A-A+

بايلارئىش قىلغاندا ئەقىلىگە تايىنىدۇ

2016-يىل 24-مارت مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 348 قېتىم

20130304110845351911

سۈرەتتە : دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىيىم - كېچەك گوروھلىرىنىڭ بىرى بولغان شىياڭگاڭ يىدا گوروھىنىڭ لېدىرى ، مىليادىر ياڭ مىندې


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

نامراتلار ئىش قىلىشتا قارا كۈچكە تايىنىدۇ، بايلار ئىش

قىلىشتا ئەقىل –پاراسىتىگە تايىنىدۇ

كۆپچىلىك ھەممەيلەن ئىش قىلىشتا ئۇسۇلغا ئېتىبار بېرىش لازىملىقىنى بىلىدۇ. ئۇسۇل ئوخشىمىغان ئىكەن، ئىشنىڭ نەتىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيىتقاندا،نامراتلار ئىش قىلغاندا ئەزەلدىن كاللىسىنى ئىشلىتىپ ئويلىنىپ باقمايدۇ، بىر ئىش ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغاندا، ئۇلار ياخشىراق ئويلىنىپ باقماستىنلا قىلىشقا كىرىشىدۇ، نەتىجىدە ئارتۇقچە جاپا تارتىپ، قىلغان ئىشى ئۈنۈملۈك بولمايدۇ.

ئەمما بايلار ئىش قىلشتىن بۇرۇن كاللىسىنى ئىشلىتىپ ئويلىنىۋالىدۇ، ئەتراپلىق پىلان تۈزۈيدۇ، ئىش قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى تاپقاندىن كىيىن ئۇلار ئاندىن قىلىشقا كىرىشىدۇ. بۇنداقتا قارا كۈچكە تايىنىپ قىلغاندا ئىسراپ بولغان ۋاقىت ۋە زېھىننى تىجەپلا قالماستىن، يەنە ئىشنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاز ئىش بىلەن يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ناھايىتى ئېنىقكى، ئىش قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى مۇھىم. پەقەت كاللىنى ئىشلەتكەندىلا، ئىش قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ۋە قول سېلىش نۇقتىسىنى تاپقاندىلا ئاندىن بىر ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ.

كۆپرەك دىققەت قىلسىڭىزلا، سىز قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆتكەن بايلارنىڭ ئەقىل ئىشلىتىپ ئىش قىلىدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ قارا كۈچكە تايانمايدىغانلىقىنى بايقايسىز.

مەسىلەن:مەكدولاندنىڭ ئىشچىلىقىدىن ئۇنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان كروك؛ بىر سەرەڭگە ساتىدىغان كىچىك بالىدىن ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئائىلە سايمانلىرى «يىجىيا»نىڭ قۇرغۇچىسىغا ئايلانغان ئېدۋار. دۇپلاد؛ داڭلىق سودىگەر شاڭ شۆلۇ قاتارلىقلار.

كېپ. جىل 1855 – يىلى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدىكى بىر ئادەتتىكى سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 16 ياش ۋاقتىدا دادىسى ۋەيران بولۇپ كەتكەچكە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ناچارلاشقان، كېپمۇ مەجبۇرىي ئوقۇشتىن توختاپ، جەمئىيەتكە چىقىپ ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان.

ئۇنىڭ يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ھەم مول تەجىرىبىسى بولمىغاچقا، تاپقان بىرىنچى خىزمىتى تەلىپى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان مال ساتقۇچىلىق ئىدى.

رىقابەت ناھايىتى كەسكىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا كېپ نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرگە ئالماشقان،ئىلگىرى يىمەك – ئىچمەك، كىيىم – كىچەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىپ باققان. كېپ ھەر كۈنى ناھايىتى ئالدىراش خىزمەت قىلغان، ھەركۈنى خېرىدار بىلەن شىركەت ئوتتۇرىىسىدا قاتراپ، كۈن بۇيى ئارام ئالمىغان.

گەرچە خىزمەتتە ناھايىتى كۈچىگەن بولسىمۇ، كېپنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغاندەك نەتىجىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن. مۇشۇ تەرىقىدە توپتوغرا 24يىل ئىشلىگەن كېپ يەنىلا نەتىجە قازىنالماي، ئاۋۋالقىدەكلا بىر شىركەتنىڭ مال ساتقۇچىسى بولۇپ يۈرگەن. ئۇنىڭ ھاياتىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان، ھاياتقا بولغان ئۈمىدىمۇ ئاساسەن يوققا چىققان.

بىر قېتىم كېپ بىر زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان پۇرۇپكىنى سېتىشقا مەسئۇل بولغان، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى پۇرۇپكا گەرچە بەك كۆزگە ئىلىنىپ كەتمىسىمۇ، بىراق خېرىدارلارنىڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشىپ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولغان.

كىپ جىل  پۇرۇپكىنىڭ بۇنداق بازارلىق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى خوجايىندىن سوراپتۇ. خوجايىن كېپقا بۇ خىل پۇرۇپكىنىڭ بىر قېتىم ئىشلىتىلدىغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى، ئىشلىتىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئىكەن، سېتىلىشنىڭمۇ تەبئىيلا تىز بولىدىغانىقىنى، خېرىدارلارنىڭمۇ قايتا – قايتا سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. خوجايىن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كىيىن ،يەنە ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا  ئەگەر ‹‹ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىنلا تاشلىۋىتىلدىغان» تەننەرخى ئەرزان مەھسۇلات كەشىپ قىلالىسا، سېتىلىشىنىڭ چوقۇم ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

كېپ. جىل خوجايىننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ناھايىتى ھاياجانلىنىپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ 20 نەچچە يىل مال ساتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، ھەر كۈنى ناھايىتى ئالدىراش يۈرسىمۇ، بىراق تۇرمۇشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىشنىڭ بولمىغانلىقىنى...ئويلاپتۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، نېمىشقا ئۆزى «ئىشلىتىپلا تاشلىۋىتىدىغان»مەھسۇلات كەشىپ قىلىپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان بىر ئىش قىلمايدۇ؟ بۇلارنى ئويلىغان كېپنىڭ كۆڭلى ئارام تاپماي، نەچچە كۈنگىچە ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى ئىزدەپتۇ.

بىر كۈنى كېپ. جىل  ئىڭىكىنى يۆلىگىنىچە قايسى مەھسۇلاتنىڭ «ئىشلىتىپ بولۇپ تاشلىۋىتىش» كە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئولتۇرسا، ئېلىپ بولالمىغان ساقاللىرى ئۇنىڭ قوللىرىغا سانجىلىپتۇ،بۇ سانجىلىش ئۇنىڭ ساقال ئالغان ۋاقىتتىكى ئاۋارىچىلىقلىرىنى ئېسىگە ساپتۇ.

ئەلۋەتتە ئەرلەر ھەممىسى بۇرۇتىنى ئېلىشقا مۇھتاج، ساقال – بۇرۇت ئالغاندا تىغ ئىشلىتىشكە مۇھتاج بولىدۇ. بىراق ئەينى ۋاقىتتا بازاردا سېتىلىدىغان ساقال تىغى تۇتقۇچى بار چۇۋۇغىلى بولىدىغان تىغلار بولۇپ، بۇ خىل تىغلارنى ئىشلەتكەندە تېرە ياكى بىلەي تاشنىڭ ئۈستىدە بىلەپلا قالماستىن، يەنە يانغا سوپۇن قاچىلانغان ئىستاكان ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە تېرە زەخمىلەنسە سۈرىدىغان قان توختاتقۇچ دورىنىمۇ ئېلىپ يۈرۈشكە توغرا كىلەتتى.ئىشلىتىشكە ئەپسىز ھەم بىخەتەر ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرئۆزلىرى ساقال ئېلىش خىيالىدىن ۋاز كېچىپ، قەرەللىك ھالدا ساتراچخانىغا بېرىپ ساقال ياسىتاتتى، ھەتتا بەزىلەر ساقاللىرىنى ياساتماي، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرلەرنىڭ چاڭگا ساقاللىق ئوبرازىنى ياراتقان ئىدى.

بۇ باش ئاغرىقى كېپ. جىلغا بىر ئەقىل ۋە ئىلھام ئاتا قىپتۇ: نېمىشقا تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ ئۆتكۈر بولغان ساقال تىغىنى تەتقىق قىلىپ چىقمايمەن؟

بۇلارنى ئويلىغاندىن كىيىن، كېپ دەرھال دۇكاندىن تىغ ياساشتا ئىشلىتىدىغان پىچاق، قىسقۇچ،ھەمدە پولات بىس قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ كېلىپ، ئۆيدىن سىرتقا چىقماي تىغ تەتقىقاتىنى باشلاپتۇ. نۇرغۇن قېتىملاپ ئويلىنىشتىن كىيىن، كېپ تىغنى تىرنىغا ئوخشاش «T» شەكىللىك جازىغا ئورنىتىپتۇ، ئۇنىڭ تۆۋىنىگە يۇمىلاق شەكىللىك تۇتقۇچ ئورنىتىپتۇ.

تۇتقۇچنىڭ يۇقىرى تەرىپى بىس قويىدىغان ئوقۇر بوپتۇ. تىغ ناھايىتى نىپىز بولغان بىستىن ياسىلىپتۇ، ئوقۇرنىڭ ئىككى تەرىپىگە نىپىز مېتالدىن قىسقۇچ ئورنىتىپ، بىسنى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىغا ئورنىتىپتۇ. مۇنداق بولغاندا پەقەت تىغ بىسى چىقىرىلسىلا، تىغنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا تىغنىڭ بىسى يۈز بىلەن مۇقىم بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ، ھەم ساقال – بۇرۇتنى پاكىز ئالغىلى بولاتتى، ھەم ئاسانلىقچە يۈزنى كېسىۋالمايىتتى. ھەمدە ئوقۇرغا سېلىنغان تىغ بىسىنى چۇۋۇغىلى، ئالماشتۇرغىلى ۋە ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن تاشلىۋەتكىلى بولاتتى.

ئۆزى لايىھەلىگەن ساقال تىغىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئىشلەپ چىقارغاندىن كىيىن، كېپ تەرەپ -تەرەپكە بېرىپ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ تۈرىگە مەبلەغ سېلىشنى ئېيتىپتۇ. 1901 – يىلى كېپ ئاخىرى ئۆزىنىڭ 24 يىللىق مال ساتقۇچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان جىل سۇغۇرتىلانغان تىغ شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپتۇ. 1902 – يىلى كېپ. جىل ئۆزى لايىھەلىگەن تىغلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلاپتۇ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن مەھسۇلاتلار سېتىلماپتۇ. قايتا – قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق كېپ مەھسۇلاتنىڭ سېتىلماسلىقىدىكى سەۋەبنى بىلىپتۇ، ھەمدە مەسىلىگە نۇقتىلىق ھالدا بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپتۇ.

مەھسۇلاتقا قارىتا ئىزچىل ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋە ئېلان تەشۋىقاتى ئارقىلىق كېپ ئاخىرى يېڭى تىپتىكى تىغنىڭ بازىرىنى ئېچىپتۇ، ھەمدە ئاخىرى ئامېرىكىدىكى كەڭ خېرىدارلارنىڭ قەلبىدە بىر كىشىلىك ئورۇننى ئىگەللەپتۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كېپ.جىل پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىپتۇ، ھەمدە بۇ خىل تىغنى مىليوندىن ئارتۇق ئەرلەرنىڭ دىققەت – ئېتىبارىغا ئېرىشتۈرۈپ، سېتىش سوممىسىمۇ ئىزچىل يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ.

مەيلى تىنچلىق مەزگىللىرى بولسۇن ياكى ئۇرۇش مەزگىللىرى بولسۇن، كېپ. جىل ئۆزىنىڭ ئەقىل –پاراسىتىگە تايىنىپ سودا پۇرسىتىنى تۇتۇۋاپتۇ – دە، بارغانسىرى كۆپلىگەن بايلىققا ئېرىشىپتۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، جىل تىغلىرى پۈتكۈل يەر شارىدا سېتىلىپ، ئاللىقاچان دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ساقال ئېلىش قورالىغا ئايلانغان. ئامېرىكىدىكى بازار ئىگەللەش نىسبىتى%90 دىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدىكى بازار ئىگەللەش نىسبىتىمۇ %70گە يەتكەن.

كېپ. جىلنىڭ  ئۆمۈرلۈك سەرگۈزەشتىلىرى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ بىزگە نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقىنى ئېچىپ بەردى: نامراتلار قارا كۈچكە تايىنىپ ئىش قىلىدۇ، بايلار ئەقىل – پاراسەتكە تايىنىدۇ. دەل قارا كۈچكە تايانغانلىقى سەۋەبلىك، كېپ توپتوغرا 24 يىل مال ساتقۇچى بولۇپمۇ ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمىدى؛ دەل تەپەككۇر قىلىشنى،كاللا ئىشلىتىشنى بىلگەچكە، كېپ. جىل پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تېخىمۇ بىخەتەر بولغان يېڭى تىپتىكى تىغنى لايىھەلەپ چىقىپ، ئاخىرىدا نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، بارغانسىرى كۆپلىگەن بايلىققا ئېرىشتى.

ئويلاپ باقايلى، ئەگەر كېپ يەنە بۇرۇنقىدەك قارا كۈچكە تايىنىپ باش كۆتۈرمەي ئىش قىلغان بولسا، ئۇ يەنە 40 ياشتىن ئاشقان ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ مال ساتقۇچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى باشلىيالامتى؟ ئۇ يەنە يېڭى تىپتىكى تىغنى تەتقىق قىلىپ ئۇنى بازارغا سالالامتى؟ ئۇ يەنە مەھسۇلات سېتىلماي تۇرۇپ قالغان قىيىن شارائىت ئاستىدا، مەھسۇلاتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، توختىماستىن تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق قىيىن ۋەزىيەتتىن قۇتۇلالامتى؟ ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامتى؟

ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. مۇمكىن بولمايلا قالماستىن ئۇ يەنە داۋاملىق ئۆزىنىڭ مال ساتقۇچىلىق خىزمىتىنى قىلىپ، نام – ئاتاقسىز ھالدا بىر ئۆمۈر ياشايىتتى.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، قارا كۈچكە تايىنىپ ناھايىتى ئەستايىدىل خىزمەت قىلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. خۇددى 40 ياشتىن ئاۋۋالقى كېپ. جىل كۈندە ناھايىتى جاپالىق خىزمەت قىلىپ، ناھايىتى ئالدىراش ئۆتسىمۇ، بىراق يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغانغا ئوخشاش.

شۇنىڭ ئۈچۈن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولماقچى بولغان دوستلار بايلىق يولىدا چوقۇم ئەقىل –پاراسەتكە تايىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم، ھەرگىزمۇ قارا كۈچنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

ماقال –تەمسىللەردە: «بايلار ئەقىلگە تايىنىپ تاماق يەيدۇ، نامراتلار كۈچىگە تايىنىپ ياشايدۇ.» دىيىلگەن. داڭلىق مۇۋەپپەقىيەت ئىلمى ئۇستازى ناپالىيون. شېر ئىلگىرى«تەپەككۇر بايلىقى» دىگەن بىر پارچە كىتابنى يازغان. بايلارنىڭ باي بولۇشىدىكى سەۋەب دەل ئۇلارنىڭ كاللا ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، تەپەككۇر قىلىشقا دىققەت قىلغانلىقىدا، ھەمدە «ماھارەتتە پەملىك» بولۇپ، مول بولغان «تەپەككۇر كاپىتالى» غا ئىگە بولغانلىقىدا.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ