللەرگە يۈزلىنىش پەقەتلا تاۋباۋدىكى ساتقۇچىلارنىڭ ماللىرىنى سېتىپ چىقىرىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىكەن.
دۆلەت ھالقىغان بۇ سۇپىنى قۇرۇشتا ئاۋال ياپونىيەنى تاللاشتىكى سەۋەب ئۈستىدە توختالغاندا، مايۈن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ياپونىيە بازىرىنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب: ياپونىيە بازىرىنىڭ جۇڭگو بازىرى بىلەن بولغان ئۆز-ئارا تولۇقلاش نىسبىتى ئەڭ چوڭ، جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلار ياپونىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تىپلىق مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. مەن تاۋباۋ تور بېكىتىدىكى بارلىق ساتقۇچىلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ زىل، سۈپەتكە قويغان تەلپى ئەڭ يۇقىرى بولغان ياپونىيەلىك ئىستېمالچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، چۈنكى تاۋباۋ تور بېكىتىدىكى ساتقۇچىلار تېخى ناھايىتى ياش. تور سودىسى بازىرى ئەمدىلا ئېچىلغان ۋاقىتتا، مۇھىمى ئاۋال پۇل تېپىش ئەمەس، بەلكى خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت.»
مايۈن ئىزچىل كارخانا قۇرۇشنىڭ جۇڭگو ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى، قىممەت يارىتىش، سېتىۋالغۇچى ۋە ساتقۇچىلار ئۈچۈن بارغانسېرى قولايلىشىدىغان سودا سۇپىسى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن... ئەلۋەتتە، بۇ ئالى بابانىڭ ئىزچىل ئەقىدە قىلىپ كەلگەن قىممەت قارىشى.
مايۈننىڭ قارىشىچە، ئالى بابانىڭ ئاخىرقى مەخسىتى پۇل تېپىش ئەمەس، خېرىدارلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ياردەم بېرىشلا ئالى بابانىڭ چىقىش نوقتىسى، بىراق بۇ مايۈننى تېخىمۇ چوڭ سودا پۇرسىتى
بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنى پايدا يارىتىش مەنزىلىگە باشلاپ بارغان.
************************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى