قاشتېشىغا مەدھىيە(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 1)
خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...
يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...
يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ بايانى
ئەي گۈزەل قاشتېشى ! نېمىشقىدۇر سەندىن كۆزۈمنى ئالالمايمەن ، قاراپ _ قاراپ ھۆسنىڭگە تويمايمەن ، بېقىپ _ بېقىپ مېھرىڭگە قانمايمەن،گوياكى سېنىڭ ئىشقىڭ قەلبىمنى چۇلغىۋالغاندەك ... ئەلنىڭ ئېيتقىنى بىلەن ئېيتسام : ‹‹ ھەر بارە كۆزۈم سەندە ! ››
قىزىق ئىش : سەن بىلەن بىر ئۇرۇقتىن بوللغان ياقۇت بىلەن پىرۇزە ، زۇمرەت بىلەن كەھرىۋا ھۆسنى _ جامالدا سېنىڭدىن گۈزەلرەك ، جىلۋە_كامالدا سېنىڭدىن ئەۋزەلرەك ئىدىيۇ ، نېمىشقىدۇر بىلمەيمەن ، ‹‹ ھەر بارا كۆزۈمسەندە ، ياندۇرۇپ يەنە سەندە ! ››
كۆزۈم سەندە ، ئويۇم سەندە ، كۈندۈزىغۇ شۇنداق ، تاڭ_تاڭلار ئېتىپ كەتكۈچە ، يەنىلا پىكرىم سەندە ، سېنى ئويلىسام ھەر چاغ ، خىيالىم قانات قېقىپ ، قاپىيىلەر گۈلزارىغا قونىدۇ ؛ سۆزلەر جىلۋىگە كىرىپ ، قاتار_قاتار قوشاقلار توقۇلۇپ چىقىدۇ.
قاشتېشىيۇ ، قاشتېشى ،
ماڭا بولدى سۆز بېشى .
تەرىپلىمەي قويارمۇ ،
ئۇنى كۆرگەن ھەر كىشى .
قاشتېشىيۇ ، قاشتېشى ،
ئوخشاش ئىكەن ئىچ_تېشى .
سۈزۈكلىكى _دۇر ، سەدەپ ،
غۇۋالاشماس ئىچ_تېشى .
ياق ! ياق ! سېنى تەرىپلەشكە مۇندق قوشاقلار قانداقمۇ لايىق بولالىسۇن ! قوشاق قاتىمەن دەپ ، ۋەزىن ۋە قاپىيىلەر بىلەن بوغۇلۇپ قېلىشنىڭ ھاجىتى نىمە ؟ ئەڭ ياخشىسى ، سەبىي بالا كۆڭلىگە نىمە كەلسە ، شۇنى ئېيتىرۋەگەندەك ،مەنمۇ سۆزۈمنى ئازادە قىلاي ، خىيالىم قۇشلىرى كەڭ سامدا پەرۋاز قىلغان لاچىندەك ئەركىن قانات قاقسۇن !
دۇنيادا تاشلارنىڭ خىللىرى كۆپ ؛ قۇم تاش ، شېغىل تاش ، بىلەي تاش ، قورام تاش ..... ساناۋەرسەك ، جىقلا بولۇپ كېتىدۇ ، ھەتتا شاھلارنىڭ تاجىلىرى بىلەن نازىنىنلارنىڭ ئۈزۈكلىرىگە كۆز بولىدىغان ياقۇتمۇ تاش ، پىرۇزىمۇ تاش ، تەختلەرگە پايە ، قەسىر_ئايۋانلارغا تۈۋرۈك ، مەسچىت _ چىركاۋلارغا مېھراب بولىدىغان مەرمەرمۇ تاش ، بىراق ، نېمىشقىكىن ، ئەي گۈزەل قاشتېشى ، سېنىلا ئويلايمەن ، ساڭىلا قارايمەن ، ‹‹ھەر بارە كۆزۈم سەندە ، ياندۇرۇپ يەنە سەندە ! ››
خىسلىتىڭ قانچە ، ھۆسنۈڭمۇ شۇنچە ؛ ھۆسنەڭگە بېقىپ ، مېھرىڭمۇ شۇنچە ، مەيلى ئاق ياكى قارا ، مەيلى كۆك ياكى يېشىل ، مەيلى سېرىق ياكى قىزىل......قايسىلا رەڭدە بولساڭ ، خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى ، ھەسەن_ھۈسەندەك مەپتۇن قىلىسەن مېنى ، قاراپ _ قاراپ تويمايمەن ، مېھرىڭگە زادى قانمايمەن .
ئاقلىقىڭنى كۆرگەندە ، سۈزۈلۈپ ئاتقان تاڭنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن باھاردا كېلىدىغان ئاق قۇلارنىڭ قانىتى ، بۇغدا چوققىسىدىكى قار_مۇزلار بىلەن مومام رەھمىتىنىڭ بېشىدىكى ئاپئاق لېچىكى ، ئانامنىڭ ماڭا بەرگەن سۈتى بىلەن دادامنىڭ ئورمىدا كېيىدىغان ئاق ماتا كۆڭلىكى ، ئۇيغۇر يگىتلىرىنىڭ بادام دوپپىسىدىكى گۈلى بىلەن خوتەن شايىسىنىڭ ئاقلىقى ياكى ئايدىڭ كېچىلەردە يەرگە چېچىلغان ئاي شولىسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ .
ئاقلىقىڭدۇر پاكلىقىڭ ۋە ساپلىقىڭ ،
ھەم ئۇلۇغۋار ، ئەزگۈلۈككە بابلىقىڭ .
كىمكى بولسا ئەھلى ۋىجدان ، تۈز نىيەت ،
ئاڭا ھەم لايىق بولۇر بۇ ئاقلىقىڭ .
قارىلىقىڭنى كۆرگەندە،ئادەمزات مەدەنىيەت تېڭى ئاتقان ، يەنى يېزىق تېپىلىپ ، ئىنسانىيەت تارىخى يېزىلىشقا باشلىغان چاغلارنى ئەسلەيمەن . بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ، مەيلى يۇڭ ، مەيلى قۇمۇش ، مەيلى قاناتنى قەلەم قىلسۇن ، ئىنسان تارىخىنى قارا رەڭ بىلەن پۈتكەن ئەمەسمىدى ؟ سېنىڭ قارىلىقىڭنى تارىخنىڭ خېتىگە ئوخشىتالىغىنىم ئۈچۈن خۇشالمەن . ئۇنى دېسەڭ ، خوتەن كىيىكىنىڭ كىندىكىدىن چىقىدىغان ئىپارمۇ قارا ؛ شەرق گۈزىلىنىڭ كۆزىمۇ قارا ، قېشىمۇ قارا ، يەلپۈنۈپ تۇرغان چېچىمۇ قارا ، رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ، لوقمان ھېكىممۇ قارا ئىمىش ، مەجنۇننىڭ لەيلىسىمۇ قارا ، كۆكتە پەرۋاز قىلىدىغان بۈركۈت بىلەن سۇدا ئوينايدىغان قۇندۇزمۇ قارا ؛ ئالتۇننىڭ بىر خىلى بولغان كۆمۈرمۇ قارا ؛ ۋەتەننىڭ شۆھرىتى _ قارامينىڭ نېفىتىمۇ قارا ؛ باھار كۈنلىرى ۋانى گۈلدۈرلىتىپ ، يامغۇر ياغدۇرۇغ بىلەن تەشنا جانلارغا ھايات بەخش ئەتكۈچى بۇلۇتمۇ قارا .
كۆكلۈكۈڭ _ كەڭلىكىڭ ، بۈيۈكلۈك ، چەكسىز ساماغا باقسام ، گۈمبەزسىمان ئاسمانمۇ كۆك ، يىراقتىن مەغرۇر كۆرۈنگەن تەڭرىتاغمۇ كۆك ، نىلمۇ كۆك ، چاڭجىياڭمۇ كۆك ، دىنپىرمۇ كۆك ، دونايمۇ كۆك ، كىچىككىنە سايراممۇ كۆك ، چەكسىز دېڭىز - ئوكيانمۇ كۆك .
مانا گۈزەل ئالتاي يايلىقى ،خۇددى يېشىل گىلەمنىڭ ئۆزى ، ئۇنى ھەم كۆرسەم ، سېنى ئەسلەيمەن ؛ سېنى ھەر كۆرسەم ، ئۇنى ئەسلەيمەن ، تەڭرىتاغ باغرىدا قاتار قارغايلار ، چەكسىز قىرلاردا يۇمران مايسىلار ، باغلاردا چىمەن يېشىل بوستانلار ، گۈلشەندە كۈلەر گۈلى رەيھانلار _ بۇلارنىڭ ھەممسى يېشىللىق دېمەك .
ئەي گۈزەل قاشتېشى!ھۆسنىڭ قانچە، پەزلىڭ شۇنچە ؛ پەزلىڭ بىلەن قەدرىڭمۇ شۇنچە . ھەممىدىن مۇھىمى شۇكى ، تېشىڭ بىلەن ئىچىڭ بىر ، ھۆسنىڭ بىلەن خۇلقىڭ بىر ، ئىسسىقىنى كۆرۈپ ئىرىپ كەتمەيسەن ، سوغۇقنى كۆرۈپ توڭلاپ قالمايسەن ، بوران_چاپقۇندىمۇ ئوخشاش ، يامغۇر _ كەلكۈندىمۇ ئوخشاش ، قەسىر_ئايۋانلارغا قەندەل بولساڭمۇ بىر خىل ، پايە بولۇپ يەردە ياتساڭمۇ بىر خىل ، ھەيكەل ياساپ ، تەكچىدە قويسىمۇ بىرخىل ، كۆتۈرگەنگە ئۇچمايسەن ، تاشلىغانغا سۇنمايسەن ، گۈزەللەرنىڭ قۇلىقىدا ھالقا ، بىلىكىدە بىلەيزۈك ، بارمىقىدا ئۈزۈك بولغانغا پەخىرلەنمەيسەن ، قىسقىسى ئىنساننىڭ ھاجىتى نىمە بولسا ، سەن شۇنىڭغا تەييارسەن ، بۇ نىمە دېگەن ئالىيجانابلىق!
ئەي گۈزەل قاشتېشى ! سېنى قانداقمۇ تەرىپلەپ بولاي ، ئەڭ ياخشىسى ، سۆزۈمنى قىسقا قىلاي ، ئوغۇلنىڭ مەردلىكى ئاتىغا تالىق ، قىزنىڭ ئۇزلىقى ئانىغا تالىق . داننىڭ توقلۇقى تۇپراققا باغلىق ، گۈلىنىڭ جامالى ياپراققا باغلىق . سېنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن قاراقاش دەرياسى بىلەن يورۇڭقاش دەرياسىغا بارىكاللا ! شۆھرىتىڭنى جاھانغا يايغان ھۈنەرۋەن خوتەن خەلقىگە ھەشقاللا !
مەنبە: « ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى » ناملىق كىتاب