مەرۋايىت زىننەتلەرنى ئاسراش ۋە ساقلاش ئۇسۇللىرى
مەرۋايىت ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىلەر ( 10 )
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
1 . مەرۋايىت ئەتىر ، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق خېمىيەلىك ماددىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئاسانلا رەڭگى ئۆڭۈپ ، پارقىراقلىقى يوقاپ كېتىدۇ . شۇڭا مەرۋايىتنى گىرىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن تاقاش كېرەك .
2. مەرۋايىتنىڭ يۈزىدە ناھايىتى ئۇششاق ھاۋا تۆشۈكچىلىرى بولۇپ ، قازان بېشىدا مەرۋايىت زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىغاندا ماي - بۇسلار ناھايىتى ئاسانلا ھاۋا تۈشۈكچىلىرىگە يىغىلىۋېلىپ مەرۋايىتنىڭ پارقىراقلىقى ، سۈپىتىنى يوقىتىۋېتىدۇ .
3.مەرۋايىتنى سۇدا يۇيۇش مەنئي قىلىنىدۇ. سۇ مەرۋايىتنىڭ ھاۋا تۈشۈكچىلىرىگە كىرىپ كەتسە قۇرۇتۇش تەس بولۇپلا قالماي.مەرۋايىتنى كۆپتۈرۋېتىشىمۇ مۇمكىن . شۇڭا مەرۋايىتنى تازلىغاندا نەم لۆڭگىدە پاكىز ئېيتىپ ، تەبىئىي قۇرىغاندا گىرىم قۇتىسىغا سېلىۋەتسەك بولىدۇ .
4. مەرۋايىتنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشكاپ ياكى گىرىم قۇتىسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويغاندا ، مەرۋايىتنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ سارغىيىپ كېتىدۇ . شۇڭا مەرۋايىتنى قەرەللىك ھالدا ئىشكاپ ياكى قېپىدىن چىقىرىپ ساپ ھاۋا بنىلەن ئۇچراشتۇرۇش كېرەك .
5. مەرۋايىتنى كۈن نۇرى تىك چۈشىدىغان جايغا قويماسلىق كېرەك . مەرۋايىت تەبىئىتىدىن سۇدا يېتىلىدىغان بولغاچقا ئۇزاق ۋاقىت كۈن نۇرى تىك چۈشىدىغان جايدا تۇرغاندا مەرۋايىت قۇرغاقداپ يېرىلىپ كېتىشى مۇمكىن .
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى