A-A+

سودىدا چۇقۇم تەۋەككۈلچىلىك روھى بولۇشى كېرەك

2015-يىل 1-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 280 قېتىم

جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى

145701pe2u8dlwu6x7uzro

ئون ئالتىنچى باب

مۇئەييەن تەۋەككۈل قىلىش روھى بولمىغاندا، ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ

*سودا قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ خەتەر بولسا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماسلىق

   شېڭدا تورىنىڭ قۇرغۇچىسى چېن تىيەنچىياۋ: «سودا قىلىشتا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز، سودا قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ خەتەر – خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقتىن ئىبارەت.» دىگەن.

   بىر سودىگەربولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەگەر بىزدە يىتەرلىك خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھى بولمىسا، زىيانغا چىدىيالمىساق، جاپا تارتىشتىن قورقساق ئۇنداقتا ئىشىمىز ئالغا باسمايدۇ. جېجىياڭ سودىگەرلىرىدە ئەزەلدىن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھى كەم بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاسارەتلىك كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ، ئويلاشقا،قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ. گەرچە ئىگىلىك يارىتىش جەريانىدا توختىماستىن مەغلۇب بولۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما خۇددى مەغلۇبىيەت غەلبىنىڭ ئانىسى دىگەندەك، ئۇلار مەغلۇبىيەتتىن ئۆزىنى قانداق قاچۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.

   جاڭ جۈنيى بولسا دۇبەيدىكى مۇساپىرلىقتىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ياش. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ شاڭخەي قۇرۇلۇش تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەندە ئارانلا 25 ياش بولۇپ،باشقىلارغا ئەگىشىپ دۇبەيگە كەلگەن. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، سودا قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ خەتەر -خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالماسلىق.

   دۇبەيگە يېڭى كەلگەندە، جاڭ جۈنيىنىڭ ھېچنىمىسى يوق ئىدى. ئەمما ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئىش باشلاپ،تىرىشىش ئارقىلىق باش كۆتۈرۈپ چىققان.  ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر ئەۋزەللىكى بار ئىدى،يەنى ئۇ ئېنگلىزچە بىلەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ شۇ يەردىكى خوجايىنلارنىڭ دۇكىنىغا قارىشىپ بەرگەن، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان، كىيىن جۇڭگو يىنىك سانائەت شەھەرچىسىگە كېلىپ ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ماللار شىركىتىنى ئاچقان.

ئۆتكەلدىن بىر– بىرلەپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ئۇ ئاخىرى تىجارەت قىلىشنىڭ يولىنى تېپىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاپ يۈرەكلىك بىلەن 100 كۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق كۆلەمدىكى تاللا بازىرىنى ئېچىپ، ئەرەبلەر ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى خېرىدارلار بىلەن بىۋاستە

سودا قىلىشقا باشلىغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇ يەنە ۋېنجۇ تېلېۋىزىيە ئىستانىسسىنىڭ دۇبەيدىكى تەكلىپلىك مۇخبېرىغا ئايلانغان.

   جاڭ جۈنيى ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان روھنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، چېن جىيۈەن ئۇيۇشما رەئىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە يۈرىكى تېخىمۇ چوڭايغان. ئۇ: «مەن كىچىك ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايىتتىم، ھەمىشە چوڭىنى قىلسام دەپ ئويلايىتتىم.» دىگەن.

   بازار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ دۇبەي بازىرىدىكى بىر بوشلۇقنى بايقاپتۇ، يەنە دۇبەي بازارلىرىدا ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سودىدىكى بىۋاستە سەزگۈسىگە تايىنىپ بۇ ئىش ناھايىتى ئاقىدىكەن دەپ ئويلاپتۇ، ھەمدە ۋېنجۇدىن بىرتۈركۈم مال كىرگۈزۈپ، ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقىنى مەخسۇس ساتىدىغان بىر دۇكان ئېچىپتۇ،سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا ئۇ دۆلەت سودا ئىشلىرى مېنىستىرلىكىنىڭ دۇبەيگە داڭلىق «لوڭچېڭ» سودا بازىرى سېلىش پىلانىدىن خەۋەر تېپىپتۇ. ئۇ بولسا دۇبەيدىكى تۇنجى قېتىم بەلگىلەنگەن ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى بازارئىدى. ئۇ بۇ سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ دوستىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، ۋاقتىنچە ئىجارىسى كۆتۈرىۋىتىلگەن بىر دۇكان ئورنىغا ئېرىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ بۇنى كۆزنەك قىلىپ تۇرۇپ، «لوڭچېڭ» نىڭ ئالدىدا بىر سودا دۇكىنى، يەنە باشقا تەرەپلەردە ئۈچ سېتىش نوقتىسى بولغان ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى تەسىس قىپتۇ.

   قىسقىغىنە نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، جاڭ جۈنيى يۆتكەش قولايسىز بولغان ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقلىرىنى ئوتتۇرا شەرق بازىرىدىن جەنۇبى ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرگىچە كېڭەيتىپ، باشقىلار تەرىپىدىن «ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقى پادىشاھى» دەپ ئاتىلىپتۇ.

   جېجىياڭلىق سودىگەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار نېمىنى ئويلىسا شۇنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ،گەرچە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق مەقسىتىگە يىتەلمىسىمۇ، ئۇلار ھېچقانداق ئەپسۇسلۇق ھېس قىلمايدۇ. بىراق   بىر قىسىم كىشىلەر ياخشى ئۇسۇللارنى ئويلاپ چىقالىسىمۇ،  سىناپ كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالماي، مەڭگۈ ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ياشايدۇ. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، پۇرسەتكە يولۇققاندا چوقۇم دەرھال ھەرىكەتلىنىش لازىم، ئەگەر ۋاقتىدا ھەرىكەت قوللانمىسىڭىز، بۇ سىزدە جاسارەتنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، جاسارەتلىك بولۇش سودىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جاسارەتلىك بولۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق سىزنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېنىدىن تۇيدۇرماي ئۆتكۈزۋېىتىدۇ، ھەمدە سىزگە ئۆمۈرلۈك پۇشايمان قالدۇرىدۇ.

   چاشقانلارخەتەر ئالدىدا قورققانلىقى سەۋەبلىك ناھايىتى تەملىك بولغان پىشلاقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. پەقەت يېڭى پۇرسەتلەرنى تېپىشقا جۈرئەت قىلغان ئاشۇ سودىگەرلەرلا مەڭگۈ يېڭى «پىشلاق» لارنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنالايدۇ.

  ئىنقىلاۋى قىزىل بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلىغۇچى فەن ۋۇچىياڭ جېجىياڭ ۋېنجۇلۇق. ئۇ ئىش باشلاشتىن بۇرۇن، بىرقېتىم خوتۇنى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ بېيجىڭغا ساياھەت قىلغىلى بارىدۇ. ئۇلار بىرئائىلە كىشىلىرى تىيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۆتكەندە، ناھايىتى سەزگۈر بولغان بۇسودىگەر كۆڭلىدە، ئەگەر تىيەنئەنمېن مەيدانىدىكى بىنادا ماركىسىزم – لېنىنزم توغرۇلۇق كىتابلار بولغان بىر كىتابخانا ئېچىلسا، سودىسى چوقۇم ياخشى بولاركەن دەپ ئويلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ تىيەنئەنمېن مەيدانى بىنالىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بارىدۇ. نەتىجىدە، باشقۇرۇش ئورگىنىدىكىلەر تىزلا قوشۇلىدۇ، ھەمدە بۇ «قىزىل لاگىر» غا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، كىتابخانىنىڭ ئىجارىسىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.

   جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئاددى دېھقاندىن ئاستا – ئاستا چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلانغان. بۇ جەرياندا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بىرئامىل بولسا ئۇلارنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھى.گەرچە ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھىنىڭ ئۇقۇمى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق سودا مەيدانلىرىدىكى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھى ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ سودا پۇرسىتى ئىزدەشتىكى ئەڭگۈشتەرىگە ئايلاندى.

   شاڭخەي سىشەنفۇ تۇنجى نۆۋەتلىك پويىزنىڭ مۇكاپات بېرىش ھوقۇقى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغاندا، جېجىياڭنىڭ خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىسى شىنخۇ ئۆي – مۈلۈك گورۇھى بىلەن شاڭخەي ھەممىباب گورۇھى سېتىۋېلىشتىكى رىقابەتچىلەرگە ئايلانغان، نەتىجىدە،شىنخۇ گورۇھى ئىككى مىليون 90 مىڭ يۈەنلىك باھا بىلەن بۇ ھوقۇقنى سېتىۋالغان.

   شاڭخەي ھەممىباب گوروھى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىنخۇ گورۇھىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەرگىز ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ. شاڭخەي ھەممىباب گوروھىنىڭ ئومۇمىي مەبلىغى 20 مىلياردتىن ئاشىدىغان بولۇپ،ھەريىلى ئىككى مىلياردتىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلىدۇ، بىراق شىنخۇ گورۇھى رەقىبىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى بىلەن كارى بولمىغان. شۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قاپ يۈرەكلىكىنى ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.ئۇلار ئىزچىل «سودا قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ خەتەر دەل خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالماسلىقتۇر.» دىگەننى ئۆزىگە قىبىلنامە قىلغان.

**كىرزىس – خەتەر ۋە پۇرسەتتۇر

   جېجىياڭلىق كارخانىچى دۈن شېڭخۇا: «ھەرقانداق سودا پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ، خەتەر ئىچىدىنمۇ سودا پۇرسىتى تاپالايدىغان كۆز بولۇش كېرەك.» دىگەن. جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇلار ئۇچرىغان ھەربىر سودا خەتىرىنىڭ ئىچىدە بايقاش تەس بولغان پۇرسەت بار، ھەمدە خەتەر قانچە چوڭ بولسا، پۇرسەتمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

   كىرزىس ئالدىدا، قانداق قىلىپ خەتەردىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا كېرەكلىك بولغان ئەقىل – پاراسەت ھەربىر جېجىياڭلىق سودىگەرنىڭ كاللىسىدا پىشىپ ۋايىغا يەتكەن. بىر مۇنەۋۋەر سودىگەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم قانداق قىلىپ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش بىلەنلا قالماستىن، يەنە جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە ئوخشاش خەتەرنىڭ ئىچىدىن سودا پۇرسىتىنى بايقىيالايدىغان، «خەتەر» ئاقىلىق «پۇرسەت» كە ئېرىشەلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك.

   جېجىياڭ فېييۆ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى شى جىباۋ فېييۆ گورۇھىنى قۇرۇشقا باشلىغان ۋاقىتتا،بىر نەچچە يۈز يۈەندىن ئىش باشلاپ 15 يىل تىرىشىش ئارقىلىق بۇ كارخانىنى مەبلىغى10 مىليارد يۈەنگە يەتكەن ،چوڭ تىپتىكى زامانىۋىلاشقان ،خەلق باشقۇرۇشىدىكى دۆلەت ھالقىغان كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقتى ھەمدە ئۆز كەسپىدىكى سەركىگە ئايلاندۇردى.

   ئەينى ۋاقىتتا فېييۆ گورۇھى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بازارنى ئەمدىلا ئاچقان ۋاقىتتا،مېكسىكا ئىقتىسادىي كىرىزىسىنىڭ يىتىپ كېلىشى فېييۆ گورۇھىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سېتىش سوممىسىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. كۆپچىلىك نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان چاغدا، شى جىباۋ بۇ قېتىملىق ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ئارقىغا يوشۇرۇنغان نەرسىنى كۆرۈپ قالغان. بازارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئېچىنىشلىق رىئاللىق ئالدىدا، شى جىباۋ ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي سوغۇققانلىق بىلەن ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلغان.ئۇ <ئىقتىسادىي كىرىزىس سودىمىزغا زەربە بىرىپ بۇ رايوننىڭ پۇلىسىنى پاخاللاشتۇردى، ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ خەلق پۇلى ناھايىتى مۇقىم، ھەمدە دۆلىتىمىز يۇقىرى تېخنىكا ئىمپورت قىلىشقا نىسبەتەن ئېلھام بىرىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۋاتىدۇ، بۇ  يۇقىرى تېخنىكا كىرگۈزىدىغان، تېخنىكىدا چوڭ جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەن >دەپ قارىغان.

   ئويلىنىپ بولغاندىن كىيىن دەرھال ھەرىكەتكە كەلگەن شى جىباۋ ياپونيىنىڭ كىچىك تىپتىكى بىر زاۋۇتىنى سېتىۋېلىپ، نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىس ۋە تېخنىك خادىملارنى يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ چىقىشقا ياللىغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تېخنىكىنى ئىسلاھ قىلىشقا زور مەبلەغ سېلىپ، ئامېرىكا، كورىيە ۋە تەيۋەن رايونىدىن نەچچە يۈزلىگەن يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسۋابلارنى كىرگۈزگەن. بۇ ئىككى مۇھىم تەدبىرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى فېييۆ گورۇھىنى بىردىنلا يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا ئېلىپ كىرگەن.پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى تېخنىكىنى كىرگۈزگەچكە، كارخانا مۇددەتتىن بۇرۇن ئاپتوماتلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە مىليونلىغان مەبلەغنى تىجەپ قالغان.

   جېجىياڭ سودىگىرى شى جىباۋنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بولسا، ئۇ كەسكىن بازار رىقابىتىگە دۈچ كەلگەندە، بولۇپمۇ خەتەر يىتىپ كىلىشنىڭ ئالدىدىكى پەيتلەردە، ئۇ «خەتەر» ئارقىلىق«پۇرسەت» نى تۇتۇۋېلىپ، تېخنىكىنى يېڭىلىغان، ھەمدە كارخانىنىڭ راۋان تەرەققىي قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.

   «ئەلى بابا»نىڭ باش مۇدىرى مايۈن ئىلگىرى: «ئەگەر سىز بۇنى خەتەر دەپ قارىسىڭىز، خەتەر ئاللىقاچان يىتىپ كەلدى؛ ئەگەر سىز بۇنى پۇرسەت دەپ قارىسىڭىز، پۇرسەت يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.» دىگەن. مايۈن شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇكى، ياخشى كارخانا قىيىن مۇھىتتىمۇ باش كۆتۈرۈپ چىقالايدۇ، مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار چوقۇم بۇ خىل مۇھىتقا ماسلىشىشنى باشقىلارغا قارىغاندا بالدۇر ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، كىم ئاۋۋال ماسلاشسا پۇرسەت شۇنىڭ بولىدۇ. كارخانا تەرەققىياتىدا بەش – ئون يىللىق ئويلىنىش، ئىككى –ئۈچ يىللىق خەتەر ھېچ گەپ ئەمەس، ئەكسىچە پۇرسەتنى تۇتۇۋالىدىغان ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ.

   جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تور سودىسى كارخانىسىغا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان مايۈن جۇڭگونىڭ بىر قىسىم كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرىغا ناھايىتى قايىل. ئۇ كۆرسىتىپ: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى دەل ۋاقتىدا ھەرىكەتكە كېلىدۇ، ئىچكى ئېھتىياجنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئون تۈرلۈك تەدبىرنى قوللىنىش، ئىككى ئاي ئىچىدە تۆت قېتىم ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، بۇكەلگۈسىدىكى ئىقتىسادنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالغان.» دىگەن.

   ئەينى ۋاقىتتا، سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى ما ۋېيخۇا بىلەن مايۈننىڭ كۆز –قارىشى ئوخشاش چىقىپ ئۆز – ئارا قوللىغان. ما ۋېيخۇا ئەمدىلا «كارخانىنى قۇتقۇزۇش ئۆزىنى قۇتقۇزۇش بىلەن باراۋەر» دەپ تۇرىشىغا، مايۈن ئارقىدىنلا «ئەگەر بانكا ئۆزگەرتمىسە بىز بانكىنى ئۆزگەرتىمىز، مەن ئۈچ يىلدىن كىيىن، بۇ دۆلەت ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بولغان قەرز سىستېمىسى ئورنىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بىزتىزلىنىپ قالساقمۇ، ئاخىرىغىچە ماڭىمىز» دىگەن.

   مايۈن ئۆز نۇتقىدا تەكرارلاپ، جۇڭگو كارخانىچىلىرى چوقۇم كىرزىسنىڭ ئىچىدىن دەس تۇرىشى،كارخانىچىلار روھىنى ئۇرغۇتۇپ، خەتەرنىڭ ئارقىدىكى سەۋەبنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى،ئۆز – ئارا كېپىل بولۇپ، ئورتاق تاقابىل تۇرىشى كېرەك دىگەن.

   مايۈن يەنە:«2000 – يىلىدىكى تورنىڭ كۆپۈكلىشىش كىرزىسى مەزگىلىدىكى چاقىرىقىم -‹مەن ئەڭ ئاخىرقى يىقىلغۇچىغا  ئايلىنىمەن›دىيىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭمۇ قىيىنچىلىقىم بار، باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقى مەندىنمۇ ئېغىر دىگەنگە ئىشىنەتتىم؛مەن ئازابلانسام، رەقىبىم مەندىنمۇ بەك ئازابلىناتتى، كىم ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بەرسە شۇ ئۇتۇپ چىقىدۇ. ۋاز كېچىش ئاڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت، ئەگەر سىزئۆزىڭىزنىڭ زاۋۇتىنى، كارخانىڭىزنى تاقىۋەتسىڭىز، مەڭگۈ قايتا باش كۆتۈرىدىغان پۇرسەت يوق.» دىگەن.

   مايۈن ئارقىدىنلا يەنە: «ئون يىلدىن كىيىن بۇ جەمئىيەت يېڭى باسقۇچقا كىرگەندە، بازارتېخىمۇ روناق تاپىدۇ. 21 – ئەسىردىكى تۇنجى كىرزىس بىزگە تېخىمۇ ئوچۇق بولغاندا، بىزتېخىمۇ ئۈمىدۋار بولغاندىلا، ئاندىن كىرزىسنىڭ ئىچىدىن پۇرسەتنى بايقىغىلى،تېخىمۇ يىراققا ماڭغىلى بولىدۇ.» دىگەن.

    ھەرقېتىم كىرزىس يىتىپ كىلىشنىڭ ئالدىدا، سودىگەرلەرگە ناھايىتى چوڭ بېسىم ئەكېلىدۇ. ئەگەرسىز قۇتۇلۇپ چىقىشنى ئويلاپ، ئۆزىڭىزنى پاسسىپ ھالدا قاچۇرسىڭىز، بۇنىڭ بىلەن ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان ھوقۇقتىن ۋاز كەچسىڭىز، ئۇنداقتا ئاخىرىدا سىز خەتەرتەرىپىدىن يىيىلىپ كېتىسىز. جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە ئوخشاش مەسىلىگە يۈزلىنىش كەيپىياتىنى ساقلاش كېرەك، خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇش، ئەپچىللىك بىلەن خەتەر ئىچىدىن پۇرسەتنى قېزىپ چىقىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك.

   زۇلمەت بولمىسا، سۈبھىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس! خەتەرنىڭ ئىچىگە پۇرسەت يوشۇرۇنغان،پۇرسەت پەقەت تەييارلىقى بار، ئۇنى بايقاشقا ماھىر كىشىلەرگە مەنسۇب. كالۋا ئادەملەر ھەمىشە پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ تەقدىرنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن زارلىنىدۇ.

***جاسارەت ۋە پاراسەت نەزەر  دائىرىگە باغلىق

   جېجىياڭدا مۇنداق بىر گەپلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە، يەنى يىۋۇ كىيىم – كېچەك، يىمەك – ئىچمەك قاتارلىق «ئۇششاق» تاۋارلار سودىسى ئارقىلىق داڭلىق بولغان؛ ۋېنجۇ ۋە تەيجۇ بولسا«ئاۋۋال قول سېلىشقا ماھىر بولۇپ» داڭق چىقارغان؛ ھالبۇكى، پۈتكۈل جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سەۋەب بولسا ئەقىل – پاراسەت ئارقىسىدىكى ئۆتكۈر نەزەردىن ئىبارەتتۇر.

   خۇددى دىڭشى ئېيىتقاندەك: «ئەقىل – پاراسەت جېجىياڭلىق سودىگەرلەردە بولۇشقا تىگىشلىك ساپا.ئەگەر ئەقىل – پاراسەت كەمچىل بولىدىكەن، جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ توختىماستىن يېڭىلىق يارىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.»

جېجىياڭ سودىگەرلىرىدە«ئاۋۋال قول سېلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان» روھ تولۇپ – تاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئىش قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىمى ۋە تەجىرىبىسىنى ئارقا تىرەك قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە كەسكىن روھىغا تايىنىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا غەلبە قىلىدۇ.

   ئىگىلىك يارىتىش جەريانىدا جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بولسا، قىلىشقا ۋە ئويلاشقا جۈرئەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تەپەككۇر قىلىشقا ۋە قارار چىقىرىشقا ماھىر.

   زوڭ چىڭخۇ شىزى كۆلى بۇيىدىكى بىر ئاددى ئائىلىدە تۇغۇلغان. دادىسى ئۇنىڭغا – زوڭ چىڭخۇ دەپ  ناھايىتى مەنىلىك ئىسىم   قويۇپ،ئائىلىنى گۈللەندۈرۈشنى، خۇشاللىق ۋە بەركەت ئېلىپ كىلىشنى ئۈمىد قىلغان.

   ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئائىلە شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، زوڭ چىڭخۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن دەنشەنگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان. ئۇ دەنشەندە دېڭىزنى قورشاپ ئېتىز بەرپا قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

   بىر يىلى باھار پەسلىدە، مائارىپ ئىدارىسى بىرسېتىش بۆلۈمىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بىر دىرېكتورغا ئېھتىياجلىق ئىدى. يىغىن ئېچىلىپ كۆپچىلىكنىڭ رايى سىنالغان بولسىمۇ، بىراق ماس كېلىدىغان ئادەم چىقمايدۇ.بۇنى ئادەم چىقمىدى دىگەندىن كۆرە، بېسىم ئېغىر بولدى دىگەن تۈزۈك ئىدى.چۈنكى ئۇ چاغدا تۇنجى يىلىلا 40مىڭ يۈەن كىرىم قىلىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، قۇرۇلغان ئىكەن چوقۇم ئۇنى باشقۇرۇش ھەم پايدا يارتىش كېرەك ئىدى.

   ئەڭ ئاخىرىدا دىرېكتورلۇق ئورنى زوڭ چىڭخۇنىڭ قولىغا ئۆتۈپتۇ.

   زوڭ چىڭخۇ: «بولىدۇ، مەن قىلاي! مۇشۇ يىلدا 40مىڭ يۈەن پايدا ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن.» دەپتۇ. مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمما ئىشەنچلىك سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپتۇ.

   كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئادەتتە ناھايىتى ئەستايىدىل ئادەم دەپ قارايتتى. ئەجىبا ئۇ ساراڭ بولغانمىدۇ؟ پۇل دەرەختىن چۈشمەيدىغان تۇرسا، ئۇنىڭ خىيالى قۇرۇق خىيالدە!

   زوڭ چىڭخۇ بىردەملىك قىزىقچىلىققا تايىنىپلا ئۆزىنىڭ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىغا بىلەتتى. شۇڭا مۇۋاپىق تەييارلىق ۋە ئىلمىي ھۆكۈم بولۇشى، باشقىلارنىڭ تەجىرىبىسى ئارقىلىق ئۆز كەمچىلىكىنى تولۇقلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر قارىغۇلارچە قىلسا، بۇ «ئۆزىنى نابۇت قىلغان» بىلەن باراۋەر بولاتتى،بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق پۇرسەتكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. 40 يىلدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل تەقدىر تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، پۇرسەت ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئىكەن، ئۇنى ئۆتكۈزۋېتىشكە بولمايدۇ، ھەممىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، پۇرسەت بىلەن بىر قېتىملىق ھايات – ماماتلىق جەڭ قىلىش كېرەك.

   ھېچكىممۇ ھەتتا زوڭ چىڭخۇنىڭ ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان. ئۇ دىرېكتورلۇق بىلەن قوشۇمچە ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلتنىڭ شوپۇرى، يۈك چۈشۈرگۈچى ۋە كەسپىي خادىم بولۇپ كۈندە باشقىلار ئۈچۈن مەھسۇلات سېتىپ بېرىۋاتقان چاغدا، ئۇ غەلبىگە قاراپ كېتىۋاتاتتى.

   تەيجۇدىكى بىر كارخانىچى: «كاللا بولۇپ سىناشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، سىناشقا جۈرئەت قىلىپ كاللىسىنى ئىشلەتمەسلىك ھەممىسى سودىگەرچىلىكنىڭ دۈشمىنى. چوقۇم ئىككىسىنى ئۆز – ئارا بىرلەشتۈرۈش كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئەقىل – پاراسەت ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.» دىگەن.

   ھازىر شەنشەن گورۇھىنىڭ باش مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە باش لېدىرلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان جېڭ يوڭگاڭ بولسا جۇڭگو كىيىم – كىچەك جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت رەئىسى، مەزكۇر شىركەتنىڭ 20250 دانە پېيىغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.

   ئەينى ۋاقىتتا ئۇ نىڭبو يوڭگاڭ كىيىم – كىچەك زاۋۇتىنى ئۆتكۈزىۋالغان چاغدا، زاۋۇتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ سانى 300 گە يەتمەيىتتى.سودا سوممىسى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن قەرزى بار ئىدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى شەنشەن گورۇھى ئاللىقاچان كىيىم – كىچەك سانائىتىدىكى سەردارغا ئايلاندى.

   ئەينى ۋاقىتتا، كىيىم – كىچەك كارخانىسىنىڭ بىر قىسىم ئىلغار ئەسلىھەلىرى بار بولسىمۇ، بىراق پەقەت دۆلەت سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتىغا ئىش قوشۇپ بېرەتتى، ئۆزىنىڭ ماركىسىدىكى مەھسۇلاتلار يوق ئىدى. جېڭ يوڭگاڭنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، ئۇ زاۋۇت «شەنچېن» ماركسىنى تىزىمغا ئالدۇردى. مەبلەغ يېتىشمىگەندە، ئۇ پۇل قەرز ئېلىپ دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەشۋىقات قىلدى. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ پۇلنى بىكارغا خەجلەۋاتاتتى.بىراق بازارنى چۈشىنىدىغان جېڭ يوڭگاڭ ئۇنداق قارىمايىتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىردەملىك ھېسىياتقا تايىنىپ سىناپ باقمايۋاتقانلىقىنى، تەجىرىبە ۋە ئەقىل – پاراسەتكە تايىنىپ، «شەكىلسىز مەبلەغ تىجارەت قارىشى»، «مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سېتىش سىسىتېمىسى قارىشى» ۋە «كارخانا ئوبرازىنى تونۇشتۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىش قارىشى»بۇيىچە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. ئەسلىدىكى ياساشتىن يېڭىلىق يارىتىشقا ئۆتۈش، ئۆزىنىڭ ماركىسىنى يارىتىش ۋە ئوبرازىنى تىكلەش كارخانا مەدەنىيىتى جەريانىدا ناھايىتى مۇھىم ئىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ شىركىتى جۇڭگونىڭ كىيىم –كىچەك ساھەسىدە تۇنجى بازارغا كىرگەن شىركەتكە ئايلاندى، تېخىمۇ چوڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ شىركەتنىڭ باش شىتابىنى نىڭبودىن شاڭخەيگە كۆچۈرۈپ ئەكەلدى.

   مالىيە – ئىقتىساد يازغۇچىسى ۋۇ شاۋبونىڭ قارىشىچە، جېجىياڭلىقلارنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى مۇۋەپپەقىيىتى ۋە تەرەققىياتى ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئىسلاھات –ئېچىۋېتىشتىكى پۇرسەتنى تۇتۇۋېلىشقا ماھىر بولغان، ئۆزىنىڭ جۈرئەتلىك ۋە چوڭقۇر ئەقىل – پاراسىتى بىلەن باش كۆتۈرۈپ چىققان. ئەڭ مۇھىمى بولسا نېمىنىڭ «ئەقىل –پاراسەت»، نېمىنىڭ «بىلىمسىزلىك» ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىغان.

   پاراسەت ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ پەرقى ھەمىشە بىرتۈز سىزىق ئۈستىدە كۆرۈلىدۇ، شەخسنىڭ سودىغا بولغان كۆز – قارىشى ئوخشاش بولمىسا،ئوخشىمىغان ئىككى خىل نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ.

   «جاسارىتى بولۇپ ئەقلى بولمىسا يەنىلا قاراملىق، ئەقلى بولۇپ جاسارىتى بولمىسا يەنىلا قورقۇنچاقلىق.» سودا قىلىشتا %100چۈشىنىشنىڭ بولۇشى ناتايىن. خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھى بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، سوغۇققانلىق بىلەن تەدبىر بەلگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئەقىل –پاراسىتىمىزنىڭ كېپىللىكى بولۇشى لازىم.

****ئۇچۇرلاردىكى پۇرسەتنى بايقاپ، كەسكىن قول سېلىش كېرەك

   جېجىياڭ ئۆلكىسى خەلق باشقۇرۇشىدىكى خۇسۇسىي كارخانىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى فەن لىشىڭ: «جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ بازارغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىچە. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى بىر قەدەرقىس، شۇڭا بۇ ساھەگە ئاۋۋال قول سالغاندا چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.»دىگەن.

   پۇرسەت ھەمىشە ھەرخىل ئۇچۇرلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ، ئەقىل ئىگىلىرى بۇ خىل ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان پۇرسەتنى بايقاشقا، كەسكىن قارار چىقىرىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ماھىر، ئۇلار شۇ ئارقىلىق غەلبىگە ئېرىشىدۇ. بەزىلەر مۇنەۋۋەر كارخانىچىلارنى بېشىدىن ئايىقىغىچە، كۆزىدىن مېڭىسىغىچە، بۇرنىدىن قۇلقىغىچە ئۇچۇرلارغا ناھايىتى سەزگۈر بولغان «ئۇچۇرمەخلۇقى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.

   ۋاڭ جۈنياۋ بولسا جېجىياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھىرى ساڭنەن ناھىيىسى دايۈ بازىرىدىن. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا ئوقۇشتىن توختاپ سودا دېڭىزىغا قەدەم قويغان بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان جاسارىتى، ئىگىلىك يارىتىشتىكى جاپادىن قورقمايدىغان روھىغا تايىنىپ، بىر ئادەتتىكى ئادەمدىن بازار ئىگىلىكىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن مۇنەۋۋەر كارخانىچىغا ئايلانغان.

   1998 – يىلى، ئۇنىڭ يۇرتى ۋېنجۇدا كىرا ماشىنىسىنىڭ تىجارەت ھوقۇقى ناھايىتى يۇقىرى باھادا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدى.بۇنچىلىك يۇقىرى باھا كىشىلەرنىڭ تامامەن ئويلىمىغان يېرىدىن چىققان ئىدى. بىراق ۋاڭ جۈنياۋنىڭ نەزىرىدە ۋېنجۇغا كەلگەن ھەربىر كىشىگە ئاۋۋال «جۈنياۋ» ماركىسىنى كۆرسىتىش بىر خىل شەكىلسىز بايلىق يارتىش بولۇپلا قالماستىن، يەنە ناھايىتى تەستە ئېرىشكىلى بولىدىغان پۇرسەت ئىدى.

   ئوزۇن ئۆتمەستىن ۋاڭ جۈنياۋ كەسكىن قارارچىقىرىپ، ھەربىر ماشىنىنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 800 مىڭ يۈەنلىك باھادا يۈزدانە ماشىنىنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى سېتىۋالغان.

   سودا پۇرسىتى يېنىمىزدىلا تۇرىدۇ، ئەگەرھەربىر ئادەمنىڭ ئۇنى ئېتىراپ قىلىشىنى ساقلاپ تۇرساق، ئۇ ھالدا ناھايىتى كېچىككەن بولىمىز! جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ مۇۋەپەقىيىتىدە بىر ئورتاق نوقتا بار، يەنى ئۇلارسودا قىلغاندا ھەمىشە باشقىلارنىڭ بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ پۇرسەتنى تۇتىۋالىدۇ،ھەمدە كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىدۇ. جېجىياڭلىقلارغا نىسبەتەن، توغرا مۆلچەرلەش، تىزقول سېلىش كېرەك، بۇ تىجارەت قىلىشنىڭ قائىدىسى. ئۇلارنىڭ ھېس قىلىشىچە، سىز ئەگەرئۈمىد بار دەپ ئويلىسىڭىز، بىراق قول سېلىشقا جۈرئەت قىلالمىسىڭىز، ئۇ ھالدا پۇرسەت غايىپ بولۇپ كېتىدۇ –دە، غەلبە قازىنىشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.

   جېجىياڭ ۋېنجۇدىكى بىر چىش دوختۇرى شاڭخەيگە كاماندىروپكىغا كەلگەن ۋاقىتتا، ھەمىشە كىشىلەرنىڭ كوچىلاردا  ناھايىتى يوغان ھۆججەت سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى بايقاپتۇ. ئۇ بۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقىپ، بىر مەدەنىيەت بۇيۇملىرى دۇكىنىغا كىرىپ ئەھۋال ئىگەللىمەكچى بوپتۇ.

.

   ئەسلىدە، ئەينى ۋاقىتتا شاڭخەيدىكى نۇرغۇن كارخانىلاردا ئومۇميۈزلۈك رەتلەش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئەسلىدىكى بارلىق ھېسابات دەپتەرلىرىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك ئىكەن. چىش دوختۇرى بۇنى بىر قېتىملىق سودا پۇرسىتى دەپ قاراپتۇ. ئۇ ئۆزى ئەگەر ھەربىر كارخانا ۋە ئورگانلارغا ماس كېلىدىغان باشقۇرۇش جەدۋىلى، ھېسابات دەپتىرى لايىھەلەپ چىقالىسا، ئۇنداقتا پايدا ئۆزلۈكىدىن كېلىدۇ دەپ ئويلاپتۇ.

   ئويلىنىپ بۇ جايغا كەلگەندە، چىش دوختۇرى بىرقانچە پارچە جەدۋەل ۋە ھېسابات دەپتىرىنىڭ نۇسخىسىنى ئېلىپلا مېڭىپتۇ.

   يۇرتى جېجىياڭ ۋېنجۇغا قايىتقاندىن كىيىن، ئۇمالىيە، ئارخىپ قاتارلىق بىر قاتار ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كارخانا باشقۇرۇشتا قوللىنىلدىغان جەدۋەل لايىھەلەشكە كىرىشىپتۇ. ئارقىدىن ئۇ بۇ جەدۋەللەرنى كۆپەيتىپ چىقىرىپتۇ، ھەمدە شاڭخەي كارخانىلار تىزىملىكىدە كۆرسىتىلگەن ئورۇن نامى، ئورۇن ئادرىسى بۇيىچە ھەرقايسى كارخانىلارغا بېرىپ سېتىشقا باشلاپتۇ.ئۇ جەمئىي نەچچە مىڭ پارچە زاكاس قوبۇل قىلىش خېتى تارقىتىپتۇ، پەقەت پوچتا ھەققىغىلار نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپتۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىسادىي سەۋىيىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بۇ ئاز پۇل ئەمەس ئىدى.

   ئۇ زارىقىپ كۈتىۋاتقاندا، 1000 دىن ئارتۇق كارخانىدىن كەلگەن زاكاس تالونلىرى ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپتۇ. زاكاس تالونلىرىدىكى مال مىقدارى ئۇنى نەق ئىككى ئاي ئالدىراشلىققا چۆمدۈرۈپ، جەمئىي نەچچە ئون مىڭ يۈرۈش مال تارقىتىپتۇ، ھەمدە پايدىسى 60 مىڭ يۈەندىن ئېشىپتۇ.

   ئۇنىڭدىن كىيىن، ئۇ ھېچقانداق قانائەت ھاسىل قىلماستىن 60 مىڭ يۈەن كىرىمنى دەسمىي قىلىپ شىركەت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ،ئەسۋابلارنى سېتىۋېلىپ، مەدەنىيەت بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇپتۇ.

   بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ كارخانىسى ئاللىقاچان ئەينى ۋاقىتتىكى كىچىك كۆلەملىك ئۇستىخانىلاردىن تەرەققىي قىلىپ مىليون يۈەنلىك مۇقىم مۈلىكى بار بولغان كارخانىغا ئايلانغان، يىللىق سېتىش سوممىسىمۇ مىليوندىن ئاشقان.

   جېجىياڭ خاڭجۇدىكى بىر كارخانىچى: «يۈزەكى قارىغاندا رىقابەت ناھايىتى كۈچلۈك، قول تىققىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان بازاردا، ئەمەلىيەتتە پۇرسەت ناھايىتى كۆپ، يەنىلا پايدىلىنىدىغان يوچۇقلار بار.ئاچقۇچلۇق مەسىلە سىزنىڭ ئۆتكۈر كۆزىڭىزنىڭ، سىزىمچان بۇرنىڭىزنىڭ ۋە كەسكىن قارارقىلالايدىغان ئەقىل – پاراسەت، ئەمەلىي كۈچىڭىزنىڭ بار – يوقلۇقىدا.» دىگەن.

   پۇرسەت ھەممىلا جايدا بار، بىراق ئۇ ھەرخىل ئۇچۇرلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ، كىم بىر قەدەم ئاۋۋال بۇ ئۇچۇرلارنى بايقىسا، شۇ ئاخىرقى يەڭگۈچىگە ئايلىنىدۇ.

*****يۈرىكىمىز قانچىلىك چوڭ بولسا، بىز ئېرىشىدىغان سەھنىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ

جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ تەۋەككۈلچىلىكىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. پەقەت بىر پىرسەنت ئۈمىدبولسىلا، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ، ئاۋۋال قول سېلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ،ھەمدە باشقىلار قىلىشقا پېتىنالمىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ئۇلار يەنە باشقا تىپىتىكى سودىلارنىمۇ قىلىپ، بازار ئېقىمىنى يىتەكلەپ ماڭىدۇ.

   جېجىياڭ سودىگەرلىرىدە تۇغما «چىمپىيۇن بولىدىغان» روھ بار، ئەگەر ئۇلاردا مەبلەغ ۋە تېخنىكا كەمچىل بولسىمۇ، ئۇلارھەمىشە ناھايىتى ئۈمىدۋار. بىراق، ئۇلار دائىم ئۆزى ئۈچۈن يىراق مەزگىللىك نىشان بېكىتىۋالىدۇ، ھەمدە ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ كۆرەش قىلىپ، بىر قەدەم – بىرقەدەمدىن ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

   سۇ لىمەن بولسا ۋېنجۇ رۈيئەندىكى بىر سودىگەر.ئۇ ئىلگىرى كىيىم – كىچەك، ئاياغچىلىق ۋە چىراق سايمانلىرى سودىسىنى قىلىپ باققان.كىيىن سۇ لىمەن ۋېنجۇلۇقلارنىڭ پىششىق يىمەكلىكلەرنى يىيىشنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى،نۇرغۇنلىغان پىششىق يىمەكلىك دۇكانلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بۇئادىتىنى نېمىشقا باشقا جايلارغا ئاپارمايمىز؟ ئوخشاشلا كارخانا بولسىمۇ، نېمىشقا كىنتاكى يىمەكلىك گوروھىدەك قىلالمايدۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ. بۇلارنى ئويلاپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى باشلاپتۇ.

   1998 – يىلى، سۇلىمەن چاڭچۈندە جىلىن ئۆلكىسى ئامەن يىمەكلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، پىششىق گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، سودىگەرلەر بىلەن بىرلىشىپ مەخسۇس «ئامەن» مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان پۇكەيلەرنى تەسىس قىپتۇ. ئۇنىڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «ئامەن» مەھسۇلاتلىرى مەزكۇر جايدىكى كىشىلەرنىڭ بەكمۇ ياختۇرۇشىغا ئېرىشىپتۇ.

   كىيىن «ئامەن» يىمەكلىكى بىلەن چاڭچۈن شەھىرى ياۋرو – ئاسىيا گورۇھى بىرلىشىپ، مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ بازار تېپىپتۇ.

   سۇ لىمەن: «ۋېنجۇلۇقلار پىششىق يىمەكلىكلەرنى يىيشنى ياختۇرىدۇ، بۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارمۇ خېلى كۆپ،بىراق ئۇلار نېمىشقا سودىدا تېخىمۇ يۈكسىلەلمەيدۇ؟ ئەكسىچە كىنتاكى گوروھىنىڭ بازىرى نېمىشقا شۇنچە چوڭ بولىدۇ؟» دىگەنلەرنى ئويلىغان.

   سۇ لىمەن كىنتاكىدەك تىجارەتنى كۆلەملەشتۈرۈشكە بولغان روھنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، 2002 – يىلى 8 – ئايدا، «ئامەن»يىمەكلىك شىركىتىنىڭ تۇنجى زەنجىرسىمان مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنى چاڭچۈندە قۇرۇپ چىققان. شۇنىڭدىن كىيىن، «ئامەن» ماركىسى جىلىن ئۆلكىسى ۋە چاڭچۈن شەھىرىنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى بولۇپ قالغان.

   نۆۋەتتە، «ئامەن» يىمەكلىك شىركىتىنىڭ شەرقى شىمال رايونىدىكى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى 60 قا يەتكەن بولۇپ، كۆلىمى چوڭ بولغان كارخانىغا ئايلانغان.

   سودا مەيدانلىرىدا، جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ يۈرىكى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئوزۇن مەزگىللىك پىلانى بار. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، شىركەت چوقۇم تەرەققىي قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى چوڭايتىشى كېرەك. قانداق قىلغاندا شىركەتنىڭ كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا قالماستىن، يەنە سىرتنىڭ كۈچىدىنمۇ پايدىلىنىش لازىم، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆزىنى تىزسۈرئەتتە كۈچلەندۈرۈش كېرەك. بۇنداقتا، تۆمۈر ناھايىتى تىزلا تاۋلىنىپ پولاتقا ئايلىنىپ چىقىدۇ.

   جېجىياڭلىق كارخانىچى سۇ ئەپەندىم: «بازارئىگىلىكى دەل ‹كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدىغان›ئىگىلىك، پىل ياكى يىلان بولسۇن، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئەمەلىي كۈچ. پەقەت ئەمەلىي كۈچ بولسىلا، يىلاننىڭ پىلنى يۈتېۋېتىشى ناھايىتى نورمال. ئەكسىچە، ئەقىل – پاراسەت كەمچىل بولغاندا، ياخشى بولغان تىجارەت شەكلى بولمىغاندا، پىلدەك بەستلىك بولساقمۇ، كىچىككىنە يىلاننى يېڭەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.» دىگەن.

   2004 – يىلى، جېجىياڭ ۋېنجۇدىكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانا جۇڭگو فېيدىياۋ ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار گورۇھى 50 يىللىق تەرەققىيات ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە بولغان ئىتالىيە تام ئۈزچات كارخانىسى ELIOS نى سېتىۋالدى، بۇ تارىختىن بۇيانقى خەلق باشقۇرۇشىدىكى ۋېنجۇ كارخانىسىنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەل كارخانىسىنى سېتىۋېلىشى ئىدى. فېيدىياۋ گورۇھى غايەت زور مەبلەغ بىلەن ELIOSشىركىتىنىڭ %90 پېيىنى سېتىۋالدى. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە مۇمكىن بولمايدىغان بۇئىشتا فېيدىياۋ گورۇھى غەلبە قازانغان ئىدى.

   فېيدىياۋ ئېلكترونلۇق ئەسۋابلار گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى تۇ يىجوڭ: «مەن ئىتالىيەگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، ELIOS شىركىتىنى سېتىۋېلىشنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.ELIOS شىركىتىنىڭ مۇقىم مەبلىغى 12 مىليون ياۋرودىن كۆپرەك بولۇپ،يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى سەككىز مىليونغا يېتىدۇ.» دىگەن.

   تۇ يىجوڭ: « ELIOSشىركىتىنى سېتىۋالغاندىن كىيىن، فېيدىياۋ ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار شىركىتى ياۋو – ئامېرىكا بازىرىغا كىرەلەيدىغان بولدى. ئىلگىرى فېيدىياۋ ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلىرى ياۋرو – ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشكە ئامالسىز ئىدى، ئاساسلىق سەۋەب مەھسۇلاتلىرىمىز ياۋرو – ئامېرىكا بازارلىرىنىڭ ئۆلچىمىگە يەتمەيىتتى. ELIOS شىركىتى بولغاندىن كىيىن، ياۋروپا – ئامېرىكىنىڭ زاكاس ماللىرىنى ئىتالىيەدە ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلچىمىگە يىتىپلا قالماستىن، يەنەتوشۇش ھەققى ۋە ۋاقىتنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ.» دىگەن.

   ۋېنجۇ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ماجىنلوڭ:«ۋېنجۇدىكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار تىز سۈرئەتتە خەلقئارا بازارلارغا كىرمەكچى بولسا، فېيدىياۋ گورۇھىغا ئوخشاش، دۆلەت سىرتىدىكى ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى بىر كارخانىسىنى سېتىۋېلىپ خەلقئارا بازارلارغا كىرىشتىكى سەكرەش تاختىسىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. بۇ بىر ياخشى ئامال، يەنە كېلىپ ۋېنجۇدىكى كارخانىچىلار ئەڭ مۇھىم دەپ قارايدىغان نوقتا» دىگەن. بۇ دەل «يۈرىكىمىز قانچىلىك چوڭ بولسا، بىز ئېرىشىدىغان سەھنىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ» دىگەنلىكتۇر.

   كارخانىچى جوۋ شىڭسېڭ ئىلگىرى: «‹بۆسۈپ ئۆتۈش›دەل يېڭىلىق يارىتىش، يەنى يېڭىلىق يارىتىش ئۇقۇمى، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ بىرىكىشى. تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش بولسا تۇپراق، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىش بولسا يامغۇر ۋە شەبنەم، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بولسا مېۋە، ھەمدە بۇلار ھەممىسى ‹بۆسۈپ ئۆتۈش›دىن ئىبارەت بۇ ئاساسى ئۇرۇقنىڭ رولىدىن ئايرىلالمايدۇ.» دىگەن.

   ئېھتىمال بەزىلەر ئىش قىلىشتا چوڭ – كىچىك،ياخشى – يامان دەپ ئايرىماسلىق كېرەك، كىچىك ئشلارنى ياخشى قىلالىساقمۇ ناھايىتى قالتىس بولىدۇ، ئەمەلىيەتچىل بولمىغان ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك دەپ قارىشى مۇمكىن. بىراق جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قارىشىدا، گېنىرال بولۇشنى ئويلىمايدىغان ئەسكەر ياخشى ئەسكەر ئەمەس. مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتە، بولۇپمۇ چوڭ غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ئاۋۋال ئۇزاق  مەزگىللىك نىشان بەلگىلەش  ئاندىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەش ئارقىلىق نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش كېرەك. نىشان ئۇلۇغۋار بولۇش، ئىش قىلغاندا ئەستايىدىل بولۇش غەلبە قازىنىشنىڭ كاپالىتى، بۇ جېجىياڭ سودىگەرلىرىدىنىڭ غەلبە قازىنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل روھ.

**************************

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام

مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان  خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب

2015-يىلى 4-ئاي

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ