A-A+

بايلار رىقابەت بار تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن

2016-يىل 30-ئاپرېل مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 226 قېتىم

cc11728b4710b91235230b2fc0fdfc0393452205

سۈرەتتە : ۋەنتوڭ گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى ، مىليادىر فېڭ لۈن 


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

بايلار بىلەن نامراتلار ئارىسىدىكى پەرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان سەۋەبلەر نۇرغۇن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى تەرەپنىڭ ھەركەت ئۇسۇلى جەھەتتىكى پەرق دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. نۇرغۇن ۋاقىتتا، نامراتلارنىڭ ھەركىتى كۆپىنچە قويلارنىڭ خاراكتېرىنى ھازىرلىغان - ئېزلەڭگۇ، ئەكسىچە بايلاردا بۆرىنىڭ خاراكتېرى بار-ئالدىراش. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل كىشلىك قاراش شەكىللىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتە نامراتلارنىڭ ھەركىتىدە ئىپادىلەنگەن قويدەك خاراكتېر ئۇنىڭ ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئىش قىلغاندا سۆرەلمىلىك قىلىش ، يىنىكلىك بىلەن ئىش قىلىش، تۇخۇ يۈرەكلىك قىلىش قاتارلىق خاراكتېرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بايلارنىڭ ھەركىتىدە ئىپادىلەنگەن بۆرىگە خاس خاراكتېر بولسا ئاساسلىقى نىشانى مۇستەھكەم، ھەركىتى كەسكىن بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بايلارنىڭ غەلبە قىلىشى نامراتلارنىڭكىدىن كۆپ ئاسان. شۇڭلاشقا نامراتلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۆزىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۆزگەرتىش، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىدىغان ئىرادە تىكلەش ناھايىتى زور دەرىجىدە شۇ ئادەمنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ياكى تاشلىماسلىقنى بەلگىلەيدۇ.

نامراتلار راھەت - پاراغەتكە، بايلار رىقابەت بار مۇھىتقا ئادەتلەنگەن

ئادەم يۇقىرىغا قاراپ ماڭىدۇ، سۇ تۆۋەنگە ئاقىدۇ. بۇ قەدىمدىن بېرى ئۆزگەرمىگەن ھەقىقەت. شۇنداق بولسىمۇ نامراتلار ئۇنداق ئويلىمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياشاش شەكلىگە ئادەتلىنىپ كەتكەن. ئازراق ئۆزگىرىشتىن قورقىدۇ. يۇرتىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ. نامرات بولۇپ ئۆلۈپ كەتسىمۇ، ئاچ قېلىپ ئۆلسىمۇ يۇرتىدىن ئايرىلمايدۇ. يۇرتىنى تاشلاپ مۇساپىر بولۇپ باشقىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا ياشاشنى نومۇس ھەم ئازاپ دەپ قارايدۇ. لېكىن بايلار ئەكسىچە «باتۇرلۇق كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان سۇرۇن تاللىمايدۇ.» ئۇلار ‹ ئادەم ئۆز ئىشىدا نەتىجە قازىنىشنى ئويلايدىكەن ئۆزىنى تاۋلاپ يىتىشتۈرىدىغان يەرلەرگە چىقىپ كېتىش كېرەك. يۇرتىغا ئۆلگىدەك چاپلىشۋېلىش، جاھىل، ھاماقەتلەرچە قىلىقتۇر › دەپ قارايدۇ. بىر جاينىڭ يەر سۈيى شۇ زىمىننىڭ ئادەملىرىنى باقىدۇ، مەيلى سىز قەيەردە تۇرۇشىڭىزدىن قەتئىنەزەر ياشىيالايسىز. جاھان شۇنچە كەڭرى. نەگىلا بارسىڭىز سىزگە باش تىققۇدەك جاي چىقىدۇ. قورقىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت بۆسۈشكە ۋە تەۋەككۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالىسىڭىز ئاندىن چوڭ ئىشلاردا نەتىجە قازىنالايسىز.

كىشلەرنىڭ نامراتلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل نۇرغۇن. لېكىن راھەت - پاراغەتكە بېرىلىپ ياشاش نامراتلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ نىمە ئۈچۈن نامرات بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى بىلىشنى ئويلىسىڭىز ھەمدە باي بولغىڭىز بولسا، مەسلىنىڭ تۈپ سەۋەبىنى تېپىشتىن سىرت، ئۆزىڭىزنىڭ نامرات بولۇپ قېلىشىڭىزدىكى ناچار ياشاش پوزىتسىيىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك. پەقەت راھەت - پاراغەتتىن بەھىرلىنىدىغان تۇرمۇش پوزىتسىيىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، بايلارغا ئوخشاش ئۆزىڭىزنىڭ نىشانى ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىشڭىز كېرەك.

بىر پالۋان بار بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى چېنىقىدىكەن. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنىڭ بەدىنىدىكى مۇسكۈل چوڭ ھەم قاتتىق بۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۇ تۇرسا قارىماققا بىر تاغقا ئوخشاش ناھايىتى ئېگىز، ھەيۋەت ئىكەن. پالۋان بەدىندە ئىشلىتىپ بولالمايدىغان كۈچ باردەك ھىس قىلىدىكەن. ھەر كۈنى دىگۈدەك رەقىبلىرى ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرىدىكەن ھەمدە ئۇمۇ ھەمىشە سالماقلىق بىلەن جەڭگە كىرىپ، ھەممىسىنى يىڭىپ چىقىدىكەن. ھەر قېتىمقى مۇسابىقىدىن كىين، گۈل ۋە ئالقىشلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەن. نۇرغۇن ۋاقىتلار ئۆتۈپتۇ، ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى رەقىبلەر بىلەن مۇسابىقىلىشىپ چىقىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق دۇنيا چېمپىيونىغا ئايلىنىپتۇ. باشقىلار ئۇنىڭغا يەنە جەڭ ئېلان قىلىشقا پېتىنالماپتۇ. لىكىن ئۇ ئاۋالقىدەكلا بەدەن چېنىقتۇرىۋېرىپتۇ ھەمدە بوران-چاپقۇن، يامغۇرلۇق كۈنلەردىمۇ چېنىقىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بىر قېتىم ئۇنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن مۇخبىر چۈشنەلمەي: «سىز ئاللىقاچان دۇنيادىكى ئەڭ نوچى پالۋانغا ئايلاندىڭىز. سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئۆتەلەيدىغان ئادەم يوق تۇرسا، سىز يەنە نىمىشقا توختىماي مەشىق قىلىسىز» دەپ سوراپتۇ. «خاتا! سىز خاتا دىدىڭىز كىم سىزگە مېنىڭ رەقىبىم يوق دەيدۇ؟» پالۋان كۈلۈپ تۈرۈپ جاۋاپ بېرىپتۇ. «يەنە رەقىبىڭىز بارمۇ؟ ئۇ كىم؟» مۇخبىر چۈشىنەلمەي سوراپتۇ. «ئۇ مەن ئۆزەم ئەمەسمۇ!» پالۋاننىڭ چىرايى قەتئىيلىك تۈسى ئاپتۇ. «مەن ئىزچىل بىر ئادەم يېڭىشى ۋە ئېشىپ كېتىشى ئەڭ تەس بولغىنى ئۆزى دەپ قارايمەن. ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن، ئۆز - ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش كېرەك. شۇڭا مەن توختىماي مەشىق قىلىشىم زۆرۈر» دەپتۇ.

مانا بۇ بايلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى. كىشلىك تۇرمۇشتا راھەت-پاراغەتكە بىرىلىپ كەتسە بولمايدۇ. جەڭ ئېلان قىلشقا جۈرئەت قىلىش ھەم ھەر ۋاقىت خىرسنى ئۇنتۇپ قالمىغاندىلا غەلبە قىلغىلى بولىدۇ. لىكىن بۇنىڭ ئەكسىچە بولغىنى نامراتلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى: نامراتلار چۈش كۈرۈشكە ئامراق. بولۇپمۇ  كۈچ چىقارماي، پۇل خەجلىمەي پايدىغا ئېرىشىدىغان، نەتىجە قازىنىدىغان گۈزەل چۈشنى كۆرۈشكە بەك ئامراق. لېكىن گۈزەل چۈش ھەر قانچە گۈزەل، ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ، ئۇ پەقەت ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان غۇۋا بىر خىيال، خالاس.

بۈگۈنكى كۈندىكى نۇرغۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتىكى چاغدا كۈن بويى دەرس تاشلاپ تور ئويۇنى ئوينايدۇ، توپ-توپ بولۇپ بازار ئايلىنىپ ياكى ئۇخلاپ كۈنلىرىنى ئوتكۈزىدۇ. ھەمىشە ئۈچ - توت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئۇنداق ئاسان ئۆتۈپ كەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ. قوشۇمچە ئىشلەش بەك ئاۋارچىلىق، ئاتا-ئانىمىز ئەۋەتكەن پۇلغا يەپ-ئىچىپ ھۇزۇرلىنىپ ياشىماي، نىمىشقا جاپا تارتىپ ئىشلىگىدەكمىز؟ دەپ ئويلايدۇ. ئىزچىل راھەت-پاراغەتتە ياشىغاچقا ئوقۇش پۈتتۇرۇش يېقىنلاشقاندا قالىدىغان - قالمايدىغان دەرىسلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالىدۇ. ئېلىشقا تىگىشلىك كەسپى گۇۋاھنامىلىرىنى ئالالمايدۇ، ئۇقۇش پۇتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئېلىشمۇ قىيىن بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. خىزمەت تېپىپ ئۆزىنى بېقىشنى تىلغا ئالمايلا قويايلى. يەنە قارايدىغان بولساق، ئاشۇ ئادەتتىكى چاغلاردا تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، ۋاقتى بولسىلا ئىش تېپىپ ئىشلەيدىغان، ھەر يىلى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالدىغان، ئوقۇش پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا چوڭ تىپتىكى كارخانىلار تەرىپىدىن تالىشىپ كېتىلىدىغان ساۋاقداشلارنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان پەرقى كىشىنى تولىمۇ خۇرسەن قىلىدۇ.

راھەت ھەمىشە ۋاقىتلىق. ئەمما نامراتلار پەقەت راھەت - پاراغەتتە ياشاشنىلا ئويلايدۇ، تىنچ ۋە خاتىرجەم مۇھىتتا ئۆزىنى توختۇتۇپ ئالغا باسالمايدۇ. ئەكسىچە بايلار ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ھەمىشە ئۆزىدىن ھالقىپ كېتىشكە جۇرئەت قىلىدۇ. ئىش قىلغاندا كۈچلۈك رىقابەتچانلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ. نۇرغۇن نامراتلار بىر ئۆمۈر نامرات ياشايدۇ. چۈنكى ئۇلار نامراتلىقنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ قويۇپ بەرمەيدۇ. نامراتلىق تەپەككۇرى بىلەن پۇت - قولىنى چۈشەپ قويۇپ، بىر ئۆمۈر نامراتچىلىقتا ئۆتىدۇ. نامراتلارمۇ ئەلۋەتتە باياشات كۈن كەچۈرۈشنى ئويلايدۇ. لىكىن ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ. ئۆزگىرىشكە ھورۇنلۇق قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھازىر ئىگە بولغان تۇرمۇشنى يوقىتىپ قويۇشتىن، ھازىرقى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. شۇڭا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. پۇرسەت كەلگەندە تۇتۇشقا تىرىشمايدۇ. ئاخىرى ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ.

20 يىل ئىلگىرى لىشى ئاددى بىر دېھقان ئىدى. ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپ نامرات ئادەملەر بولۇپ، ئەينى چاغدا شۇ جايدىن ئاددىيلا بىر خىزمەت تېپىش ناھايىتى تەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن لىشى نائىلاج 100 نەچچە يۈەن بىلەن سىرتقى ئۆلكە جېجىياڭغا كەلگەن. 10 نەچچە يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ نەچچە شىركەتنىڭ پايچىكىگە ئايلىنىپ، مال-مۈلكى 100مىليۈندىن ئاشقان.

نامراتلار راھەت-پاراغەتكە بېرىلىدۇ، بايلار خىرىسقا جۈرئەت قىلىدۇ. بۇ بولسا ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان ياشاش پوزىتسىيەسى. لىشى ئىلگىرى ئائىلىدىكىلىرىگە «ئەگەر دەسلەپتە ئاتا-بوۋىلىرىمغا ئوخشاش تەقدىرگە تەن بەرگەن بولسام، ھەرگىزمۇ بۈگۈنكىدەك نەتىنجە قازىنالمىغان بولاتتىم» دىگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىزمەت مۇھىتىنىڭ ئازادىلىكى ۋە مۇقىملىقى ئاۋالقىدەكلا نۇرغۇن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تاللىشىدىكى ئالدىنقى شەرتى بولۇپ قالدى.

نامراتلار ئىش قىلغاندا مۇتەئەسسىپ، بايلار خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدۇ. مالىيە باشقۇرۇشقا قارىتا بەلگىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان لىشى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ پەقەت مەبلەغنى ساقلاپ قېلىشنىلا تاللاپ، ھەر يىلى %3 - %5 كىچە ئۈسۈم بولسىلا يېتەرلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن بايلار دائىم بەلگىلىك نىسبەتتە پاي چىكى سېتىۋېلىش ياكى پاي چېكى خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىشقا ئامراق بولۇپ، گەرچە بەلگىلىك خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ، كۆپرەك پۇل تېپىشنى ئويلايدىغانلىقىنى بايقايدۇ.

نامراتلار باي بولۇشنى ئويلايدۇ. لېكىن بۆسۈش ھاسل قىلىشقا جۈرئىتى يوق. پۇرسەت كەلگەندە تۇتۇۋېلىشقا تىرىشمايدۇ. ئاخىرى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ. لېكىن بايلار پۇل تاپىدىغان پۇرسەت بولسىلا بوش قويۇۋەتمەيدۇ. خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشقا رازى بولۇپ، ئازراق پۇلنى كۆپ تېپىشنى ئويلايدۇ. ئاشۇ خىيىم - خەتەر ئىچىدە بايلار بىلەن نامراتلار ئۆز-ئارا كېسىشمەيدىغان ئىككى يولنى بويلاپ ماڭىدۇ – دە، پەرق بارغانسىرى چوڭىيىدۇ. شۇڭا ئەڭ ئاخىرى نامراتلار بارغانسېرى نامراتلىشدۇ، بايلار بارغانسېرى بېيىيدۇ. ئەگەر سىز بېيىشنى ئويلىسىڭىز بايلارغا ئوخشاش جەڭ ئېلان قىلشقا جۇرئەت قىلىشىڭىز، ئالغا ئىلگىرلەشكە جۇرئەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئاندىن غەلبە قىلالايسىز.

ئەمەلىي تۇرمۇش داۋامىدا، نۇرغۇن كىشلەر تۇرمۇش ، ئۆگىنىش ، خىزمەتكە نىسبەتەن «ئاددى، تىنىچ ھالەت بولسا بەخت» دىگەن پوزىتسىيەدە بولغاچقا، بىردەملىك راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ ئالغا باسمايدۇ. ئەكسىچە جەڭ ئېلان قىلىشقا، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، بوشاشماي كۆرەش قىلىدىغان ئادەم ئاخىرىدا غەلبە قىلىدۇ. بۇنداق مىساللار ھەممىلا يەردە ئۇچرايدۇ. بىر ئادەمنىڭ غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىدا شۇ ئادەمنىڭ پوزىتسىيىسىگە قاراش كېرەك. شۇڭلاشقا پوزىتسىيە بىر ئادەمنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ دىيىشكە بولىدۇ.

نامراتلار ئۈمىدسىزلەنگەن، چارچاپ ھالىدىن كەتكەن، روھى ھالىتى ناچار ۋاقىتتا، بايلارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، جەڭگىۋار بولىدۇ. نامراتلار قاتمۇ - قات قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ۋاز كەچكەن ۋاقىتتا، ئەكسىچە بايلار بەل قويۇۋەتمەي چىڭ تۇرىدۇ. نامراتلار بوشاڭلىق قىلىپ، ھورۇنلۇق قىلغاندا، روھى چۈشۈپ كەتكەندە، بايلار ئەكسىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىدۇ. شۇڭلاشقا نامراتلار ھىچ ئىش قىلالمايدۇ، بايلار ئىشلەپ نەتىجە قازىنىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى پەقەت بايلارنىڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش ۋە خىرىس قىلىشقا جۇرئەت قىلىش روھىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. شۇنداقلا بۇنىڭ ھەممسىى نامراتلارنىڭ راھەت-پارغەتكە بېرىلگەنلىكى، ئويلانماي ئىش كۆرگەنلىكىدىندۇر.

بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. شەخىس تۇرغان ئىجتىمائى مۇھىت ياكى كوللىكتىپتا مەلۇم ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەندە بىر قىسىم كىشلەرنىڭ كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. شەخىسنىڭ كوللىكتىپنىڭ ئىچىدىكى ئوينايدىغان رولىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىمۇ، بەزى كىشلەرنىڭ قارىشىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.  نوپۇزلۇق شەخىسلەر ئېلىپ بارغان تەشۋىقات ياكى كۈچلۈك مۇنازىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدىمۇ، بەزى كىشلەرنىڭ كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش شەكىللىنىدۇ. نىمىنى ئويلىسا شۇنىڭدەك ھايات بولىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ئۆزىنىڭ تىرىشىشقا مۇھتاج. ھەر ئادەمنىڭ تەقدىرى ئۆزىنىڭ قولىدا. ئادەم ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا جۇرئەت قىلالايدىغان، مۇستەقىل، كۈچلۈك، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇشى كېرەك. بىر ئادەمنىڭ پوزىتىسيەسى شۇ كىشىنىڭ ھاياتىنى بەلگىلەيدۇ. راھەت-پاراغەتكە بېرىلىدىغان ياشاش پوزىتسىيەسى پەقەتلا ئۇنىڭ كىشلىك تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە چەكلەپ

قويىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

نامراتلار بېيىشنى ئويلىسا، بايلارغا ئوخشاش بۆسۈشكە، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشقا جۇرئەت قىلىش كېرەك. سودا پۇرسىتى بولسىلا بۆرە ئولجىنى كۆرگەندەك تىز سۈرئەتتە ۋە كەسكىن ھۇجۇمغا ئۈتۈش كېرەك. ئەگەر سەللا ئىككىلەنسە ئولجا ئۆزى قېچىپ كەتكەندەك، پۇرسەتنىمۇ باشقىلار ئېلىپ كېتىدۇ. قوي پەقەت راھەت-پاراغەتنىلا بىلسە بۆرىلەر تەرپىدىن يەۋېتىلىشى مۇمكىن بولغىنىدەك؛ ئادەملەرنىڭ نىشانىمۇ قويغا ئوخشاش، راھەت-پاراغەتتىن ھوزۇرلىنىشلا بولسا بۆرە كەبى رىقارەتچىللىرى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ.شۇڭا باي بولۇشتا يەنىلا جەڭ ئېلان

قىلىش ۋە كۆرەش قىلىشقا تايىنىش لازىم.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ