بايلارمەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيدۇ
جۇڭگۇ مىليادىرلىرىنىڭ بىرى ، شىنخۇ گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى خۇاڭ ۋېي
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەيدۇ، بايلارمەسىلىنى
ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيدۇ
«مېنىڭ ئىش ھەققىمنىڭ باشقا خىزمەتداشلىرىمدىن تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەب مەندە يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولمىغانلىقى ئۈچۈن.»
«ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئىچىدە مېنىڭلا كۈنۈم ناھايىتى ئېچىنىشلىق. كىممۇ مېنى بىر پۇلى، ھوقۇقى،قابىلىيىتى بار دادىسى بولمىسۇن دەپتىكەن؟»
«بۇ قېتىمقى ئىگىلىك تىكلەشنىڭ مەغلۇب بولۇشىدا سىياسەت تۇيۇقسىز ئۆزگەردى، ھەمدە باشقىلارنىڭ ياردىمى بولمىغاچقا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم تەسكە چۈشتى!»
.....
رېئال تۇرمۇشتا بىز دائىم يۇقارقىدەك سادالارنى ئاڭلاپ قالىمىز، ئۇلار بىرەر مەسىلىگە يولۇقسا ياكى مەغلۇب بولسا دائىم ھەرخىل باھانە – سەۋەبلەرنى ئىزلەپ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. بۇنداق ئادەملەر بايلىق يولىدا ئازراق مەغلۇبىيەتكە يولۇقسىلا،بىرىنچىلەپ ئويلايدىغىنى ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئۇلارنىڭ كالىسىدا نۇرغۇنلىغان سەۋەب ۋە باھانىلەر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى بايلىقنى رەت قىلىش قىلمىشى ئۇلارنىڭ بايلىق بىلەن بولغان تەقدىرداشلىق قىسمىتىنىڭ يوقلۇقىنى بەلگىلىگەن.
ئوخشاش مەسىلە ۋە ئوخشاش مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا، بايلار پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان پوزىتسىيەدە بولىدۇ. ئۇلار باھانە – سەۋەبلەرنىڭ ئىشنىڭ راۋان ھەل قىلىنىشىغا نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەنلىكىنى، پەقەت پۈتۈن زېھنى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئۇسۇللارنى تاپقاندىلا ئاندىن مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى غالبىيەتچى بولغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
تەيۋەنلىك داڭلىق كارخانىچى، تەيسۇ گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى، تەيۋەننىڭ «تىجارەت ئىلاھى» دەپ تەرىپلەنگەن ۋاڭ يوڭچىڭ دەل مۇشۇنداق مەسىلىگە يولۇققاندا ئاكتىپ ھالدا ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەيدىغان زەردار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ۋاڭ يوڭچىڭ 1917 – يىلى تەيبېيدىكى بىر نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، دادىسى چاي تېرىش بىلەن ئائىلىسىنى ئارانلا قامدايىتتى. ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ چوڭى بولغان ۋاڭ يوڭچىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن چايزارلىققا بېرىپ ئىشچى بولغان، كىيىن بىر كىچىك گۈرۈچ دۇكىنىغا بېرىپ شاگىرت بولغان.
ھالبۇكى ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ بىر ئۆمۈر گۈرۈچ دۇكىنىدا شاگىرت بولۇپ ئۆتكۈسى يوق ئىدى.
شۇنداق قىلىپ تىجارەت قىلىش جەريانىدا ئۇ گۈرۈچ دۇكىنى خوجايىنىنىڭ دۇكاندىكى تىجارەت قىلىش ئۇسۇلىنى ئەستايىدىل كۈزىتىپتۇ، ھەمدە بۇنى ئۆزىنىڭ تىجارەت قارشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىگىلا خاس بولغان بىر يۈرۈش تىجارەت ئۇسۇللىرىنى يەكۈنلەپ چىقىپتۇ.
بىر يىلدىن كىيىن 16 ياشلىق ۋاڭ يوڭچىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى مۇھىم قارارنى، يەنى ئۆزى خوجايىن بولۇپ تىجارەت قىلىش قارارىنى چىقىرىپتۇ.
ئۇ دادىسى تەرەپ – تەرەپتىن قەرز ئېلىپ كەلگەن 2100 يۈەن پۇلنى دەسمى قىلىپ جىيايىدا بىر كىچىك گۈرۈچ دۇكىنى ئېچىپتۇ،ھەمدە ئىككى ئىنىسىنى دۇكانغا ياردەملىشىشكە چاقىرىپتۇ.
ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ گۈرۈچ دۇكىنى ئېچىشى ناھايىتى قىيىن ئىدى، چۈنكى خېرىدارلار ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ گۈرۈچ سېتىۋالاتتى، ئائىلىلەردە ھەر كۈنى گۈرۈچ يىگەچكە،ئۇلارنىڭ گۈرۈچ سېتىۋېلىش دەۋرىيلىكى قىسقا ئىدى، ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ گۈرۈچ سېتىۋالىدىغان مۇقىم دۇكانلىرى بار ئىدى. يېڭى ئېچىلغان دۇكاننىڭ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىشى ناھايىتى تەس ئىدى.
ۋاڭ يوڭچىڭ ئاچقان دۇكان ناھايىتى كىچىك ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىدا يەنە ياپونلارنىڭ چوڭ دۇكىنى،ئەتراپتا باشقا نۇرغۇنلىغان كونا دۇكانلار بار بولۇپ، ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇقىم خېرىدارلىرىغا ئىگە ئىدى. قاتمۇقات توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارغا يولۇققاندا،ۋاڭ يوڭچىڭ ھەرگىزمۇ ھەر خىل باھانە – سەۋەبلەرنى تېپىپ ئۆزىنى مەسئۇلىيەتتىن قاچۇرمىدى. ئۆزىنىڭ گۈرۈچ دۇكىنىنىڭ تىجارىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ھەر بىر ئائىلىلەرگىچە بېرىپ ئۆز دۇكىنىنىڭ گۈرۈچىنى تونۇشتۇرۇپ سېتىشىنى قارار قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى ئائىلىلەرگىچە بېرىپ سېتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ۋاڭ يوڭچىڭ ناھايىتى تەسلىكتە بىر نەچچە خېرىدارغا ئىگە بولىدۇ.
گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ سودىسى ناھايىتى ناچار ئىدى. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ۋاڭ يوڭچىڭ توختىماستىن ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەيىتتى. ئۇنىڭ دۇكىنىدىكى گۈرۈچلەرنىڭ سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى باشقا دۇكانلارغا قارىغاندا ياخشى بولمىسا، ئىلگىرى جاپا تارتىپ تاپقان بىر نەچچە خېرىدارمۇ چوقۇم ئەسلىدىكى دۇكانلارغا بېرىپ گۈرۈچ سېتىۋالاتتى. بۇنداق بولغاندا، بىر نەچچە خېرىدارنىمۇ تۇتۇپ تۇرالمىغان يەردە، قانداقمۇ تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنى ئۆزىگە تارتالىسۇن؟
مۇشۇلارنى ئويلىغاندىن كىيىن، ۋاڭ يوڭچىڭ زېھنىنى گۈرۈچنىڭ سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىگە سەرپ قىلىشنى قارار قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا شال ئاقلانغاندىن كىيىن ئاۋۋال يولغا يېيىلىپ قۇرۇتۇلاتتى، ئاندىن گۈرۈچ ئايرىلىپ چىقىرىلاتتى. بۇنداق ئايرىلىپ چىققان گۈرۈچنىڭ سۈپىتى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، گۈرۈچ شېكىرى، قۇم ۋە كىچىك تاشلارغا ئوخشاش نەرسىلەر ئارلىشىپ قالاتتى.
گەرچە بۇخىل ئەھۋال گۈرۈچ ساتىدىغانلار ۋە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ئاللىقاچان نورمال ئىشقا ئايلىنىپ غەلىتە بىلىنمىسىمۇ، بىراق ۋاڭ يوڭچىڭ بۇنىڭدىن سودا پۇرسىتىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇنداق گۈرۈچنىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس بولۇپ، خېرىدارلار سېتىۋالغاندىن كىيىن ئۆيىگە ئاپىرىپ يەنە ئىلغايتى. بۇ ھال خېرىدارلارغا ناھايىتى ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلەتتى .شۇنداق قىلىپ ئۇ مەخسۇس گۈرۈچ شېكىرى، قۇم ۋە كىچىك تاش قاتارلىقلارنى ئايرىپ تاشلىغاندىن كىيىن، ئاندىن ئىلغاپ پاكىزلانغان گۈرۈچنى خېرىدارلارغا سېتىپ بېرىپتۇ.
ھەر قانداق خېرىدار ئوخشاش پۇل خەجلەپ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ،شۇ سەۋەبتىن ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ بۇ تەدبىرى ئۇنى نۇرغۇن خېرىدارلارغا ئېرىشتۈرۈپتۇ. ھالبۇكى دۇكان سودىسىنىڭ ياخشىلىنىشى يەنىلا ناھايىتى قىيىن ئىدى. ۋاڭ يوڭچىڭ سۈپەتنى ھەرقانچە ياخشىلىغان بىلەنمۇ،پەقەت خېرىدارلار كېلىپ گۈرۈچ سېتىۋالغاندا ئاندىن سېتىپ چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى ،بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ يەنىلا ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقاپتۇ.
كونا شەكىلدىكى سېتىش ئۇسۇلى ناھايىتى پاسسىپ ئىدى. نۇرغۇن قېتىملاپ ئويلىنىش ئارقىلىق ۋاڭ يوڭچىڭ پاسسىپلىقتىن ئاكتىپلىققا ئۆتىدىغان ئامال ئويلاپ چىقىپتۇ.
خېرىدارلار گۈرۈچ سېتىۋالغىلى كەلگەندە، ۋاڭ يوڭچىڭ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن گۈرۈچ يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، خېرىدارلار بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپتۇ.
ۋاڭ يوڭچىڭ ئۆز قولى بىلەن گۈرۈچنى خېرىدارنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بەرگەندىن كىيىن، ئالدىن ئالا تەييارلاپ قويۇلغان قەلەم ۋە دەپتەرنى ئېلىپ خېرىدارنىڭ ئۆيىدىكى گۈرۈچ كۈپىنىڭ سىغىمىنى خاتىرىلىۋالىدىكەن،ھەمدە خېرىدارلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىدىكەن،
مەسىلەن:ئائىلىدىكى ئادەم سانى، كۈندىلىك گۈرۈچ ئىشلىتىش مىقدارى قاتارلىقلار.
ۋاڭ يوڭچىڭ ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىۋالغاندىن كىيىن، خېرىدارغا كىيىنكى قېىتىم گۈرۈچ دۇكىنىغا بېرىپ گۈرۈچ سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ ھېسابلاپ تەييار قىلىپ قويغانلىقىنى، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىلا گۈرۈچ يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدىكەن. بۇ خىلدىكى ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان، ھەمدە ناھايىتى ئەتراپلىق بولغان مۇلازىمەن ئەلۋەتتە خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپتۇ.
ئويلىغانلىرىنى قىلىدىغان ۋاڭ يوڭچىڭ خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ھەربىر خېرىدارنىڭ ھەر ئايلىق گۈرۈچ ئىشلىتىش مىقدارى ۋە ھەر قېتىملىق يەتكۈزگەن گۈرۈچنى ئىشلىتىدىغان ۋاقىت قاتارلىقلارنى ھېسابلاپ بولغاندىن كىيىن، خېرىدارلار ئۆيىدىكى گۈرۈچنى يەپ بولۇشتىن 3 – 2 كۈن بۇرۇن گۈرۈچنى خېرىدارلارنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. مۇشۇ تەرىقىدە ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ دۇكىنىنىڭ نامى ئېغىزدىن –ئېغىزغا تارقىلىپ، مۇقىم خېرىدارلىرىمۇ بارغانسىرى كۆپىيىپتۇ، سودىسىمۇ تەبئىيلا بارغانسىرى ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپتۇ.
ئەمدىلا 10نەچچە ياشقا كىرگەن ۋاڭيوڭچىڭ رىقابەت ناھايىتى كەسكىن بولغان گۈرۈچ دۇكىنىدا ئۆزىگە تەۋە بولغان ئورۇنغا ئېرىشتى، بۇنىڭدا قانداق سىر باردۇ؟ ئەقىللىق ئوقۇرمەن چوقۇم بۇ سىرنىڭ ئۇ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئاكتىپلىق بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدى.
دەل بۇ خىل ئاكتىپ پوزىتسىيە بولغاچقا، ۋاڭ يوڭچىڭ ئائىلىلەرگە بېرىپ سېتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ بىر نەچچە خېرىدارنى قولغا كىرگۈزگەن؛ دەل مۇشۇنداق ئاكتىپ پوزىتسىيە بولغاچقا، ۋاڭ يوڭچىڭ گۈرۈچنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ خېرىدارلار توپىنى كېڭەيىتمەكچى بولغان؛ دەل مۇشۇنداق ئاكتىپ پوزىتسىيە بولغاچقا،ۋاڭ يوڭچىڭ گۈرۈچنى ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىشتەك ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن خېرىدارلىرىنىڭ چۆپقەتلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرغان؛ دەل مۇشۇنداق ئاكتىپ پوزىتسىيە بولغاچقا،ۋاڭ يوڭچىڭ بىر گۈرۈچ دۇكىنىدىكى شاگىرتتىن خوجايىنغا ئايلانغان، ھەمدە تەيۋەندىكى بارماق بىلەن سانىغۇدەك بايغا ئايلانغان.
ئويلاپ باقايلى، ئەگەر ۋاڭ يوڭچىڭ مەسىلە ۋە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا باھانە – سەۋەب كۆرسىتىپ، خېرىدارلارنىڭ بولماسلىقىنى ئۆزىنىڭ دۇكىنىنىڭ يېڭى ئېچىلغانلىقىدىن،باشقا دۇكانلار كونا بولغاچقا خېرىدارلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن دەپ قارىسا؛ سودىسىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى باشقا دۇكانلارنىڭ مەبلىغى كۆپ، ئۆزىدە مەبلەغ قىس دەپ قارىسا،ئۇنداقتا ئۇ كىيىن سودىدا مۇۋاپىقەيەت قازىنالامتى؟
ئەلۋەتتە قىلالمايدۇ! ماقال – تەمسىللەردە: «سۇ كېلىشتىن بۇرۇن توغان سال» دىيىلگەن. ھەر بىر مەسىلىنىڭ ئۆزىنىڭ يىشىش ئۇسۇلى بار، مەسىلىگە سەۋەب ئىزدىگەندىن كۆرە،مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدىگەن ياخشى. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
بايلىق ئىزدەش يولىدا ۋاڭ يوڭچىڭغا ئوخشاش مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەيدىغان بايلار كۆپ، مەسىلەن: جىلى گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى شۇفۇ، مېڭنىيۇ سۈتچىلىك گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى نىيۇگېنشېڭ، جۇڭگولۇق مۇھاجىر باي لى جىياچېڭ قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ ئىش –ئىزلىرى بىزگە بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى كۆرسىتىپ بەردى: نامراتلار باھانە – سەۋەب كۆرسىتىدۇ، بايلار مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، باي بولماقچى بولغان دوستۇم. ئۆزىڭىزگە قاراپ بېقىڭ، سىزدە بايلاردىن بولالايدىغان يوشۇرۇن ئېلمېنىت بارمىكەن؟
بايلىقنىڭ بايانى:
نامراتلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ھامان باھانە – سەۋەب ئىزدەيدۇ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قوغدايدۇ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىپ مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ۋاز كېچىدۇ. بۇ خىلدىكى ئۆز-ئۆزىنى بەزلەش پىسخىكىسى خۇددى ئەپيۇنغا ئوخشايدۇ، دەسلەپتە ئادەمنى يىنىك، ئارامبەخش قىلىدۇ،بىراق خۇمار بولغاندىن كىيىنلا ئادەمنىڭ روھىنى ۋە ئىرادىسىنى بوشاشتۇرىدۇ،نامراتلارنى بىخۇدلاشتۇرۇپ نامرات ھالىتىدىن قانائەتلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
بۇ ھال بايلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئەخمىقانە قىلمىش، چۈنكى ئۇلار ئەڭ مۇكەممەل باھانىنىڭمۇ ھېچنىمىگە پايدىسى يوقلۇقىنى بىلىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، جىددىي ھەرىكەتكە كېلىش بولسا مەغلۇبىيەتنىڭ ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپىدىغان ياخشى ئۇسۇل، شۇنداق قىلغاندىلا باش كۆتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى