A-A+

تۆھپىسى بارلار غەلبە مېۋىسىدىن تەڭ ھوزۇرلىنىشى كېرەك

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 198 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

9-دەرس 7-پارىگىراپ

تۆھپىسى بارلار غەلبە مېۋىسىدىن تەڭ ھوزۇرلىنىشى كېرەك

تالانت ئىگىسى ئىزچىل كارخانىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ كەلمەكتە، بىراق نۇرغۇنلىغان كارخانىچىلار يەنىلا ئادەم ئىشلىتىشنىڭ قىيىنلىقىدىن ئەپسۇسلانماقتا. نېمە ئۈچۈن؟ ئەگەر بىز ئازراق دېققەت قىلساقلا شۇنى بايقايمىزكى، نۇرغۇنلىغان خوجايىنلار ئادەم ئىشلىتىدىغان ۋاقىتتا بىر توپ قۇرۇق ۋەدىلەرنى بېرىدۇ: «ياخشىراق ئىشلەڭ، پەقەت سىز تىرىشسىڭىزلا مائاش مەسىلىسى چوڭ ئىش ئەمەس!» «خاتىرجەم بولۇڭ، سىز پەقەت بۇ تۈرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىسىڭىزلا، ۋاقتى كەلگەندە سىز نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشەلەيسىز!» «ئەستايىدىل ئىشلەڭ، پەقەت شىركەت ئۈچۈن قىممەت يارىتىپ بېرەلىسىڭىزلا، ۋاقتى كەلگەندە سىزگە پاي ئايرىپ بېرىمەن.»...

ھالبۇكى، خىزمەتچىلەر خوجايىن بۇيرىغان ئىشلارنى تولۇق ئورۇندىغاندىن كېيىن، خوجايىن يەنە باشقا باھانىلەرنى تېپىشقا باشلايدۇ: «بۇ يىل شىركەتنىڭ پايدىسى ياخشى ئەمەس، كۆپچىلىك توغرا چۈشىنىڭلار، كېلەر يىلى شىركەتنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانغاندا چوقۇم سىلەرگە يىللىق مۇكاپات تارقىتىمىز.» «مەن سىزگە پاي بېرىشنى خالايمەن، ئەمما شىركەتتە باشقا پايچېكلارمۇ بار، شۇڭا سىز ئالدىرىماي تۇرۇڭ، مەن چوقۇم سىزگە پاي ئايرىپ بېرىمەن.»...

ئويلاپ باقايلى، ئەگەر بىر شىركەتتە روھى جەھەتتىكى ئىلھاملاندۇرۇش ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، ماددى جەھەتتە ھېچقانداق قوللاش بولمىسا، ئۇنداقتا ئىختىساسلىق خادىملار بۇ كارخانىدا داۋاملىق ئىشلەشنى خالامدۇ؟

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كارخانا ياكى شەخس نەتىجىگە ئېرىشكەن ۋاقىتتا، ھەرگىزمۇ مۈرىنى-مۈرىگە تىرىپ كۆرەش قىلغان باشقا ھەمراھلارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. چوقۇم تۆھپىسى بارلارنى كارخانا نەتىجىسىدىن تەڭ بەھرلەندۇرۇش، ئۇلارنى رازى قىلىش كېرەك، شۇندىلا ئۇلار تېخىمۇ كۆپ قىممەت يارىتالايدۇ. پەقەت ئۆز-ئارا بەھىرىلىنىشنى بىلگەندىلا، ئاندىن ئورتاق غەلبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

مايۈننىڭ ئالى بابادا يۈرگۈزۋاتقىنى دەل مۇشۇنداق مىننەتدارلىق مەدەنىيىتى، ئۇ ئەزەلدىن بىر نەچچە ئېغىز قۇرۇق گەپ ياكى قەغەزگە يېزىلغان بىر نەچچە جۈملە خەت ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ قويمايدۇ، ئەكسىچە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەتچىلەرنى روھى جەھەتتىكى قانائەت تۇيغۇسى ۋە ماددى جەھەتتىكى قوللاشقا ئېرىشتۈرىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇ خىزمەتچىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسا، خېرىدار ۋە پايچېكلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ.

مايۈن جىن كاڭنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ «تيەنلۇڭنىڭ سەككىز شەجەرىسى» دىكى گەي باڭباڭ ئسىملىك پىرسوناژنى ياختۇرىدۇ. ئۇ ھەتتا ئۆزىنى بىر مەزگىل «گەي باڭباڭ» دەپ ئاتىغان.

ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئالى بابانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشى يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، دەسلەپتە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى مائاشىنىمۇ ئالالمايىتتى، بىراق ئالى بابانىڭ قۇرغۇچىسى، كونا خىزمەتچىلەر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پاي ھوقۇقى بار بولۇپ، ئالى بابادا خىزمەت قىلغان ۋاقتى تۆت يىلغا توشقان خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى پاي ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيىتتى. ئالى بابا ھەر يىلى ئۆتكۈزىدىغان «بەش يىللىق ئۆتمۈش» تېمىسىدىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خىزمەتچىلەر بىر تال ئاق ئالتۇن ئۈزۈككە ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە شىركەت سوۋغا قىلغان پاي ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ دەل مايۈن يۈرگۈزىۋاتقان بارلىق خىزمەتچىلەرنى پاي ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرۈش تۈزۈلمىسىدۇر.

بىراق، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەر قەرەللىك پاي ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئالى بابانىڭ پېيى بازارغا سېلىنىشتىن ئەسەرمۇ بولمىغاچقا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قوللىرىدىكى پېيىنى قەدىرلىمەي مايۈنگە مۇنداق دېگەن: «ماڭا پاي لازىم ئەمەس، مائاشىمىزنى ئۆستۈرۈپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟»

بۇ خىل ئەھۋال ئالى بابا ياخۇ (جۇڭگو) گۇرۇھىنى سېتىۋالغانغا قەدەر داۋاملاشقان. 2005-يىلى 8-ئايدا، گولدمان (ئاسىيا) گۇرۇھى، مورگېن سىتەنلىي (ئاسىيا) شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار ئالى بابانىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە باشلىغان، ھەمدە 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالى بابا كايمان تاقىم ئارىلىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان.

ئۇنىڭدىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەر، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار قولىدىكىنىڭ ئاق قەغەز ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن: «ئالى بابانىڭ پېيىنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ قىممىتى بارغانسېرى ئېشىۋاتاتتى.»

بۇ ۋاقىتتا، مايۈن ئاندىن ئۆزىنى ئاقلاپ، ئۇنىڭ خىزمەتچىلەرگە تارقاتقان قەرەللىك پاي ھوقۇقىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغان.

مايۈن ئىلگىرى «جۇڭگودىكى غەلبە» پىروگراممىسىدىكى بىر ماھىرغا باھا بەرگەندە مۇنداق دېگەن: «بىر مۇنەۋۋەر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بىر مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچى بولۇشى، ھەر بىر كىچىك ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ھەر بىر كىچىك ھالقىدىن قول سېلىپ باشقۇرۇش ئېلىپ بارغاندىلا، كوللىكتىپ ئاندىن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. قوشۇنىڭىز سىزدىن ئايرىلغاندا چوقۇم مۇنداق بىر نوقتىنى ئويلىشىڭىز كېرەك: بىز لېي فېڭدەك كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق، ئەمما لېي فېڭنى يىرتىق ئىشتان بىلەن كوچىغا چىقىرىپ قويساق بولمايدۇ.»

مايۈن شۇنداق دېگەن ۋە شۇنداق قىلالىغان. شىركەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا، ئۇ ئەزەلدىن ھەر قانداق خىزمەتچىنى زىيانغا ئۇچراتمىغان، ئەلۋەتتە بۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلىگەن «18 نوچى» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالى بابانىڭ پېيى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، مايۈن ئېرىشكەن پاي ھوقۇقى پەقەت %5 بولۇپ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىنى خىزمەتچىلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا تارقىتىپ بەرگەن.

ئالى بابانىڭ پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش ئىلتىماسىدا ئاشكارلىنىشىچە، مايۈن بىلەن ئالى بابانى قۇرۇپ چىققان سا چۇڭشىن ئىگە بولغان پاي 76 مىليون 810 مىڭ بولۇپ، قىممىتى 100 مىليون شياڭگاڭ پۇلىدىن ئېشىپ كەتكەن.

IPO (Initial Public Offerings) «تۇنجى قېتىملىق پاي ئېچىش» ئارقىلىق ئالى بابا بىر كېچىنىڭ ئىچىدىلا 4900 نەپەر «كىچىك بايۋەتچە» نى بارلىققا كەلتۈرگەن. پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4900 نەپەر خىزمەتچى پايغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھەر بىر خىزمەتچى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭ پايغا ئېرىشكەن، بۇنى 11 شياڭگاڭ دوللىرىلىق پايغا خېرىدار چاقىرىش ئوتتۇرىچە باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ ئېرىشكەن بايلىقى 1 مىليون شياڭگاڭ دوللىرى بولغان. بۇ ئالى بابا گۇرۇھىدىكى 7000 دىن ئارتۇق خىزمەتچىنىڭ ئىچىدىكى %70 كە يېقىن خىزمەتچىنىڭ «باي خىزمەتچى» گە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن. بۇ مايۈن ئىزچىل كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان نەتىجە ئىدى، ئۇ پەقەت قىممەت قاراش ۋە ئارزۇغا تايىنىپلا كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.

ۋۇ تۇڭ مايۈننىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ناھايىتى تەستە چۈشەنگەن. ئۇ ئاپتورغا شۇنداق دېگەن: «مايۈننىڭ كۆڭلى-كۆكسىنىڭ ناھايىتى كەڭ ئىكەنلىكىگە قول قويدۇم. مايۈننىڭ خىزمەتچىلەرگە پاي بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، بىراق ئۇ ناھايىتى كۆپ بەردى.»

سا چۇڭشىن مۇنداق دېگەن: «مايۈن ئۆزىگە تەۋە نۇرغۇنلىغان پاينى مەرتلىك بىلەن 18 نەپەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ھەمراھىغا تارقىتىپ بەردى، بۇ ئۇنىڭ قوشۇنغا ۋە دوستلۇققا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. باشقا ئىنتېرنېت كارخانىلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى %30 تىن %70 كىچە پاينى ئۆزى ئىگىلىدى، ئۇلاردا چوڭ پايچېك مەڭگۈ خوجايىن بولاتتى، بۇنداق كارخانىلارنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. مايۈن شىركەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنى، ئادەمنى ئالماشتۇرسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بىر ساغلام ئىدىيە.»

ئىستاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا، ئىنتېرنېت كەسپىدىكى خادىملارنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغان ۋاقىتتا، ئالى بابا خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرۇش نىسبىتى پەقەت %15 بولغان بولۇپ، ئوخشاش ساھە، ھەتتا پۈتكۈل كەسپتە ئەڭ تۆۋەن بولغان. بۇنىڭ سەۋەبى: مايۈن ئالى بابادا ئىزچىل مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت كارخانا مەدەنىيىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن خىزمەتچىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن، بۇ ئارقىلىق ئالى بابانى خىزمەتچىلەر مۇقىم تەڭشىلىۋاتقان شارائىتتىمۇ ئىزچىل تەرەققىي قىلىش ۋە چوڭىيىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.

*************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى  شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ