A-A+

ئەڭ مۇنەۋۋەر شېرىك ئەمەس، بەلكى ئەڭ ماس كېلىدىغان شېرىك تېپىش كېرەك

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 242 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

8-دەرس 5-پارىگىراپ

ئەڭ مۇنەۋۋەر شېرىك ئەمەس، بەلكى ئەڭ ماس كېلىدىغان

شېرىك تېپىش كېرەك

بىزدە «ئەزىمەتكە ئۈچ ھەمراھ ئارتۇق كەتمەيدۇ.» دەيدىغان سۆز بار.نۆۋەتتىكى سودا ساھەسىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ناھايىتى كەسكىن رىقابەت قاپلىغان پەيتتە، بىر ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا بىرەر ئىشنى قىلىش ناھايىتى تەس. گەرچە سىز سودا يوللىرىغا ناھايىتى پىششىق بولسىڭىزمۇ يەنىلا قىيىنچىلىقلاردىن خالى بولالمايسىز. شۇڭا سودا ساھەسىدە ئازراق نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن شېرىك تېپىش ناھايىتى مۇھىم.

ھالبۇكى، زادى قانداق تېپىش، قانداق ئادەمنى تېپىش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە! بەزىلەر چوقۇم ئەقىللىق، ئوقۇش تارىخى يۇقىرى، ئىقتىدارلىق ۋە ھەممە تەرەپتە مۇنەۋۋەر بولغانلارنى تېپىش كېرەك دېيىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چوڭ شىركەتلەرگە بېرىپ ئىختىساسلىق خادىملارنى جەلپ قىلىشقا باشلايدۇ، ھەمدە باشلامچى كارخانىلارغا بېرىپ ئادەم ئىزدەيدۇ، ئالىي مەكتەپلەردىن ئىختىساسلىقلارنى تاللايدۇ...

ئەمەلىيەتتە مايۈن بۇ خىل ئۇسۇلنى خاتا دەپ قارايدۇ،ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىگىلىك تىكلەشتە ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇۋاپىق كىشىلەرنى تېپىش كېرەك.»

مايۈن كارخانا ئىشلىرى بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن ۋاقىتتا، ئاندىن بىر قىسىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ قوشۇننى كۆپەيتىش كېرەك دەپ قارايدۇ. مايۈننىڭ بۇنداق ئويلىشىدىكى سەۋەب: مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغان، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلايدىغانلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن، خىزمەت قىزغىنلىقىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ۋە باشقىلارنىڭ تەكلىپىنى ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ھەمراھلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كۆپچىلىك مايۈننىڭ ئىنتېرنېت ساھەسىدە ياراتقان نۇرغۇنلىغان مۆجىزىلىرىنى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور سودا بېكىتىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلىدۇ. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى مايۈن قانائەتلىنىدىغان جاي ئەمەس، ئۇ ئەڭ رازى بولىدىغىنى ئۇنىڭ قوشۇنى، ئۇنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ئۇ ئادەم ئىشلىتىشنى مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇشتىنمۇ مۇھىم كۆرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مايۈن مۇنداق دېگەن: «مەيلى سىز كەسپكە يېڭى كىرگەن بولۇڭ ياكى ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان بولۇڭ، مۇۋاپىق بولغىنى ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىدۇ.»

مايۈننىڭ ئادەم ئىشلىتىش پىرىنسىپى- مۇۋاپىق بولسىلا قوبۇل قىلىش بولۇپ، پەقەت ئالى بابانىڭ تەرەققىياتىغا ماس كەلسىلا، خىزمەتچىلەر ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە مايۈنمۇ «قەھرىمان نەزەرىيەسى» گە مەپتۇن بولۇپ، ئاساسلىق باشقۇرغۇچىلاردىن يۇقىرى ئورۇندىكىلەرنىڭ ئامېرىكا، ئەنگىليە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە مائارىپ تەربىيەسى قوبۇل قىلغان بولۇشىنى ياكى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە خىزمەت تەجىرىبىسى بولۇشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان. 2001-يىلى ئۇ پۈتۈنلەي ئىختىساسلىق خادىملاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇن قۇرۇپ، ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرگە سەل قارىغان. بىراق ئەمەلىيەت «چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن ئىختىساسلىقلار» غا تايانسىلا يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئەھۋالىغا بولغان چۈشەنچىسى ناھايىتى تېيىز بولۇپ، جۇڭگو بازىرىغا ماس كەلمەيىتتى، شۇنداق قىلىپ ئالى بابانىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر «چەتئەل ئىختىساسلىقلىرى» دىن «يەرلىك ئىختىساسلىقلار» غا ئۆتۈپ، چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن ئىختىساسلىق خادىمدىن پەقەت بىرىلا بولغان قوشۇن قۇرۇپ چىققان. بۇ «يەرلىك ئىختىساسلىقلاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇن» قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە eBay نى مەغلۇپ قىلىپ، تاۋباۋ تورىنى جۇڭگودىكى مۆجىزىگە ئايلاندۇرغان.

بىراق ئالى بابا رەسمىي ھالدا خەلقئارا بازارغا قاراپ يول ئالغاندا، مايۈن «يەرلىك قوشۇن» نىڭ «چەتئەل ئىختىساسلىقلىرى» غا يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنداق قىلىپ مايۈن كۆپ مىقداردا خەلقئارالىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشنى باشلىغان. 2006-يىلى ئالى بابا كونا-يېڭى، جۇڭگولۇق-چەتئەللىك دەپ ئايرىمايدىغان باشقۇرۇش قوشۇنىنى قۇرۇپ چىققان.

كارخانا رەھبەرلىرى ھەمىشە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىملارنى تېپىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەزى ۋاقىتلاردا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىمنىڭ بىزگە ماس كېلىشى ناتايىن. شۇنىڭ ئۈچۈن رەھبەر بولغۇچىلار چوقۇم ئىختىساسلىق خادىملارنى قوبۇل قىلىش جەھەتتە ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئويلىشىشى كېرەك.

ئاۋال باشقىلاردىن ھەددىدىن زىيادە ئۈمىد كۈتۈشكە بولمايدۇ. ئىختىساسلىقلار خادىملار ھەرگىزمۇ تۇغۇلۇشىدىنلا تالانت ئىگىسى ئەمەس، ھەر بىر ئادەمنىڭ كەمچىلىكى بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىگىمۇ توغرا قاراش كېرەك. پەقەت خىزمەتكە تەسىر يەتمىسىلا، ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىنى توغرا تەھلىل قىلىش، زىغىرلاپ تۇرىۋالماسلىق، ئۇلارنى ئىشلىتىش لازىم.

ئاندىن، ئىختىساسلىق خادىملار بىلەن ئۇنۋاننىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش كېرەك. ئىختىساسلىق خادىملارغا پۈتۈنلەي ئۇنۋانىغا قاراپ باھا بەرگىلى بولمايدۇ، ئۇنۋان ۋە ئىقتىدار ئوتتۇرىسىغا چەك قويۇۋالمالىق كېرەك. گەرچە بىر ئادەمنىڭ ئۇنۋانى بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلىي بىلىمى ماس كەلسىمۇ، ئۆگەنگەننى چوقۇم ئىشلىتەلىشىنىڭ ناتايىن بولۇشى ياكى پۈتۈنلەي ئىشلىتەلمەسلىكى سەۋەبىدىن، ئۇنۋاننى ھەرگىزمۇ ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىۋالماسلىق كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئىختىساس ئىگىسىنىڭ سىزنىڭ شىركىتىڭىزگە ماس كېلىشى ناتايىن. ئىختىساسلىقلار شىركەتكە ماس كەلمىسە يەنىلا ئۆزىنىڭ قابىليىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ. پەقەت ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئىختىساسلىق خادىمنى ئىزدەپ تاپقاندىلا ئاندىن ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بەزى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر شىركەتنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، يەنە بەزىلىرى ئۇنداق قىلالمايدۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەب دەل ئادەمنى توغرا ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەنلىكىدە.

ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ھەممە جەھەتتىن مۇكەممەل بولۇشى ناتايىن. پەقەت مەلۇم جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بولسىلا ئىختىساسلىق خادىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر بىز ھەممە ئىشنى ياخشى قىلالايدىغان ئىختىساس ئىگىسىنى تاپماقچى بولساق، بۇ ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئىختىساسلىق خادىملار سۆزلەش قابىليىتىگىلا ئەمەس، بەلكى ئىش قىلىش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە بولۇشى كېرەك. نۇتۇق قابىليىتىنىڭمۇ بىر خىل تالانت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما پەقەت «ئېغىزىنى ئىشلىتىپ قول سېلىپ ئىشلەشنى بىلمەيدىغان» ئىختىساس ئىگىسى ھەقىقىي ئىختىساسلىق خادىم بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. ئەلۋەتتە «كالىدەك ئىشلەشنى بىلىپ، گەپ قىلىشنى بىلمەيدىغان» ئىختىساس ئىگىسىمۇ ئەڭ ياخشى تاللاش ئوبىكتى ئەمەس، ئەڭ ياخشىسى سۆزلەشنىمۇ، ئىش قىلىشنىمۇ بىلىدىغان ئىختىساس ئىگىسىدۇر.

شىركەتكە ماس كەلگەن ئىختىساس ئىگىسىنىڭ قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. ئوقۇش تارىخىغا قاراش، ئەمما ئوقۇش تارىخىنى ئۆلچەم قىلىۋالماسلىق كېرەك، بىر ئادەمنىڭ شىركەتكە ماس كېلىدىغان ئىختىساس ئىگىسى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئۇنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە قاراش كېرەك. پەقەت ئىختىساسلىق خادىمنى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئورۇنغا قويساقلا، ئاندىن ئۇلار ئۆز-ئارا تولۇقلىيالايدۇ-دە، ھەسسىلەپ ئۈنۈم يارىتىدۇ.

بىر قىسىم كارخانىلار ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىسىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، بىراق كارخانا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئىختىساس ئىگىسىگە موھتاج. بۇ خۇددى ئاياغنىڭ بەك كىچىك بولسا پۇتنى قىستاپ، بەك چوڭ بولسا چۈشۈپ قالغىنىغا ئوخشاش ئىش بولۇپ، پەقەت مۇۋاپىق بولغاندىلا ئاندىن ئادەمگە راھەت بەخىش ئېتىدۇ. ئەڭ مۇۋاپىق كەلگەن ئىختىساس ئىگىسىلا ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ، شۇ سەۋەپتىن مايۈن «ئىگىلىك تىكلەشتە ئەڭ مۇۋاپىق ئادەمنى تېپىش» پىرىنسىپىدە چىڭ تۇرغاچقا، ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى بولغان قوشۇننى قۇرۇپ چىققان.

*****************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى  شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ