A-A+

كارخانا رەھبەرلىكىگە قويۇلىدىغان تەلەپ

2016-يىل 21-ئىيۇل كاپىتال ئىگىلىكى باھا يوقكەن زىيارەت: 126 قېتىم

ياپونىيە كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ كارخانا رەھبەرلىرىنى ھازىرلاشقا تىگىشلىك دەپ قارىغان 10 خىل پەزىلەت ۋە 10 خىل ئىقتىدار.

timg

10 خىل پەزىلەت

1.   بۇرۇچ تۇيغۇسى بولۇش

مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقىشدىن قەتئىي نەزەر ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، مۇستەھكەم ئىشەنچ بولۇش.

2.   ئىشەنچ تۇيغۇسى بولۇش

خىزمەتداشلىرى ۋە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئۆز ئارا ئىشىنىش ۋە قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش .

3.   سەمىمىي بولۇش

يۇقىرى تۆۋەن ئوتتۇرسىدا ۋە خىزمەتچىلەر ئارىسىدا سەمىمىي، راستچىل بولۇش.

4.   سەۋرىچان بولۇش

قول ئاستىدىكىلەرگە خالىغانچە ئاچچىقلانماسلىق.

5. قىزغىن بولۇش

خىزمەتكە نىسبەتەن ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش، قول ئاستىدىكىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىش.

6.   مەسئۇليەتچان بولۇش

ئۆز خىزمىتىگە مەسئۇليەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش.

7.   ئاكتىپچانلىق

ھەر قانداق خىزمەتكە نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇش.

8.   ئىنتىلىشچان بولۇش

كەسپىي جەھەتتە داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىش، ھازىرقى مەۋجۇت ھالەتتىن قانائەت ھاسىل قىلىپ تۇختاپ قالماسلىق.

9.   ئادىل بولۇش

ھەرقانداق ئادەمگە ، ھەرقانداق ئىشقا، ئادىل مۇئامىلە قىلىش، شەخسىي غەرەزنى ئارلاشتۇرۋەتمەسلىك.

10.باتۇرلۇق

ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان باتۇر روھ بولۇش.  

10 خىل ئىقتىدار

1.    تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى

2.    تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى

3.    لايھىلەش ياكى پىلانلاش ئىقتىدارى

4.    ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى

5.    ئىجاتچانلىق ئىقتىدارى

6.    كۆزىتىش ئىقتىدارى

7.    قايىل قىلىش ئىقتىدارى

8.    باشقىلارنى چۈشىنىش ئىقتىدارى

9.    مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى

10.قول ئاستىدىكىلەرنى تەربىيلەپ ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىش ئىقتىدارى.

مەنبە : پارلان تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ