A-A+

قارا ئالماس نەقىشلىك iPhone7

2016-يىل 1-ئۆكتەبىر جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 178 قېتىم

IT ئائىلىسى تورى 27-سىنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

iPhone7 يانفونىنىڭ ئالاھىدە زاكاس قىلىنىدىغان نۇسخىلىرى زادى قانچىلىك ھەشەمەتلىك؟ تۆۋەندە بىز تىلغا ئالماقچى بولغان iPhone7 يانفونىنىڭ قارا رەڭلىك ئالماس قويۇلغان نۇسخىسىنىڭ باھاسى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان، ئۇنىڭ باھاسى 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 3 مىليون 334 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) ئىكەن.

20160927161736152 20160927162029321

بۇ ھەشەمەتلىك iPhone7 يانفوننى داڭلىق ھەشەمەتلىك بۇيۇم سودىگىرى Gresso ياسىغان بولۇپ، ئۇ 1450 تال قارا رەڭلىك ئالماس جەمئىي 102 كارات بىلەن قاپلانغان، ئۇنىڭغا بەشىنچى دەرىجىلىك تىتان مېتالى قوللىنىلغان. ئارقا تەرىپىدىكى ماركا Logoسى ۋە كامېرا رامكىسىغا 10 كاراتلىق 18K ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن، شۇنىڭدەك قارا رەڭلىك AirPods تىڭشىغۇچىمۇ 30 تال قارا ئالماس قويۇلغان.

20160927162029706 20160927162029716

بۇ يانفون پۈتۈنلەي قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا 18 سائەت ۋاقىت سەرپ بولغان، بۇ يانفوننىڭ ساقلاش بوشلۇقى 128GBلىق ئىكەن. Gresso شىركىتى ھازىرچە بۇ iPhone7 يانفوننىڭ شۇنداقلا ئۇنىڭ قوغداش قېپىنىڭ ئېلان قىلىش ۋاقتىنى تېخى ئاشكارىلىمىغان.

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ