A-A+

شىپوسىنى تەشكىل قىلغان توققۇز بازار

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھىرى جېنپىڭ ناھىيەسى شىپوسى بازىرى  石佛寺镇 جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ قاشتېشى (خام ماتىرياللىرى،تەبىئىي قاش ) ،قاشتېشى ئويما بۇيۇملار توپ تارقىتىش بازىرى ۋە چوڭ ئويمىچىلىق مەركىزى بولۇپ ،ئاساسلىقى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك قاش مەھسۇلاتلىرى ۋە چەت ئەلدىن كىرگۈزىلگەن قاشتېشى خام ئەشيالىرىنىڭ جۇڭگۇدىكى تارقىتىش نۇقتىسى.بۇ بازاردا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چىقىدىغان قاشتېشى چوڭ ئائىلىسىگە تەۋە تۈرلۈك قاشتاشلىرىنىڭ ھەممە تۈرىنى تاپقىلى بولىدۇ.بۇ بازار مەملىكەت بويىچە ئەڭ كۆلەملەشكەن قاشتېشى مەھسۇلاتلىرى ئېلىم-سېتىم بازىرى بولۇپ،   80-يىللاردا شەكىللەنگەن ۋە كۆلەملىشىشكە يۈزلەنگەن . كۈنلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى مىليوننىڭ ئۈستىدە سودا بولىدۇ.بىر مىليۇن نۇپۇسقا ئىگە جىنپىڭ ناھىيەسىدە 300000(ئۈچ يۈز مىڭ)ئادەم قاشگەرلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ،قاشگەرلىك بۇ ناھىيەنىڭ تۈۋرۈكلۈك كەسپى ۋە ئىقتىسادىنىڭ جان تۇمۇرى ھىساپلىنىدۇ.

Img373283895

بۇ بازاردا دىيارىمىزدىن چىققان نۇرغۇن قاشگەرلىرىمىز (تاشچى) يۇرتىمىز گۆھىرى،دۇنيا قاشتېشىنىڭ شاھىن-شاھى خوتەن قاشلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.خوتەندىن ،ئۈرۈمچىدىن بىۋاستە شىپوسىغا قاتنايدىغان ئاپتۇبۇس بار.

ئارخولوگلارنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئاساسلانغاندا بۇ يەرنىڭ قاشتېشى ئويمىچىلىق تارىخى يېڭى تاش قورال دەرۋىرە باشلانغان بولۇپ تۆت مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە.

5231c196t6e8e9fba85af

شىپوسى چوڭ بازىرى نۇرغۇن كىچىك بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ،ئاساسلىق بازارلار تۆۋەندىكىچە:

1.يۈدىياۋۋەن بازىرى 玉雕湾市场
بۇ بازار جاۋخې دەرياسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ،1800 دۇكان،8000ئەتىگەنلىك يايمىدا خوتەن قاشلىرى ،كۆكتارغاق(پېيسۈي) قاشلىرى،دۇشەن قاشتېشى،خىرىستال،ھېقىق،،ئاففانىستان قاشتېشى،قەدىمكى بۇيۇملارغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان قاشتېشى....قاتارلىقلار سېتىلىدۇ.

2.ۋەنيۈ بازىرى  万玉市场
شىپوسىنىڭ جەنۇپ،شىمالدىن تەشكىل تاپقان بۇ بازاردا 8000دىن كۆپ يايمىچى،300 دىن كۆپ دۇكان بولۇپ 33 % تىجارەتچى  خوتەن قاشلىرىنى ساتىدۇ.

3.يۈبويۈەن بازىرى  玉博苑市场
بۇ بازار 120 دۇكان،1200  يايمىدىن تەشكىل تاپقان .بۇ بازارنىڭ ئاق قاشتېشى سارىيىدا 300 دىن كۆپ يايما بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئارىسىدا 100 دىن كۆپرەك يايمىدا خوتەن قاشلىرى سېتىلىدۇ.

4.باۋيۈچېڭ بازىرى  宝玉城市场
بۇ بازار 500 دۇكان ،3000 دىن كۆپ يايمىدىن تەشكىل تاپقان.بۇ بازارنىڭ شىنمىن ئاق قاشتېشى سارىيىدا ئوتتۇرھال دەرىجىلىك قاش ئويمىلار سېتىلىدۇ.

5.يۈجىيوۋ سودا بازىرى  玉之友商贸城市场
بەش قەۋەتلىك بۇ بازارنىڭ ھەر بىر قەۋىتىدە 2300 يايما بار.ئىككى قەۋىتى رەسمىي سودا بازار ھالىتىگە كىرىپ بولغان.بازار سىرتىدا 2000 دىن كۆپ يايما.جىيۈن قاشتېشى سارىيىدا 300 يايما بار.ئەتراپىدا 300 دىن ئۇشۇق دۇكان بولۇپ ،ئاساسەن خوتەن قاشلىرى سېتىلىدۇ.يەنە  ئىككى مىڭ ئەتراپىدا يايما سىغىدىغان بىنا سېلىنىۋاتىدۇ.

6.شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى كوچىسى  新疆和田玉一条街
شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى كوچىسى شىپوسىدا جۇڭگۇ قاشتېشى مەدەنىيىتى موزىيىنىڭ كەينىگە جايلاشقان بولۇپ ،1000 دىن كۆپ دۇكاندا ئاساسلىقى خوتەن قاشلىرى سېتىلىدۇ.(ئويۇلمىغان ئەسلى قاش)

7.خەلقئارالىق قاشتېشى بازىرى  国际玉城市场
بۇ بازار قۇرۇلۇپ تۇنجى تۈركىمدىلا 512 ئائىلىلىك تىجارەت باشلىغان.ۋاڭخەي تاللا بازىرىدا 3000 دىن كۆپ يايما بار.خەلقئارالىق قاشتېشى بازىرىدىن يېڭى قۇرۇلغان خوتەن قاش (ئەسلى قاش) بازىرىغابارغىچە 1000 دىن كۆپ يايما بار.ئاساسلىقى خوتەن قاشلىرى (ئەسلى قاش) سېتىلىدۇ.

8.تىيەنشىيا يۈيۈەن بازىرى  天下玉源市场
بۇ بازاردا 1600 دىن كۆپ يايما ،360 دىن كۆپ دۇكان بولۇپ ،ئاساسلىقى ھەر خىل قاشتاشلار ئەسلى (ئويۇلمىغان) ھالىتىدە سېتىلىدۇ.

9.يېڭى كەنتتىكى (شىن سۈن) جويۈيۈەن بازىرى 新村琢玉苑市场
شىپوسى دەرياسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى بۇ بازارنىڭ باش ئاخىرى ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ ،چۈشتىن بۇرۇنلىقى خەشەك قاش ساتىدىغان يايمىلار 3000 دىن ،چۈشتىن كېيىن خوتەن قاشلىرىنىڭ ئويما مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان يايما 2000 دىن ئاشىدۇ.900 دىن كۆپ دۇكان بار.

مەنبە : خوتەن قاش ژۇرنىلى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ