ئالىي دەرىجىلىك خوتەن قاش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئۆستى
ئالىي دەرىجىلىك خوتەن قاشتاش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئۆستى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىكلىرىنىڭ خېرىدارى ئاز
يىغىپ ساقلانغان خوتەن قاشتېشى بۇيۇملىرى قانداق ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ؟ بۇ مەسىلە نۇرغۇنلىغان يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى قايدۇرىدۇ: يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە، ئالىي دەرىجىدىكى خوتەن قاشتېشىنىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆستى، قوي يېغى قاشتېشى %20 تىن ئارتۇق ئۆستى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىدىكى خوتەن قاشتېشىغا بولسا خېرىدار تاپقىلى بولمايدۇ، تاقىما زىننەت بۇيۇملىرىنى تېخىمۇ سېتىپ چىقارغىلى بولمايدۇ، بۇ ئىككى تۈردىكى مەھسۇلاتنى ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلغان دېيىشكە بولىدۇ.
نوپۇزلۇق يىغىپ ساقلىغۇچىلار، كەسپى ساھەدىكى زاتلاردىن ئىگىلىنىشىچە، يىغىپ ساقلاش دەرىجىسىدىكى خوتەن قاشتېشى مەھسۇلاتلىرىغا بولغان مەبلەغنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى 500 مىڭ يۈەننىڭ ئۈستىدە، تەبىئىي قاشتېشىنى يىغىپ ساقلاش مەبلىغىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىمۇ 150 مىڭ يۈەننىڭ ئۈستىدە ئىكەن.
پۇقرالار سېتىۋالىدىغان نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك خوتەن قاشتېشى زىننەت بۇيۇملىرى ئەمەلىيەتتە پەقەت تاقىما زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى، كەلگۈسىدە سېتىپ چىقىرىش ۋە قىممەت يارىتىشى ناھايىتى تەس.
بىرىنچى قول بازار: ئالىي دەرىجىلىك قاشتېشى بىلەزۈكنىڭ باھاسى مىليونغا بارىدۇ، تۆۋەن دەرىجىدىكى قاشتېشى بىلەزۈكنىڭ باھاسى پەقەت نەچچە مىڭ يۈەن.
بۇ ھەپتە ئىلى ۋەن رايونىدىكى توپ بازىرىنى زىيارەت قىلدۇق، خوتەن قاشتېشى باھاسىنىڭ بۆلۈنۈشى روشەن بولغان: قوي يېغى قاشتېشى (خوتەن قاشتېشىنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىكلىرىنىڭ بىرى) نىڭ بۇلتۇردىن بۇيانقى باھا ئۆسۈش ۋەزىيىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
بارماقچە كېلىدىغان قوي يېغى قاشتېشى بىلەن قاشتېشى ئويناشنى ئويلىغانلا، ئەگەر قاشتېشىدا كۆرۈنەرلىك نۇقسان بولمىسا، ھازىرقى باھاسى 500 مىڭدىن ئارتۇق ئۆسۈپ بولدى؛ ھەرقايسى سودىگەرلەردىكى سېتىلىدىغان ئالىي دەرىجىدىكى خوتەن قاشتېشى بىلەزۈكى، قوي يېغى قاشتېشىنىڭ دەرىجىسىگە يېقىنلىشىدۇ، بىر تال بىلەزۈكنىڭ باھاسى قاراپ تۇرۇپ 1 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، مۇشۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى 2013-يىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىدىن %15 تىن %20 گىچە ئۆسۈپ كەتتى.
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى قاشتېشىنىڭ باھاسىدا ئەكسىچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى، بىر تال رۇسىيە قاشتېشى بىلەن خوتەن قاشتېشى بىلەزۈكى، ئەگەر ئاق بولۇپ پارقىراق بولمىسا، باھاسى يەنىلا 10مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە، ئەگەر ھەم ئاق ھەم نىسبەتەن ھۆلخۇش بولسا، باھاسى 50 مىڭدىن 60 مىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ، ئاساسەن بۇلتۇرقى باھا بىلەن پەرقى يوق. 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغان تۆۋەن دەرىجىدىكى خوتەن قاشتېشى تەييار مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئەكسىچە چۈشۈپ كەتكەن، بارماقچە كېلىدىغان چىڭخەي قاشتېشى مەھسۇلاتلىرىنى 300 يۈەن بىلەن سېتىۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوخشاش خوتەن قاشتېشى بىلەزۈكنىڭ، ئالىي دەرىجىلىكى بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىكىنىڭ مەھسۇلات باھا پەرقى 750 ھەسسىگە يەتكەن.
ئىككىنچى قول بازار: ھەممە ئالىي دەرىجىلىك خوتەن قاشتېشىنىلا قوغلىشىدىغان ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرا تۆۋەن دەرىجىلىك قاشتېشىنىڭ قايتا سېتىۋېلىنىشىنىڭ ئۆزىمۇ قىيىن بىر مەسىلە. كىم ئارتۇق بازىرى ئىككىنچى قول ئۈنچە-مەرۋايىتلىرى سودىسىدا ئەڭ قۇلايلىق سورۇن ھېسابلىنىدۇ. لېكىن خوتەن قاشتېشى تەييار مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈشۈش نىسبىتى يەنىلا ئانچە يۇقىرى ئەمەس، قارشى ئېلىنىش نىسبىتىمۇ زۇمرەتكە يەتمەيدۇ.
گۇاڭدۇڭ گۇڭجىڭ كىم ئارتۇق شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى تەن ليەن مۇنداق دېدى: «پۇقرالار قولىدىكى ئىككىنچى قول خوتەن قاشتېشىنى پەقەت تارقاق خېرىدارلارغا ساتالايدۇ، مەلۇم بىر كارخانا ياكى ئورگاننىڭ سېتىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس؛ پەقەت كۆركەم چىرايلىق، باھا ئىقتىدار نىسبىتى يۇقىرى، ئالىي دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارنىڭلا پۈتۈشۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، نەچچە مىڭ يۈەن، نەچچە ئونمىڭ يۈەن بىلەن باشلانغانلىرىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئانچە چىرايلىق ئەمەس، ئاساسىي جەھەتتىن سېتىلغانلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۈنچە-مەرۋايىت سودىگەرلىرىنىڭ ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىشىمۇ بىر تۈرلۈك يول، لېكىن پۈتۈشۈش مۇمكىنچىلىكى بەك كىچىك. ئەڭ ئاخىرىدا، بىر قىسىم ئورگانلارنىڭ ئەزالار پائالىيىتىدە، ئەزالار ئارىسىدا يىغىپ ساقلانغان بۇيۇملار سودىسى بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن گۇاڭجۇلۇق يىغىپ ساقلىغۇچى لياڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «كونا يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ قاشتېشىنىڭ سۈپىتىگە نىسبەتەن تەلىپى يۇقىرى، يۈز نەچچە مىڭ يۈەن، نەچچە ئون مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئادەتتىكى يىغىپ ساقلىنىدىغان بۇيۇملارنى يارىتىشى ناھايىتى تەس؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ كەسىپكە يېڭى كىرگەنلەرگە ياكى بۇ كەسىپنى بىلمەيدىغانلارغا نىسبەتەن، بىزنىڭمۇ ئۇلارنىڭ يىغىپ ساقلىغان بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.
تەۋسىيە: يىغىپ ساقلاش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئاز بولغاندىمۇ 150 مىڭ يۈەندىن باشلانغان قاشتېشىنى تاللاڭ
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئامىللارنى نەزەردە تۇتقاندا، كۆپ ساندىكى پۇخرالارغا نىسبەتەن، خوتەن قاشتېشى زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ نەچچە يىلدىن كېيىن بىرقانچە ھەسسە قاتلانغانلىقى توغرىسىدا ھېكايىلەر ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك خالاس، ھەتتا بەلكىم بىر «يۇمۇر» بولۇشى مۇمكىن. يەككە باھاسى 500 مىڭغا يەتمىسە، ئادەتتە راۋان بولغان سېتىلىش يولى بولمايدۇ.
مەنبە:ئەرقال تورى