A-A+

كەمبەغەللەر مۇرەسسەگە ئامراق، بايلار ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۇرىدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 377 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( بىرىنچى كىتاپ )

تۆتىنچى باپ

جاسارەت ۋە پاراسەتتىكى پەرقى: نامراتلار ئېقىمغا

ئەگىشىدۇ، بايلارمۇستەقىللىقىنى ساقلايدۇ

29781515515736

4-باپ 1-پارىگىراپ

كەمبەغەللەر مۇرەسسەگە ئامراق، بايلار ئۆزىنىڭ تاللىشىدا

چىڭ تۇرىدۇ

قارار چىقارغان ۋاقتىڭىزدا، سىز ئاسانلا باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، باشقىلارنىڭ پىكىرىگە مۇرەسسە قىلامسىز؟ ياكى بىرلا قارار چىقارسىڭىز ئىزچىل چىڭ تۇرامسىز؟ئىككى خىل ئوخشىمايدىغان پوزىتسىيە سىزنىڭ بايلىق قوغلىشىش يولىدىكى نامرات ياكى باي بولۇشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.

  ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، نامراتلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز – قارشى يوق،ئاسانلا باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار تاللاشقا دۇچ كەلگەندە ھەمىشە ناھايىتى ئاسانلا سىرتقى دۇنيانىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئېقىمغا ئەگىشىدۇ، ئۆزىنىڭ ئويلىرىدا چىڭ تۇرالمايدۇ. بۇنداق بولغاندا، نۇرغۇنلىغان باي بولۇش پۇرسىتى ئۆتۈپ كېتىدۇ – دە، بايلىققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئەمما بايلارنىڭ ئۆزىگە خاس قارىشى بولۇپ،ئاسانلىقچە سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۆزىنىڭ كۆز – قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ.

  بىز بىرلىكتە بىر ھېكايىنى كۆرۈپ باقايلى:

   ئىلگىرى بىركىچىك بالا بار بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى  ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىدىغان چەۋەندازى ئىدى. دادىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ سەۋەبىدىن، بۇ بالا ھەمىشە دادىسىغا ئەگىشىپ تۆت تەرەپكە قاتراپ يۈرۈشكە مەجبۇر ئىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ.كىچىك بالىنىڭ ئوقۇشىمۇ راۋان بولماي، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ.

   بىر قېتىم كىچىك بالىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ساۋاقداشلارغا بىر تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلاردىن«چوڭ بولغاندىن كىيىنكى غايەم» دىگەن تېمىدا ماقالە يېزىشنى تەلەپ قىپتۇ.

   ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن كىچىك بالا ناھايىتى ھاياجان بىلەن ئۆزىنىڭ غايىسىنى يېزىشقا كىرىشىپ نۇرغۇنلىغان بەتلەرنى تولدۇرۇپتۇ. ماقالىدە ئۇ ئۆزىنىڭ بۈيۈك غايىسىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن ئىكەن: «چوڭ بولغاندىن كىيىن مەن ئۆزۈمگە تەۋە بولغان دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئىگە بولۇشۇم كېرەك، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان قوي – كالا ۋە ئاتلار بولۇشى كېرەك.دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا 5000 كۋادرات ئېنگلىز چىسى چوڭلۇقتىكى داچا سېلىشىم كېرەك....»

   كىچىك بالاناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ماقالىسىنى ئوقۇتقۇچىغا تاپشۇرۇپتۇ، ھالبۇكى ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىش يۈز بېرىپ ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ ماقالىسىگە پەقەت ھەم چوڭ ھەم قىزىل بولغان «F» بەلگىسى قويۇپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن كىچىك بالىنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ سۆھبەتلىشىپتۇ.

   كىچىك بالا چۈشەنمەستىن: «مۇئەللىم، بۇ ماقالە نېمىشقا لاياقەتسىز بولۇپ قالدى؟» دەپ سوراپتۇ.

   «چۈنكى مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە سېنىڭ غايەڭ ئەمەلىيەتچىل ئەمەس، بەك مۇبالىغە بولۇپ قاپتۇ. سەن چوڭ بولغاندىن كىيىن دېھقانچىلىق مەيدانى سېتىۋالالايدىغانلىقىڭنى جەزملەشتۈرەلەمسەن؟يەنە سەن قانداق قىلىپ 5000 كۋادرات ئېنگلىز چىسى چوڭلۇقتىكى داچا سالالايسەن؟ ھەمىشە قۇرۇق خام – خىياللارنىڭ ئىچىدە ياشاشقا بولمايدۇ، ئەگەر سەن قايتىدىن بىرئەمەلىيراق غايە يېزىشنى خالىساڭ، ماقالەڭنى لاياقەتلىك باھالاشنى ئويلىشىپ باقىمەن.» دەپتۇ ئوقۇتقۇچى كىچىك بالىنى ئاگاھلاندۇرۇپ.

كىچىك بالا كۆڭلى غەش ھالدا ئۆيگە قايتىپ چوڭقۇر ئويلىنىپتۇ، ئەمما زادى ئامال تاپالماي دادىسىدىن سوراپتۇ. دادىسى ئۇنىڭ ئىككىلىنىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ ناھايىتى سالماقلىق بىلەن: «ئوغلۇم، بۇ ساڭا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بولغان تاللاش.داداڭنىڭ قارىشىچە، ماقالەڭ لاياقەتسىز بولسا ھېچقىسى يوق، بىراق سەن ھەرگىزمۇئۆزۈڭنىڭ غايىسىدىن ۋاز كەچسەڭ بولمايدۇ.» دەپتۇ.

   كىچىك بالا دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قەتئىيلىك بىلەن بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ، ھەمدە دادىسىنىڭ سۆزلىرىنى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا پۈكۈپ، ئۆزىنىڭ غايىسىدە چىڭ تۇرۇشنى قارار قىپتۇ، ماقالىمۇ تەبئىيلا قايتا يېزىلماپتۇ.

   20 يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق كىچىك بالا ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان چوڭ بىر پارچە دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئىگە بوپتۇ، ئۇنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەن بىر چوڭ داچا قەد كۆتۈرۈپتۇ.

   بۇ بىرھەقىقىي ھېكايە، ھېكايىدىكى كىچىك بالا بولسا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ۋەنداز جېك. ياداڭس. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئۇلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي ئۆزىنىڭ غايىسىدە چىڭ تۇرغاچقا، جېك. ياداڭس ئۆزىنىڭ كىيىنكى نەتىجىلىرىگە ئىگە بولغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

   ئويلاپ باقايلى، ئەگەر جېك. ياداڭس كىچىكىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ماقالىسىنى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ غايىسىدىن ۋاز كەچكەن بولسا، ھەمدە ماقالىسىنى قايتىدىن يازغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ كىيىن يەنە ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئۆزىگە تەۋە بولغان دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئىگە بولالامتى؟

   ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر جېك. ياداڭس ئوقۇتقۇچىسىنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق خىيال دەپ قارىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا چوقۇم ئۆزىنىڭ تاللىشى ۋە ھەركىتىگە نىسبەتەن گۇمانلىنىش ۋە ئىككىلىنىش پەيدا بولۇپ، ئوزۇن ئۆتمەستىن ئۇنىڭ ئىرادىسى پاسسىپ كەيپىيات تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ كېتەتتى –دە، ناھايىتى ئاسانلا باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز – قارشى بولمايىتتى، ئاخىرىدا پەقەت پۈتكۈل ئۆمىرىنى ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي ئۆتكۈزۋىتەتتى.

   بۇنداق نەتىجە ناھايىتى ئېچىنىشلىق، ھالبۇكى رېئال تۇرمۇشتا بۇنداق ئەھۋال ناھايىتى كۆپ .بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى ئاجىز، مۇستەقىل كۆز – قارشى بولمىغاچقا، ھەمىشە باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر باشقىلار ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا ياكى ئۆزىنىڭ پىكىرىنى مۇۋاپىق تاپمىسا، ئۇلاردا ئۆزىنىڭ ئوي – خىياللىرىغا نىسبەتەن گۇمان پەيدا بولۇپ، ئۆزىنىڭ قارارىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ – دە، بۇ ئارقىلىق ئىزچىل بولغان تىرىشچانلىقىدىن ۋاز كېچىپ،نەتىجىدە ھېچنىمىسى قالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.

   بايلاردا بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆزلىرى مەلۇم بىرئىشنى قىلىشنى قارار قىلغان ئىكەن، قارشىلىققا قارىماستىن تەۋرەنمەي قىلىدۇ،باشقىلارنىڭ نەزىرى ۋە باھاسى ئۇلارنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز. جۇڭگو«سوسو» بىرلەسمىسىنىڭ باش لېدىرى چېنپېي دەل مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۇرىدىغان، مۇستەقىل كۆز – قارشى ناھايىتى كۈچلۈك ئادەم.

   16 ياش ۋاقتىدا جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ماتىماتىكا فاكولىتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن چېنپېي ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن باش شىتابنىڭ  ھېسابلاش مەركىزىگە كىرىپ خىزمەت قىلىدۇ.

   2001 – يىلى چېنپېي ئېنتېرنىت تورى ئىزدەش موتورى بازىرىغا كىرىشنى قارار قىلىدۇ، ھالبۇكى ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت ئىچىدىكى ئېنتېرنىت ئىزدەش موتورى ساھەسىدە ئاللىقاچان باشلامچىلار بولۇپ بولغان بولۇپ، دۆلەت سىرتىدىكى ئىزدەش موتورى شىركەتلىرىمۇ جۇڭگو بازارلىرىغا كىرىشكە باشلىغان، رىقابەت ناھايىتى كەسكىن ئىدى، بۇنداق ئەھۋالدا باش كۆتۈرۈپ چىقىش ناھايىتى تەس ئىدى.

   بۇنداق بازار شارائىتى ئاستىدا، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك چېنپېينىڭ ئېنتېرنىت ئىزدەش ماتورى ساھەسىگە كىرىشىنى قوللىمىغان، ھەمدە ئورتاق ھالدا بۇنى بىر خىل ئۆزىنى ھالاك قىلىش ھەركىتى دەپ قارىغان. ھالبۇكى غايەت زور بېسىمغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ،چېنپېي يەنىلا ئۆزىنىڭ قارارىدا چىڭ تۇرۇپ ئاخىرىدا ئېنتېرنىت ئىزدەش موتورى ساھەسىگە كىرگەن.

   يېرىم يىل تىرىشىش ئارقىلىق، چېنپېي ئىزدەش موتورى تېخنىىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلىپ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى خەۋەر ئىزدەش موتورى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان، بۇتېخنىكا «شىنلاڭ» تورىدا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن.

   2002 – يىلى9 – ئايدا، چېنپېي ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ «جۇڭگو ئىزدەش بىرلەشمىسى» نى قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ سەھنە، رايون، كەسىپ ھالقىغان ئىزدەش موتورى مۇلازىمەت سۇپىسىنى قۇرۇپ چىققان.

   2003 – يىلى8 – ئايدا، چېنپېي يەنە باشلامچىلىق بىلەن «ئۈچىنچى ئەۋلاد خەنزۇچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدەش موتورى» نى تەتقىق قىلىپ چىققان.  بۇ تېخنىكا «شىنلاڭ»،«ۋاڭيى»، «سوگو» ۋە «TOM»قاتارلىق تۆت چوڭ خېرىدار تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىزدەش موتورى بازىرىدىمۇ بۇ سەۋەبلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. ھەم نام-ئاتاق ۋە مەنپەئەتكە ئېرىشكەن چېنپېيمۇ تاراتقۇلار تەرىپىدىن «جۇڭگو ئىزدەش موتورى ساھەسىدىكى بىرىنچى ئادەم» دەپ تەرىپلەنگەن.

   چېنپېينىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ باي بولۇشىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسىمۇ ھەممەيلەنگە ئايدىڭ. ئۇنىڭ «جۇڭگو ئىزدەش موتورى ساھەسىدىكى بىرىنچى ئادەم» دىگەن نامغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇنىڭ دەسلەپكى تاللىشىدا چىڭ تۇرغانلىقىدىن، ھەمدە تەۋرەنمەي ھەركەت قوللانغانلىقىدىن بولغان.

   ئەگەر مۇستەقىل كۆز – قارىشى بولمىغان بولسا، چېنپېينىڭ باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، جامائەت پىكىرىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان گۇمانلىنىش سادالىرىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ باشقىلار «ئۆزىنى ھالاك قىلىش ھەركىتى» دەپ قارىغان ئىشنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛ ئەگەر ئۆزىنىڭ قارارىدا چىڭ تۇرمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىزدەش موتورى ساھەسىدە يۈكسەك ئورۇننى ئىگەللىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛ ئەگەرئاسانلا باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزىنىڭ غايىسىدىن ۋاز كەچكەن بولسا،ئۇنداقتا ئۇنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى

. شۇنداق،مۇستەقىل كۆز – قارشى بولۇش، ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۇرالايدىغان بولۇش - بىرئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل، بايلىقنى قوغلىشىشتىمۇ ھەم شۇنداق. قەدىمدىن – ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەتئەللەرگە قارايدىغان بولساق، جېك. ياداڭس، چېنپېيدەك باشقىلار بىلەن مۇرەسسە قىلمايدىغان، ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۇردىغان بايلار ناھايىتى كۆپ .مەسىلەن: 19 يېشىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىدىن چېكىنىپ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئېچىشتا چىڭ تۇرغان دۇنيانىڭ ئالدىنقى بېيى بېل. گەيتىس؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان 80– يىللاردىن كىيىنكى باي ماۋ كەنكەن (جۇڭگودىكى ئەڭ ياش لېدىر ۋە مىليونىر)؛ «ئەسىرتورىدىكى بىرىنچى ئادەم» دەپ ئاتالغان ياڭ جىيۈەن قاتارلىقلار.

   بايلارنىڭ سەرگۈزەشتىسى شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بايلىق يارىتىش يولىدا تاللاش قارارى چىقىرىلغان ئىكەن، چوقۇم ئىزچىل تەۋرەنمەسلىك، باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ۋە مۇرەسسە قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

بايلىقنىڭ بايانى:

   نامراتلار باشقىلار بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار خۇددى باشقىلارنىڭ مۇرەسسەسى بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى قىلالمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. كۆپچىلىك بىلىدۇكى، بايلىقنى قوغلىشىش يولىدا، يولنى ئۆزى مېڭىش، پۇلنى ئۆزى تېپىش كېرەك، ھەرقانداق ئادەم بىزگە ۋاكالىتەن غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرمەيدۇ. پەقەت ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۇرۇپ، باشقىلار قىلىش كېرەك دەپ قارىغان ئىشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزى قىلىشنى ئويلايدىغان ئىشنى قىلغاندىلا ئاندىن بايلىق ئىلاھىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

*********************************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ