A-A+

بايلار پۇرسەتنى كۆرمەيلا تەييارلىق قىلىدۇ

2016-يىل 22-ماي مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 165 قېتىم

timg

سۈرەتتە : دۇنيادىكى مىليادىر ئاياللارنىڭ بىرى ،  ئامرىكا Theranos شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىلزابىت خولمىس


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

نامراتلار پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالالمىسا ۋاز كېچىدۇ، بايلار

پۇرسەتنى كۆرمەيلا تەييارلىق قىلىدۇ

ناپالىئۇن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن «ئالاھىدە ئىقتىدار، ئەگەر پۇرسەت بولمىسا قىممىتىنى يوقىتىدۇ» ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ھازىرقى رىئال تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر پۇرسەت كەمچىللىكىدىن ھىچ  ئىش قىلالمايۋاتىدۇ. پۇرسەت ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى غايىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە كەسىپتىكى مۇۋاپىقيەتنىڭ كەينىدە ئۇنىڭ سايىسى بار. بايلىق قوغلىشىش يولىدا پۇرسەتكە ئۇچىراش تەبئىيلا خوشاللىنارلىق ئىش. پۇرسەت دائىم تىزلا ئۈتۈپ كىتىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنى تىزدىن تۇتىۋېلىشىمىزكېرەك. بولمىسا غەلبە ،بايلىق بىزدىن تېخىمۇ يىراقلاپ كىتىدۇ.

پۇرسەتنى دائىم ئاسان سەزگىلى بولمايدۇ. ئۇ كىشلەرنىڭ تۇنىشى ۋە ئىزدىشىگە مۇھتاج. كۆپۈنچە ھاللاردا پۇرسەتنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ،ئەمما ئېرىشكىلى بولمايدۇ .پۇرسەت يەنە كىشلەرنىڭ يارتىشىغا مۇھتاج. پۇرسەت تىزلا غايىپ بولىدۇ،شۇڭا  ئۇ ۋاقىتىدا تۇتىۋېلىشقا مۇھتاج. بەزى كىشلەرنىڭ پۇرسەتنى كۆرەلمىگەنلىكى ۋە تۇتالمىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۇڭۈشسىزلىق ۋە چۈشكۈنلۈك تۈپەيلى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن بولغان. نامراتلار دەل شۇنداق. ئەمما بايلار پۇرسەتنى كۆرمەيلا تەييارلىق قىلىشقا باشلايدۇ. نىمىگە تەييارلىق قىلىدۇ؟ بايلار ھەرگىزمۇ پۇرسەتنى كۆرمىگەنلىكى سەۋەبلىك ۋاز كەچمەيدۇ. ئەكسىچە كىيىنكى قېتىملىق غەلبە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلار قەتئى ۋاز كەچمەيدۇ. چۈنكى بايلار ئۆزىدە ھەقىقى ئەمەلىي كۈچ بار بولسىلا ،كۈچ توپلاپ تەييارلىق قىلسا، ۋاقتى كەلگەندە پۇرسەتنىڭ تەبىئيلا كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. پۇرسەت كەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ زېرەك كاللىسىغا تايىنىپ پۇرسەت يارتالايدۇ.

پولشالىق داڭلىق پىيانىنو ئۇستىسى كوپىن ياش ۋاقتىدا پارىژدىكى چاغلىرىدا نام چىقارمىغان ئىدى. لىكىن ئۇ ئۈمۈدسىزلەنمەي ئۆزلۈكسىز تىرىشىپ، ھەر خىل ئاممىۋى سۇرۇنلاردا نۇمۇر ئۇرۇنلاپ، ئۆزىنىڭ پىئانىنو تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ رەسمى سەھنىگە چىققان ۋاقىتتا سەھنە  قاراڭغۇ بولۇپ،زال ئىچى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان ئىدى، تاماشىبىنلار نۇمۇر ئۇرۇنلىغۇچىنىڭ ئالماشقىنىنى بىلمەيتى. بىر مۇزىكا ئاخىرلىشىپ، چىراق نۇرى كوپىننىڭ يۈزىگە چۈشكەندە، تاماشىبىنلار ئاندىن نۇمۇر ئۇرۇنلىغۇچىنىڭ بىر تۇنۇلمىغان پىئانونىسىت ئىكەنلىكىنى بايقاشتى. لىكىن كۆپچىلىك يەنىلا ئۇنىڭ يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئۇرۇنلىغان يېقىملىق مۇزىكىسىدىن ھۇزۇرلانغان بۇلۇپ، ئۇزاققىچە چاۋاك ئاۋازى ئۇزۇلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەمدە مۇۋاپىق پۇرسەتنىڭ ياردىمىدە ئاخىرى مۇۋاپىقيەت قازاندى.

پۇرسەت كەلگەندە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپلا قالماي، ئۇنىڭدىن تۇلۇق پايدىلىنىشىمىز ،پۇرسەتنى كۈتىۋېلىش تەييارلىقىنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلىشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا  ئاندىن غەلبىگە يېقىنلايمىز. شۇڭا پۇرسەت كىلىشتىن ئاۋال ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىشىمىز ،ۋاز كەچمەسلىكىمىز، ئۆزىمىزگە ئىشىنىشىمىز كېرەك. شۇندىلا پۇرسەت كەلسە، ئۆزىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ غەلبە قىلالايمىز.

ئەگەر كوپىن ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ نام چىقىرىشقا پۇرسىتى يوق بولغانلىقتىن ۋاز كىچىشنى تاللىغان بولسا، كىيىنكى مۇۋاپىقيىتى بولمىغان بولاتتى. نامراتلار دائىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتمايدۇ، ئۇنى قاراپلا تۇرۇپ كەتكۈزۈپ قويىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا پۇرسەتنى تۇتقىدەك ئىقتىدار يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويسىلا ۋاز كېچىدۇ. شۇڭا كىشىلەر باي بۇلۇشنى ئويلايدىكەن چۇقۇم پۇرسەتنى تۇتۇشنى ئۆگۇنۈش بىلەن بىرگە تېخىمۇ مۇھىمى پۇرسەت كىلىشتىن ئاۋال ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى  يۇقىرى كۆتۈرۈش، تۇلۇق تەييارلىق قىلىش كېرەك. چۈنكى پۇرسەت تەييارلىقى بارلارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

تۇرمۇشتا پۇرسەتنىڭ ئادىل ئەمەسلىكى ياكى يوقلىقىدىن ئاغرىنىدىغىنى كۆپىنچە نامراتلار، چۈنكى ئۇلار ھەمىشە ئاغرىنىشىنىلا بىلىدۇ. پۇرسەت بايلارغىلا ئەمەس بەلكى ھەممىلا ئادەمگە ئادىل بۇلىدۇ. ئەمما نامراتلار پۇرسەتنىڭ ھەممە ئادەمگە ئوخشاش كۆزدە قارايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مەيلى كىشلەر قانداقلا ئويلىغان بولسۇن، پۇرسەت شەخسىيەتسىز ھالدا ئۇلارنى تەڭ دەرىجىدىكى بەھىرلىنىش ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تۇرمۇشتا پۇرسەتكە يۇلۇقۇش بىر خىل تەلەي. لىكىن ئۇنى تۇتۇش بولسا بىر خىل ئىقتىدار. پەقەت تەييارلىقى تۇلۇق بولغان، كۈرۈش ئىقتىدارى ئالاھىدە ئادەملەرلا تىز سۈرئەتتە پۇرسەتنى تۇتالايدۇ ۋە غەلبە قىلالايدۇ. ئاخىرىدا ھەقىقى بىر بايغا ئايلىنالايدۇ.

ھازىرقى جەمئىيەتتىكى رىقابەتنىڭ كۈنسىرى كەسكىنلىشىشى نامراتلارنىڭ غەلبە قىلىش پۇرسىتىنى بارغانسېرى ئازايتىۋەتتى. چۈنكى نامراتلا دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا يىتىشەلمىدى ھەم ئۆزىدە خىزمەتكە ئېھتىياجلىق بولغان ئىقتىدارلارنى ھازىرلىمىدى. شۇنىڭ بىلەن پۇرسەت ھەمىشە قولدىن كەتتى. شۇڭا نامراتلار غەلبە قىلىشنى ئويلايدىكەن چۇقۇم تەييارلىقنى تۇلۇق ،ياخشى قىلىش كېرەك. شۇنداق بۇلغاندىلا پۇرسەتنى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان تۇتالايدۇ.

پۇرسەت بىلەن ئۇنى بايقايدىغان كۆز ھەر ۋاقىت  ھەممىلا يەردە مەۋجۇت. بەزى كىشلەرنىڭ نەزىرىدە پۇرسەت كورگىلى بولمايدىغان ،تۇتقىلى بولمايدىغان ئىنتايىن يىراقتىكى نەرسە. لىكىن پۇرسەت ھەقىقەتەن كەلگەندە ئۇلار يەنە تۇتالمايدۇ. ئامالسىز پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇپ پۇشايمان قىلىدۇ. يەنە بەزى ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە پۇرسەت ھەممىلا يەردە بار. بايلارغا نىسبەتەن پۇرسەت يانچۇقتىكى نەرسىگە ئوخشاش، قاچان ئېھتىياجلىق بولسا شۇ ۋاقىتتا ئالغىلى بولىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

بىر نامرات ئادەم ئۈچۈن پۇرسەت كىلىشتىن ئاۋال ئۆزىنىڭ پۇرسەتنى تۇتالايدىغان ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىشى تولىمۇ زۆرۈر. پەقەت غەلبە قىلىشنىڭ ئاساسى شەرتلىرىنى ھازىرلىغاندا، ئاندىن پۇرسەت كەلگەن ۋاقىتتا ئۇنى تۇتقىلى؛ ئۆزىدىكى ئىقتىدارسىزلىق سەۋەبلىك پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قۇيۇشتىن ، غەلبە ۋە بايلىق بىلەن ئۆتۈشۈپ كىتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ