A-A+

توختامغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەي، سودا ئالدامچىلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك

2015-يىل 1-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 184 قېتىم

جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى

145701pe2u8dlwu6x7uzro

سەككىزىنچى باب

توختامغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەي، سودا ئالدامچىلىقىدىن

ساقلىنىش كېرەك

*قانۇن – نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، توختام قارىشىنى كۈچەيتىش كېرەك

سودا –تىجارەت داۋامىدا، سودىگەرلەر چوقۇم «سەمىمىيلىك بىلەن توختامغا رىئايە قىلىشى»كېرەك. سەممىيلىك – سودا مەدەنىيىتىنىڭ ئەخلاقى ئۇل تېشى، توختامغا رىئايە قىلىش –سودا مەدەنىيىتىنىڭ ھەرىكەت قائىدىسى. جېجىياڭ سودىگەرلىرى «توختامغا رىئايەقىلىش» ئىدىيىسىنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ توختام قارىشى، سەمىمىيلىك روھى ۋە قانۇن قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن.

جانلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ساھەلەردە، جېجىياڭلىق سودىگەرلەر«توختام» ۋە «قانۇن» غا ئاساسلىنىپ ئۆزىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش،مۇناسىۋەتنى تەڭشەش قارىشى ئىزچىل داۋاملىشىپ، ئاستا – ئاستا ھەرقانداق ئىشتا«ئىسپاتنى ئاساس قىلىدىغان» ئادەت شەكىللەنگەن. جېجىياڭلىقلار سودا ئىشلىرىنى يېزىقچە خاتىرىلىۋېلىپ، ئىسپات ۋە تەكشۈرۈشتىكى ئاساس قىلىدۇ. ئەگەر تالاش –تارتىش بولۇپلا قالسا، ئۈنۈملۈك ئىسپات سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ.

سۈن دانىيۇ بولسا دانىيۇ گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ ئەسلىدىكى ئائىلىدىكى ئازگالدا ئۆسۈملۈك بېقىشتىن تەرەققىي قىلىپ ئۆسۈملۈك باقمىچىلىقى، پىششىقلاپ ئىشلەش ، سانائەت،مائارىپ قاتارلىق بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى پەن – تېخنىكا كارخانىسىغا ئايلىنىپ، مەبلىغى مىليارىدتىن ئاشقان.

بەختكە قارىشى، 2003 – يىلى سۈن دانىيۇ خېبېي ئۆلكىسى تۇشۈي ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن «جامائەت ئامانىتىنى قانۇنسىز ئىشلىتىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىپلىنىپ تۈمىگە كىرگەن. سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دانىيۇ گورۇھىنىڭ خەلق بانكىسىنىڭ تەستىقىسىز ھالدا سۈن دانىيۇنىڭ قارارى بىلەن،  ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىپ، ۋەكالەتچىلىك نوقتىلىرىنى تەسىس قىلغانلىقىنى، 2001 – يىلى1 – ئايدىن 2003 – يىلى 5 – ئايغىچە بانكىدىن يۇقىرى بولغان ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن ئۆسۈم بېجى تاپشۇرماسلىققا ۋەدە قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، جەمئىيەتتىن مەبلەغ يىغقان .قوبۇل قىلغان ئامانەت 1627 تۈرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 13 مىليوندىن كۆپرەك بولغان ھەم 611 ئادەمگە چېتىلغان. شۇ سەۋەبتىن، تۇشۈي سوت مەھكىمىسى دانىيۇ گورۇھى ۋە سۈن دانىيۇنى «ئومۇمنىڭ مەبلىغىنى قانۇنسىز ئىشلىتىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىپلەپ،ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، تۆت يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى قارارقىلغان.

ھەر قانداق كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا پۇل لازىم بولىدۇ، سۈن دانىيۇ بانكىدىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ئورگانلاردىن قەرز ئالالمىغاچقا، ئاخىرى «قانۇنسىز مەبلەغ يىغىش»يولىغا ماڭغان. سۈن دانىيۇنىڭ بۈگۈنكىدەك ئەھۋالغا قېلىشى قانۇنسىز ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بىرجېجىياڭلىق سودىگەر ئىلگىرى: «پۇل تېپىشنىڭ قېلىپى يوق، ئەمما تىجارەتتە قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەك. سودىگەر قايسى تىجارەتنى قىلسا بولىۋېرىدۇ، بىراق قانۇنسىز ئىشنى قىلسا بولمايدۇ. بۇ بىر تىجارەت پىرىنسىپى. ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا،سودىگەرلەرمۇ دائىم تۈرلۈك قانۇن – تۈزۈملەر ۋە تىجارەت نىشانى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا يولۇقۇپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قانۇن بىلەن ئوينىشىدىكەنمىز، چوقۇم ياخشى ئاقىۋەت كۆرەلمەيمىز.» دېگەن.

جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ توختام قارىشى كىچىكىدىن باشلاپلا شەكىللەنگەن، سودىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە كېڭىيىشى، بازار رىقابىتىگە بولغان تونۇشنىڭ كۈچىيىشىگە  ئەگىشىپ، جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ توختام قارىشىمۇ بارغانسىرى كۈچىيىپ باردى، ئۇلار قانۇن ۋە توختامدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ماھىر. ئۇلار قانۇنلۇق تىجارەتنى سودىگەرلەرگە قويۇلىدىغان ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ، يەنە كېلىپ ئۆزىنى قوغداش ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىشتىكى ئاساسىي قائىدە دەپ تونۇيدۇ.

جېجىياڭ ۋېنجۇ جېڭتەي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۈنخۇي: «جەمئىيەتتە شۇنداق بىر خاتا چۈشەنچە بار، كىشىلەر ،خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنى ‹ياخشى ئەمەس›، خىزمەتچىلەرگە ياخشى قارىمايدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال. ئەمگەك ۋە كاپىتال ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت مۇناسىۋىتى كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىز ئەلۋەتتە بۇنداق بولۇشىنى خالىمايمىز.» دېگەن.

سودا مەيدانىدا ھەمىشە بىر قىسىم كارخانىلار تۇيدۇرماستىن قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كارخانىنىڭ رەھبىرىمۇ قول ئاستىدىكىلەرنى قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلىشقا بۇيرۇپ: «ئىش چىقسا مەن بار!» دەيدۇ، ھەتتا، مەخسۇس «ئەقىللىقلار توپى»تەشكىللەپ، «ئەتكەس يول» تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تاپىدىغانلارمۇ بار.

بىراق«خۇدانىڭ سورىقىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.» دېگەندەك، بۇنداق كارخانىلاردىن چوقۇم مەسىلە كۆرۈلىدۇ. جېجىياڭلىق سودىگەرلەردەك شەخسىي ئىستىكى ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيدىغان تىجارەتچىلەرلا ئىشلىرىنى قۇدىرەت تاپتۇرالايدۇ. پەقەت توختامغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن قارىشىنى كۈچەيىتكەندىلا ئاندىن ئۆزىنى رۇسلىغىلى بولىدۇ. كارخانا تىجارىتىدە ھەر ۋاقىت ئۆزىنى توغرا يولدا بولۇشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.

**باشقىلارنىڭيۈزىنى ئاياپ پۇرسەتتىن قۇرۇق قالماسلىق كېرەك

ھېسىيات  ئالماشتۇرۇشقا تايىنىپ سودا قىلىش ئۇسۇلى- نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنىڭ تىجارەت يولى. كۈندىلىك تىجارەت ئالاقىلىرىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرھېسىياتقا تايىنىپ سودا قىلىدۇ، توختام تۈزىمەيدۇ. ئۆز – ئارا پۈتۈنلەي شەخسى ئالماشتۇرۇشقا تايىنىدۇ، ھېسىياتقا تايىنىپ قىلغان سودىنىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭ.

نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە مۇنداق كەچۈرمىش بولغان، يەنى دوستلار بىلەن بىرلىشىپ ئىش قىلغاندا ئاغزاكى بىر نەرسە دەپ قويسىلا بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ توختام تۈزۈپ نېمە كەپتۇ؟ بولۇپمۇ يىللاردىن بۇيان ئاغزاكى سودا قىلىۋاتقان دوستلارنىڭ ھۆججەت يېزىشقا ياكى توختام تۈزۈشكە تېخىمۇ يۈزى چىدىمايدۇ. سودا قىلىشنى ھەقىقىي باشلىغاندىن كىيىن، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ – دە، قارىشى تەرەپنىڭ ئۆزىمىز بىلەن چىقىشالمايدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرىنى بايقايمىز. بەزىدە ئاغرىنىش ھەتتا ئۆچمەنلىشىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

ۋۇجۈنجاۋ  ۋە ئۇنىڭ دوستى بىرلىكتە بىر كىيىم – كىچەك بېزەكلىرى دۇكىنى ئاچىدۇ، دوستى ئۇنىڭدىن ئىككى ھەسسە كۆپ پۇل چىقىرىدۇ، بىراق دۇكاندىكى كومپيۇتېر ۋۇ جۈنجاۋنىڭ ئىدى، مال ئېلىش ۋە مال سېتىشنىڭ ھەممىنى ئۇ ئۆزى بىر قوللۇق قىلاتتى، دۇكاننىڭ ئىچىدىكى بىزەك ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنىمۇ ئۇ لايىھەلىگەن ئىدى، تەشۋىقات ئىشلىرىنىمۇ ئۇ قىلاتتى، دوستى پەقەت ئۇنىڭغا مال رەتلىشىپ، سودا قىلىشىپ بېرەتتى.

ئۇ ئىككىسى ياخشى دوست بولغاچقا، ھەمدە ۋۇ جۈنجاۋمۇ دۇكاننىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا،  ھىچقانداق كېلىشىم قىلمىدى، توختاممۇ تۈزىمىدى، پەقەت ئاغزاكى ھالدا ئالغان پايدىنى تەڭدىن بۆلىشىدىغانلىقىنى دېيىشتى.

ئويلىمىغان يەردىن كىچىك دۇكاننىڭ سودىسى ۋۇ جۈنجاۋنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا بارغانسىرى ياخشىلىنىپ، پايدىسىمۇ ئاشتى، ئوزۇن ئۆتمەستىن يان تەرەپتىكى دۇكان ئورنىنىمۇ ئېلىۋالدى. بۇ ۋاقىتتا ۋۇ جۈنجاۋدا بىر خىيال پەيدا بولدى: دوستۇم پەقەت پۇل چىقاردى، باشقا ھېچ ئىش قىلمىدى، ھازىر مەندە پۇل بار بولدى، دۇكاننى ئۆزۈم ئاچقىنىم تۈزۈك.

ئەمما ۋۇجۈنجاۋ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىش يۈز بەردى، كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستى شالىنى چېچىپ: «بۇ سېنىڭ ئادەم ئەخمەق قىلغىنىڭ ئەمەسمۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا مەن ھەممە پۇلۇمنى چىقىرىپ سىنى قوللىدىم، ھازىر مېنىڭ ئۆزەمنىڭ ئۆلۈشىگە ئېرىشىش ھوقۇقۇم بار!» دېدى.

بۇ چاغدا ۋۇجۈنجاۋ كاللىسىنى سىلكىۋەتتى، دوستىنىڭ پوزىتسىيىسىدىن ئازابلىنىپلا قالماستىن،ئۆزى تىرىشىپ توپلىغان ئەمگەك مېۋىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئاسانلا ئېلىپ كېتىلىشىگە قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا كېلىشىم تۈزۈپ،دوستىنىڭ پەقەت پۇل چىقارغانلىقىنى، مۇئەييەن نىسبەتتىكى پايدىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى تۈزۈپ، سودا ياخشىلانغان ۋاقىتتا دوستىنىڭ قولىدىكى پاينى سېتىۋالسا بولىدىغانلىقىنى كېلىشىمگە كىرگۈزگەن بولسا...

جېجياڭلىقلارنىڭ ئويىچە توختاملاشمىغان ھەمكارلىققا ئىشىنىشكە بولمايدۇ.توختام بولسا ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، يەنەھەرخىل تالاش – تارتىشلاردىن ساقلىنىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، ھەمدە ھېسىيات جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىدىغان ۋاستە. ئۇنىڭدىن باشقا، توختام تۈزىمەسلىك نۇرغۇنلىغان ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىغا پايدىلىق پۇرسەت تەمىنلەپ ئىناۋەت خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ۋېنجۇدىكى بىر داڭلىق كارخانىچى: «ھازىرقى بازار ئىگىلىكى بولسا توختام ئىگىلىكى، ھەرخىل ئىقتىسادىي بېرىش – كېلىشنىڭ توختاملاشتۇرۇلۇشى بولسا بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، يەنە كېلىپ بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم قانۇن ئاساسلىرىدىن بىرى. ھازىرقى زامان تىجارىتى توختامدىن ئايرىلالمايدۇ، توختام سودىگەرلەر ئارىسىدىكى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن چوقۇم رىئايە قىلىش كېرەك بولغان قانۇن – نىزام.توختامغا بولغان ئىشەنچ دەل قانۇنغا بولغان ئىشەنچتۇر.» دېگەن.

جېجىياڭ جىنخۇادا تۇغۇلغان ۋۇ شاۋرېن ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەپەر ياخشى دوستى بىرلىكتە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئاشخانىسى ئاچماقچى بولۇپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بىر ئايدىن كىيىن ئاشخانا ئېچىلغاندا كۆپچىلىك خۇشاللىقتىن قېن – قېنىغا پاتماي قاپتۇ.

ئەمما خېيىم– خەتەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە سان بار ئىدى، بىراق ئۆز –ئارا يۈز ئاياپ ئوچۇق دېيىشكە پېتىنالمايۋاتاتتى.

دۇكاننىڭ ئورنى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، ئىش باشلاپ ئوزۇن ئۆتمەستىنلا سودا قىزىپ، بىرىنچى ئايدىلا كۆڭۈلدىكىدەك پايدا ئالدى. كۆپچىلىك پايدا ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال بولىۋاتاتتى، ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە دېيىشنى ئارزۇ قىلىدىغان گەپلىرى بولسىمۇ، بىراق بىر – بىرىدىن يۈز ئاياپ دېيەلمەيۋاتاتتى.

ئىككىن چىئايغا كەلگەندە، ۋۇ شاۋرېننىڭ ئىككى ھەمراھىنىڭ كۆڭلىگە جىن كىرىپتۇ. ئۇلارنىڭ ھېس قىلىشىچە، بۇ دۇكان ئۈچۈن ئۇلار چوڭ بەدەل تۆلىگەن ئىدى، ئەسلىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپلا قالماستىن، يەنە دۇكاننىڭ ئىچىدىكى چوڭ – كىچىك ئىشلارنى بۇ ئىككىسىلا قىلىۋاتاتتى.

ئۇلار يەنە ۋۇ شاۋرېنغا تەلەپلىرىنى ئوچۇق ئېيتىشتىن خىجىل بولاتتى، چۈنكى كۆپ يىللىق دوستلاردىن بولغاچقا، ئۆزلىرىنى كۆزى كىچىكلىك قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىسى بىر مەزگىل ئىزچىل بەرداشلىق بەردى.ئەمما ئىككەيلەن ئاشخانا ئېچىلغان دەسلەپكى چاغلاردا  ئالدىراش ۋاقىتلاردا كېلىپ ياردەملىشكەن بولسىمۇ ، بىراق كېيىنچە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ دۇكانغا كېلىدىغان ۋاقتى بارغانسىرى ئازىيىپ كەتتى، پەقەت ئاي ئاخىرىدا پايدىنى بۆلىشىدىغان چاغدىلا كېلەتتى.

ئەقىللىق ۋۇشاۋرېن بۇنىڭدىكى سەۋەبنى بىلگەندەك بولدى –دە،   بۇ ئىككى ھەمراھىنى چاقىرىپ يىغىن ئاچتى. ئۇ ‹‹سودىمىز بارغانسىرى ياخشى بولىۋاتىدۇ ،ھەمكارلىشىپ قىلىۋاتقان تىجارەتتە پايدا بۆلىشىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، گەرچە ھەممىمىزدە ئاغزاكى كېلىشىم بولسىمۇ، بىراق كىيىن گەپ بولماسلىق ئۈچۈن ھەممىنى ئالدىن دېيىشىشىمىز كېرەك، شۇڭا بىز ئۆز – ئارا بىر پارچە توختام تۈزۈشۈپ، بۇندىن كىيىنكى تالاش – تارتىشتىن ساقلىنايلى››، دېدى.

ئىككەيلەن بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، يەنىلا يۈز ئاياپ توختام تۈزۈشكە پېتىنالمىدى، ئۇلار ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆپ يىللىق دوستلۇق ھېسىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن قورقاتتى. ۋۇ شاۋرېننىڭ قايتا – قايتا نەسىھەت قىلىشى ئارقىسىدا، ئىككەيلەن ئاخىرى ئۆزلىرى خالىمىغان ھالدا توختاملاشتى ھەمدە ‹ بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى› ، دېدى.

بىراق كۆپ ئۆتمەستىن دۇكاننىڭ سودىسى ناچارلىشىپ كېتىدۇ. ئەڭ ئاۋۋال دۇكاننى ئۆتكۈزۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغىنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر شېرىكى ئىدى، ئۇ كۆپچىلىك ئاللىقاچان بىرئاز پۇل تاپتى، ھازىر ئىشلارنى يىغىشتۇرىدىغان پەيت كەلدى دەپ قارايىتتى. يېڭى تۇتۇلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى دۇكىنىنىڭ تىجارىتىنى ۋۇ شاۋرېن بىر قوللۇق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ دۇكاننى ئۆتكۈزۋېتىشكە قوشۇلمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا يەنە بىرشېرىكىمۇ دۇكاننى ئۆتكۈزۋېتىشكە قوشۇلدى، ئۇلار ھەتتا زىياننى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە توختالدى، كەيپىيات ناھايىتى جىددى ئىدى. زىياننى ئوتتۇرىچە بۆلۈشۈپ ئۈستىگە ئېلىشنى ئىككى ھەمراھى قوللىمىدى، بۇ ۋاقىتتا ۋۇ شاۋرېن ئەينى ۋاقىتتىكى توختامنى چىقىرىپ، ئىشنى توختامنىڭ مەزمۇنى بۇيىچە ھەل قىلدى.

گەرچە ئۆز –ئارا ھەمكارلىق ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۈچەيلەن يەنىلا ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالدى، ئىككەيلەن يەنە ۋۇ شاۋرېننى ئىقتىدارلىق، سەۋىيىلىك دەپ، پۇرسەت بولسا يەنە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

سوداجەمئىيىتى جەزمەن ئىناۋەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان، توختامغا ئەمەل قىلىدىغان جەمئىيەت بولۇشى كېرەك. ئىناۋەتنى قوغداش، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، ئۈنۈمنى تەكىتلەش، كەسىپنى ھۆرمەتلەش روھى بولۇش، توختام قارىشى ۋە كەسپى ئەخلاق قاتارلىقلارمۇ  سودا جەمئىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئىپادىسى بولۇشى كېرەك.

جېجىياڭلىق سودىگەرلەر تىجارەت داۋامىدا، مەدەنىي تىجارەت قىلىدۇ، سەمىمىي بولىدۇ، بىراق جېجىياڭ سودىگەرلىرى توختامنىڭ ئىمزالىنىشىغا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىدۇ. چۈنكى شۇنداق بولغاندىلا، ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ «يۈز ئۆرۈشى» دىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

********************

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام

مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان  خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب

2014-يىلى 4-ئاي

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ