بايلار موللاق ئاتسا شىجائىتىنى نامايان قىلىدۇ
سۈرەتتە : يېڭى شەرق گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى يۈ مىنخوڭ
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار موللاق ئاتسا تۈگىشىپ كېتىدۇ، بايلار موللاق ئاتسا شىجائىتىنى نامايان قىلىدۇ
بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى ھەرگىزمۇ غەلبە قازانغاندىكى خۇشاللىقىنى ئىپادىلىگەندە ئەمەس، بەلكى مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندىكى ئازابقا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىدا.
ئەگەر بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى بىر قېتىملىق يىقىلىپ چۈشۈشكە ئوخشاتساق، كىشىلىك ھاياتتىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە مەيلى نامراتلار ياكى بايلار بولسۇن نۇرغۇن قېتىملىق يىقىلىپ چۈشۈشنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى، نامراتلار يىقىلىپ چۈشكەندىن كىيىن ھېچقانداق ساۋاققا ئىگە بولمايدۇ، داۋاملىق يىقىلىپ ئاخىرى «ھوشىدىن كېتىپ قالىدۇ»؛ بايلار يىقىلىپ چۈشكەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن بىر قېتىملىق كىشىلىك ھايات تەجىرىبىسىگە ئىگە بولىدۇ، ھاياتقا بولغان قاراشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ،«يىقىلىش» نى ئۆزىنىڭ شىجائىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاخىرىدا نۇرغۇن بايلىققا ئىگە بولىدۇ.
مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەزى ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئاددى ئادەملەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بۇ خىلدىكى ئادەم ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئىشلار يېقىنلاپ كەلگەن ۋاقىتتا ئېھتىمال بىر ئادەمنى چوققىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۋېتىشى، ھەتتا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ چوققىسىدا پارلاۋاتقان كىشىلەرنى ھەممە نەرسىسىدىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا، نامراتلار ھەمىشە ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدۇ، بىراق بايلار بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ، بار بولغان بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەن ھامان يەنە قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ.
لى بىڭجې1938 – يىلى 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى «سامسۇڭ سودا جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ«سامسۇڭ» دىن ئىبارەت بۇ ماركىنى تاللىشىدىكى سەۋەب كورىيەلىكلەر «ئۈچ» رەقىمىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، «يۇلتۇز» ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يورۇقلۇققا ۋەكىللىك قىلاتتى.
لى بىڭجې ئىگىلىك يارىتىشنى باشلىغان ۋاقىت دۇنيادا ئىقتىسادى كىرىزىس يامراۋاتقان مەزگىل بولۇپ، ياپونىيەلىكلەر كورىيە چېگىرىسى ئىچىدە ئۆزىنىڭ تالان – تاراجىنى يۈرگۈزۋاتاتتى،بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان كورىيەلىكلەر يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ سىرتلارغا بېرىپ جان ساقلاشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ سەۋەب تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان يەرلەر ئاق قېلىپ تاشلىنىپ قالغان، ئارقىدىنلا يەر باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەشكە باشلاپ ھەتتا بىركۋادرات مېتىرى 25 كورىيە پۇلى بولغان تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن. كۆپ مىقداردىكى يەرلەرنى تېرىيدىغان ئادەم بولمىغاچقا، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش جىددىيلىشىپ بىركۈرە ئاشلىقنىڭ باھاسى بىر كوي 15 پۇڭغا چىققان. بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرگەن لى بىڭجې كۆڭلىدە چوت سوققان، ئەگەر بۇ يەرلەرنى سېتىۋالسا، ئۇنداقتا ھەر 50 كوي مەبلەغ ئارقىلىق 8 كوي 45 پۇڭ ساپ كىرىم قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى سودا ئىدى، شۇنداق قىلىپ لى بىڭجې بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلغان.
لى بىڭجې ئۆزىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىدىن پايدىلىنىپ،ئىگىلىك تىكلەش بانكىسىنىڭ زور مىقداردىكى قەرز پۇلىغا ئېرىشكەن، ھەمدە بۇ پۇلغا 130 مىڭ كۋادرات مېتىر يەرنى سېتىۋېلىپ يەرگە بولغان مەبلەغ سېلىشنى باشلىغان.ئوزۇن ئۆتمەستىن ئۇ ئالتە مىليون كۇۋادىرات مېتىر يېرى بار چوڭ پومشىچىكقا ئايلانغان. ھالبۇكى لى بىڭجې تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئويلىشىۋاتقان چاغدا مالىمانچىلىق يۈز بېرىپ ياپونىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان، ئەسلىدە ئۇرۇشنى تىزئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ چوتىنى سوققان ياپونىيە جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇش تەييارلىقىنى كېڭەيتىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇشنى قوللاش ئۈچۈن، بارلىق بانكىلارنىڭ مەبلىغىنى توڭلىتىۋەتكەن.
بانكىنىڭ قوللىشى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، لى بىڭجې ئۆزىنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى سېتىپ قەرزقايتۇرغان. ئۇ بانكىنىڭ قەرزىنى تولۇق قايتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن يەنە ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ، بىردەمدىلا ئىگىلىك يارىتىشنى باشلىغاندىكى دەسلەپكى ھالىتىگە قايىتقان.
شۇنچە زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان لى بىڭجې گەرچە ئازابلانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئازاب ئۇنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىغان. ئۇ شۇنى چۈشىنەتتىكى، ئىش قىلىشتا جەزمەن ھەر تەرەپتىن كەلگەن بېسىم ۋە قىيىنچىلىقلار بولۇپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى قىيىنچىلىق ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئەمەس، ئەكسىچە قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان.
لى بىڭجې ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپلا قالماستىن، يەنە مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئالغان. ئۇ شۇنى چۈشىنىپتۇكى، بىر كارخانىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت باشنى چۆكۈرۈپ سودا قىلىش يىتەرلىك ئەمەس ئىدى، يەنە چوقۇم دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى كۈزىتىش ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتىگىيىسىنى تەڭشەپ تۇرۇشى لازىم ئىدى، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن پۇت دەسسەپ تۇرغىلى بولاتتى.
لى بىڭجې ئالتە مىليون كۋادرات مېتىر يەرگە ئىگە «چوڭ پومشىچىك» تىن بىردىنلا ھېچنىمىسى يوق«سالپا – ساياق» قا ئايلىنىپ قالغان، بۇ ئەلۋەتتە غايەت زور «يىقىلىش ». ئەگەر ئادەتتىكى ئادەملەر بۇنداق زور مەغلۇبىيەتكە يولۇقسا ئاللىقاچان ۋەيران بولغان بولاتتى، بىراق لى بىڭجې ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ قەيسەرلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرگەن. بۇ قېتىمقى «يىقىلىش» نىڭ ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئۇ تېخىمۇ شىجائەتكە تولغان. كىيىنكى قېتىم بۇنداق «يىقىلىش» قا دۇچ كەلسە، ئۇچوقۇم زور شىجائەت بىلەن يۈزلىنەلەيدۇ،ئەلۋەتتە.
نامراتلاردا بايلارغا ئوخشاش بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى كەمچىل، ئۇلار يىقىلىپ چۈشكەندىن كىيىن مېڭىسىمۇ بۇنىڭ بىلەن تەڭ زەخمىلىنىدۇ، ھەتتا زەربىنىڭ ئىزى قېلىپ كىيىنكى قېتىم ئوخشاش مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا نېمە قىلىشىنى بىلمەي داۋاملىق يىقىلىدۇ.
جوبىس ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىن تىك تۇرالايدىغان ئادەملەرلا ئاندىن بەختسىز سەرگۈزەشتىسىنى بايلىققا ئايلاندۇرالايدۇ. ئەگەر ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىن دەس تۇرالمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئوڭۇشسىزلىق بىر قېتىملىق ئاپەتكە ئايلىنىدۇ » .جوبىسنىڭ بۇ سۆزلىرى نامراتلاردا مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا بولۇشقا تىگىشلىك كىشىلىك ھايات پوزىتسىيىسىنى كۆرسىتىپ بەردى .تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇ بەزىدە كىچىك ئاۋارىچىلىق، بەزىدە كىچىك «يىقىلىش»، يەنەبەزىدە «موللاقلاپ يىقىلىش» شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن،ئوڭۇشسىزلىق يىتىپ كەلگەندە ھەرگىزمۇ قورقۇشقا بولمايدۇ، شۇ ئېسىمىزدە بولسۇنكى،ھەر قانداق ئوڭۇشسىزلىق ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەمما ئوڭۇشسىزلىق بىزگە قالدۇرغان قورقۇنچ ياكى ئىلھام ئوزۇن مەزگىل قەلبىمىزدە ساقلىنىدۇ.
بايلار كاج تەلەي بىلەن ئوڭ تەلەينىڭ بىر – بىرىگە ئالمىشىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار بىرئادەمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئىزچىل راۋان بولمايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئىزچىل ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىلا ئۆتمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. بۇ خۇددى بىزنىڭ تەبئىي مۇھىتىمىزدا كېچە بولغان ئىكەن قاراڭغۇلۇقنىڭمۇ بولىدىغانلىقى، باھار ۋە يازبولغان يەردە ئەتىياز ۋە قىشنىڭمۇ بولغانلىقىغا ئوخشايدۇ. بايلار يىقىلىپ چۈشكەندە ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن ئاغرىنمايدۇ، پەلەكنىڭ تەتۈرلۈكىنى تىللاپ يۈرمەيدۇ، ئۇلار پەقەت تەڭرىدىن سورايدۇ: مەن نېمىشقا بۇنداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايمەن؟ ئۇلار ئازاب ۋە ساۋاقلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مۈرىسىدىكى ئوڭۇشسىزلىقنىڭ توپا – چاڭلىرىنى پاكىزقېقىۋېتىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
نامراتلارئازراقلا قىيىنچىلىققا يولۇقسا ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختسىز ئادەم قاتارىدا كۆرىدۇ .بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار كۆپ ۋاقىتلاردا يولۇققان ئوڭۇشسىزلىق ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئېغىر ئەمەس. ئۇلار ئىش ھەققىنىڭ بىر – ئىككى كۈن كىيىن تارقىتىلغانلىقى، ياكى ئۆزىنىڭ زۇكام بولۇپ قالغانلىقى قاتارلىق كىچىك ئىشلار سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۇپرىتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بايلار «يىقىلىش» تىن يېتىشىپ چىققان، نامراتلارمۇ ئوخشاشلا «يىقىلىش» تىن يېتىشىپ چىققان. بىراق ئوخشىمايدىغىنى بايلار «يىقىلغانسىرى» بايلىق قوغلىشىشقا بولغان شىجائىتى ئېشىپ بارىدۇ، نامراتلار «يىقىلغانسىرى» ئىشنى قاملاشتۇرالمايدۇ.
شۇنداق بىرئادەم ئۆتكەن، ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا ئۆز ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ يىتىم بالا سالاھىيىتى بىلەن چوڭ بولغان، ئۇ نورمال ئائىلە تەربىيىسى كۆرمىگەن. خاراكتېرى كىچىكىدىنلا ئەركىن بولۇپ، دائىم باشقىلار بىلەن سوقۇشۇپ قالاتتى. ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئۆزىنى تېخىمۇ بىلمەي ئاخىرىدا مەكتەپتىن ھەيدەلگەن. كىچىكىدىن باشلاپ ھەرخىل «يىقىلىش» نى باشتىن كەچۈرگەن بۇ ئادەم دەل ئالما شىركىتىنىڭ باش لېدىرى جوبىس.
1975 – يىلى20 ياشلىق جوبىس نىيويوركقا كېلىپ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك يارىتىش ھاياتىنى باشلىغان.1981 – يىلى جوبىس ئىستىراتىگىيە جەھەتتىكى خاتالىق ۋە ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىدىكى داۋۇلغۇش سەۋەبلىك شىركەتنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ئۆزىمۇ بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولغان، يەنى ئالما شىركىتىدىن ئىستىپا بەرگۈزۈلۈپ چىقىرىۋېتىلگەن.شىركەتتىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كىيىن، جوبىس بىر قىسىم ۋەيران بولغۇچىلارغا ئوخشاش ئىگىز بىنادىن بىرنى تېپىپ سەكرىۋالمىغان. ئەكسىچە بولكىسىنى چاينىغاچ بىرتەرەپتىن قانداق قىلىپ قايتىدىن باشلاشنىڭ غېمىنى قىلغان. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. تولۇق بىر يىللىق ئويلىنىشتىن كىيىن ئۇ ئاخىرى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپقان، يەنى ئۇ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغان كومپيۇتېرنى شەخىسلەشكەن دەۋرگە ئېلىپ كىرىشنى قارار قىلغان. چۈنكى ئۇ چۈشىنەتتىكى، ئەگەر كومپيۇتېر ھەربىرئائىلىگە كىرسە چوقۇم غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتاتتى.
جوبىس ئەينى ۋاقىتتىكى خوجايىنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئېيىتقان.ئالما شىركىتى يىغىن ئېچىپ مۇھاكىمە قىلغاندىن كىيىن ئاخىرى ئۇنىڭ پىلانىنى قوبۇل قىلغان، ھەمدە ئۇنى قايتىپ كېلىپ شىركەتنىڭ باش دىرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان. قايتىدىن باشلىغان جوبىس شۇنىڭدىن كىيىن ئۆزىگە خاس بولغان بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ياش مىليادىرغا ئايلانغان.
ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا خۇددى جوبىسدەك بايلارغا ئوخشاش نەدە يىقىلساق شۇجايدا ئورنىمىزدىن تۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ۋاقىتلىق مەغلۇبىيەت تېگى كۆرۈنمەس سازلىققا ئايلىنىپ ئادەمنى تېخىمۇ چۆكۈرىدۇ. نامراتلار چوقۇم جوبىسنىڭ مەغلۇبىيەتكە قىلغان مۇئامىلىسىدىن ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇ يىقىلغاندىن كىيىن ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ «يارا ئېغىزى» غا قاراپ ياش تۆكمىگەن، ئەكسىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئۆزىنى تەڭشەپ ئوڭۇشسىزلىقنى ئۆزىنى ئىلھاملاندۇردىغان بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنى تېخىمۇ جاسارەتلىك قىلغان، ھەمدە ئاخىرىدا غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.
بايلىقنىڭ بايانى:
بىر داڭلىق مۇۋەپپەقىيەت يىتەكچىسى ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «مەغلۇبىيەت بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىمىز،ئۇ ھەرگىزمۇ گۆركار ئەمەس؛ مەغلۇبىيەت پەقەتلا ۋاقىتلىق يوقىتىش، ئۇ ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك ئازاب ئەمەس؛ مەغلۇبىيەت پەقەتلا ۋاقىتلىق ئەگرى يوللاردا مېڭىپ قېلىش،ئۇ ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك ئۆلۈم غارى ئەمەس ». بىز مۇشۇنداق پوزىتسىيە بىلەن ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە مۇئامىلە قىلساق، بايلىق بىزگە قاراپ بارغانسىرى يېقىنلايدۇ.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى