بايلار كىشلىك ئالاقە ئىقتىدارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارايدۇ
سۈرەتتە : دۇنيا مىليادىرلىرىنىڭ بىرى ، دۇنيادىكى ئەڭ ياش تالانتلىق CEO نىڭ بىرى ، گۇگىل تورى بىرلەشمە قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ۋە ئىجرائىيە ئەمەلدارى لاررى پېج
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار ئىقتىدارنى كىشلىك ئالاقىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ، بايلار كىشلىك ئالاقە ئىقتىدارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارايدۇ
ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەركىتىنى مېڭىدە شەكىللەنگەن ئاڭ بەلگىليەلەيدۇ. بىر ئىشنى ياخشى قىلىشنى ئويلىسا، ئاۋال قانداق قىلىشنى ئويلاش كېرەك. ئۇقۇمۇشلۇقلار ئارىسىدا «ئۇقۇش تارىخى ئىقتىدارغا يەتمەيدۇ. ئىقتىدار ئاڭغا يەتمەيدۇ» دەيدىغان گەپ بار. نامراتلار پەقەت بىر كىشلىك خىزمەت تېپىپ ئائىلىسىنى قامداش ئۈچۈن ياشايدۇ. شۇڭا ئۇلار پەقەت خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرىدۇ. كەسپى ئىقتىدارىغا تايىنىپلا ياشاپ كىتەلەيمەن دەپ قارايدۇ. بۇ نىشان بەك تېيىز بولۇپ،گەرچە نۇرغۇن باش ئاغىرىقىدىن ساقلاپ قالسىمۇ،لېكىن تۇرمۇشنى ئاددى قىلىپ قويىدۇ، باي بولغىلى بولمايدۇ. بېيىشنى ئويلىسىڭىز يۇقىرى كىرىم بىلەن تەڭ قىممەتتىكى رولىڭىزنى جارى قىلدۇرۇڭ. ئۇنداقتا قانداق رول يۇقىرى كىرىم بىلەن باراۋەر؟
1978 - يىلى كرەيلېر 600 مىڭ خىزمەتچىسى بار ماشىنا شىركىتى بۇلۇپ، ئامېركا ماشىنا كەسپىنى مونپول قىلۋالغان. لىكىن ئىشلەپچىقارغان مەسھۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ئۇزۇن مەزگىل ياخشى بولمىغانلىقتىن، يېڭىلىق بولمىغانلىقتىن شىركەت ئاستا-ئاستا قەرىزگە بۇغۇلغان ھەمدە بارلىق بانكىلار ئۇنىڭغا يەنە قەرىز پۇل بىرىشنى خالىمىغان شۇنىڭ بىلەن بۇ ھال كرەيلېر شىركىتىنى قۇرۇق جازىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇ چاغدا شىركەت ئېل.ئايكوكنى باش دېرىكتۇرلۇققا تەكلىپ قىلدى.
ئۇنىڭ درېكتورلۇققا تەيىنلىنىپ شىركەتتە قىلغان تۈنجى ئىشى -ھۈكۈمەتنىڭ كاپالەتلىك قىلىشىغا ئېرىشىپ، بانكا قەرىز پۇلىنى قولغا كەلتۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش بولدى .شىركەتتىكىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ بىر ئەمەلگە ئاشمايدىغان ساراڭلارچە قارار قارار بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ساراڭ بولۇپتۇ دەپ قارىغان. ئەينى چاغدا ھۈكۈمەتكە تايىنىش باشقا ئوخشاش تۈردىكى كارخانلارغا نىسبەتەن ئادالەتسىزلىك بولۇپ، ئەركىن رىقابەتلىشىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمەيتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۈكۈمەت بىر تەرەپتىن كارخانىلارغا قارىتا تۈزەش ،رەتكە سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ھەر قانداق بىر كارخانىغا ئېل.ئايكوكنىڭ پىلانىدىكىدەك شەكىل بىلەن ياردەم قىلمايتى.ئەمما ئېل.ئايكوك بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى. ئۇ ئاكتىپ ھالدا ھۈكۈمەت تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى. ئاخبارات ۋاستىللىرى ئارقىلىق ئەگەر شىركەت ۋەيران بولسا، جەمئىيەتتە 600 مىڭ ئىشسىزنىڭ پەيدا بولدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئىشسىزلىق نىسبىىتى يۇقىرى بولسا، يۇقىرى مالىيە چىقىمىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ،ئەلۋەتتە. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاكتىپ ئالاقىلىشىشى نەتىنجىسىدە شىركەت ئاخىر ياردەمگە ئېرىشتى. بىر نەچچە يىلدىن كىيىن شىركەت پايدىغا قاراپ يۈزلەندى ھەم تارىختىن بۇيانقى ئەڭ گۇللەنگەن دەۋىرگە قەدەم قويدى.
بۇ دۇنيادا مەڭگۇ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە يوق.بىز ھەر كۈنى ئۆزگەرگەن يېڭى بىر كۈننى كۈتىۋالىمىز.مۇنداق ئۆزگۈرۈشچان دەۋىردە پەقەت تېخنىكىغا تايىنپلا يېتەرلىك تەرەققى قىلغىلى بولمايدۇ. باشقىلار بىلەن ئالاقىلاشقاندا ،كەڭ دائىرلىك كىشلىك ئالاقە تورى ئورناتقاندا، ئاندىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ئەگىشىپ ماڭغىلى بولىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققى قىلىپ، بۈگۈنگە كىلىشىگە ياردەم قىلدى. ئورتاق تۈردىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئىنسانلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىقتىدارى بولۇپ،ئىنسانلار بۇ ئىقتىدارى بىلەن ھەر خىل ھەر ياڭزا تىمىلارنى تەرەققى قىلدۇردى. كىشىلىك ئالاقىدىن ئىبارەت بۇ تۈر باشقا تۈرلەر قىلالمايدىغان ، ئىنسانىيەت دۇنياسىنى باشقۇرۇشتا مۇھىم بولغان ئامىل.
دوسىت سىزگە ياردەم قىلىدۇ، لىكىن ئۇ يەنە سىزنىڭ ياردىمىڭىزگىمۇ مۇھتاج. كۆپ قىسىم كىشلەر باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. « بۇ ئۆزۈمنىڭ ھەسسىلىكى،خەقنىڭمۇ ئۆزىنىڭ يەيدىغىنى تۇرسا، خەققە يەنە تاماق بۈلۈپ بېرىشىم مۇمكىنمۇ!» مانا بۇ بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ئالاقە قىلىشنى ياقتۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبى،ئاۋارىچىلىقتىن خالى،تىنىچ ياشاشنى قوغلاشقىنى .لىكىن بايلار ھەرگىز بۇنداق ئويلىمايدۇ.
بىر دېھقان ئىزچىل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېرىلىشى، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ئۈزلۈكسىز ھالدا ئېتىزدىن مول-ھۈسۈل ئېلىش ئۈچۈن ئۇچۇر يىغىدىكەن. ئاخىر ئۇ بىر خىل يېڭى سورتتىكى قوناقنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىشقا باشلاپتۇ. كەنىتتىكلەر ئۇنىڭ مەسھۇلات مىقدارىنى ئاشۇردىغان يېڭى رېستىپ تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ، بەس-بەستە ئۇنىڭدىن ئۆگۇتۇپ قۇيۇشنى ئۆتۇنىپتۇ. لىكىن دېھقان باشقىلارغا ۋاقىت ئاجىرىتىشنى خالىماپتۇ ھەم باشقىلارغا ئۆزىنىڭ يېڭى بايقىشىنى دەپ بەرمەپتۇ. كۈز پەسلى كەلگەندە، دېھقان بۇ يېڭى سورتلۇق قوناقنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئاددەتىكىچە ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. دېھقان ئاچچىلانغان ھالدا مۇتەخەسىستىن سەۋەبىنى سوراپتۇ. مۇتەخەسىس تەكشۈرۈش نەتىنجىسىگە ئاساسلانغاندا، ناچار گۇل چېڭنى شامالغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئەلا سورتلۇق قوناقلىرىغا قونغان، شۇڭا مەھسۇلات مىقدارى ئاشمىغان دەپتۇ.
نامراتلارنىڭ ئويىچە ۋاقتىنى كىشلىك ئالاقىگە ئىسراپ قىلۋېتىشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق. كىشىلىك ئالاقە كەسپى بىلىم ئوگىنىۋالغانغا، ئۆزىنىڭ تاماق قاچىسىنى ساقلىغانغا يەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ تەپەككۈرى مانا مۇشۇنداق بولغاچقا گەرچە ئۈن-تۈنسىز تىرىشسىمۇ لىكىن غەلبە قىلالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمەيدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ماھىر ساھەسى ،ئۆزىگە خاس ئىدىيىسى بولىدۇ. شۇڭا باشقىلار بىلەن ئۈزلۈكسىز پىكىر ئالماشتۇرۇش، باشقىلارنىڭ ئىلغار ئىدىيەسى بىلەن ئۇچۇرشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى مۇكەمەللەشتۈرۈش ياكى باشقا بىر خىل ئىدىيەنى چۈشىنىش ۋە پايدىلىق بولسا قۇبۇل قىلىش-كىتاپ يۈزىدىكى قېلىپلىشىپ قالغان كەسپى بىلىملەرنى بىلگەندىن كۆپ ياخشى.
نۇرغۇن ۋاقىتتا بىر ئادەمنىڭ كورگەن-بىلگىنىگە تايىنىپ، ۋەزىپىنى تاماملىغىلى بولمايدۇ. رىقابەت كەسكىن بولغان بۈگۈنكى كۈندە پەقەت ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغىلا تايىنىشقا بولمايدۇ. بىر ئادەم بىر تال بۇرما مىخقا ئوخشايدۇ،ئۇنىڭ سۈپىتى ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ بىكار. پەقەت ئۇنى كېرەكلىك ئۇرۇنغا ئىشلەتكەندىلا، ئاندىن رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ھەر بىر ئادەم گويا ماشىنىنىڭ بىر قىسىمىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بولسىمۇ، لىكىن پەقەت بىرلەشكەندىلا ماشىنىغا ئوخشاش ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
بىر ئادەم ھەر قانچە تىرىشسىمۇ توپلىغان ئۇچۇرلىرى ئاز بولىدۇ. بۇ باشقىلارنىڭ پىشىشىقلاپ ئشلىشىگە مۇھتاج. شۇنداق بولغاچقا كشىلىك ئالاقىنىڭ كۈچى ناھايتى زور بولىدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
بىر تامچە سۇ كىشىنىڭ دىققەتنى تارتالمايدۇ. چەكسىز تامچىلار يىغىلىپ ئاندىن دېڭىزغا ئايلىنىدۇ. كىشلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۆزىدىن ئىبارەت بۇ زاپچاسنى كوللىتىپتىن ئىبارەت ماشىنىغا ئورناتقانلىق بولۇپ، بازاردا ئىشلىتىشچانلىقى يۇقىرى زاپچاس تېخىمۇ پۇلغا ئەرزىيدۇ.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى