A-A+
446 تال ئالماس بىلەن بېزەلگەن روللىس رويىس
بىرىنچى ئاپتوموبىل بازىرى خەۋىرى: يىقىندا ئىچىلغان دۇبەي ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە روللىس رويىسنىڭ يىڭى تىپتىكى زاكاس قىلغان فانتازىيىلىك نۇسخىسىنى كۆرگەزمە قىلدى ، بۇ ئاپتوموبىلغا ( Bespoke Celestial ) دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ ، ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى قىسىمىغا ئىشلىتىلگەن 446 دانە ئالماس بۇ ئاپتوموبىلدىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ، ئاسماندىكى يۇلتۇزلادەك زوق بېرىدىكەن .
روللىس رويىسنىڭ يىڭى تىپتىكى زاكاس قىلغان نۇسخىسىغا ئالاھىدە قېنىق كۆك رەڭلىك سىر ئىشلىتىلگەن . ئاپتوموبىلنىڭ دۇبەيدە تۇنجى قىتىم ئاشكارلانغانلىقى بۇ ئاپتوموبىللىرىنىڭ دۆلەتمەنلەر ئۈچۈن ياسالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .ئەمما ئالاقىدار تەرەپلەر ئاپتوموبىل باھاسى توغۇرلۇق ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن . ئىشىنىمىزكى باھاسى ئەلۋەتتە تۆۋەن ئەمەس.
مەنبە : نۇر تورى