A-A+

نامراتلار جان ساقلاش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ،بايلار بېيىش ئۈچۈن بىلىم ئۆگىنىدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 232 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( ئىككىنچى كىتاپ )

s27185139

بەشىنچى باب 

بىلىم پەرقى: بايلارئۆزلۈكسىز ئۆگىنىدۇ، نامراتلار يۈزەكى ئۆگىنىپلا

بولدى قىلىدۇ

5-باپ 1-پاراگىراپ

نامراتلار جان ساقلاش ئۈچۈن بىلىم ئۆگىنىدۇ،بايلار تېخىمۇ بېيىش ئۈچۈن بىلىم ئۆگىنىدۇ 

نامراتلار كۆپچىلىكنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ،ئەمما بايلار قارغۇلارچە ئەگەشمەيدۇ،نامراتلار ئاددى تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ،بايلار قاينام-تاشقىنلىق تۇرمۇشتا ياشاشقا جۈرئەت قىلىدۇ؛نامراتلار دائىم ئۆگىنىشنى ياختۇرمايدۇ،لىكىن بايلاردا بەلگىلىك بىلىم بولسىمۇ سۇئال سوراشتىن نۇمۇس قىلمايدۇ،چۈنكى بايلار:‹‹ئۈچ كىشىنىڭ ئىچىدىن ئۇستاز بولغىدەك بىرى تېپىلىدۇ››دىگەننى چۈشۈنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە،جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەۋاتىدۇ،پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىمۇ شۇنداق تىز.‹‹ پەن-تېخنىكا تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ، پەن-تېخنىكا تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ››مەيلى دۇنيا قانداقلا ئۆزگەرسۇن بىلىم يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم،بايلار بىلىم كەمچىل بولسا پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ دەۋىردە شاللىنىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشۈنىدۇ،شۇڭا داۋاملىق ئۆگىنىدۇ،تىرىشىپ كۆرەش قىلىدۇ.لىكىن نامراتلار بۇنىڭ ئەكسىچە .ئۇلارمۇ ئۆگىنىدۇ،لىكىن نامراتلار ئۆگەنگەندە يۈزەكى ئۆگىنىپلا بولدى قىلىدۇ،يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ چۈنكى ئۇلاردا ئۆگىنىشكە بولغان ھەركەتلەندۈرگۈز كۈچ كەمچىل.

نامراتلار بىلەن بايلار ئارىسىدىكى ماھىيەتلىك پەرىق:بىرى ئۆگىنىشكە ماھىر،ئىجاد قىلىشىنى بىلىدىغان ئادەم ،مەيلى قانچىلىك تۆۋەندىن ئىش باشلىسۇن ئىلگىرى قانچىلىغان كىشىنىڭ مەسخىرسىگە قالغان بۇلسۇن ،ئۇلار ھەمىشە بۇخىل ناچار ھالىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ،چۈنكى ئۇلار بۇ نۇمۇس ۋە مەسخىرلىك يولدا ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكنى تاپىدۇ،ئۇنىڭدىن ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىرىشىدۇ،چىقىش يۇلىنى تاپىدۇ.ئويلانمايلا ئىش قىلىدىغان ئادەمنىڭ باشلاش نۇقتىسى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ ھامان نامرات بۇلۇپ قالىدۇ.چۈنكى ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ ئۈزىگە يەتمەيدىغان تەرەپلىرىنىلا كۈرىدۇ،ئەمما ئۈزىدىن ئۈستۈن تەرەپلىرىنى كۆرمەيدۇ،بارلىق نەزىرىنى باشقىلارغا قارىتىدۇ،ئۈزىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ،نەتىجىدە ئىلگىرلىمەي توختاپ قالىدۇ ياكى تۆۋەن قاتلامدىكىلەرگە ئايلىنىدۇ.

نامراتلار جان ساقلاش ئۈچۈن بىلىم ئۆگىنىدۇ،بايلار تېخىمۇ بېيىش ئۈچۈن بىلىم ئۆگىنىدۇ

«غايە قانچە چوڭ بولسا،سەھنىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ» دىگەن بۇ بىر جۈملە باي بۇلۇشقىمۇ ماس كېلىدۇ. ئەگەر سىز بىر مىليۇنغا ئىرىشىشنى ئويلىسىڭىز، سىز پەقەت شۇنىڭغا لايىق تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز ئاندىن ئىرىشەلەيسىز؛ ئەگەر سىز100يۇەن بىلەن قانائەتلەنسىڭىز سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزمۇ پەقەت100يۇەنلىك قىممەتنى يارىتىدۇ.

نامراتلارنىڭ نىشانى تۇغۇلىشىدىنلا كىچىك بولۇپ،ئۇلار ئۈزىنىڭ غايەت زور بايلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.ئاددى ياشاش،ھەر ئىشنى ئۆز يۇلى بىلەن قىلىش ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى،بۇ ئۇسۇلنىڭ ناچار بۇلۇشى ناتايىن .ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىشمۇ تۇرمۇشقا بولغان بىر خىل پوزىتسىيە،لىكىن بۇخىل پوزىتسىيە بىزنى بايلىققا ئىرىشتۈرەلمەيدۇ.

بايلار بايلىققا بولغان ئىنتىلىشىتە نامراتلارغا ئوخشاش قانائەتچان ئەمەس،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار تۇغۇلىشىدىنلا ئاددى ئادەم ئەمەس،غايەت زور بايلىققا ئىرىشىش ئۇلارنىڭ ئاساسى مىلودىيەسى.بايلىق بولسا يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشتىن بەھىرلەنگىلى بولىدۇ،بايلىق ئۇلارغا ھۇقۇق ۋە نام-شۆھرەت ئېلىپ كېلىدۇ،بۇخىل ئويلاشنىڭمۇ خاتا بۇلۇشى ناتايىن.مال-دۇنياغا ئىرىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك ئادەمنىڭ تۇرمۇش پوزىتسىيسىمۇ ئاكتىپ بولىدۇ.پەقەت ئۆزىدىكى بايلىقنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولسىلا ئۈزىگە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش بىلەن بىرگە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

نامراتلارمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىر كىشىلىك مۇقىم خىزمەت تېپىش.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار تۇغۇلىشىدىنلا باشقىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ،ئەزەلدىن باشقىلارنى باشقۇرۇش ئارزۇسى بولمايدۇ.ئىشقا بېرىش،ئىشتىن چۈشۈش،تىرىشىپ ئىشلەشتىن ئىبارەت ئۆزگەرمەس تۇرمۇش ئۇلارغا نىسبەتەن مۇقىم،ئازادە تۇرمۇش.بەلكىم بەزى نامراتلار يۈكسەك مەقسەنى ئالدىغا قويغان بۇلۇشى مۇمكىن،بولمىسا ئۇلار نىمىشقا رىئاللىقتىن <ئۆزلىرىنى خىزمەتكە باغلاپ قويدى >،دەپ ئاغىرنىدۇ؟نامراتلاردا بۇنداق ئىدىيەنىڭ بارلىققا كىلىشى ئۈزىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىدىن ياكى ئۈزىدىكى ئىچكى ئاجىزلىقنى يۇشۇرغانلىقىدىن ئىبارەت.چۈنكى ھەقىقى ئۈزىنى باغلاپ قويغىنى رىئاللىق ئەمەس دەل ئۇلارنىڭ ئۈزى،ئۈزىنىڭ ئىدىيەسى.بۇنداق ئويلايدىغان ئادەم ھەر  قانچە جىق بىلىم ئېگەللىسىمۇ  ،تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىدىن يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەر توپىغا سەكرىسىمۇ ئاۋالقىدەك يەنىلا باشقىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ.

سىز بايلىققا ئىرىشىش ئۈستىدە ئامال ئىزدىمىسىڭىز بايلىق ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كەلمەيدۇ.

بايلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشتىكى مەقسىدى بىلىمنى ئىشلىتىپ بايلىق يارىتىش،ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈندۇر.ئۇلارنىڭ جىسمىغا بۆرىنىڭ خارەكتىرى ئورناپ كەتكەن بولۇپ،دەسلىۋىدە  ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇشى پەقەتلا ئېنىرگىيە توپلاش ئۈچۈن.ئۇلار ئۆزلىرى ئاجىز چاغدا ئۆزىنى پۇشۇرىدۇ،پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەندە ئىش باشلايدۇ.ئۇلاردا ئادەمگە ،مال-دۇنياغا ھەتتا ھۇقۇققا بولغان تۇغما كۈچلۈك كونتىرول قىلىش ئارزۇسى بولىدۇ. بۇ ئارزۇ-ئىستەك پەقەت بايلىق بولغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ.لوۋىرنىڭ مۇندان مەشھۇر سۆزى بار<<بايلىق گۆھەرگە ئايلىنالايدۇ،چۈنكى ئۇ ھۇقۇق،ئەمىنلىك،ئەركىنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.››بۇنداق ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بايلىققا ئېرىشىش مۈشكۈل،كۈلپەتلىك ياكى قورقۇنۇشلۇق ئىش ھىساپلانمايدۇ.

ئەمدىلا ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئوخشاش بىر باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرىدۇ،ئۇلاردا بەلگىلىك كەسپى بىلىم بار،ھەممىسى بىر كىشىلىك مۇۋاپىق خىزمەت تاپالايدۇ،لىكىن بىر نەچچە يىل خىزمەت قىلغاندىن كىيىن ئۇلار ئوخشاش بولمىغان تەقدىرگە يۈزلىنىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامراتلاشقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىزمەت قىلىشى پەقەتلا تۇرمۇش ئۈچۈن،شۇڭا ئۇلار باشتىن-ئاخىر باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.ئەمما يەنە بىر قىسىم بېيىغانلىرى ئوخشىمايدۇ،ئۇلار ئاكتىپ ئىلگىرلەيدۇ،ئۈزىگە پۇرسەت يارىتىش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىدۇ.ئۇلار <<ئون نەچچە يىللىق جاپالىق ئوقۇشۇم باشقىلارنىڭ پۇل تېپىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى ئىشلىتىپ ئۆزۈمنىڭ كەسپىنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن >>دەپ قارايدۇ.

ماسەي -جېن جىن خەلقارالىق مائارىپ گوروھىنىڭ باش لىدىرى .كىچىكىدە ئۇنىڭ ئائىلىسى نامرات بۇلۇپ ،تۇلۇق ئۈتتۈرنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئۇ ئالى مەكتەپ ئۇقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش راسخوتىنى تېپىش ئۈچۈن ئۈزى ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلاشقا باشلىغان.بىراق مەبلەغ سالىدىغان پۇل ياكى بىرەر ھۈنىرى يوق ئەھۋالدا ئىشنى نەدىن باشلاش كېرەك؟بېششى قاتقان ماسەينىڭ خىيالىغا ئۆزىنىڭ  تۇلۇق ئوتتۇردىكى مەزگىلىدە ئۆگەنگەن كونا كىتاپ- ماتىرياللىرى كىلىدۇ.بۇ كونا كىتاپ-ماتىرياللار ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىغا دۆۋىلىنىپ كەتكەن ئىدى . ‹‹نىمىشقا بۇ ئىشلىتىپ بولغان كىتاپلارنى سېتىۋەتمەيمەن؟››دەپ ئويلاپتۇ ئۇ.شۇنداق قىلىپ ماسەي مەكتەپ ئالدىدا يايما ئېچىپ كىتاپ سېتىشقا باشلاپتۇ،ئۇ ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىككىلىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ئاكتىپلىق بىلەن كىتاپلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپتۇ،ھەتتا ساۋاقداشلىرىغا ياردەملىشىپ قىيىن نۇقتىلارىنى مۇلاھىزە قىشىپ بېرىپتۇ،بۇ ئارقىلىق ئۇ بارلىق كونا كىتاپلىرىنى سېتىپ بۇپتۇ.ئۇقۇشقا كىرىش ئالدىدا يەنە بەش نەپەر تۇلۇق ئۇتتۇرا ئوقۇغۇچىسىغائائىلە ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئۇقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش راسخوتىنى تېپىپتۇ.

بۇھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ ئىگىلىك يارىتىشىنىڭ باشلىنىشى بولدى.

ئۇ ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقىنىڭ پايدىسىنى كۈرۈپ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن دەرستىن سىرىتقى تەكرار قىلىش سىنىپى ئېچىشنى قارار قىلدى.ئالى مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ماسەي بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ھەمكارلاشقۇچى ئىزدىدى ھەم يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇ ئىككى ھەمكارلاشقۇچى بىلەن ئەنشەن شەھىرىدە تۇنجى تەكرار قىلىش سىنىپى ئاچتى.

2003 -يىلى ماسەي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولدى،ئالى مەكتەپنىڭ 3 - يىللىقىدىكى يازلىق تەتىلدە، ئۇنىڭ كوللىكتىپىدا 50-60 ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بار ئىدى.قىسقىغىنا 40-50كۈندە بارلىق چىقىمنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن ئۇ ئۆزىلا 100 مىڭ يۇەن تاپقان، 2004-يىلى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ماسەي ئۆزىنىڭ تەربىيلەش ئورنى<< جېن جىن ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى >>نى رەسمى قۇرغان. 2007-يىلى ماسەينىڭ شىركىتى بارا - بارا تەرەققى قىلىپ ،ئۇمۇ ئەنشى شەھەرلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولغان، بۇ بىر يىلدا ئۇ شىركىتىنى ئەتراپقا كېڭەيتكەن. 2009-يىلى جېنجىن مائارىپى تارماق ئورنى شىمالدىكى نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەرنى قاپلىغان، 2010-يىلى جېن جىن خەلقارالىق مائارىپ گوروھى تارماق تەربىيلەش ئورنى67گە يەتكەن.

پەقەت سىزدە يۈكسەك غايە،ئاكتىپ ئۆگىنىش ئىدىيىسى،ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەش روھىلا بولىدىكەن،سىزمۇ ماسەيگە ئوخشاش بىر نامرات ئوقۇغۇچىدىن مۇنەۋەر كارخانىچىغا ئايلىنالايسىز.ئۆگەنگەن بىلىمىڭىزنى تۇلۇق ئىشلەتسىڭىز،ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى سىزنى پەقەت بىر كىشلىك خىزمەت ئورنىغا ئىگە قىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە سىزنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققى قىلدۇرۇشى مۇمكىن.

نامراتلارنىڭ نەزىرىدە،بايلىق ياماشقىلى بولمايدىغان ئىگىز چوققا بولۇپ، بىلىم ئۆگەنسە پەقەت تاغ قاپتىلىدىكى بىر پارچە تاشقىلا يامىشىشقا ياردىمى بولىدۇ.بىلىم بىلەن ئىگىز بايلىق چوققىسىغا يەتكىلى بولمايدۇ ،-مانا بۇ نامراتلارنىڭ خىيالى .ئەمما بىز باي بۇلۇشنى ئويلايدىكەنمىز ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇشىمىز،ئاندىن ھەربىر قېتىملىق خىرىسنى قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەك،مەغلۇپ بولسا نىمە بۇپتۇ؟مەغلۇپ بولغاندىكى تەجىربە-ساۋاق سىز ئېرىشكەن يەنە بىر خىل بايلىق ئەمەسمۇ؟

نامراتلار بارغانسرى نامراتلىشىدۇ،سەۋەبى ئۇلار قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا ئىككىلىنىپ قارار قىلالمايدۇ،توختاپ قېلىپ ئالغا باسمايدۇ،شۇڭلاشقا ئۇلار يېتەلەيدىغان نىشان بارغانسېرى تۆۋەنلەپ،ئىقتىدارى يېتەرلىك بولسىمۇ سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى كەمچىل بولغاچقا،ھەرقانداق ئىشقا ئىكىللىنىش نەزىرى بىلەن قارايدۇ.خاتىرجەم،بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشەلمەسلىكىدىن قورقىدۇ.سىز بىر قەدەم چىكىنسىڭىز قىيىنچىلىق بىر قەدەم ئىلگىرلەپ كېلىدۇ.سىزنىڭ نامراتلىقىڭىز ئىشەنچىڭىزنى يوقىتىدۇ،نەتىجىدە كەلگۈسىگە بولغان گۈزەل ئىنتىلىشىڭىز ۋەيران بولىدۇ.

بايلارنىڭ نەزىرىدە ھەر قانچە ئىگىز چوققا بولسىمۇ چىققىلى بولىدۇ،بىلىمنىڭ ئۈزى ئەڭ كۈچلغك تاققا يامىشىش ئايىقى،سىز ئۇنى كىيىپ قانچە ئۇزۇن ماڭسىڭىز ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى شۇنچە نامايان قىلىدۇ.بىلىم تۇلۇق ئىشلىتىشكە تەشنا،شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.ئەگەر سىز ئۆگەنگەن مول بىلىمىڭىزنى پەقەت زىرىكىشلىك خىزمەتكىلاياكى جان ساقلاشقىلا ئىشلەتسىڭىز بىلىمىڭىزنى ياخشى جارى قىلدۇرالالمايسىز ھەم مەنپەئەتلىنەلمەيسىز.نامراتلار بىلەن بايلار بىلىم ئۆگەنگەندە،بايلار باي بۇلۇشنى ئويلىسا،نامراتلار پەقەت جان ساقلاشنى ئويلايدۇ،قايسى خىل ئۇسۇل بىلىمنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟جاۋابىنى دىمىسەممۇ بىلىسىز.

جىڭ جىشۈن ياپۇنيىنىڭ يەنلۇ ئارىلىدا كېمىچى ئائىىلىسىدە تۇغۇلغان، تۆت ياشقا توشمىغان ۋاقىتتا ئاتىسى كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان. 14 ياشقا كىرگەن يىلى جىڭ جىشۈن ئۆيىدىن ئايرىلىپ داپەنگە كىلىپ يېزنىسىنىڭ ياردىمىدە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش ئورنىدا شاگىرت بولغان.جاپالىق مۇھىتتا ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى مۇئەللىمىنىڭ تەربىيەسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان،شۇڭا بىر تەرەپتىن ئىشلەپ،بىر تەرەپتىن ئۆگەن.خىزمىتى جاپالىق بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغان، سەككىز يىللىق كەچلىك كۇرۇس ئۆگىنىشىدە ،ئۇ ماشىنا ياساش ۋە سودا بوغالتىرلىقىنى ئۆگەنگەن، بۇ ئۆگىنىش تەجىربىسى ئۇنىڭ كىيىنكى ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ياساش كەسپىگە پۇختا ئاساس سالغان.

جىڭ جىشۈن سەككىز يىلدا شاگىرتلىقتىن ئۈسۈپ دائىمى ئىشلار باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە ياساش بۈلۈمىنىڭ بۈلۈم باشلىقى بولغان.1949-يىلنىڭ ئاخىرى ئۇ شىركەتتىن ئايرىلىپ ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلغان.1950-ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە ياپۇنىيە سەنياڭ ئىلىكتىر ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان،ئەينى چاغدا رادىئۇنىڭ بازاردىكى باھاسى ئىنتايىن يۇقىرى بۇلۇپ،ئۇ رادىئونىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ ،تۆۋەن باھالىق رادىئول بىلەن بازارنى كونتىرول قىلغان.

جىڭ جىشۈن شىركەتنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا ئىقتىساسلىقلارغا ئالاھىدە ئىتىبار بەرگەن،ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ئۆگەنگەن بىلىمى بولغاچقىلا غەلبە ئىشىكىنى ئاچالىغان.ئەينى چاغدا ئۇ سوڭشىيا گوروھىدا مۇۋەپىقىيەت قازانغان بولسىمۇ لىكىن ئۇ ئۆز ھالىتىدىن قانائەتلەنمەي ئىزچىل ئۈزىنىڭ شىركىتى بۇلۇشنى ئويلىغان،بۇخىل بىلىمگە بولغان ئىنتىلىش،بايلىق ۋە غەلبىگە بولغان قوغلىشىش ئۇنى كىيىنكى چوڭ غەلبىگە ئىرىشتۈرگەن.

بىلىم بايلىق ،ئۇ بىزنى روھى جەھەتتىن قانائەت تاپقۇزىدۇ،ھەم بىزگە ماددى بايلىق ئەكىلىدۇ،شۇڭا بىلىم ئۆگىنىش،بىلىمدىن تۇلۇق پايدىلىنىش ئارقىلىق نىشانغا يىتىش كېرەك.ئۆگىنىپ ئىشلەتمىسە بىلىم ئۆزىنىڭ قىممىتنى نامايەن قىلالمايدۇ،سىزنىڭ ھاياتىڭىزمۇ بىلىم سەۋەپلىك ئۆزگەرمەيدۇ،بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى دەل شۇيەردە.

بايلىقنىڭ بايانى:

بايلىق -تەڭرى ئىنسانلارغا بەرگەن سوۋغا،پەقەت تىرىشسىلا ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئىگە بولالايدۇ.بايلىققا ئىرىشىشنىڭ مەنىسى پەقەتلا بايلىق ئېلىپ كەلگەن ماددى قانائەتلىنىشتىن ھۇزۇرلىنىشلا ئەمەس،بەلكى يەنە بايلىقنى قوغلىشىش جەريانى،ئىرادىمىزنى چېنىقتۇرۇش ھەمدە ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىش جەريانىدۇر.بۇخىل ياشاش پوزىتسىيەسىلا ئەڭ چوڭ بايلىق بولۇپ،بايلارنىڭ بېيىشى،نامراتلارنىڭ نامراتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپ بىلىمگە بولغان مۇئامىلدىكى ئوخشىمىغان پوزىتسىيەدىن ئىبارەت.

*******************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ