A-A+

دۇنيادىكى گۆھەر ئەڭ كۆپ چىقىدىغان ئون دۆلەت

2015-يىل 18-سېنتەبىر جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 1,971 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

بەزىدە گۆھەر تاشنىڭ چىققان ئورنى ئۇنىڭ باھاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئۈنچە-مەر

ۋايىت ۋە گۈھەر تاشلار مەستانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيادىكى  گۆھەر تاشلار كۆپ چىقىدىغان ئون چوڭ دۆلەتنى بىلىۋالساق ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ ئەلۋەتتە !

 بېرما

قىزىل ياقۇت 

2014531104350

قىزىل ياقۇت بېرمىنىڭ دۆلەت گۆھىرى . دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خان جەمەتىدىكىلەر ئىشلىتىدىغان سۈپەتلىك كۆك ياقۇت ، قىزىل ياقۇت ۋە  قاتتىق قاشتېشى ______ كۆكتارغاق قاش( پېيسۈي ) بېرمىدىن چىقىدۇ.ئۇندىن باشقا بېرمىدىن تۇرمالىن ، زەيتۇن تاش ، شېپىنىل  قاتارلىق گۆھەر تاشلارمۇ چىقىدۇ .


بىرازىلىيە

  بىرازىلىيە PARAIBA تۇرمالىنى 

upfile4_2017_2017-06-29_131431729930608741

بىرازىلىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گۆھەر دۆلىتى بولۇپ ، بىرازىلىيەدىن چىققان گۆھەر تاشلار

مىقتارىنىڭ كۆپلىكى ۋە سۈپىتىنىڭ ئېسىللىكى بىلەن دۇنياغا داڭلىق . بىرازىلىيەدىن

ئاساسلىقى خىرىستال ،تۇرمالىن ، كۆك ياقۇت ، زۇمرەت قاتارلىق گۆھەرلەر چىقىدۇ . بىرازىلى

يە PARAIBA ئوبلاستىدىن چىقىدىغان  PARAIBA تۇرمالىنى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ << تۇرمالىن شاھى >> دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ تۇرمالىننىڭ رەڭگى ئۆزگىچە ، سۈپىتى ناھايىتى ئېسىل بولۇپ ھەر بىر كراتىنىڭ باھاسى  ئون مىڭ ئامرىكا دوللىرى ئەتراپىدا سېتىلىپمۇ بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ .


3 . ماداغاسقار

ماداغاسقارنىڭ  گۆھەر تاشلىرى

65D58PICySU_1024

ماداغاسقارنىڭ ھايۋاناتلىرىلا ئەمەس گۆھەرلىرىمۇ دۇنياغا داڭلىق . سىز بۇ ئۆزگىچە ماكاندا قىزىل ياقۇت ، كۆك ياقۇت ، زۇمرەت ، تۇرمالىن ، بېرىل ، ياقۇت ، ئانار تاش ، ئوپال ..... قاتارلىق  دۇنيادىكى بارلىق گۆھەر تاشلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۇچرىتالايسىز . ماداغاسقار خەلقى كانلارنى بايقاپ ئېچىشتا كەينىدە قالغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ھال ماداغاسقارنىڭ دۇنيادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان گۆھەر تاش دۆلىتى بولۇشىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ ،ئەلۋەتتە .


 كولۇمبىيە

 كۇلۇمبىيە زۇمرىتى 

W020131202477136764640

كولۇمبىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زۇمرەت ماكانى بولۇپ، خەلقئارا ئۈنچە - مەرۋايىت بازىرىدىكى زۇمرەتنىڭ يېرىمى كۇلۇمبىيەدىن چىقىدۇ . رەڭگى توق ، سۈپەتلىك چىقىدىغان زۇمرەتلەر نۇرغۇن ئۈنچە - مەرۋايىت سودىگەرلىرىنى كۇلۇمبىيەنىڭ قوينىغا باشلىدى . بىراق كولۇمبىيە ۋەزىيىتىنىڭ تۇراقسىز بولۇشى تۈپەيلىدىن بۇ ئۈنچە - مەرۋايىت سودىگەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھەرخىل ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تىك ئۇچار بىلەن ئۇدۇل كان رايۇنىغا  بېرىپلا سودا قىلماقتا .


 تانزانىيە

تانزانىيەنىڭ تانزانىتلىرى

544760cfN358f5323

تانزانىتنى ئاڭلاپ باققان كىشلەرگە نىسپەتەن تانزانىيە دىگەن بۇ ئۇقۇم يات ئەمەس ئەلۋەتتە .  تانزانىيە دۇنيادىكى بىردىنبىر تانزانىت چىقىدىغان جاي بولۇپ ، تانزانىتنىڭ ئۆزگىچە رەڭگى كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ . ( تەرجىماندىن : تانزانىيە دۆلىتى  1964 - يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى قۇرۇلغان . تانزانىت 1967 - يىلى بايقالغان . بۇ گۆھەر دەسلەپ بايقالغاندا بەزىلەر زەيتۇن تاش  ھەم دۇمورتيېرىت دەپمۇ ئاتىغان . تانزانىيەلىك گىئولوگ Lan McCloud بۇ گۆھەر توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ بۇ گۆھەرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ئىسپاتلىغان ھەم بۇ گۆھەر تانزانىيە يېڭى مۇستەققىل بولغاندا تېپىلغانلىقى ئۈچۈن دۆلەت نامى بىلەن تانزانىت دەپ ئاتالغان . )


6 . روسىيە

 روسىيەدىن بايقالغان مالاخىت ( توز تاش )

20160107174034_uUVSs

روسىيەنىڭ زىمىنى كەڭرى ، پۇقراسى ئاز . بۇ مۇنبەت تۇپراق ئۆز قوينىدا نۇرغۇن گۆھەرلەرنى ساقلاپ ياتماقتا . 1635 - يىلى  مالاخىت ( توز تاش ) بايقالغان .  17 - ئەسىردە روسىيە جۇمھۇريىتى كەڭ كۆلەمدە گۆھەر كانلارنى ئاچقان . ھازىرغىچە روسىيە تەۋەلىكىدىن سۆسۈن رەڭلىك خىرىستال ، بېرىل ، ھېقىق ، يېشىل قاش ..... قاتارلىق نۇرغۇن قىممەتلىك گۆھەر تاشلار بايقالدى . روسىيەدىن بايقالغان گۆھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاز ۋە ساز بولۇپ باھاسى  ناھايىتى يۇقىرى بولماقتا .


 ئافغانىستان

 ئاففانىستان كۆك تېشى

004lfCO0gy6M3qX8La51d&690

ئاففانىستاننىڭ گۆھەر بايلىق زاپىسى ناھايىتى مول بولۇپ سۈپەتلىك قىزىل ياقۇت ، كۇنزىت ۋە زۇمرەت ئاففانىستاننىڭ كۇزۇرى . ئۇندىن باشقا  ئانار تاش ، سىئانىت ، كۆك تاش ... قاتارلىق گۆھەر تاشلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ .  ئافغانىستاننىڭ كۆك تاشلىرى  دۇنياغا داڭلىق . ئاپغانىستان زىمىنىدا قىممەت باھالىق نۇرغۇن گۈھەر تاشلار كۈمۈلۈپ ياتقان بولسىمۇ،بىراق ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى تۇراقسىز بولغانلىقى تۈپەيلى بۇ زىمىندىكى نۇرغۇن كانلار ھازىرغىچە ئىنسانلار تەرىپىدىن بايقىلىش شەرىپىگىمۇ مۇيەسسەر بولالمىدى .


سىرلانكا

سىرلانكا كۆك ياقۇتى

zc-11167-sml-1902

ئۈنچە - مەرۋايىت دۇنياسىدىكى كۆك ياقۇت ، قىزىل ياقۇت ، سارغۇچ يېشىل ياقۇت ، كۆك گۆھەر ، ئانار تاش ... قاتارلىق گۆھەرلەرنىڭ ھەممىسى سىرلانكىدىن چىقىدۇ . شۇڭا خەلقئارادا كىشىلەر سىرلانكىنى << گۆھەر ئارىلى >> دەپمۇ ئاتايدۇ . بۇ مۇنبەت تۇپراقتىكى تاغ ئېتەكلىرى ، تۈزلەڭلىك ، دۆڭلۈك .............  قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدىن ئاساسەن گۆھەر تاش چىقىدۇ .


 تايلاند

 قىزىل ياقۇت

2016081615442855915

تايلاند ________ دۇنيا رەڭلىك تاشلار ئاستانىسى . تايلانتتىن مول مىقتاردا قىزىل ياقۇت چىقىدۇ . بۇ دۆلەتنىڭ  گۆھەر تاشلار ماكانى بولغان بېرما ۋە سېرلانكا بىلەن چېگرىداش بولىشىمۇ زېمىنىدىن شۇنچە كۆپ

بايلىق چىقىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى . تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى ، تايلانتنىڭ ئۈنچە - مەرۋايىت پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە لاھىيلەش جەھەتتە ناھايىتى ئۆزگىچىلىكى بار . شۇڭا تايلانتنىڭ ئۈنچە - مەرۋايىت بېزەكلىرى يەتتە ئىقلىمغا تارالغان ۋە ھەر قايسى جايلاردا قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن .


 جۇڭگۇ

جۇڭگۇنىڭ دۆلەت گۆھىرى خوتەن قاشلىرى

LANHO-D067-2

تەرجىماندىن : جۇڭگۇنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدىن ناھايىتى مول مىقتاردا گۆھەر تاشلار چىقىدۇ . خوتەن قاشلىرى جۇڭگۇنىڭ دۆلەت گۆھىرى . جوڭگۇنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدىن خوتەن قاش ، ئالتۇن ، ياقۇت ، زۇمرەت .... قاتارلىق گۆھەرلەر ؛  شەندوڭ ئۆلكىسىدىن كۆك ياقۇت ؛ سىچۈەن ۋە يۈننەندىن قىزىل ھېقىق ؛ جىياڭسۇ ئۆلكىسى لىيەنيۈنگاڭ شەھىرىدىن خىرىستال ؛ خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھىرىدىن دۇشەن قاشلىرى ؛ ئىچكى موڭغۇلدىن بەھرەيىن تېشى ؛ لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شىيۇۋيۈەن ناھىيەسىدىن شىيۇۋيۈ قاشلىرى ؛ خۇبېي ئۆلكىسى شىيەن شەھىرىدىن دۇنيادىكى پروزىنىڭ 75 % چىقىدۇ .

مەنبە : ئۈنچە - مەرۋايىت سالونى

2015 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ