خوتەن قاشلىرىنىڭ زىچلىقى(تەگ)
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
和田玉质地细腻度
خوتەن قاشلىرىنىڭ زىچلىقى دېگىنىمىز __________ خوتەن قاشلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى مىنرال ماددىلارنىڭ ھالىتى ، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە زىچلىقىغا قارىتىلغان .
خوتەن قاشلىرىنى تەشكىللىگۈچى مىنرالنى ماددىلارنىڭ ( كىسلاتا ، مانگان ..... ) بىرلىك دانچىسى باشقا تۈردىكى ھەر قانداق قاشتاشنىڭكىدىن كىچىك ( ياكى ئۇششاق ) بولۇپ بۇ ھال خوتەن قاشلىرىنىڭ ناھايىتى تەگلىك بولۇشىدىكى ئاساسى سەۋەپتۇر .
ئادەتتە مىنرال ماددىلارنىڭ دانچىسى قانچە ئۇششاق ، زىچلىقى قانچە يۇقىرى بولسا سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى شۇنچە يۇقىرى ( ئېغىر ) بولىدۇ . قاشنىڭ سۈپىتىمۇ ناھايىتى ياخشى بولىدۇ .
خەلق ئارىسىدىكى << ئىنچىكە تەگ >> ، << سۇيۇق تەگ >> ، << تەگلىك تاش >> دېگەن سۆزلەر خوتەن قاشلىرىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ زىچ ياكى زىچ ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەشتىكى ئادەت سۆزىدۇر .
ئادەتتە مىنرال ماددىلارنىڭ دانچىسى قانچە چوڭ ، زىچلىقى قانچە تۆۋەن بولسا سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى شۇنچە تۆۋەن ( يىنىك ) بولىدۇ . قاشنىڭ سۈپىتىمۇ ئادەتتىكىچە بولىدۇ .
خوتەن قاشلىرىنىڭ زىچلىقى ئادەتتە 2.96~3.17 گىچە بولىدۇ . زىچلىقىنى چوڭايتىش ئەينىكى ياكى كەسپى تىلىسكوپ ئارقىلىق ياكى مەخسۇس زىچلىق ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق ناھايىتى ئېنىق ئۆلچىگىلى بولىدۇ . ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىگە ئىگە قاشگەرلىرىمىزمۇ ئۆز تەجرىبىسىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىدۇ .زىچلىق قاشتېشى ئېلىم - سېتىمىدىكى باھاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە : 新疆和田玉 (白玉) 子料分等定级标准及图例 ناملىق كىتاب
2016-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى
****************
خوتەن قاشلىرىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى ماقالىنى ئۇقۇڭ :
خوتەن قاشلىرىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى قانداق بولىدۇ؟
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
قاشگەر سەردارنىڭ 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىمىزدىن
‹‹قاشتېشىنىڭ كىگىزسىمان قۇرۇلمىسى دىگەن نىمە ؟ ›› دەپ سورىغان سوئالىغا جاۋاب
خوتەن قاشتېشىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە
خوتەن قاشتېشى ئۆزگىچە ئىچكى قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ خوتەن قاشتېشىنى تەشكىل قىلغۇچى مالوكىلا(كىچىك دانىچىلار)نىڭ جايلىشىشى ئىنتايىن زىچ بولغاچقا باشقا ھېچقانداق قاشتېشىغا ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس ئىچكى قۇرۇلمىنى ھاسىل قىلغان.ئادەتتە خوتەن قاشتېشىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ئاددىي كۆز بىلەن ئېنىق كۆرگىلى بولمايدۇ.ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن مىكروسكوپ(يەنى چوڭايتىپ كۆرۈش ئەينىكى) ئارقىلىق كۆزەتكەندە ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىلىگە ئاساسلانغاندا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك بولىدۇ.
1 . كىگىزسىمان قۇرۇلما
和田玉毛毡状结构
2 . تالالىق كىرىستال قۇرۇلما
和田玉纤维变晶结构
3 . يۇپۇرماقسىمان كىرىستال قۇرۇلما
和田玉叶片变晶结构
4 . تالالىق يۇشۇرۇن كىرىستال قۇرۇلما
和田玉纤维隐晶变晶结构
5 . نۇر شەكىللىك سۈپۈرگىسىمان قۇرۇلما
和田玉放射状扫帚结构
يۇقارقى سۈرەتلەر خوتەن قاشتېشىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى مىكروسكوپتا 1000-2500 ھەسسىگىچە چوڭايتىلغاندىن كېيىنكى ھالىتى.
خوتەن قاشتېشىنىڭ سەرخىرلىرى بولۇپمۇ ئاق قاشتېشىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسەن كىگىزسىمان قۇرۇلمىلىق بولىدۇ.شۇڭا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىدا كىگىزسىمان قۇرۇلمىلىق قاشتېشى كۆپ ئۇچرايدۇ.ئەگەر تورداشلار ئىچىدە قىزىققۇچىلار بولسا تور بېتىمىز مەخسۇس قاشتېشىغا ئىشلىتىلىدىغان مىكروسكوپ(چوڭايتىش ئەينىكى) ئالاقىلىشىپ تېپىپ بېرىمىز.
(كىگىزسىمان قۇرۇلما- ماددىلارنىڭ قانۇنىيەتسىز ھالەتتە بېرىككەن ئىنتايىن زىچ بولغان ئىچكى قۇرۇلمىسىنى كۆرسىتىدۇ.يەرلىك ئۇسۇلدا قوي يۇڭىدىن كىگىز ئەتكەندە قوي يۇڭى ئىختىيارى تاشلىنىپ،بېسىلىپ ،پۇشۇرۇلۇپ ،زىچ ھالەتكە كەلتۈرىلىدۇ.ئۇنىڭ زىچلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ،ئۇنىڭدىن سۇمۇ ئۆتمەيدۇ.خوتەن قاشتېشىنىڭ قۇرۇلمىسى كىگىزنىڭ قۇرۇلمىسىدەك ئىنتايىن زىچ بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان.)