A-A+

بايلار تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ

2016-يىل 23-ماي مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 123 قېتىم

17004488741_544x348

سۈرەتتە : ئاسىيادىكى ئون ياش مىليادىرنىڭ بىرى ، ئىلىكتورۇنلۇق ئۇيۇن تورىنىڭ قۇرغۇچىسى لىن چى 


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

نامراتلار پەقەت  تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش خىيالىنىلا سۈرىدۇ، بايلار ھەمىشە تەقدىرىنى  ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ

ھەقىقى بايلار قانداق بولىدۇ؟ ھەقىقى بايلار تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر، ھەركەتلىنىشكە جۇرئەت قىلالايدىغان ،خەتەرگە تەۋەككۇل قىلالايدىغان ،ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلايدىغان كىشلەردۇر. ئۇلار ئىش قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، ئۆزگىرىشنى خوشاللىق بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بايلىقى بىر جۇپ قولى ۋە كاللىسىدىن كەلگەن.

ئۇنداقتا ھەقىقى نامراتلار قانداق بولىدۇ؟ نامراتلار پەقەت ساقلاشنىلا بىلىدۇ، مەسىلىلەر ئۈستىدە چۇڭقۇر ئويلانمايدۇ. ئۇلار داۋاملىق باھانە ئىزدەشكە ئادەتلەنگەن. نۇرغۇن پۇل تاپقان تەقدىردىمۇ شۇ پۇل بىلەن ئۆزىنىڭ شەخىسى ئارزۇسىنى قاندۇردۇ. ئەڭ ئاخىردا دەۋىر تەرپىدىن شاللىۋېتىلىپ، ھىچنىمىگە ئەرزىمەس ئادەمگە ئايلىنىدۇ.

نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ تۇغۇلغان مۇھىت ۋە شارائىتى ئوخشاش بولماسلىقى مۈمكىن، لىكىن ئۇلار بىر نوقتىدا ئوخشاش،يەنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ھۇقۇقى بار.

دەسلەپتە نامراتلار بىلەن بايلاردا پەرىق چوڭ ئەمەس بولۇپ، بەزى نامراتلار بەلكىم بايلاردىن ياخىشى ياشىغان بۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما بايلار مەيلى قانداق شارائىتتا تۇرسۇن ئۇلاردا ئاكتىپ ئىلگىرلەيدىغان، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان روھى ھالەت بار.

بايلار قانداق ئائىلىدە چوڭ بولىشىدىن ،جەمئىيەتتىكى ئورنىدىن، قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن قەتئىنەزەر ھامان ئۈمۈدۋار ۋە تىرىشچان. ئۇلار ھەر قانچە مۈشكۈل بولسىمۇ ئۆزىگە بۈلۈنگەن ئىشنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تاماملايدۇ. شۇڭا بايلار كىشلىك ھاياتىدىكى ھەر بىر قەدەمنى پۇختا باسالايدۇ ھەمدە ھەر بىر قەدەمدە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرالايدۇ دەيمىز.

نامراتلار كۆپىنچە تەغدىرگە ئىشىنىدۇ. ئۇلار <بۇ دۇنيا ئادىل ئەمەس، بىزگە ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ئاساسنى بەرمىدى، تالانتىمىزنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەرمىدى >دەپ قارايدۇ. شۇڭا نامراتلار ھەمىشە تۇرىۋاتقان مۇھىتىدىن قاقشايدۇ، ئاغىرنىدۇ. ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ نەس باسقان ئادەم دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسى يولىغا چۈشكىن، پاسسىپ تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن قارايدۇ. ئالغا ئىلگىرلەشنى خالىمايدۇ. دەۋىر، ئادەم ھەتتا ئۆزىگىمۇ گۇمان بىلەن قارايدۇ. نامراتلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئاغرىنىشقا باھانىسى بولسىمۇ، لىكىن ئۇلارنى ساقلاۋاتقىنى مەغلۇبىيەت ،ئازاپ. چۈنكى ئاغىرنىش ئۇلارنىڭ بەك كۆپ ۋاقتىنى ئېگىلەپ ئۇلارنىڭ خىيالىنى پەقەت «ئويلاش» باسقۇچىدىلا توختۇتۇپ قويغان. لىكىن ھەركەت قىلمىغان.

نامراتلار دەۋىرنىڭ ئۆزىگە ئاللىقاچان يېڭى تەلەپلەرنى قويغانلىقىنى ؛مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش، ياخشىراق ياشاشنى ئويلايدىكەن دەۋىرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش كېرەكلىكىنى مەڭگۇ بىلمەيدۇ.  ئۇلار مەڭگۈ ئەسلىدىكى يولدا مېڭىشنى ئويلىسا، ئاۋالقىدەكلا دەسلەپكى تەپەككۇرغا تايىنىپ  تەپەككۇر قىلسا، ئۈلۈك ئىش قىلسا زىيان تارتىدىغىنى پەقەتلا ئۆزى بولىدۇ.

ھەر بىر ھەقىقى باي بۇلۇشنى ئويلايدىغان ئادەم پەقەت بايلارنىڭ يانچۇقىغىلا دىققەت قىلماي، ئۇلارنىڭ كاللىسى ۋە ھەركىتىگە دىققەت قىلىشى؛ بۇلۇپمۇ بايلارنىڭ يانچۇقى تېخى تومپايماستىلا، ئۇلارنىڭ كاللىسىغا نىمە قاچلانغانلىقىغا كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك.

نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش، بىردەمدىلا باي بۇلۇپ كەتكەن ئادەمگە ناھايىتى ئوڭاي ،لىكىن ھەقىقى بىر بايغا ئىنتايىن تەس. پۇلى بار ئادەمنىڭ پەقەت باي يانچۇقىلا بار، باي كاللىسى يوق. باي يانچۇققا باي كاللا سەپلەنمىسە، ھامان بىر كۈنى نامرات يانچۇققا ئايلىنىپ قالىدۇ. نامراتلارنىڭ نامراتلىقىدا سەۋەب بار، بايلارنىڭ باي بۇلىشىدىمۇ سەۋەب بار.

بىر نامرات تەڭرىگە يۇلۇقىپتۇ. تەڭرى نامراتتىن سوراپتۇ «سەن نىمىشقا نامرات؟». نامرات دەپتۇ «مەندە پۇل يوق». تەڭرى يەنە سوراپتۇ «سېنىڭ پۇلۇڭ بولسا باي بولالامسەن؟». نامرات دەپتۇ «پۇلۇم بولسا مەن باي بولالايمەن»، تەڭرى ئۇنىڭغا بىر مىليۇن پونىستىرلىڭ بېرىپ، نامراتنى باي قىلىپتۇ. ھەم ئەگەر بەش يىلدىن كىيىن، ئۇ راستىنلا باي بولسا، يەنە بىر مىليۇن پونىستىرلىڭ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. نامرات پۇلنى ئېلىپ ئاۋال بىر داچا سېتىۋاپتۇ. ئاندىن بىر ئېسىل ماشىنا سېتىۋاپتۇ. ئاندىن شوپۇر ياللاپتۇ. ئارقىدىن سودا سارايغا بېرىپ داڭلىق ماركىلىق كىيىم سېتىۋاپتۇ. ئەمگەك بازىرىغا بېرىپ، مالاي، ئاشپەز ياللاپتۇ. شۇنداق قىلىپ باياشات ياشاپ خاتىرجەم ھالدا ئىككىنچى قېتىم بىر مىليۇن پۇلنىڭ كىلىشىنى  ساقلاپتۇ.

بەش يىل ۋاقىت ئۇنىڭ پۇللىرىنى تۈگىتىپتۇ. نامرات تەڭرىنىڭ ئالدىدا يەنە بەش يىل ئاۋالقىدەك پەيدا بولۇپتۇ. نامرات پۇشايمان قىلغان ھالەتتە تەڭرىگە «ئۇلۇغ تەڭرىم! ماڭا يەنە بىر مىليۇن پونىستىرلىڭ بەرسىڭىز مەن چۇقۇم قەدىرلەيمەن، تېجەپ ئىشلىتىمەن» دەپتۇ. تەڭرى كۈلۈپ كىتىپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: «بەش يىلدىن كىيىن سەن باي بولساڭ، ساڭا يەنە بىر مىليۇن بېرىشنى ئويلىغان. لىكىن سەن يەنە ئاۋالقىدەكلا نامرات تۇرۇپسەن.شۇڭا ساڭا پۇل بەرمەسلىكنى قارار قىلدىم. سەن بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسەن؟»

-ياق،بىلەلمىدىم،-دەپتۇ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغان نامرات.

-ئەگەر سەن ھەقىقى باي ئادەم بولغان بولساڭ، دەسلەپتە ساڭا بەرگەن بىر مىليۇننى بەش يىلدىن كىيىن ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەن بولاتتىڭ. ئەگەر سەن راستىنلا نامرات ئادەم بولغان بولساڭ ساڭا يەنە بىر مىليۇن بېرەتتىم. نامراتلار ھەمىشە بايلارنى ئىسراپخور ئاچكۆز دەيدۇ. ئەمىليەتتە نامراتلار بايلاردىن ئىسراپخور ئاچكۆز! سېنىڭ ئىسراپخور،ئاچكۆزلىكىڭ مېنىڭ ساڭا ئەمدى پۇل بەرمەسلىكىمنىڭ سەۋەبىدۇر» .تەڭرى شۇنداق دەپتۇ-دە،تەييارلاپ قويغان بىر مىليۇننى ئېلىپ كىتىپ قاپتۇ.

نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بايلىققا تەلپۇنىدۇ ھەمدە ھەقىقەتەن بايلىققا ئېھتىياجلىق. پەقەت ئەڭ ئاخىرىدا بايلىقنى بايقىيالىغىنى ھامان بايلار. بۇ تۇغۇلىشىمىزدىنلا بېكىتىلىپ كەتكەن قانۇنىيەت ئەمەس. ئەمما نامراتلار ئازىراق بايلىققا ئېرىشكەن ھامانلا ئۇلارنىڭ كۈڭۈك بولدىغىنى ھۇزۇرلىنىش. ئۇلار كۆز ئالدىدىكى تۇرمۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ. شۇڭا پەقەتلا بىردەملىك باي بولىدۇ، مەڭگۇلۇك باي بولالمايدۇ.

لىكىن بايلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە بايلىققا نىسپەتەن ھەممىدىن ئېشىپ كىتىش ئۈمۈدى بولغاچقا پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشنى ئويلايدىغىنى ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرى ۋە كىشلىك ئوربىتاسى. بايلار بايلىق يارتىش جەريانىدا، باشتىن كەچۈرگەن ھەر بىر ئىشنى ئۆزى خالاپ قىلغان. باشقىلار تەرپىدىن مەجبۇرلىنپ قىلغان ئەمەس. شۇڭا نامراتلار تېخىچە تەغدىرنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاۋاتقاندا، بايلار ئاللىقاچان تەغدىرنى ئۆزگەرتىش يولىغا چىقىپ بولغان.

بايلىقنىڭ بايانى:

بايلىققا ھەقىقى ئىگە بولغۇچى ئەزەلدىن بىر قەدەمدىلا غەلبە قازانغان ئەمەس. باشقىلارنىڭ كۈچىگە تايانغانمۇ ئەمەس. بەلكى ئۇلار بايلىقنى قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا كىرگۈزۈشنى بىلگەن. لىكىن تىلەمچىلەرگە ئوخشاش باشقىلار تاشلىۋەتكەن، ھىچقانداق قىممىتى 

نەرسىلەرنى بىچارلەرچە تەرگەن ئەمەس.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ