A-A+

قاشتېشى،كەھرىۋا ئاتىگۈلگە ئامەت ئاتا قىلدى

تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى : مارالبېشى ناھىيە بازىرىغا  «سۇمرۇغ» خوتەن قاشتېشى، خان ئوردىسى كەھرىۋالىرى دۇكىنى ئاچقان ئاتىگۈل داۋۇت مۇلازىمەتتە ئەلا، سودىدا سەمىمىي بولغاچقا، ئۇنىڭ سودىسى يىلدىن-يىلغا ياخشىلىنىپ، قاشتېشى، كەھرىۋا ئاتىگۈلغا ئامەت ئاتا قىلدى.

cbeed5ae6cca4ccd8cb37ca25d808ec3

1964-يىلى 11-ئايدا مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ مارالبېشى بازىرى بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە بىر خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئاتىگۈل داۋۇت  2004-يىلى 1-ئايغىچە ئىلگىرى –كىيىن بولۇپ،مارالبېشى ناھىيەلىك 3-،4-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە  مارالبېشى ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2004-يىلى كىسەللىك سەۋەبى بىلەن پىنسىيەگە چۈشكەندن كيىن يولدىشى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ يارىدىمىدە 2005-يىلى 5-ئايدا ناھىيە بازىرىنىڭ ئاۋات، قايناق كوچىسىدا قول تېلىفۇن دۇكىنى ئاچقان. شۇ يىلى 10-ئايدا كەسىپ ئۆزگەرتىپ، مارالبېشىنىڭ تەبئىي يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بولغان «قارا ساي زۇمرەت تاشلىرى» نى سېتىشقا باشلىغان. ئۇ تىجارىتىنى  تەدرىجى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «خوتەن قاشتېشى»، «خان ئوردىسى كەھرىۋالىرى»، «مارالبېشى قارا ساي زۇمرەت تاشلىرى» قاتارلىق تارىخىي ئۇزۇن، تەبئىلىكى يۇقىرى بولغان داڭلىق مەھسۇلاتلار تىجارىتىگە يۈزلەندى. يولدىشى مەمتىمىن ئابدۇكىرىمنىڭ يېقىندىن قوللاپ مەدەت بىرىشى نەتىجىسىدە،تىجارىتى يىلسىرى روناق تېپىپ، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئاتىگۇل داۋۇت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى»، ئۈرۈمچى «ئوتتۇرا-جەنۇبىي ئاسىيا تاۋارلار يەرمەنكىسى»، «ئۈرۈمچى قاشتېىشى يەرمەنكىسى» قاتارلىق خەلقئارالىق سودا يەرمەنكىلىرىگە قاتنىشىپ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى. ئاتىگۈل داۋۇت، مەمتىمىن ئابدۇكىرىم قاتارلىق ئۈچ كىشى يەنە «شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى» گىمۇ قاتنىشىپ، يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ – بارچۇق ، يەنى مارالبېشىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش بىلەن بىرگە  مارالبېشىدىن چىقىدىغان «قارا ساي زۇمرەت تاشلىرى»نى خەلقئاراغا تونۇتۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىدى. 2012-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئالتۇن توغراق ساياھەت، مەدەنىيىتى بايرىمى»دا مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر، ئېزىز مېھمانلارغا مارالبېشىنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتى بولغان  «قارا ساي زۇمرەت تاشلىرى»دىن 600كىشىلىكتىن ئارتۇق بىلەيزۈك ئىشلەپ سېتىپ چىقىرىپ، 240مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مارالبېشى «سۇمرۇغ» خوتەن قاشتېشى، خان ئوردىسى كەھرىۋالىرى دۇكىنىنىڭ خېرىدارلىرى كۈنسايىن كۆپۈيۈپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، سۇ جۇ، ياڭ جۇ، شىئەن ، نەيياڭ ، ئۈرۈمچى، كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىكى خېرىدارلار بەس-بەستە قاشتېشى، كەھرىۋا بۇيرۇتىدىغان ياخشى ھالەت شەكىللەندى.  ھازىر بۇ دۇكاننىڭ ئومۇمىي مەبلىغى يەتتە مىليۇن يۈەندىن، مۇقىم مۈلكى ئىككى مىليۇن يۈەندىن، يىللىق سېتىپ چىقىرىش كىرىمى  ئۈچ مىليۇن يۈەندىن، يىللىق ساپ پايدىسى بىر مىليۇن يۈەندىن ئاشىدۇ.

سۈرەتتە: ئاتىگۈل داۋۇت(ئوڭدا) خېرىدارلارغا مارالبېشىنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتى بولغان  «قارا ساي زۇمرەت تاشلىرى» نى تونۇشتۇرماقتا.

سۈرەتتە: ئاتىگۈل داۋۇت(ئوڭدا) يولدىشى مەمتىمىن ئابدۇكىرىم بىلەن بىللە تىجارەت يوللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈستىدە پىكىرلەشمەكتە.

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ