ئىناۋەت دىمەك-بايلىق دېمەكتۇر
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
3 - باب 11 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: تىجارەت قىلىش دېگەنلىك «خېرىدارنى گۆللەپ پۇلىنى ئېلىش» دېمەكتۇر، ئىناۋەت پەقەت ئېغىزدىلا مەۋجۇتتۇر.
ۋېنجۇلۇقلار: تىجارەتتە پۇلىڭىز بولمىسا ھېچقىسى يوق، ئەمما جەزمەن ئىناۋىتىڭىز بولۇشى كېرەك. پۇلىڭىز بولسىمۇ سىزنىڭ سودىنى ياخشى قىلالىشىڭىز ناتايىن، ئەمما ئىناۋىتىڭىز بولسىلا باشقىلار سىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.
ئەقىللىق ۋېنجۇ سودىگەرلىرى تىجارەتتە ئىناۋەتتىن پايدىلىنىشقا ئۇستا. ۋېنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ سەمىمىيلىكنى تەكىتلىشىدىكى سەۋەب ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىناۋەت تىكلەش ئۈچۈندۇر، ئۇلار ئىناۋەتكە ناھايىتى ئېتىبار بېرىدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كۆرگىلى ۋە تۇتقىلى بولمايدىغان ئىناۋەت دەل بايلىقنىڭ كېلىش مەنبەسى.
كۆپچىلىك ئادەمگىياھنىڭ ئەسلىدە شەرقى شىمالدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بىراق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئادەمگىياھ بازىرىنىڭ ۋېنجۇدا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ۋېنجۇ بىلەن شەرقىي شىمالنىڭ ئارلىقى نەچچە مىڭ چاقىرىملىق يول تۇرسا!
ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى، سۈپەت دەرىجىسى ئوخشاش بولغان ئادەمگىياھنىڭ ھەر كلوگرامىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى سېتىلىش باھاسى 2000 يۈەن بولسا، ۋېنجۇدىكى سېتىلىش باھاسى پەقەتلا 1900 يۈەن!
سەزگۈر كىشىلەر بۇنىڭ زىيان تارتىپ سېتىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىراق ئەقىللىق ۋېنجۇلۇقلار قانداقمۇ زىيان تارتىدىغان ئىشنى قىلسۇن؟ بۇ ئادەمنى تېخىمۇ ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئەمما بۇ دەل ۋېنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ ئەقىللىق تەرىپى.
ۋېنجۇ سودىگەرلىرى شەرقى شىماللىقلار بىلەن ئادەمگىياھ سودىسى قىلغاندا ئىناۋەتكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇلار تۇنجى قېتىم شەرقى شىمالدىن ئادەمگىياھ زاكاس قىلغاندا باشلىنىشىدىلا 10 توننا زاكاس قىلىدۇ، ھەمدە بىر قولدا پۇلنى بېرىپ، يەنە بىر قولدا مالنى تاپشۇرىۋالىدۇ.
ۋېنجۇ سودىگەرلىرى بۇ ئارقىلىق شەرقى شىمال سودىگەرلىرىگە ناھايىتى ئىشەنچىلىك تۇيغۇ بېرىدۇ، ھەمدە بۇ خىل ئىشەنچ تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىپ تىجارىتىنى يۈكسەلدۈرىدۇ.
نەچچە قېتىملىق سودىدىكى ئىناۋەتتىن پايدىلانغان ۋېنجۇ سودىگەرلىرى كېيىنكى سودىلاردا ئاۋال %30-%20 پۇلنى ئالدىن تاپشۇرۇپلا مال ئالالايدۇ-دە، قالغان پۇلنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن بېرىدۇ. ھەر قېتىملىق سودىدا ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر كېلىشكىنى بويىچە پۇلنى دەل ۋاقتىدا تاپشۇرىدۇ. بۇ شەرقى شىمال سودىگەرلىرىنى ناھايىتى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئاخىرىدا، ۋېنجۇ سودىگەرلىرى مال ئالىدىغاندا رەنە پۇلى تاپشۇرماي تۇرۇپلا مال ئالالايدۇ ھەمدە مالنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن پۇلنى بېرىدۇ.
ئەقىللىق ۋېنجۇ سودىگەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىناۋىتىگە تايىنىپ ئادەمگىياھ سودىسى قىلالايدۇ، ھەمدە بۇ ئادەمگىياھلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت سېتىلىدىغان تاۋار بولۇپلا قالماستىن، يەنە پايدىلىنىشقا بولىدىغان بايلىق ھېسابلىنىدۇ. ۋېنجۇ سودىگەرلىرى زور مىقداردىكى ئادەمگىياھنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن دەرھال سېتىشقا باشلايدۇ، ھەتتا كىرگۈزۈش باھاسىدىن تۆۋەن ھالەتتىمۇ ساتىدۇ، بۇنىڭ سىرىنى باشقىلار ئويلاپمۇ يېتەلمەيدۇ. ئەمما ۋېنجۇلۇقلار ئادەمگىياھ تىجارىتىدىن كىرگەن پۇلنى بىر يىلنىڭ ئىچىدە نەچچە قېتىم ئايلاندۇرىدۇ-دە، نۇرغۇنلىغان سودىنى پۈتتۈرىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە ئۇلار يىل ئاخىرىدا ھېساب قىلغاندا گەرچە ئادەمگىياھتىن زىيان تارتقان بولسىمۇ، بىراق باشقا سودىلاردىن نۇرغۇنلىغان پۇل تاپقان بولۇپ چىقىدۇ، ئومۇمەن ئېيىتقاندا ۋېنجۇ سودىگەرلىرى نۇرغۇنلىغان پايدا ئالغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئادەمگىياھ خۇددى بانكىدىكى قەرز پۇلدەك رول ئوينىغان بولىدۇ.
بازاردا ئىناۋەتنىڭ ئۈزى بايلىقتۇر. ئەگەر سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىز بولسا ئاۋال باشقىلارنىڭ مېلىنى ئېلىپ ئاندىن پۇل تۆلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بانكىدىن قەرز ئېلىش جەھەتتىمۇ ئىناۋەت ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
كاڭنەي گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى جىڭ شيۇكاڭ دەل ئىناۋەتنى پۇلدىنمۇ مۇھىم كۆرىدىغان ئادەم، ئىناۋەت ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئاتا قىلغان.
1997-يىلى فۇجيەندە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىدە، جىڭ شيۇكاڭ قاتارلىق كىشىلەر يېتەرلىك نەق پۇل ئېلىۋالمايدۇ، ئەمما ئۇلار كۆرگەزمىدە بىر قىسىم ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىشنى ئويلىغان ئىدى. بىر سودىگەر بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرگە ئىشىنىمەن. پۇل بولمىسا ھېچقىسى يوق، مەن ئاۋال مال ئەۋەتسەم بولىدۇ.» جىڭ شيۇكاڭ ۋېنجۇغا قايىتقاندىن كېيىن دېيىشكەن ۋاقىت بويىچە قەرزنى قايتۇرىۋېتىدۇ.
ھازىر جىڭ شيۇكاڭ كېپىلسىز، ھېچقانداق رەنە قويماي تۇرۇپ، پەقەت ئىمزا قويسىلا قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ 100 مىليون يۈەنلىك ئىناۋەت قەرزىگە ئېرىشەلەيدۇ. جېڭتەي گۇرۇھىدىكى نەن سۈنخۇي جايىدا تۇرۇپلا بانكىدىن 300 مىليون يۈەن قەرز ئالالايدۇ!
جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى قوشۇمچە باش لېدىرى گاۋ تيەنلې « سودىدا ئىناۋەت بولمىسا چوقۇم مەغلۇب بولىدۇ» دېگەن. ئىناۋەت ئادەم ئۈچۈن ياخشى ئوبراز بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئادەمگە شەكىلسىز مەبلەغ يارىتىپ بېرەلەيدۇ، بۇ دەل كارخانا تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل.
1986-يىلى، ئائىلە شارائىتى ياخشى بولمىغانلىق سەۋەبلىك، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ۋاڭ جېنداۋ ۋېنجۇ بىلەن فۇجۇ ئوتتۇرىسىدا قاتناپ سودا قىلىشقا باشلايدۇ.
بىر كۈنى، ۋاڭ جېنداۋ 2000 يۈەن نەق پۇل بىلەن بىر قىسىم نەرسىلىرىنى بىر سومىكىغا سېلىپ ماشىنا بىلەن فۇجۇغا مال ئاپارغىلى بارىدۇ.
ماشىنا ساڭنەندىن ئۆتكەن ۋاقىتتا، بىر ياشانغان ئادەم ماشىنىنى توسۇپ ئۆزىنى ئېلىۋېلىشنى ئۆتۈنىدۇ. ۋاڭ جېنداۋ بىلەن شوپۇر بۇ كىشىنى ماشىنىغا سېلىۋالىدۇ.
ماشىنا فۇجۇغا كەلگەندە ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى. بۇ كىشى ماشىنىدىن چۈشۈپ سومكىنى ئېلىپلا كېتىپ قالىدۇ.
ۋاڭ جېنداۋ بىلەن شوپۇر بىر مېھمانخانىغا چۈشىدۇ. ۋاڭ جېنداۋ ياتاقتا كىيمىنى ئالماشتۇرماقچى بولۇپ سومكىنى ئاچقاندا ھەيرانلىقتىن تۇرۇپلا قالىدۇ. سومكىدا لىققىدە پۇل بار ئىدى، ۋاڭ جېنداۋ ساناپ كۆرۈپ 110 مىڭ يۈەن پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
ئەسلىدە ياشانغان كىشى ماشىنىدىن چۈشكەندە ۋاڭ جېنداۋنىڭ سومكىسىنى ئېلىپ كېتىپ قالغان ئىدى.
بۇ پۇللارنى كۆرگەن ۋاڭ جېنداۋ ياشانغان كىشى چوقۇم ناھايىتى جىددىيلەشتى دەپ ئويلايدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟
ۋاڭ جېنداۋ شوپۇر بىلەن بىرلىكتە ئۇ كىشىنى ئىزدەيدۇ، ئۇلار ئۇ ئادەمنىڭ ئورنىنى بىلمىگەچكە ھەر قايسى مېھمانخانىلارغا بىر-بىرلەپ كىرىپ ئىزلەيدۇ.
ئاخىرىدا، ئۇلار ئۇ كىشىنى تاپىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كىشى ناھايىتى تىت-تىت بولۇپ كەتكەن ئىدى. پۇلىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن بۇ ئادەم ھاياجانلانغانلىقىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان. ۋاڭ جېنداۋ قايتىدىغان ۋاقىتتا، ياشانغان كىشى 1000 يۈەن پۇلنى ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغان. ۋاڭ جېنداۋ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ماڭا پۇل لازىم بولغان بولسا سىزنىڭ سومكىڭىزنى قايتۇرۇپ بەرمەيىتتىم. مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ سومكىسىنى قايتۇرۇپ كەتسەملا بولدى.»
كۆپ يىللاردىن كېيىن ۋاڭ جېنداۋ ئاۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ لېدىرىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ ھەر قېتىم بۇ ئىشنى ئەسلىگىنىدە ھاياجانلىنىپ مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى 110 مىڭ يۈەن پۇل ھازىرقى بىر مىليارد 100 مىليون يۈەندىن قىممەتلىك ئىدى، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا مەن پەقەت بۇ پۇلنى ئالساملا ئۆزەمگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ئويلىغان.»
ئارقىدىنلا ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە مۇنداق دېگەن: «ئەينى ۋاقىتتا ئۇ پۇلنى ئالغان بولسام ئېھتىمال مەن ئىگىلىك تىكلىمىگەن، مېنىڭ بۈگۈنۈممۇ بولمىغان بولاتتى.»
بۈگۈنكى كۈندە، ئاۋكاڭ گۇرۇھى ئىشلەپچىقارغان ئاياغلار «ئاۋكاڭنى كىيىپ ئالەمنى كېزىش» تەك تەشۋىقات كۈچى ئاستىدا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىغا دېگۈدەك ئومۇملاشتى.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ۋېنجۇلۇقلار مەخسۇس ساختا مەھسۇلات ياسايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەقىقىي ئەھۋال ئەمەس. بازار ئىقتىسادى تەرەققىياتى جەريانىدا بازارنىڭ تەرتىپكە چۈشمىگەنلىكى سەۋەبلىك، كىشىلەر پايدا قوغلىشىش ئۈچۈن دائىم «سەمىمىيەت كىرىزىسى» نى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ھەر قانداق رايوندا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئەھۋال. بىراق ۋېنجۇنىڭ بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز، ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ، شۇڭا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر «سەمىمىيەتسىز» دېگەن ئاتاققا قالغان. ئەمەلىيەتتە، ۋېنجۇلۇقلار «سەمىمىيەت كىرىزىسى» دىن ئەڭ بۇرۇن قۇتۇلغان. بازار تەرەققىياتى جەريانىدا، ۋېنجۇلۇقلار سەمىمىيلىكنىڭ مۇھىملىقىنى بۇرۇنلا ھېس قىلغان، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىناۋەت تىكلەشكە ئاتلانغان.
كاڭنەي گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى جىڭ شيۇكاڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ: «سەمىمىيلىك ئارقىلىق بايلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەمما بايلىق ئارقىلىق سەمىمىيلىكنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.»
2002-يىلىنىڭ بېشىدا، ئامېرىكا «پارچە سېتىش پادىشاھى»-ۋورما شىركىتى كاڭنەي گۇرۇھىغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، ئۇلار كاڭنەينىڭ سۈپەت ئۆتكىلى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشىدىن ئىنتايىن رازى بولىدۇ، ھەمدە كاڭنەي بىلەن 90 مىڭ جۈپ ئاياغ ئىشلەپچىقىرىش توختامى تۈزىدۇ.
بۇ خەلقئارا بازارغا كىرىدىغان ياخشى پۇرسەت بولسىمۇ، جىڭ شيۇكاڭ ئىككىلىنىپ قالىدۇ. ئەسلىدە كاڭنەينىڭ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش رايونى تېخى قۇرۇلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە دەرھال ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشەلمەيىتتى، كاڭنەينىڭ ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى مالنى دېيىشكەن ۋاقىتتا تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلالمايىتتى، بۇنداقتا ئىناۋەتكە تەسىر يېتىشى مۇمكىن ئىدى. نۇرغۇن قېتىملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جىڭ شيۇكاڭ يەنىلا بۇ زاكاسنى قوبۇل قىلمايدۇ.
ۋورما شىركىتى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن جىڭ شيۇكاڭنىڭ سەمىمىيلىكىگە قول قويىدۇ، ھەمدە نەق مەيداندا «كاڭنەينىڭ يېڭى زاۋۇت رايونى پۈتكەندىن كېيىن يەنە زاكاس قىلىمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈرىدۇ.
سەمىمىيلىك-كارخانىنىڭ كارخانىغا بەرگەن ۋەدىسى. رىقابەت جەريانىدا يەنە بىر قىسىم شىركەتلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بازارنى ئىگىلەش ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە بىھۇدە ۋەدىلەرنى بېرىدۇ-دە، ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خېرىدارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ ۋېنجۇدىكى «ساختا تاۋار» قاپلىغان مۇھىتتىمۇ تەرەققىي قىلالىشى ھەمدە جۇڭگونىڭ تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى كەسپىدە تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ماركىنى بارلىققا كەلتۈرەلىشىدىكى سەۋەپ-سەمىمىيەت يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرالىغانلىقىدا.
جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى نەن سۈنخۇي ئىناۋەتنىڭ كارخانىغا نىسبەتەن شەكىلسىز بايلىقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. بولۇپمۇ بازار ئىگىلىكى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان، خەلقئارا رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىناۋەت ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
بىر قېتىم، ئوتتۇرا ئاسىيالىق بىر نەچچە خېرىدار 100 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى زاكاسنى ئېلىپ جۇڭگوغا تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ. ئۇلار جېڭتەي گۇرۇھىغا كەلگەندە، نەن سۈنخۇي ئۇلارغا جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا، قارىشى تەرەپنىڭ تەرجىمانى تۇيۇقسىز نەن سۈنخۇينىڭ گېپىنى ئۈزۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن جۇڭگولۇق، جۇڭگو كارخانىسىنىڭ بۇ زاكاسنى ئالالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىز كارخانىڭىزنىڭ كۆلىمىنى چوڭراق دېسىڭىزمۇ ئۇلار ئىشىنىدۇ.»
نەن سۈنخۇي بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «زۆرۈرىيىتى يوق، نېمە بولسا شۇنى دېيىش كېرەك، سودا قىلالماسلىق چوڭ ئىش ئەمەس، ئىناۋەتنى يوقىتىش ھەقىقىي چوڭ ئىش.»
نەتىجىدە ئىككى تەرەپ سودىدا پۈتۈشىدۇ، چەتئەل سودىگەرلىرى نەن سۈنخۇينى «سەمىمىي ئادەم ئىكەن » دەپ ماختايدۇ.
جېڭتەي گوروھىنىڭ «دۇرۇسلۇق (جېڭتەينىڭ خەنزۇچە مەنىسى دۇرۇس، توغرا دېگەن مەنىلەردە)» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىكى مەخسەت «دۇرۇسلۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» تىن ئىبارەت. نەن سۈنخۇي مۇنداق دېگەن: «تىجارەتتە توغرا يولدا مېڭىش، سەمىمىيلىكنى تەكىتلەش كېرەك، مەھسۇلات ئىشەنچىلىك بولۇشى، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىلىشى لازىم.» بۇ خىل «دۇرۇسلۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» ئىدىيەسى ئىزچىل جېڭتەينىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.
نەن سۈنخۇي يەنە «ئىككى 0=1-X» ئىدىيەسىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. نەن سۈنخۇي بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: بۇ يەردە ئىككى X بار بولۇپ ، بىرسى خىزمەتچى، يەنە بىرى مەھسۇلاتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. جېڭتەيدە 10 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچى بار، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىرىلا ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بەرمىسە، ئۇنداقتا جېڭتەينىڭ ئوبرازى 0 گە تەڭ بولىدۇ؛ ئوخشاش قائىدە بويىچە، جېڭتەي ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭ دانە مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىرىلا لاياقەتسىز بولسا، ئۇنداقتا جېڭتەينىڭ مەھسۇلات ئوبرازى خېرىدارلارنىڭ قەلبىدە 0 گە تەڭ بولىدۇ.»
بىر مۇخبىر نەن سۈنخۇيدىن مۇنداق سورىغان: «ئەگەر سىزنىڭ قول ئاستىڭىزدىكى بىرەيلەن ناھايىتى ئىقتىدارلىق، ئەمما سەمىمىي بولمىسا، ھەمدە كارخانا ئىچىدە ۋاقتىنچە ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىدىغان ئادەم بولمىسا، سىز بۇ خىزمەتچىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىسىز؟»
نەن سۈنخۇي ئىككىلەنمەستىن شۇنداق جاۋاب بەرگەن: «سەمىمىيلىك ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى، كارخانىنىڭمۇ ئاساسى، ھەر قانچە ئىقتىدارلىق بولسىمۇ سەمىمىي بولمىسا، بۇنداق ئادەمنىڭ بىزگە لازىمى يوق!»
بۈگۈنكى كۈندە، جېڭتەي گۇرۇھى ۋېنجۇدىكى داڭلىق كارخانىغا ئايلاندى، ئەمما نەن سۈنخۇي يەنىلا ئىناۋەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويماقتا. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئىگىلىكىمىز سەمىمىيلىككە تايىنىپ بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن مېڭىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ ۋېنجۇدىكى «ساختا تاۋار» قاپلىغان مۇھىتتىمۇ تەرەققىي قىلالىشى ھەمدە جۇڭگونىڭ تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى كەسپىدە تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ماركىنى بارلىققا كەلتۈرەلىشىدىكى سەۋەپ-سەمىمىيەت يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرالىغانلىقىدا.» نەن سۈنخۇيمۇ ۋېنجۇ سودىگەرلىرى ئارىسىدا ئىناۋەتكە ئەڭ ئېتىبار بېرىدىغان ئادەم دەپ قارالغان، بۇنى بانكىنىڭ ئۇنىڭغا بېرىدىغان «ئىناۋەت قەرزى» دىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
نەن سۈنخۇي پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىناۋىتىگە تايىنىپلا بانكىدىن 300 مىليون يۈەن قەرز ئالالايدۇ. نەن سۈنخۇي مۇنداق دېگەن: «ئىناۋەت ماڭا نىسبەتەن 300 مىليون يۈەندىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى بانكىنىڭ جېڭتەي گۇرۇھىغا بولغان ئىناۋەت قەرز سوممىسى 300 مىليون يۈەن، پەقەت مەن ئىمزا قويساملا، جېڭتەي گۇرۇھى بانكىدىن دەرھال بۇ پۇلنى ئالالايدۇ.»
جېڭتەيگە ئوخشاش چوڭ كارخانىلار ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، يەنە نەن سۈنخۇيغا ئوخشاش چوڭ سودىگەرلەرمۇ سەمىمىيلىك ۋە ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. كۆپ سانلىق ۋېنجۇ سودىگەرلىرى ئىناۋەتنى تىجارەتتىكى باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قائىدە ھېسابلايدۇ.
سەمىمىيلىككە ئېتىبار بەرمىگەندە ئېھتىمال «ۋاقىتلىق غەلبە» نى قولغا كەلتۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھەرگىزمۇ «مەڭگۈلۈك يەڭگۈچى» بولغىلى بولمايدۇ. سودا قىلىشتا ئاۋال سەمىمىي بولۇش كېرەك، سەمىمىيەت-ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى، يەنە كېلىپ تىجارەتنىڭمۇ ئاساسى.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
سەمىمىي بولمىغاندا ھامان مەغلۇب بولىدۇ.
-تيەنجېڭ گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى قوشۇمچە لېدىرى گاۋ تيەنلې
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى