سودىدا ئىناۋەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى
ئونىنچى باب
ئىناۋەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىشنى تۈگىتىپلا پېشىنى قاقىدىغان
كالتە پەملىكتىن ساقلىنىش كېرەك
*تىجارەتتە ئىناۋەتنى مۇھىم بىلىش كېرەك
جېجىياڭ چۇەنخۇا خىمىيە گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى تۇ گۇەنجۈ ئىلگىرى: «سودىگەرلەردە ئاۋۋال سودا ئەخلاقى بولۇشى كېرەك، ئەخلاقسىز كىشىلەر سودا قىلالمايدۇ. تىجارەتتە ئادىمىگەرچىلىكنى ياخشى قىلىش بىلەن بىرگە ئاۋۋال ياخشى ئادەم بولۇپ ئاندىن ئىش قىلىش ئوخشاشلا مۇھىم قائىدە. ئادەم بولۇشتا ئاۋۋال ئەخلاقى-پەزىلەت ۋە ئادەمگەرچىلىككە قاراش كېرەك. تىجارەت قىلىش جەريانىدا ئادىمىلىك پەزىلەت بىلەن سودا قىلىش بىر سودىگەرنىڭ غەلبە قازىنىش –قازىنالماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل.» دېگەن.
تەمسىللەردە«ئادالەتلىك سودا بۇزۇلماس» دەپ ياخشى ئېيتىلغان. سودا مەيدانلىرىدا، سىلىق ،مۇلايىم، كەمتەر بولغان جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئادەمگە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرقالدۇرىدۇ. ئادەمگەرچىلىكتىن گەپ ئاچىدىغان بولساق، جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى بۇجەھەتتە ناھايىتى ياخشى دېيىشكە بولىدۇ. جېجىياڭلىقلار تىجارەتتە ئادەمگەرچىلىككە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، جېجىياڭلىق سودىگەرلەر تارىختىن بۇيان يەكۈنلەپ چىققانكى، سودا قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت پۇل تېپىش، بىراق پۇل تېپىشتا ۋاستە تاللىماستىن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئادەمگەرچىلىك بىلەن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش لازىمكى، كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ چوڭ ئىشلاردىن قۇرۇق قېلىشقا، قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىپلا پەشنى قېقىشقا بولمايدۇ.
ئەقىللىق جېجىياڭ سودىگەرلىرى بۇ نوقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان، شۇ سەۋەبتىن سودا پائالىيەتلىرىنى ناھايىتى راۋان ئېلىپ بارالىغان.
جېجىياڭ جېڭتەي گورۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۈنخۇينىڭ قارىشىچە، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سەۋەبى ئاساسلىق ئشەنچ ۋە ئىناۋەت ئىكەن. جېڭتەي گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ جېڭتەي گورۇھىنىڭ 17 يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا ئىزچىل «ئىشەنچلىك جېڭتەي، ئىناۋەتلىك جېڭتەي» دېگەن پىرىنسىپنى كارخانىغا ئىسىم كارتوچكىسى قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
1994 – يىلى نەن سۈنخۇي رەسمىي ھالدا كارخانا نامىنى «جېڭتەي» گە ئۆزگەرتكەن، بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ كارخانىغا بولغان ھېسىياتى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەھسۇلاتنىڭ بىرىنچى ئامىلى سۈپەت مەسىلىسى ئىدى، پەقەت سۈپەتتىن خاتىرجەم بولغاندىلا ئاندىن«ياخشى» بولغىلى بولاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىنىڭ كەسكىن بولغان رىقابەت سەھنىسىدە پۇت دەسسەپ تۇرالىشى ئۈچۈن، تىجارەت قارىشى چوقۇم دۇرۇس بولۇشى كېرەك ئىدى. مەھسۇلات سۈپىتى ياخشى بولۇش، باشقىلارغا قارىتا توغرا نىيەتتە بولۇش،ئىناۋەتنى قوغلىشىش قاتارلىق «دۇرۇسلۇق» ئىزچىل جېڭتەي گورۇھىڭ يادرولۇق ئىدىيىسىگە ئايلانغان.
ئىناۋىتى يوق بىر سودىگەرنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس، سودىدىكى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىمۇ ناھايىتى مۈشكۈل. جېجىياڭلىق سودىگەرلەر ھەمكارلىق جەريانىدا سودىنى مونوپول قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. بىراق يەنە بىرخىل كىشىلەر «كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېلىپلا كېمىچىنى ئۇنتۇيدۇ.» ئۇ خىلدىكى كىشىلەركۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېلىپلا، باشقىلارنىڭ ئۆتۈپ ئۆزىنىڭ سودىسىغا چاڭ سېلىشىدىن قورقۇپ كۆۋرۈكنى بۇزىۋېتىدۇ.
جېجىياڭلىق سودىگەرلەر سودا قىلشتا ئۆز – ئارا ياردەمنى، ئورتاق گۈللىنىشنى تەكىتلەيدۇ. ئەگەر سىزدەريادىن ئۆتۈۋېلپلا كۆۋرۈكنى بۇزۋەتسىڭىز، ناۋادا ئالدىڭىزدىكى يولدىن ئۆتكىلى بولمىسا، ئارقىغا قايتىشىڭىز ناھايىتى تەسكە توختايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تىجارەتتە ئۆزىگە بىر چېكىنىش يولى قالدۇرۇپ قويۇش كېرەك. پۈتۈن زېھنى بىلەن باشقىلارغا يۈزلىنىش بولسا جېجىياڭلىق سودىگەرلەر بايلىق ۋە دوستقا ئېرىشىشتىكى ئەڭگۈشتەر.جېجىياڭ قەدىمدىن بۇيان تاۋار سودىسى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان رايون، خەلق ئارىسىدىكى سودا – سانائەت ئوزۇن تارىخقا ئىگە، بۇ جېجىياڭلىقلاردا تارىختىن بۇيان سودا – سانائەتكە ئەھمىيەت بېرىش، تىجارەت قىلىپ زاۋۇت قۇرۇشتەك «ئېرسىيەت ماددىسى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جېجىياڭلىقلار يەنە «تىجارەتتە ئەخلاققا رىئايە قىلىش» تەك ئەنئەنىگە ۋارسلىق قىلغان. جېجىياڭلىقلارنىڭ بازارلاشقان ئىسلاھاتقا بولغان قارىشى باشقا جايلاردىكى كىشىلەرگە قارىغانداچوڭقۇر. ئۇلار «ئىناۋەت» نىڭ بىر كارخانا، بىر شىركەت ۋە بىر ماركىغا نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەن.
ۋېنجۇلۇق بىر كارخانىچى: «قانداق ۋاقىتتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سودىگەرلەردە چوقۇم باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىدىغان پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك، ئىناۋەتنى تەكىتلەپ، ئادەمگەرچىلىككە ئەھمىيەت بېرىش بولسا ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ باشلىنىش نوقتىسى، ئەگەر قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىپلا پەشنى قاققاندا ‹ ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشۈپ كېتىش› خەۋپى تۇغۇلىدۇ.» دېگەن.
سودا مەيدانلىرىدا، ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىشنىڭ مەقسىدى بولسا پۇل تېپىش. بىراق، شېرىكلەر ئوتتۇرىسىدا ئادەمگەرچىلىك ھېسىياتى بولۇشى كېرەك. چۈنكى سودا مەيدانلىرىدا، ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئوتتۇرىسىدا پۇل ئارقىلىق ئېلىم – بېرىم قىلىنىدۇ، بۇنداقتا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئىشەنچ مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ، سېتىۋالغۇچى چوقۇم ساتقۇچىنى ئىشەنچلىك ئىكەن دەپ قارىشى، ساتقۇچىمۇ سېتىۋالغۇچىنى ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىكەن دەپ قاراپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتى تەبئىيلا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن.
شۇ سەۋەبتىن،ئىناۋەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش نۇرغۇنلىغان جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنى كاتتا بايلارغا ئايلاندۇرغان.
**پۇلنى كۆپچىلىك بىرلىكتە تېپىش كېرەك،ھەممە تەڭ بەھىرلەنگەندىلا
ئاندىن تېخىمۇ تىز تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ
باشقىلار بىلەن بېرىش – كېلىش قىلغاندا، مەيلى ئۇچۇر، پۇل ياكى خىزمەت پۇرسىتى بولسۇن،باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىشنى ياختۇرىدىغان ئادەم ھەمىشە تېخىمۇ كۆپ دوستقا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى قانچە كۆپ بولسا، غەلبە قازىنىش پۇرسىتىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
جۇڭگودا ۋېنجۇلۇقلار «ئەسەبىي سودىگەرلەر» سانىلىپ، جۇڭگونىڭ «يەھۇدىيلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ سودىنى شۇنداق ياخشى قىلالىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ باشقىلاربىلەن ھەمبەھىرلىنىشنى ياختۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كەڭرى كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى ئورنىتىپ ئادەم توپلىغىلى بولغانىكەن، ئۇنداقتا سودا قىلىپ پۇل تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟
شى فۇلى بولسا سىچۈەن ۋېنجۇ سودا شەھەرچىسىنىڭ باش مۇدىرى، ئۇ سىچۈەنگە بېرىپ ئۆي – مۈلۈك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغان تۇنجى ۋېنجۇلۇق.
بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ مەبلىغى ئاللىقاچان لېشەن ۋېنجۇ سودا شەھەرچىسى، سەنتەي ۋېنجۇ سودا شەھەرچىسى، يىڭشەن ۋېنجۇ سودا شەھەرچىسى ۋە زىگوڭ ۋېنجۇ سودا شەھەرچىسى قاتارلىقلارغا كېڭەيدى، بۇ تۈرلەرنىڭ مەبلەغ جۇغلانمىسى يەتتە مىلياردتىن ئارتۇق.
زىگوڭ سوداشەھەرچىسىگە كېرەكلىك مەبلەغ ئۈچ مىلياردتىن ئارتۇق بولۇپ، مۇنداق زور مىقداردىكى مەبلەغنى ھېچكىم بىردەمدىلا ھەل قىلالمايىتتى. بىراق شى فۇلى بانكىدىن بىر پۇڭ قەرز پۇل ئالمايلا، شۇنچە كۆپ پۇلنى بىردەمدىلا توپلىغان.
ئەسلىدە ئۇ ئۆزى ئاچماقچى بولغان بۇ تۈرنىڭ پىلانىنى باشقا 60 دىن ئارتۇق يۇرتدېشىغا ئاشكارلىغان، ھەمدە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېچىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.نەتىجىدە، بۇ ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر ھېچنىمە دېمەستىنلا ئۈچ مىليون مەبلەغنى توپلىغان ھەمدە بىرلىكتە بۇ تۈرنى ئاچقان. شى فۇلىنىڭ تەڭ ھىرلىنىش ئىدىيىسى ئۇنى پايدىغا ئېرىشتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە يۇرتداشلارغىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزگەن. بەزىلەر «ئېغىزغا كېلىپ قالغان لوق گۆشنى ئاسانلىقچە باشقىلارغا بەرگىلى بولمايدۇ» دەپ قارىشى مۇمكىن، بىراق شى فۇلى بۇنداق قارىمايدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، پۇلنى كۆپچىلىك بىرلىكتە تېپىش كېرەك، بۇنداقتا ئۆزىنى تېخىمۇ تىز تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
ۋېنجۇلۇقلار«پۇلنى كۆپچىلىك بىرلىكتە تېپىش كېرەك» دېگەن ئەقىدىگە ئىشىنىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، باشقىلارنى پۇل تاپقىلى قويمايدىغان ئادەم ياخشى ئادەم ئەمەس، ئۇلارمۇ بۇنداق ئادەم بىلەن دوست بولۇشنى خالىمايدۇ، ھەقىقىي دوست باشقىلارنى ئويلىيالايدۇ ھەمدە باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىشنى بىلىدۇ.
نۇرغۇنلىغان تىجارەتچىلەرنىڭ نەزەر – دائىرىسى تار، پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى كۆرىدۇ،ھەر ۋاقىت پايدىنى ئىگىلەشنى ئويلايدۇ، نەتىجىدە ھەمىشە كىچىكىنى دەپ چوڭىنى قۇربان قىلىدۇ، كەلگۈسىدىكى مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،باشقىلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىماي، «تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالغاندەك» ئىش بولىدۇ. كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، «تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قېلىش»بولسا تىجارەتتىكى چوڭ سەۋەنلىكتۇر.
ۋېنجۇ شەھىرى لۈچېڭ رايونىنىڭ مۇئاۋىن رايون باشلىقى شىيوڭ خوڭچىڭ: «مەن ھازىر نەگىلا بارسام ناھايىتى قولايلىق، چۈنكى ۋېنجۇ سودا جەمئىيىتى مەملىكەتنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان، بىر يۇرتلۇقلارنى ناھايىتى قىزغىن قارىشى ئالىدۇ. پۇلنى كۆپچىلىك بىرلىكتە تېپىش، سودا پۇرسىتىدىن تەڭ بەھىرلىنىش كېرەك.» دېگەن. ۋېنجۇلۇقلار بۇخىل ئەقىدىگە تايىنىپ سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان.
ئەگەر ئادەم سودىنى يېلىنىپ تۇرۇپ قىلسا، بۇنى قىلىش تەسكە توختايدۇ؛ سودا سىزنى ئىزدەپ كەلسە، ئۇنداقتا ناھايىتى ئاسان قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا سودا سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ؟ بۇنىڭدا دوستقا تايىنىش كېرەك. دوستنى قانداق تۇتۇش كېرەك؟بۇنىڭدا باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىشقا ماھىر بولۇش، قارشى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىش كېرەك. دەل مۇشۇ خىل ئەقىدە بۇيىچە، جېجىياڭ سودىگەرلىرى قەدەممۇ – قەدەم مۇكەممەللەشكەن، تەرەققىي قىلغان، كارخانىسىمۇ بارغانسىرى چوڭايغان.
بىر سەزگۈركارخانىچى: «ئەگەر سودىدا ئۆزىلا پۇل تېپىشنى ئويلاپ، قارىشى تەرەپ ئازراقمۇ پۇل تاپالمىسا، بۇنداق سودىنى قەتئىي قىلغىلى بولمايدۇ. مۇھىمى ئاۋۋال قارىشى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىش، ئۆزى ئۈچۈن چوت سوقماسلىق كېرەك. قارىشى تەرەپ پايدا ئالالمىسا ئۆزىمۇ پايدا ئالالمايدۇ. پايدىنى ئۆتۈنۈشكە، قارىشى تەرەپنى مەنپەئەتلەندۈرۈشكە قىيالىشى كېرەك، بۇنداقتا ئاخىرىدا ئۆزى ئۈچۈن بىر قەدەر چوڭ پايدا يارىتالايدۇ.» دېگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىزگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، تەڭ بەھىرلىنىشنى بىلىدىغان ئادەمدە بىر خىل ئالاھىدە جەلپكارلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇدۇنيادىكى بەزى نەرسىلەردىن تەڭ ھەمبەھىرلەنگەنسىرى شۇنچە كۆپىيىدۇ، ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ باشقىلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى سىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان قىلىدۇ.
***‹‹ ئادەمگەرچىلىك مەبلىغى» سېلىشتىن ئېرىنمەڭ
جېجىياڭ ئۆلكىسى ۋەنلى مائارىپ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى تۇ يافاڭ ئىلگىرى: «ئادىمىگەرچىلىك مەبلىغىغە كۆپ دەسمىي كەتمەيدۇ، ئۈنۈمى تىز كۆرۈلىدۇ، ئېرىشىدىغانلىرىمىزمۇ كۆپ بولىدۇ، ئۇ كارخانىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ياخشى ئۇسۇل.» دېگەن.
«ئادىمىگەرچىلىك مەبلىغى» ئامانەت قويۇشقا ئوخشايدۇ، كۆپ ساقلىغانسىرى ئايرىلىدىغان پايدىسىمۇشۇنچە كۆپ بولىدۇ. جېجىياڭ سودىگەرلىرى سودىدا ئادەمگەرچىلىكنى ۋايىغا يەتكۈزۈشنى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سودىدىن سىرت يەنە ئارزاق ئۆز – ئارا بىلىشىش ۋە پىكىرئالماشتۇرۇش بولسا، كىشىلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلەلىسەك، كۆپرەك ياردەم بېرەلىسەك،دەل «ئادەمگەرچىلىكتىن سىرت دۇرۇس سودا بولمايدۇ» دېگەندەك ئەھۋال بولىدۇ.بۇنداقتا، كىيىن ئۆزى ئاۋارىچىلىققا يولۇقۇپ قالسىمۇ، يەنە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغان ئادەم بار بولىدۇ.
جېجىياڭنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدە يېقىن ئورۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرچىلىك بولسا بايلىق توپلاشقا ئېلىپ بارىدىغان يول دەپ قارىلىدۇ. دەل بۇ خىل «قانداشلىق، ماكانداشلىق، ئورۇقداشلىق»مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن، پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان ۋېنجۇلۇقلار بىر غايەت زور ئۇچۇرۋە سېتىش تورىنى قۇرۇپ چىقتى.
لى يۈنسى خاڭجۇدا قەلەمچىلىك كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خوجايىن. ئۇ خاڭجۇدا ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىغان ۋاقىتتا، تۇرمۇشى ناھايىتى مۇشەققەتلىك ئىدى. ئۇ ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقىتلىرىدا كۆمۈرمۇ سېتىۋالالمىغان، ھەر كۈنى ئۆزى ئوتۇن تىرىپ كېلىپ تاماق ئەتكەن. مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ ئۇ ئەزەلدىن ۋاز كەچمىگەن. ھەر كۈنى ئىزچىل ھالدا بىر قىسىم سەنئەت مەكتەپلىرى، رەسىمخانا ئەتراپلىرى ۋە رەسىم كۆرگەزمىخانىلىرىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ رەسىم سىزىشقا كېرەكلىك قەلىمىنى سېتىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ ھەر جايدا قىيىنچىلىققا ئۇچراپ چىقىش يولى قالمىغان ۋاقىتتا، بىر ئادەم چىقىپ ئۇنىڭ ھاياتىنى تامامەن ئۆزگەرتكەن.
لى يۈنسى رەسىم كۆرگەزمىخانىسىغا كېلىپ قەلىمىنى سېتىپ يۈرگەن شۇ كۈنلەردە سەنئەت مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسىغا يولۇقۇپ قالغان. لى يۈنسىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئادەمدە بىر خىل ئېيتىپ بېرىش تەس بولغان خاراكتېر بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قەلەملىرىنى تونۇشتۇرغان. ئىككەيلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك پاراڭلاشقان، ئاخىرىدا لى يۈنسى بىر قەلەمنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان، بۇۋاقىتتا ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ناھايىتى ھەيران بولغان. بۇ تاسادىپىي ئۇچىرىشىش بۇئوقۇتقۇچىنى ئۇنىڭ سودىسىغا ناھايىتى قىزىقتۇرغان، ئىككەيلەن قەلەم ئارقىلىق دوستلىشىپ، قەلەمنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان.
تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۇنىڭ قەلىمىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئوقۇتقۇچى لى يۈنسىگە ياردەملىشىپ بىر قەلەم كۆرگەزمىسى ئېچىپ بېرىشنى قارار قىلغان، ھەمدە ئورۇننى ھەقسىز تەمىنلىگەن. لى يۈنسى قەلەم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق رەسىم سارىيىدىكى تېخىمۇ كۆپ دوستلار بىلەن تونۇشۇپ، سودىسىمۇ بارغانسىرى روناق تېپىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ كۆپ يىللىق قەرزىمۇ تۈگەپ، كۆڭلىمۇ ئارام تېپىپ قالغان. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ،خەتتاتلار ۋە رەسساملار، شۇنداقلا خېرىدارلارنىڭ ئۆز – ئارا تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق،ئۇنىڭ قەلەمچىلىك كەسپى مەزكۇر جايدا خېلىلا داڭق چىقارغان.
كىيىن لى يۈنسىنىڭ سودىسى بارغانسىرى چوڭىيىپ، ھەر يىللىق سېتىلىش مىقدارىمۇ توختىماستىن ئاشقان.
جېجىياڭ ۋېنجۇدا، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ دوستىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. بالىلارنىڭ ئارىسىدا مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت دەرسىدە نەتىجىسى ياخشىلىرى كۆپ ئەمەس، بىراق ئۇلار ئالاقە قىلىشقا ناھايىتى ماھىر كېلىدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا ھەر ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنى بېرىشتىن سىرت، يەنە مەلۇم مىقداردا «كۈتۈۋېلىش ھەققى» بېرىپ،بالىلارنى ئاكتىپ ھالدا ساۋاقداشلىرى بىلەن يىغىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.ۋېنجۇلۇقلارنىڭ قارىشىچە، ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى كىيىنكى تىجارەتتىكى بىر مۇھىم مۇناسىۋەت، بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ كىشىلىك مۇناسىۋەت باغلىشى ئۇلارنىڭ كىيىنكى يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ.
دوست تۇتقان ۋاقىتتا، ھەرگىز ئۆزى ياختۇرىدىغان كىشىلەر بىلەنلا بېرىش – كېلىش قىلماسلىق كېرەك. سودا مەيدانلىرىدا ھەر خىل ئادەملەر ئۇچرايدۇ، ئوخشىمايدىغان كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش، ھەر خىل كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر شەكلى ۋە ھەرىكەت ئادىتى بىلەن تونۇشۇش، ئۇلار بىلەن قانداق بېرىش – كېلىش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك، ئۇلارنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاش، ئۇلارنى ئۆز ئىشلىرىنىڭ ياردەمچىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئادىمىيلىك جەھەتتە چوقۇم يىراقنى كۆزلەش كېرەك، باشقا مەبلەغ شەكىللىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئادىمگەرچىلىككە سېلىنغان مەبلەغ سىزگە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئەكىلەلەيدۇ.
2004 –يىلى، ۋېنجۇدىكى داڭلىق باسمىچىلىق ئەسلىھەلىرى سېتىش سودىگىرى لى فاڭ يۈەن شىركىتىنى نەنجىڭدە تىزىملاتتى. ناتونۇش جايلاردا بازار، تەرەققىيات ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت كەم بولسا بولمايدۇ، بىراق لى فاڭيۈەنگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بۇھېچقانچە مەسىلە ئەمەس ئىدى، ئۇ ناھايىتى تىزلا كىشىلىك مۇناسىۋەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئامال تاپتى.
ئىشلىرىنى ئەمدىلا باشلىغان ۋاقىتتا، ئۇ بىر قىسىم ئۇسۇللار ئارقىلىق نەنجىڭدە سودا قىلىۋاتقان ۋېنجۇلۇقلارنىڭ خەۋىرىگە ئېرىشتى، كىيىن ئۇلارنى بىر – بىرلەپ زىيارەت قىلىپ چىقتى. ئاۋۋال مۇنداقلا تونۇشۇپ قويغان بۇ يۇرتداشلار ئارىسىدىن كىيىن بىرقىسىم كىشىلەر لى فاڭيۈەننىڭ بىر تۈركۈم كەسىپلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇ ئاستا –ئاستا ھالدا بىر قانچە يۈز كىشىلىك «يۇرتداشلار تورى» نى قۇرۇپ چىقتى.
كەسپىي تەرەققياتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە، ئۇ ھەر بىر كارخانىنىڭ ۋېنجۇغا بېرىپ يىغىن ئاچقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يىغىن مەيدانىدا نۇرغۇنلىغان نەنجىڭلىق سودىگەرلەرۋە كارخانىچىلار بىلەن تونۇشتى. ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش كەسىپ قىلىدىغان سودىگەرلەرگە نىسبەتەن، ئۇ تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا تونۇشۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا مۇناسىۋەت ئورنىتىۋالدى.
ئاندىن نەنجىڭدە ئۆزىگە كۈچ توپلاشقا باشلىدى.
ھازىر لى فاڭيۈەننىڭ شىركىتى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ سېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى مەزكۇر جايدا ناھايىتى ياخشى بولغان سېتىش يوللىرىغا ئىگە بولدى.نۇرغۇنلىغان خېرىدارلار ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدەپ كېلىدىغان بولۇپ، شىركەتمۇ پايدا ئېلىشقا باشلىدى.
لى فاڭيۈەن بازار كېڭەيتىشتىن پايدا تېپىشقىچە بولغان بۇ جەرياندا سەرپ قىلغان ۋاقىت ناھايىتى قىسقا. بۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، لى فاڭيۈەن«ئادىمگەرچىلىكنى بىر خىل مەبلەغ قاتارىدا كۆرۈش» كە تايىنىپ كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى كېڭەيىتكەن،شۇنىڭ بىلەن قەيەرگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ناھايىتى تىزلا يىلتىز تارتىپ،بىخلىنىپ، ئاخىرىدا كۆكلەيدىغان ھالەتكە كەلگەن.
جېجىياڭلىقلارنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ناھايىتى مۇھىم. باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەنگە باراۋەر، بۇ بولسا جېجىياڭلىقلارنىڭ نېمىشقا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ياردىمىگە ئېرىشەلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى. ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئۇلار توختىماستىن كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى قۇرىدۇ، ھەمدە بۇتورغا تايىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى كېڭەيتىدۇ.
«ئادەمگەرچىلىك سودىسى» غا چوقۇم مەبلەغ سېلىش كېرەك. ئادەمگەرچىلىك ھېسىياتى خۇددى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ «تۇزى» غا ئوخشايدۇ، كەم بولسىلا ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ناھايىتى تەس بولىدۇ، نۇرغۇن دوست تۇتۇشتىن گەپ ئاچقىلى تېخىمۇ بولمايدۇ.جېجىياڭلىق سودىگەرلەردەك مۇنەۋۋەر سودىگەرلەرگە ئايلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم ئاۋال «ئادەمگەرچىلىك سودىسى» نى ياخشى قىلىش، ئاندىن مەھسۇلاتنىڭ سودىسىنى قىلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى يۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ.
جېجىياڭلىق سودىگەرلەر «ئادىمىگەرچىلىك مەبلىغى» نى بىر يۇمشاق كۈچ قاتارىدا سودا پائالىيىتىگە ئېلىپ كىرگەن.
**********************
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام
مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب
2015-يىلى 4-ئاي