رۇسىيە كالىنىنگراد كەھرىۋا زاۋۇتى جۇڭگونى كەھرىۋا بىلەن تەمىنلەش توختامى ئىمزالىدى
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورى خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە كالىنىنگراد دۆلەت ئىلكىدىكى كەھرىۋا بىرلەشمە شىركىتى ئاخبارات مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ شىركەت جۇڭگونى كەھرىۋا بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە ئۈچ يىللىق توختام ئىمزالىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كالىنىنگراد دۆلەت ئىلكىدىكى كەھرىۋا بىرلەشمە شىركىتى 2016-يىلى 4-پەسىلدىن 2019-يىلى 12-ئايغىچە جۇڭگوغا ئۈچ يىللىق كەھرىۋا ئېكسپورت قىلىش توختامى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ تۇنجى ئېكسپورت توختامى ئىمزالىشى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ توختامنى شىركەت 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بىر چوڭ تىپتىكى ئۈنچە مەرۋايىت پاي كونترول گۇرۇھىغا تەۋە جۇڭگو شىركىتى بىلەن ھاسىل قىلغان ھەمكارلىق كېلىشىمى رامكىسى ئاستىدا ئىمزالىغان.
كېلىشىم ماددىلىرىغا ئاساسەن، جۇڭگو رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ قانۇنىغا ئاساسلىنىپ رۇسىيەدە ئۇزاق مۇددەت ئىجارىگە ئېلىپ ھەمدە ئۆزگەرتىپ، شۇنداقلا كەھرىۋا تاش يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىلىرى ۋە باھالاشتىن ئۆتكەن خىزمەتكە ئورۇنلىشىشقا (خىزمەتچىلەر زۆرۈر بولغان زامانىۋى كەھرىۋ پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تەربىيىلىنىدۇ) ئىگە ئىشلەپچىقىرىش مەيدانى قۇرۇپ، رۇسىيەدىن سېتىۋالغان ئاز دېگەندە %50 كەھرىۋا تاشنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان تارماق شىركەت قۇرۇپ چىقىدىكەن.
خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، كەھرىۋا تېشىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى كالىنىنگراد دۆلەتلىك كەھرىۋا بىرلەشمە شىركىتىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %22دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بۇ ھېساباتى ئاغدۇرۇلىدىغان مىقدارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە جۇڭگو تولۇق سوممىنى ئالدىن تاپشۇرغان شەرتتە پەسىل بويىچە تۈركۈمگە بۆلۈپ مال تاپشۇرىدىكەن، ھەر تۈركۈم (قېتىم)دىكى كەھرىۋانىڭ باھاسى ئاكسىيە بىرژىسى ياكى رۇسىيە كەھرىۋا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكى ئوتتۇرىچە باھاسىغا ئاساسلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ توختام پات ئارىدا كالىنىنگراد دۆلەتلىك كەھرىۋا بىرلەشمە شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. شىركەت ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش شەرتىدە بۇ قېتىمقى كەھرىۋا تەمىنلەشتىن تەخمىنەن 10 مىليارت رۇبلى پايدىغا ئېرىشىدۇ.
مەنبە : نۇر تورى