جۇڭگۇ ساپال ، فارفۇر بازىرى(جۇڭگۇدىكى چوڭ بازارلار 15)
جۇڭگۇ ساپال ، فارفۇر بازىرى _________ جىڭ دې جېن
中国陶瓷城 ___________ 景德镇
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
جىياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جېڭ دې جېن شەھىرى جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ ساپال ، فارفۇر بۇيۇملار بازىرى بولۇپ ، جۇڭگۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ساپال ، فارفۇر بۇيۇملار مۇشۇ بازاردىن تارقايدۇ . بۇ يەرگە ساپال ، فارفۇر بۇيۇملارنى ئىشلەيدىغان 2000 دىن ئارتۇق زاۋۇت ، شىركەتلەر يىغىلغان.
جىڭ دې جېن ساپال ، فارفۇر ئىنىستىتوتى 1910-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، ھازىرغىچە ساپال ، فارفۇرچىلىقتا نۇرغۇن ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەپ چىقتى .
جىڭ دې جېندا ساپال ، فارفور بۇيۇملارنى ساتىدىغان ئىككى چوڭ بازار بار
بىرىنچىسى . << جۇڭگۇ ساپال ، فارفار بۇيۇملار بازىرى >> بۇ بازارغا جىڭ دې جېن غەربىي بېكىتىدىن K35 , 108 ، 4 ،5 景德镇西客站 - يولنىڭ ئاپتۇبۇسىدا ئولتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرقى بېكەتتە چۈشۈپ قالساق بولىدۇ . بۇ بازاردا ساپال ، فارفۇرنىڭ ھەر قانداق تۈرى تېپىلىدۇ.
ئىككىنچىسى . << گومو بازىرى >> بۇ بازار << ساپال ، فارفۇر بۇيۇملار كوچىسى >> دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ بازارغا 4، 108 ، 15 - يولنىڭ ئاپتۇبۇسلىرى بارىدۇ . گومو بازىرىدا ساپاللارنىڭ تۈرى كۆپرەك ، باھاسى ئەرزانراق . ھەر ئىككى بازارغا بېرىپ ساپال ، فارفۇر بۇيۇم سېتىۋالغاندا كۆپرەك باھا تالىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى