بىر مىليارد 600 مىليونلۇق كەھرىۋا ئۆي
دۇنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى - كەھرىۋا زالى
ئاران 55 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆينى زىننەتلەشكە 150 مىليون فوندستېرلىڭ (1 مىليارد 600 مىليون يۈەن) خەجلەشنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ رۇسىيەدە مۇشۇنداق بىر ئۆي بار. ئۇ ئۆينىڭ ئىسمى كەھرىۋا زالى بولۇپ، <دۇنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزە> نىڭ ئىچىدىكى بىرى.
كەھرىۋا زالى رۇسىيەنىڭ سانكىت پېتىربورگ شەھىرى ئەتراپىدىكى چاسكوسېلوغا جايلاشقان يېكاتىرىنا سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى. ئۆيدە 12 پارچە تام ئاسراش پەنەركىسى ۋە 12 تۈۋرۈك بار بولۇپ، ئۈچ تەرەپتىكى تامغا ئىنتايىن قىممەت باھالىق كەھرىۋا چاپلانغان، ھەمدە ئالتۇن، كۆمۈش ۋە زۇمرەت بىلەن بېزەلگەن.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ ئۆيگە سەرپ قىلىنغان كەھرىۋا، ئالتۇن ۋە زۇمرەتنىڭ سانى 10 مىڭ پارچىغا يېتىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 6 توننىدىن ئاشىدىكەن. داڭلىق ھۈنەرۋەنلەر ئون نەچچە يىل ۋاقىتتا ئاران پۈتتۈرۈپ بولغان ئىكەن. كەھرىۋانى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلغانلىقتىن شۇڭا كەھرىۋا زالى دەپ ئاتالغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە، بۇ كەھرىۋا زالىنىڭ قىممىتى كەم دېگەندە 50 مىليون فوندستېرلىڭ بولۇپ، بەزىلەر ھەتتا 500 مىليون فوندستېرلىڭ باھا قويغان. رۇسىيەلىكلەر بولسا بۇنى باھاسى يوق گۆھەر دەپ قارايدىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھازىرقى كەھرىۋا زالى ئەسلى نۇسخا ئەمەس بولۇپ، 24 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ رېمونت قىلىنغان. 2003-يىلى سانكىت پېتىربورگ شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 300 يىللىق خاتىرە كۈنىدە تاماملانغان ئىكەن.
تارىخى ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، كەھرىۋا زالى ئەسلى پىرىسىيە پادىشاھى فرېدرىچسنىڭ خانىش سوفىيەگە قىلغان سوۋغىسى بولۇپ، گېرمانىيەلىك داڭلىق ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ ياساتقان ئىكەن. تەبىئىي كەھرىۋاغا (4 مىليون يىلدا ئاران شەكىللىنىدۇ) ئىش قوشۇش بەك قىيىن، ئۇستىلاردىن ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلغانلىقتىن، 30 كىۋادرات مېتىرلىق كەھرىۋا زالى 10 يىلدا ئاران پۈتكەن. 1713-يىلى فرېدرىچس ئالەمدىن ئۆتۈپ تەختكە ئۇنىڭ ئوغلى ۋېليام ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ دادىسىغا ئوخشاش زىبۇ زىننەت ۋە ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشقا ئانچە قىزىقمايدىغان بولغاچقا، كەھرىۋا زالىنى پىرىسىيەگە زىيارەتكە كەلگەن پىتىر1 غا بېرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن پىرىسىيە بىلەن چار رۇسىيە ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە شىۋېتسارىيەگە قارشى تۇرغان. ۋېليام بىرمۇ پىتىرنىڭ غايەت زور سوۋغىسىغا ئېرىشكەن: 55 نەپەر داڭلىق ياساۋۇل، بىر دانە كېمە، بىر دانە ياغاچ سىتانۇك ۋە پىتىر ئۆز قولى بىلەن ياسىغان ياغاچ رومكا قاتارلىقلار. شۇنداق قىلىپ كەھرىۋا سارىيى چار رۇسىيەنىڭ ئىلىكىگە ئۆتكەن ۋە كېيىنكى يىلى يېكاتىرىنا سارىيىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن.
كەھرىۋا زالى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، گېرمانىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان ۋە چۇۋۇلۇپ پويىز بىلەن كىرودىيەنىڭ گىنىس قورغىنىغا يۆتكەپ ئاپىرىلغان. كۈتۈلمىگەندە، ئۇ مۇشۇ يەردە ئۈن-تىنسىز غايىب بولغان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ھەربىيلەردىن تەشكىللەنگەن مەخپىي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ بۇ ئۆينى ئىزدىگەن بولۇپ، گىنىس قورغىنىدىكى يوشۇرۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بار ئورۇنلارنى ناھايىتى ئىنچىكە قىدىرىپ تەكشۈرگەن. لېكىن ئاخىرىدا ھېچنېمە تاپالمىغان. شۇنىڭ بىلەن كەھرىۋا زالى 20-ئەسىردىكى بىر سىر بولۇپ قالغان.
بۇ سوئالنىڭ جاۋابى تۈرلۈك قىياسلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ساقلانغان ئورنى ئەڭ مۇمكىن بولغان جاي ئاۋسترىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى توكپلى ھۇلدەرىخ كۆلى. ئەھۋالنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانلار چېكىنگەن ۋاقتىدا نۇرغۇن قىممەتلىك بويۇملارنى ئاشۇ كۆلگە تاشلىۋەتكەن ئىكەن. بىراق تا بۈگۈنگە قەدەر، ئېكسپېدىتسىيەچىلەر كۆلدىن ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكىنى تاپالمىدى.
1979-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى كەھرىۋا زالىنىڭ قېپقالغان خارابىسىنى رېمونت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 50 نەچچە سەنئەتكار كەھرىۋا زالى توغرىسىدىكى ماتېرىيال ۋە رەڭسىز سۈرەتلەرگە ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ غايەت زور مەبلىغى ۋە گېرمانىيەنىڭ ئۇرۇش تۆلىمىنى ئىشلىتىپ 24 يىل ۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە 2003-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاخىرى كەھرىۋا زالىنى قايتىدىن بىزگە نامايەن قىلدى.
مەنبە : نۇر تورى