مەدەنىيەت ئارقىلىق ماركىنى كۈچەيتىش كېرەك
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
5 - باب 12 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: پەقەت مەھسۇلاتنى ياخشى ئىشلەپچىقارساقلا بولدى، ھەر خىل قۇشۇمچە ئىشلارنى قىلىپ نېمە كەپتۇ؟
ۋېنجۇلۇقلار: كىچىك كارخانىلار مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، چوڭ كارخانىلار مەدەنىيەت يارىتىدۇ، مەدەنىيەت ماركىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ماركىنى تېخىمۇ ئوبرازلاشتۇرۇپ، ئىسستېمالچىلارنىڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشتۈرىدۇ.
باۋشىنياۋ دۆلىتىمىز كىيىم-كېچەك كەسپىدە رىقابەت ئەڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان، كارخانىنىڭ رىقابەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى سورىغاندا، باۋشىنياۋ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ جىزې مۇنداق دەيدۇ: «باۋشىنياۋنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى رىقابەت شەكلى نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، سۈپەت رىقابىتى، ماركا رىقابىتى ئارقىلىق ھازىر لايىھە رىقابىتى ۋە مەدەنىيەت رىقابىتى دەۋرىگە كىردى.>>
مەدەنىيەت بىر خىل مۇرەككەپ ئامىل، ئۇ بىلىم، ئېتىقاد، سەنئەت، ئەخلاق، قانۇن، ئادەت ۋە ئادەمنىڭ جەمئىيەتتىكى بارلىق ئىقتىدارى، ئادىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەدەنىيەت رىقابىتى ئىقتىسادىي رىقابەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك شەكلى.
ۋېنجۇدا مەدەنىيەت توغرىسىدا گەپ ئېچىلسا، كۆپچىلىك ئاۋال چيەن جىنبونى ئويلايدۇ، ئۇ ۋېنجۇ سودىگەرلىرى ئىچىدىكى مەدەنىيەتكە ئەڭ ئېتىبار بېرىدىغان ئادەم.
1995-يىلى چيەن جىنبو يۇڭجيا قىزىل يىڭناغۇچ ئاياغچىلىق چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەينى ۋاقتتا چيەن جىنبونىڭ زاۋۇتى، مەھسۇلاتى ۋە بازىرى يوق ئىدى. بىراق مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ، ئۇ بارلىق زېھنىنى كارخانا مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاراتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تېخنىكىنى كۆچۈرگىلى بولىدۇ، ئەمما مەدەنىيەتنى كۆچۈرگىلى بولمايدۇ.
ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ئاياغچىلىق سەركىسى ئىتالىيە بازىرىغا يۈرۈش قىلىدۇ. ئىتالىيەدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاياغنى كۆرگەندىن كېيىن بولىدىكەن دەپ قاراپ 99 نومۇر قويۇپتۇ. كېيىن ئۇنىڭدىن يەنە 1 نومورنىڭ نېمىشقا قويۇلمىغىنىنى سورىغاندا، ئۇ مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن بايقاشقا بولىدۇكى، ئىتالىيە بىلەن جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاياغنىڭ باھا پەرقىنىڭ 10 ھەسسىگە يېتىدىغانلىقىدىكى پەرق نەدە؟ بىردىنبىر پەرق بىزنىڭ ماركىمىزدا ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخ، مەدەنىيەت ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەن ئىدى.»
«مەن مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئايلىنىۋاتقان چاغدا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خاڭجۇ پەخرلىنىشكە ئەرزىيدۇ دەپ تەسۋىرلىگەن. نېمىشقا پەخىرلىنىمىز؟ چۈنكى ئۇنىڭدا بايلىق بار، گۈزەل غەربى كۆل بار. شۆفېڭ مۇنارى نېمىشقا داڭق چىقىرىدۇ؟ چۈنكى ئۇنىڭ گۈزەل رىۋايىتى بار. مەملىكىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا مۇنار تۇرۇپ، پەقەت شۆفېڭ مۇنارىغا غەربى كۆل قوشۇلغان سەۋەب بىلەن ئۇ داڭق چىقىرىدۇ؟ ئەجىبا بۇ مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئەمەسمۇ؟ شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ پەرقىنى مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق دەپ قارايمەن.»
ئەمدىلا قۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان كارخانىلار مەھسۇلات، سودا ۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ھالقىلارغا كۈچەۋاتقاندا، چيەن جىنبو قىزىل يىڭناغۇچ ماركىسىنى مەدەنىيەتتە كۈچلۈك ماركا قىلىپ چىقش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«قىزىل يىڭناغۇچقا نۇرغۇنلىغان ئارزۇلار يۈكلەنگەن، ئۇ مېنىڭ غايەمنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ئېھتىمال بالىلارچە ھەۋەس بولۇشىمۇ، ياكى ھاياتلىققا بولغان كۈي بولۇشى، ياكى تۇرمۇشتىكى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئۈمىد-ئىستەك بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇ ماڭا ئۆمۈرلۈك زېھنىم بىلەن قوغدايدىغان شىجائەت بەردى.»
شۇنداق قىلىپ، چيەن جىنبو 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ۋېنجۇ تېلېۋېزىيە ئىستانىسسى بىلەن «قىزىل يىڭناغۇچ سەپىرى» ناملىق پىروگراممىنى ئىشلىگەن؛ ئارقىدىن ئۇ يەنە «قىزىل يىڭناغۇچ ئوقۇش مۇكاپاتى»، «قىزىل يىڭناغۇچ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى»، «قىزىل يىڭناغۇچ مەدەنىيەت ئائىلىسى»، «قىزىل يىڭناغۇچ بالىلار پىروگراممىسى»، «قىزىل يىڭناغۇچ چولپانلار پۇتبول مۇسابىقىسى»، «قىزىل يىڭناغۇچ تاغ-دەريالار رەسىم مۇسابىقىسى» قاتارلىق كۆپلىگەن تېلېۋېزىيە پىروگراممىلىرىنى يولغا قويغان؛ ئاندىن «قىزىل يىڭناغۇچ. قىزىل ماي» چوڭ تىپتىكى بىر قاتار پائالىيەتلىرى قىزىل يىڭناغۇچنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ مەنەلەرنى قوشقان. 1995-يىلىنىڭ بېشىدا، قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا 9 ئاي بولغان قىزىل يىڭناغۇچ 30 مىليون يۈەن قىممەت يارىتىپ، پايدىسى 1 مىليون 680 مىڭ يۈەن بولغان.
1999-يىلى، چيەن جىنبو 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا ئاياغ مەدەنىيىتىنىڭ تېخى مۇناسىپ ئېتىبارغا ئېرىشمىگەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ھەر خىل ئاياغ ۋە ئاياغقا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت ئامىللىرىنى توپلاشقا باشلايدۇ، مەسىلەن ئاياغ بىلەن ناخشا-مۇزىكا، ئاياغ بىلەن ئاۋاز، ئاياغ بىلەن يۇمۇر قاتارلىقلارنى باغلاشتۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدا ئاياغقا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئويمىلار ئورۇن ئېلىپ، ئاياغ مەدەنىيىتى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىدۇ. چيەن جىنبو مۇنداق دېگەن: «قىزىل يىڭناغۇچ مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدا سىز ئاياغ سېتىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق سىز ئاياغقا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت ئامىللىرىنى چۈشىنەلەيسىز.
1999-يىلى 10-ئايدا، چيەن جىنبو يې دابىڭ ئەپەندى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ، ئۇ ئەلئارا مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولۇپ، مەخسۇس ئەل ئىچى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلاتتى. يې دابىڭ چيەن جىنبوغا مۇنداق دېگەن: «مەن ئاياغقا ناھايىتى قىزىقىمەن، ئۇمۇ ئەل ئىچى مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسىمى. مەن ھازىر نەچچە ئون مىڭ خەتلىك مەزمۇن تەييارلىدىم، كۆپىنچىسى ئاياغنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى نامايان قىلغان. چيەن جىنبو بۇنى ئاڭلاپلا «ئاسماندىن بىر قاچا ئالتۇن» چۈشكەندەك ھېسىياتقا كەلگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ يې دابىڭ ئەپەندى بىلەن ھەمكارلىشىپ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئاياغ مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنى-قىزىل يىڭناغۇچ ئاياغ مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
قىزىل يىڭناغۇچ ئاياغ مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنىدا كۆپ مىقداردا ئاياغ ساقلانغان. چيەن جىنبونىڭ ئاياغقا نىسبەتەن بىر خىل ئالاھىدە ھېسىياتى بار، مەيلى نەگىلا بارسۇن، ئۇ بىر قىسىم غەلىتە ئاياغلارنى سېتىۋالىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ھەر قېتىم كاماندىروپكىغا بارسام، ئاسار-ئەتىقە بازىرىغا بېرىپ كۆرۈپ باقىمەن. ئەگەر بىرەر جۈپ ئاياغنى كۆرسەم 1 مىليونلۇق زاكاز قوبۇل قىلغاندەك خۇش بولۇپ كېتىمەن. بىر قېتىم، بىز ئاۋمېنغا بېرىپ چىڭ دەۋرىدىكى بىر جۈپ مىخلىق ئۆتۈكنى ئۇچراتتۇق، ئۆتۈك ناھايىتى سۆلەتلىك بولۇپ، مەن ئۇنىڭ باھاسىنى 20 مىڭ يۈەن دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدىم، بۇ ئاياغ ناھايىتى قەدىمىي بولۇپ، ناھايىتى ياخشى ئىدى. بىراق ئارقىدىن ئۇنىڭ 5 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى بىلدىم-دە، دەرھال سېتىۋالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى خۇشال بولغان ئىدىم.»
2001-يىلى 5-ئايدا، قىزىل يىڭناغۇچ گۇرۇھى جۇڭگودىكى تۇنجى جۇڭخۇا ئاياغچىلىق مەدەنىيەت سارىيىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. سارايغا چىن سۇلالىسىدىن مىڭگو دەۋرىگىچە بولغان 300 دىن كۆپرەك ئاياغلار قويۇلغان بولۇپ، ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.
2002-يىلى، قىزىل يىڭناغۇچ «جۇڭگونىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» دېگەن شەرەپكە نائىل بولدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن چيەن جىنبو مۇنداق دەيدۇ: «مەدەنىيەت قىزىل يىڭناغۇچنى ئالغا ئىلگىرىلەتتى.»
ئاياغ مەدەنىيىتىنى جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن، چيەن جىنبو بىلەن يې دابىڭ ئەپەندى بىرلىكتە ئاياغقا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللارنى جۇغلاپ، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى «جۇڭگو ئاياغ مەدەنىيىتى قامۇسى» نى شاڭخەي سەنليەن نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرىدۇ. چيەن جىنبو بۇ سەۋەبلىك «جۇڭگو ئاياغ مەدەنىيىتىدىكى بىرىنچى ئادەم» دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ.
قىسقىغىنە نەچچە يىلدا، قىزىل يىڭناغۇچ گۇرۇھى مەدەنىيەتكە سالغان مەبلەغ 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان، ئىلگىرى بەزىلەر چيەن جىنبودىن مۇنداق سورىغان: «سىزنىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرىڭىز ئاياغ سېتىش ئۈچۈن ياكى مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن؟» چيەن جىنبو ۋەزىنلىك قىلىپ: «مېنىڭ نەزىرىمدە ئاياغ بىلەن مەدەنىيەت بىرلىككە كەلگەن، نېمە سېتىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس.» دېگەن.
چيەن جىنبونىڭ ئېيتىشىچە، داڭلىق ماركىلارنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم مەدەنىيەت بولۇشى كېرەك، مەدەنىيەت ئامىلىنىڭ سېلىنمىسى ئاشقانچە، ئۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، قىزىل يىڭناغۇچ ماركىلىق ئاياغلار نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرگە كىردى، دۆلىتىمىزدە ئۈچ لايىھەلەش مەركىزى، بەش ئىشلەپچىقىرىش بازىرى، 40 دىن ئارتۇق ئىش بېجىرىش ئورنى، 2000 دىن ئارتۇق مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ۋە دۇكاننىڭ ئىچىدىكى دۇكىنى بار بولۇپ، دۆلىتىمىز بازىرىنى قاپلىدى.
نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار «قىزىل يىڭناغۇچ» ماركىسىنى چۈشەنگەندە شۇنداق ھېسىياتقا كەلگەن:
«قىزىل يىڭناغۇچ شېئىر ۋە مۇزىكىدىن بارلىققا كەلگەن، ئەركىن، جەلپ قىلارلىق ۋە شىجائەتلىك تەسىر بېرىدۇ.»
«قىزىل يىڭناغۇچ قىزىق قۇياش ئەمەس، بەلكى ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك ئاي.»
...
2002-يىلى 5-ئايدا، چيەن جىنبو شىخۇ كۆلىدە جىنكاڭنى ئۇچراتقان، جىنكاڭ ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «سىز مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۈزۈپ چىقتىڭىز، ھەقىقەتەن قالتىسكەنسىز.»
كارخانا مەدەنىيىتى شەكلسىز، بىر ياخشى كارخانىدا يادرولۇق ئىدىيە بولىدۇ، ئۇ خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەك، ھەر قانداق ياخشى شىركەت شۇنداق بولىدۇ. كېلنىس «ئاساستىن ئۆسۈپ يېتىلىش» ناملىق بىر كىتابنى يازغان بولۇپ، مەخسۇس قانداق شىركەتنىڭ ياخشى شىركەت بولالايدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلغان. بىر نەچچە ئون يىل-100 يىل تەرەققىي قىلماقچى بولغان شىركەتتە مەدەنىيەت ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
كارخانىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، مەدەنىيەتنى مەھسۇلاتقا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، مەھسۇلاتنى چوقۇم خاسلىققا ئىگە قىلىش، ھەمدە ئىستېمالچىلارغا قوبۇل قىلدۇرۇش كېرەك، ئاخىرىدا ئىستېمالچىلارنىڭ ئورتاق قىممەت يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلدۇرۇش لازىم.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
باھا پەرقى-مەدەنىيەت پەرقى دېمەكتۇر.-قىزىل يىڭناغۇچ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى چيەن جىنبو
لايىھە ۋە ھۈنەر-سەنئەتنى كۆچۈرگىلى بولىدۇ، ئەمما مەدەنىيەتنى كۆچۈرگىلى بولمايدۇ.-قىزىل يىڭناغۇچ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى چيەن جىنبو
بىر كارخانىچى باشقۇرۇشنى چۈشىنىپلا قالماستىن، يەنە مەدەنىيەتنى چۈشىنىشى كېرەك.جۇاڭجى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جىڭ يۈەنجۇڭ
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى