A-A+

مونوپول قىلىشنى ئويلىغانلارنى چوقۇم نەس باسىدۇ

2015-يىل 9-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 320 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

11-دەرس 1-پارىگىراپ

مونوپول قىلىشنى ئويلىغانلارنى چوقۇم نەس باسىدۇ

مايۈننىڭ رەھبەرلىكىدىكى تاۋباۋ eBay نى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر كەسپكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم كىشىلەر مايۈن جۇڭگونىڭ تور سودىسىنى مونوپول قىلماقچى دەپ ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتقان. مايۈن بۇنىڭغا نىسبەتەن، ئۆزىنىڭ مەيلى غەلبە قىلسۇن ياكى مەغلۇب بولسۇن چوقۇم ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقىدىغان «سەرگۈزەشتىسى» بولۇشنى مەخسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن كەلگۈسىدە يەنە ئۆزۈمنىڭ كونا كەسپى-ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن، كارخانىچى بولۇشتا ھامان سىزدىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىرى چىقىدۇ، ئەمما مەندەك سەرگۈزەشتىلەرگە ئىگە بولغان ئوقۇتقۇچىدىن بىر نەچچىسىمۇ چىقماسلىقى مۇمكىن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيادا مەڭگۈ مونوپول قىلىشنى ئويلىماسلىق كېرەك، مەڭگۈ مونوپول قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇچۇر دەۋرىدە كىم مونوپول قىلىشنى ئويلىسا شۇنى نەس باسىدۇ.» مايۈننىڭ قارىشىچە، رىقابەت پەقەتلا بىر ئويۇن، ئەمما ئويۇننىڭمۇ ئۆزىگە خاس قائىدىسى بار، مايۈن ئىزچىل ئويۇن قائىدىسىگە رېئايە قىلىپ كەلگەچكە، ئاندىن كەسكىن رىقابەت قاينىمىدىن ئۈچۈپ چىقالىغان.

ھالبۇكى نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ رىقابەت نىشانى مەلۇم كەسپنى مونوپول قىلىش، پايدا ئېلىش بوشلۇقىنى چوڭايتىش ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشتىن ئىبارەت. مايۈن بۇنىڭغا قارىتا ئوبرازلىق ھالدا مۇنداق دېگەن: «بىر كەسپتە پەقەت بىرلا مۇستەقىل گەۋدە بولسا بولمايدۇ، بۇ خەتەرلىك.» سىز ھەر بىر كەسپتە رەھبەرلىك ئورنىنى ئىگىلىگەن ۋاقىتتا، سىزنىڭ رىقابەتچىڭىز بارلىق تىغ ئۇچىنى پەقەتلا سىزگە قارىتىپ، سىز بىلەن قاتتىق قارشىلىشىدۇ. ھەتتا بۇ سەۋەبلىك باشقىلار بىرلىشىپ سىزگە تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال شەكىللىنىپلا قالسا، سىزنىڭ ئورنىڭىز ناھايىتى روشەن، ئەمما دۈشمەننىڭ ئورنى ناھايىتى يوشۇرۇن بولىدۇ، ھەمدە دۈشمەنلىرىڭىز كۆپ، ئەمما سىز يالغۇز ئەھۋال ئاستىدا سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىڭىز قانچىلىك بولار؟

شۇڭا سودا رىقابەت جەريانىدا، بولۇپمۇ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن كەسپ رىقابىتى جەريانىدا، مونوپول قىلىشنى ئويلاشقا بولمايدۇ. ئەگەر كارخانا پەقەتلا رىقابەتچى بىلەن بولغان رىقابەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، بازارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلمىگەندە، ئۇنداقتا چوقۇم بازارنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

Beta تەيۋەن سىنقويغۇ بازىرىدىكى ئىككى چوڭ سىستېمىنىڭ بىرى، يەنە بىر سىستېما بولسا ڭ VHS سىستېمىسى. ئالدىنقىسى تەيۋەن شىنلى شىركىتىنىڭ كەشپىياتى بولۇپ، بۇ سىستېما مەزكۇر شىركەتنى ئېلېكترون تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلغان، ئەمما دەل مۇشۇ تېخنىكا سەۋەبلىك شىنلى شىركىتى زەربىگە ئۇچراپ، JVC شىركىتىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان.

شىنلى شىركىتى سىنقويغۇ سىستېمىسىنى ئىجاد قىلغاندىن كېيىن، ئىزچىل بۇ بازارنى مونوپول قىلىشنى ئويلاپ، رىقابەتچىلەرگە پۇرسەت بەرمىگەن، شۇڭا ئۇ ئىزچىل تېخنىكىدىن رىقابەتچىلىرى بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشقا قوشۇلمىغان.

شىنلى شىركىتىنىڭ تېخنىكىنى جان تىكىپ قوغدىشى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كەسپى مونوپولنى شەكىللەندۈرۈپ زور پايدا ياراتقان. JVC شىركىتىنىڭ VHS سىستېمىسىنى شىنلى شىركىتىنىڭ سىستېمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتى ۋە تېخنىكا جەھەتتە شىنلى شىركىتىدىن ئارقىدا تۇراتتى. بۇ خىل ئەھۋال JVC شىركىتىنى يېڭى سىستېمىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق شىنلى شىركىتىنىڭ مونوپول ئورنىغا زەربە بېرىش قارارىغا كەلتۈرگەن.

JVC شىركىتى تېخنىكىنى ئېچىۋېتىش شەكلىنى قوللىنىپ باشقا چوڭ شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلاشقاچقا، ئۇنىڭ ئەتراپىغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كۈچلۈك تېخنىكا كوللىكتىپى شەكىللەنگەن. دۇنيادىكى باشقا شىركەتلەرنىڭ تېخنىكىسىدىن JVC شىركىتى پادىلىنالىغاچقا، دۇنيادا VHS سىستېمىسىنى قوللىنىدىغان شىركەتلەر بارغانسېرى كۆپەيگەن، بۇنىڭ بىلەن شىنلى شىركىتى يىتىم ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.

VHS سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان سودىگەرلەر شىنلى شىركىتى بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن بىرلىشىپ، شىنلى شىركىتىنى بازاردىن سىقىپ چىقىرىشقا باشلىغان. رىقابەت كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغاچقا، شىنلى شىركىتىنىڭ ئۇتتۇرىۋېتىشى مۇقەررەرلىشىپ قالغان.

شىنلى شىركىتى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ناھايىتى پايدىسىزلىقىنى بىلەتتى، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئۇلار باشقا شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلاشسا، گەرچە بىر قىسىم زىيانلار كۆرۈلسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۆزىنى ئوڭشاش پۇرسىتىگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۆزىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرالايىتتى. بىراق شىنلى شىركىتى بۇنىڭغا كۆنمەي داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ يولىدا مېڭىشنى قارار قىلغان، شۇنداق قىلىپ ئۇلار JVC شىركىتىنىڭ VHS سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلغان. مەخسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئۇلار زور مىقداردىكى مەبلەغنى ئېلان-تەشۋىقات ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن، ئۇلارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئەمما ئىستېمالچىلار ئاللىقاچان VHS سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆنگەن ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ناھايىتى تەس ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، شىنلى شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ چوڭقۇر پاتقاققا پېتىپ، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي مەغلۇب بولغان.

1988-يىلى، شىنلى شىركىتى ئۆزىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى جاكارلاپ، Beta سىستېمىسىنىڭ VHS سىستېمىسىغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى قارارىدىن ۋاز كېچىپ قارىشى تەرەپ بىلەن ھەمكارلاشقان.

ئەمەلىيەتتە، مەلۇم كەسپتىكى كارخانا كەسپ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مەلۇم خىل مەنبەگە ئىگە بولغاندا ياكى كونترول قىلغاندا، تېخنىكا جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن چاغدا، دائىم بىر خىل مونوپولنى شەكىللەندۈرىدۇ.

بىراق بۇ خىل مونوپول شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئەگەر كارخانا ئۆز پايدىسىغا چوغ تارتسا، كەسپ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەڭپۇڭلۇقىغا كۆڭۈل بۆلمىسە، تەبئىيلا كەسپداشلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇنداق كارخانىنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرەلىشى ناتايىن.

مايۈن مۇنداق دەيدۇ: «جۇڭگودا پەقەت (ئۈچ پۇتلۇق داڭقان) لارلا كەسپنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، مەلۇم كەسپتە ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ كارخانا بولغاندا ئاندىن پۇل تاپالايدۇ. مۇنداق ياخشى مىسال بار: TOM (تور بېكەت ئىسمى) مەيدانغا چىققاندىن كېيىن، قالغان ئۈچ تور بېكەت تالاش-تارتىش قىلمايدىغان بولدى، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ چۈنكى كۆپچىلىك پىشىپ يېتىلگەچكە، بۇ كەسپمۇ تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ يۈزلەندى.»

بۇ دەل رىقابەتچىلەرنىڭ ئورتاق بازار چوڭايتىش تەسىرىدىن ئىبارەت. بازارنىڭ كېڭىيىشى كارخانا ئېرىشىدىغان پايدىنى كۆپەيتىدۇ، خۇددى رىقابەت ئىستىراتېگىيەسىدىكى نوپۇزلۇق زات-خارۋارد سودا ئىنىستىتۇتىدىكى مايكېل بوت پىروفېسسورنىڭ مۇنداق دېگىنىگە ئوخشايدۇ: «رىقابەتچىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كەسپ ئېھتىياجىنى ئاشۇرالايدۇ، ھەمدە بۇ جەرياندا كارخانىنىڭ سېتىش ئۈلۈشىمۇ ماس ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.»

شۇ سەۋەبتىن رىقابەتلىشىشنىڭ نىشانى مونوپول قىلىش ئەمەس. دۇرۇس رىقابەت كارخانىنى تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە پۈتكۈل كەسپ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېزلىتەلەيدۇ.

********************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى  شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ