A-A+

3000 يىللىق تارىخقا ئىگە قاش پالتا (خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 22)

2015-يىل 31-مارت ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 787 قېتىم

خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...

يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...

يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.


ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

 خوتەن قاشلىرى جۇڭگۇنىڭ دۆلەت گۆھىرى. دۆلەت قاشتېشى . خوتەن قاشلىرى دۇنيادىكى قاشتېشىنىڭ خان تاجىسى.

خوتەن قاش مەدىنىيىتى _جۇڭگۇ مەدىنىيىتىنىڭ بەش مۇھىم تەركىبى ( قاش مەدىنىيىتى ،يىپەك مەدىنىيىتى ،چاي مەدىنىيىتى ،ھاراق مەدىنىيىتى ،ساپال -چاقچۇق مەدەنىيىتى ) ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ ئون مىڭ يىللىق شانلىق تارىخقا ئىگە.

1055062l51ig913ysilwzl1

105507h6hvvalr74rv8h44_meitu_1

ئىگىزلىكى 28 سانتىمىتىر ، كەڭلىكى7.7 سانتىمىتىر ،قېلىنلىقى 3.2 سانتىمىتىر كىلىدىغان بۇ قەدىمكى قاش پالتا خوتەننىڭ ناھايىتى سۈپەتلىك ھەم سىلىق بولغان قۇيرۇق قېشىدىن (قۇيرۇق قاش يەنى ياڭجىيۈ -خوتەننىڭ ئالىي دەرىجىك قېشى ، ھازىرقى قاش بازىرىدا ئاساسەن يوق دىيەرلىك-ئەتىۋارلىق گۆھەر ) ئىشلەنگەن ئۇزۇنچاق ئاددىي تىل شەكلىدە بۇلۇپ ،ئىككى تەرىپى سىلىقلىنىپ ياي شەكىللىك تىغ (قىلىچ)ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن .پالتا يۈزى كۆرۈمسىز ،داغ بولسىمۇ نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن سىلىقلانغان بولغاچقا ،ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر جەريانىدىمۇ ناھايىتى سىلىق تۇرغان.كېرىيە داخىيەن يېزىسىنىڭ خىزمەتچىسىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە بۇ پالتا كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىن كولىۋېلىنغان.

جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكاددىمىيسى شىنجاڭ خىزمەت گوروپپىسى بۇ پالتىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بىرىپ ياسىلىش ئۇسۇلى ۋە خارابىيلىكنىڭ ئورنىغا ئاساسەن ئۈچ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.سايمان ۋە قاشنىڭ سۈپىتى ۋە دىغى سىڭىپ تۇرغان رەڭگىدىن كىسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى،بۇ پالتا دىيارىمىزدىكى ساقلىنىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ۋە قاش سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولغان ،خوتەن قاشنى تەتقىق قىلىشتا كەم ئۇچرايدىغان ، ناھايىتى يۇقىرى ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە گۆھەر ھىسابلىنىدۇ.

مەنبە : شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان

中国和田玉 ناملىق كىتاب

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ