دۇبەيدە ئۈنچە-مەرۋايىتلار قانداق ياسىلىدۇ؟
ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەتچىلىكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ بىرى، مەيلى بۇ دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتال ئەسلىھەلىرى بولسۇن ياكى يۇمشاق دېتال ئەسلىھەلىرى بولسۇن، ھەممىسىلا دۇنيانىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قاراپ ئاتلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە دۇبەت ۋە ئابۇزابىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ قالتىس. كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى دۇنيادىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ دۆلەت، ئەمما نىفىت ئىشلەپچىقىرىشتىن سىرت ئۇلار يەنە پېرسىيە قولتۇقىدا مەرۋايىت بېقىپ كۆپەيتىدۇ. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، مەرۋايىت يىغىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشمۇ بۇ دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. ئەڭ بۇرۇن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئاھالىلەر ياۋايى مەرۋايىتلارنى تۇتقان، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ ئەڭ شىمالىي قىسمىدىكى خايدا ئالدىنقى ئەسىردىن باشلاپلا سۈنئىي ئۇسۇلدا مەرۋايىت يېتىشتۈرۈش باشلانغان. بۇ بىر گۇرۇپ سۈرەتلەردىن تورداشلار مەرۋايىت تۇتۇش تارىخى خاتىرلەنگەن مەرۋايىت تارىخىي مۇزىيخانىسىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ مۇزىيخانا تورداشلارغا خاي رايونىنىڭ مەرۋايىت يېتىشۈرۈش ۋە يىغىش، مەرۋايىت پىششىقلاپ ئىشلەش مەنزىرىسىنى نامايان قىلىدۇ
مەنبە : نۇر تورى
ئەقىدە شىركىتى مۇلازىمەت لىنىيەسى : 684 0991 400