مەرۋايىتنىڭ شىپالىق رولى
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
1.مەرۋايىتنى ئۇزاق مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا تېرىنى ياخشىلاپ ،بەدەننىڭ قېرىشىنى كىچىكتۈرىدۇ.
2.مەرۋايىتنى ئۇزاق مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا جىگەر ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ،كۈرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
3.مەرۋايىتنى ئۇزاق مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا بەدەن زىلۋالىشىپ،يۈز تېرىسى ئاقىرىپ ياخشىلىنىدۇ.
4.تېرىدىكى تۈرلۈك يارا-جاراھەتلەرگە دەل ۋاقتىدا مەرۋايىت تالقىنى سۈرتكەندە قان توختاپ يارا ئېغىزى ئىتىلىدۇ،قىچىشىشنى توختىدۇ،جاراھەت ئىزى قالمايدۇ.ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە مەرۋايىت تالقىنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.ئەمما ھەيىزدىن كىيىن مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئادەت خارەكتىرلىك ھەيىز كۆپ كىلىش كېسەللىكىگە قارىتا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
5.مەرۋايىتنىڭ تەركىبىدە كالىتسىي مىقدارى مول بولۇپ،دائىم ئىستىمال قىلغاندا ئادەم بەدىنىگە كالىتسىي تولۇقلىنىدۇ.مەرۋايىتلار قانچە ياخشى ئىزىلسە ( تالقانلانسا ) ئۇنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
6.مەرۋايىتنى ئۇزاق مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.ئاشقازان،قان،سۈيدۈك تەركىبىدىكى كىسلاتالارنى تەڭشەپ،قاننىڭ ئىشقارلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.تېرىنىڭ ئىمونىت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.ئۇمۇمى بەدەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ ،ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈشكە پايدىلىق.
7.نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.يەلنى ھەيدەپ زەھەر قايتۇرىدۇ.ئىسسىقنى ياندۇرۇپ بەلغەمنى بوشۇتىدۇ.ئېھتىلام بولۇش،سۈيدۈك دۇغلۇشۇشنى ياخشىلايدۇ.يۈرەك كىسەللىكىگە ئالاھىدە مەنپەت قىلىدۇ.
8.ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكىگە مەنپەت قىلىدۇ.ئېغىز پۇراش،يۇتقۇنچاق ياللۇغى،چىش ياللۇغىنى داۋالايدۇ.چىش ئاسراش ئۈنۈمىگە ئىگە.
9.ئاياللار ئېغىر ئاياق ۋە بالا ئىمىتىۋاتقان مەزگىلدە مەرۋايىت تالقىنى ئىستىمال قىلسا بوۋاقلارنىڭ سۆڭىكى تېز قېتىپ،بوۋاق ساغلام،ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ.
10.مەرۋايىت تالقىنى (ئۇپىسى )تېرىدىكى ماي ۋە تەرلارنى تۇسۇپ بىنەپشە نۇرنىڭ يۈز تېرىسىنى كۆيدۈرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.دانىخورەكنى يوقۇتۇپ تېرە ياللۇغىنى ياخشىلايدۇ.قۇرغاق ۋە مايلىق تېرىلەرگە ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە تېرىنى سىلىقلايدۇ.
مەنبە : 北京太阳金店 سالونى
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى