A-A+
ئالماس زىننەتلىك قونچاق ئېيىق
10 كاراتلىق ئالماستىن كۆز قۇيۇلغان ئاق ئالتۇن زەنجىر ئاسقان دەرىجىدىن تاشقىرى تېددى ئېيىقى. ئادەتتىكى بىر تېددى ئېيىقى قانداقمۇ بايۋەچچىگە ماس كەلسۇن؟ پەقەت مۇشۇ دەرىجىدىن تاشقىرى تېددى ئېيىقىلا ئومىقىڭىزنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇشقا سالاھىيىتى توشىدۇ. بۇ تېددى ئېيىقىنىڭ كۆزى تاخىتى ئارىلىدىن چىققان قارا مەرۋايىتتىن ياسالغان، ئۇچىسىغا ئاق قويتۆگىنىڭ تىۋىتى تۇتۇلغان، بوينىغا 10 كاراتلىق ئالماستىن كۆز قۇيۇلغان ئاق ئالتۇن زەنجىر ئېسىلغان. مەنبە : نۇر تورى