نامراتلار جان تىكىپ پۇل تاپىدۇ، بايلار مەبلەغ سېلىشقا ماھىر كېلىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
4-باپ 6-پارىگىراپ
نامراتلار جان تىكىپ پۇل تاپىدۇ، بايلار مەبلەغ سېلىشقا
ماھىر كېلىدۇ
مۇنداق بىرھېكىمەتلىك ھېكايە بار:
ئىلگىرى بىركاتتا باي بولۇپ، ئۇ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مال – مۈلكىدىن بىر قىسىمىنى ئۇلارغا تەڭدىن بۆلۈپ بېرىپتۇ. بۇكىشى بالىلىرىغا مال – مۈلۈكنى بۆلۈپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ مال – مۈلكىنى ئاسىرىشىنى، ھەمدە ياخشى باشقۇرۇپ كۆپەيتىشى لازىملىقىنى، بىريىلدىن كىيىن ئۇلارنىڭ مال – مۈلۈكنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆردىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
چوڭ ئوغۇل بۇ پۇلنى ئالغاندىن كىيىن ھەر خىل ئىشلارغا مەبلەغ ساپتۇ؛ ئوتتۇرانچىسى بۇ پۇللارغا خام ماتېرىيال سېتىۋېلىپ، تاۋار ئىشلەپ چىقىرىپ ساتماقچى بوپتۇ؛ كەنجى ئوغۇل خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن، دادىسى بەرگەن پۇللارنى دەرەخنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويۇپتۇ.
بىر يىل ناھايىتى تىزلا ئۆتۈپ كېتىپتۇ، باي ئۈچ ئوغلىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ پۇللىرىنى ئىشلىتىپ ئېرىشكەن نەتىجىسىنى كۆرمەكچى بوپتۇ. پۇللىرىنى مەبلەغ سېلىشقا ئىشلەتكەن چوڭ ئوغۇل ۋە خام ئەشيا سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكەن ئوتتۇرانچى ئوغۇلنىڭ پۇلى دادىسى بەرگەن پۇلنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپ، دادىسى بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى بوپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا كەنجى ئوغۇل ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان پۇلنى دادىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ چۈشەندۈرۈپتۇ: «بۇ پۇلنىڭ ئىشلىتىلىپ زىيان بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،مەن ئۇنى ئاتايىتەن بىر بىخەتەر جايغا يوشۇرۇپ قويدۇم، مانا ھازىر بۇ پۇللار ئەسلىدىكى ھالىتى بۇيىچە ساقمۇ – ساق سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تۇرۇپتۇ.» باي كەنجى ئوغۇلنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلىنىپتۇ – دە، كەنجى ئوغۇلدىن ئاغرىنىپ: «مال– مۈلۈكتىن پايدىلىنىشنى بىلمەسلىك ئۇنى ئىسراپ قىلغانغا باراۋەر.» دەپتۇ.
ئوخشاش پۇلغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئوخشىمىغان نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھېكايىدىكى چوڭ ئوغۇل بىلەن ئوتتۇرانچى ئوغۇل دادىسى بەرگەن پۇللارنى مەبلەغ سېلىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقان. ئەمما كەنجى ئوغۇل پۇللارنىڭ ئىشلىتىلىپ زىيان تارتىپ كېتىشىدىن قورقۇپ پۇلنى يوشۇرۇپ قويغان، بىر يىلدىن كىيىن دادىسى بەرگەن پۇللار ئەسلىدىكى ھالىتىدىن ئۆزگەرمەي تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشەلمىگەن.
كەنجى ئوغۇلنىڭ بۇخىل ئەندىشىسىنىڭ ئەلۋەتتە مۇمكىنچىلىكى بار، بىراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بايلىقنى قوغلىشىش يولىدا بالدۇرراق بايلىق ئىشىكىنى چەكمەكچى بولساق،بىزدە چوقۇم تەۋەككۇلچىلىك روھى ۋە مەبلەغ سېلىش ئېڭى بولۇشى لازىم. پەقەت پۇلنى ساقلاپ باي بولۇشتىن ئىبارەت خاتا بولغان ئىقتىساد باشقۇرۇش قارىشىدىن ۋاز كېچىپ،مەبلەغ سېلىشقا بولغان قورقۇش پىسخىكىسىنى يەڭگەندىلا، ئاندىن بايلىق رىقابىتىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئۈمىد بار.
ئىقتىساد باشقۇرۇش قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىمۇ نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى. نامراتلارنىڭ قولىدا ئازراق پۇل بولسىلا يىغىپ – ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن بايلىق قىسىپ يەپ، قىسىپ جۇغلاش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. بايلارنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كۆز – قارىشى ئوخشىمايدۇ، ئۇلار پۇلنى ساقلاشنىڭ ئۆزىنى باي قىلالمايدىغانلىقىنى، پەقەت چەكلىك بايلىقنى مەبلەغ سېلىشقا ئىشلەتكەندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ مال – مۈلكىنى كۆپەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
قەدىمدىن –ھازىرغىچە بولغان بايلارنىڭ بىرىمۇ پۇلنى ساقلاش ئارقىلىق بېيىغان ئەمەس، ئۇلارپۇلنى دومىلاتمىغاندا پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، مەبلەغ سېلىش ئەڭ ياخشى پۇل ساقلاش شەكلى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىزچىل «مەبلەغ سېلىپ باي بولۇش» يولىدا ماڭىدۇ.ئامېرىكىلىق داڭلىق بانكىر جون. پېرفىت، مورگېن بولسا مەبلەغ سېلىشقا ماھىر باي.
جون.پېرفىت، مورگېن 1837 – يىلى ئامېرىكىدىكى بىر داڭلىق سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئۆزىنىڭ تىجارەتتىكى تالانتىنى نامايەن قىلغان .
1857 –يىلى، ئۇ دېنكىن سودا سارىيىغا كىرىپ پراكتىكا قىلغان. بىر قېتىم ئۇ كۇباغا مال سېتىۋالغىلى بارماقچى بولىدۇ، كېمە يېڭى ئورلىئاندا توختىغان چاغدا، بىر ناتونۇش ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئەپەندىم، سىز قەھۋە سېتىۋالامسىز؟» دەپ سورايدۇ. سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مورگېن بۇ ئادەمنىڭ بىرازىليە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان قەھۋە توشۇيدىغان پاراخوتنىڭ كاپىتانى ئىكەنلىكىنى؛ بىرازىليەدىن ھاۋالە بىلەن بىرپاراخوت قەھۋەنى ئېلىپ قايتىۋاتقاندا، ئامېرىكىلىق سودىگەرنىڭ ۋەيران بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپتۇ. كاپىتان ئامالسىزلىقتىن قەھۋەلەرنى ئۆزى ساتماقچى بولىۋاتاتتى. نەچچە مىڭ توننا كېلىدىغان بۇ قەھۋەلەرنى تىزراق قولدىن چىقىرىش ئۈچۈن، كاپىتان يېرىم باھادا سېتىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
مورگېن مالنى كۆرۈپ چوڭقۇر ئويلانغاندىن كىيىن، بۇنىڭ پۇل تاپىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن دەرھال بۇ سودىغا مەبلەغ سېلىپ، نەچچە مىڭ توننا قەھۋەنى سېتىۋېلىشنى قارار قىپتۇ. ئارقىدىنلا ئۇ بۇ قارارىنى دېنكىن سودا سارىيىغا ئېلېكتىر تېلېگراممىسى ئارقىلىق ئۇختۇرۇپتۇ. ئوزۇن ئۆتمەستىن دېنكىن سودا سارىيى جاۋاب تېلېگرامما قايتۇرۇپ مورگېننىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلغان ھەركىتىدىن ئاغرىنىپتۇ، ھەمدە ئۇنىڭ بۇ سودىنى قىلىشىنى چەكلەپتۇ. مورگېننىڭ دوستىمۇ بۇخەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۇنى ياخشىراق ئويلىنىشقا، ئەستايىدىل ئىش قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇپتۇ.
ھالبۇكى،مورگېن ئۆزىنىڭ بىۋاستە تۇيغۇسى ۋە ھۆكۈم قىلىش كۈچىگە تايىنىپ بۇ سودىنى قىلىشنى قارار قىلىپتۇ – دە، دادىسىدىن قەرز سوراپ بۇ قەھۋەلەرنى سېتىۋاپتۇ. ئوزۇن ئۆتمەستىن برازىليەدە تېمپراتۇرا سەۋەبلىك قەھۋەنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىش مىقدارى تۆۋەنلەپ، تەمىنلەش تەلەپنى قاندۇرالماپتۇ، قەھۋەنىڭ باھاسىمۇ ئىككى – ئۈچ ھەسسە يۇقىرى ئۆرلەپتۇ، مورگېنمۇ بۇ پۇرسەتتە نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ. دادىسى ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەركىتىدىن ناھايىتى رازى بولۇپتۇ.
مورگېن مەبلەغ سېلىشقا ناھايىتى ماھىر، ئۇ بىر تۇغما تالانتلىق تەۋەككۈلچى، ئالتۇن كەسپىگە مەبلەغ سېلىپ نۇرغۇن پۇل تاپقان؛ ھەربىيلەر ئىشلىتىدىغان قوراللارغا مەبلەغ سېلىپ بايلىقىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن؛ ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ پۈتكۈل ئۇرۇش قەرزى زايومىنى كۆتۈرە ئېلىپ، بۇنىڭدىن نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشكەن.
جون.پېرفىت، مورگېننىڭ سەرگۈزەشتىلىرىدىن بىز مەبلەغ سېلىشنىڭ باي بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. دەل مەبلەغ سېلىشقا ماھىر بولغاچقا، مورگېن قارشى ئاۋازلارغا پەرۋا قىلماستىن قەھۋە سېتىۋالغان؛ مەبلەغ سېلىشقا ماھىر بولغاچقا، مورگېن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشكەن؛ دەل مەبلەغ سېلىشقا ماھىر بولغاچقا، مورگېن دۇنياغا داڭلىق مەبلەغ سالغۇچىغا ئايلانغان.
ئويلاپ باقايلى، ئەگەر مورگېن جان تىكىپ پۇل تېپىشنىلا بىلىپ، پۇلى بولسىلا بانكىغا قويۇپ ياكى ساقلاپ قويسا، ئۇنداقتا ئۇ ھەرخىل مەبلەغ سېلىشتىن پايدىغا ئېرىشەلەمدۇ؟ ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ مال – مۈلكىنى قار توپىغا ئوخشاش بارغانسىرى كۆپەيتەلەمدۇ؟ ئۇ يەنە پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق مەبلەغ سالغۇچىغا ئايلىنالامتى؟
جاۋاب ئەلۋەتتە «ياق.» پۇلنى ساقلاپ قويغاندا تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولمايلا قالماستىن، ھەتتا پۇل پاخاللىشىپ قىممىتى چۈشۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. پۇل ساقلايدىغان كىشىلەر مەنپىي پايدا نىسبىتىدىن ئىبارەت «كۆرگىلى بولمايدىغان قول» غا سەل قارىغاچقا، پۇلنى قانچە ساقلىغانسىرى شۇنچە نامراتلىشىدۇ، پۇل تېپىشتىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇ خىل بېكىنمە خاراكتېردىكى ئىقتىساد باشقۇرۇش قارىشىنى ئۆزگەرتمەستىن، داۋاملىق جان تىكىپ پۇل ساقلىغاندا، ئاخىرى «نامراتلار تېخىمۇنامرات، بايلار تېخىمۇ باي» بولىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولماقچى بولغان دوستۇم، ئاۋۋال بايلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆگىنىشىمىز، تىجارەت ۋە مەبلەغ ئېڭى يىتىلدۈرۈشىمىز، ئىقتىساد باشقۇرۇش ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. پۇلنى بېكارقويۇشقا بولمايدۇ، پۇل ئارقىلىق پۇل تېپىشنى، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى بىلىشىمىز كېرەك.
بايلىقنىڭ بايانى:
ماقال –تەمسىللەردە شۇنداق دىيىلگەن: «سىز پۇلنى باشقۇرمىسىڭىز، پۇلنىڭ سىز بىلەن كارى بولمايدۇ.» بايلاردا ئادەتتە ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئىقتىساد باشقۇرۇش قارىشى بولىدۇ، ئۇلاردا پۇل بولسىلا قانداق قىلىپ بۇ پۇلنى تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشقا ئىشلىتىشنى ئويلىنىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا، بايلار مەبلەغ سالغان بارلىق پۇللارھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بانكا قەرزى ئارقىلىق ئېرىشكەن، بانكىدىكى پۇللار بولسا نامراتلارنىڭ پۇلنى ئامانەت قويۇشىدىن كەلگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، نامراتلار بايلارغا ۋاستىلىك ياردەم قىلغان، باشقىلارنىڭ باي بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۆزى يەنىلا نامراتلىق ئىچىدە تىپىرلاپ تۇرغان. ھېچكىممۇ بۇنداق ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ،ئەلۋەتتە!
*************************************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى