نامراتلار كىچىك پۇلنى تاپىدۇ، چوڭ زىيان تارتىدۇ. بايلار كىچىك پۇلدىن كېچىدۇ، چوڭ پايدا ئالىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
5-باپ 9-پارىگىراپ
نامراتلار كىچىك پۇلنى تاپىدۇ، چوڭ زىيان تارتىدۇ. بايلار
كىچىك پۇلدىن كېچىدۇ، چوڭ پايدا ئالىدۇ
جۇڭگودا توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خاتا بولغان نۇرغۇنلىغان ماقال – تەمسىللەر بار،مەسىلەن: «پالۋان كۆز ئالدىدىكى زىياننى تارتمايدۇ.» نامراتلار بۇ خىلدىكى ماقال –تەمسىللەرنى ئۆزىنىڭ جاھاندارچىلىق قىلىشتىكى ئېتىقادى قىلىپ، پەقەت ئەخمەقلەرلا كۆز ئالدىدىكى زىياننى تارتىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل كۆز – قاراش خاتا،چۈنكى نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلاردا «زىيان تارتىش» پەقەتلا يۈزەكى بولىدۇ، «زىيان تارتىشنى بەخت» دەپ بىلىدىغان ئاشۇ «ئەخمەق» لەر دائىم باشقىلارنى ھەيران قالدۇردىغان بايلىققا ئېرىشىدۇ.
نامراتلار زىيان تارتىشتىن بىزار بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كىچىك پايدا ئېلىشنى،باشقىلارنى زىيان تارتقۇزۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خىلدىكى شەخسىيەتچىلىك قارىماققا توغرا، ئەمەلىيەتتە ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ تۇرۇپ كىچىك پايدا ئېلىش نامراتلارنىڭ ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ،بايلىققا ئېلىپ بارىدىغان يولنى ئۈزۈپ قويىدۇ، يەنە نامراتلارنى زور ماددى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن، ئاتالمىش «كىچىك پايدىغا ئاچكۆزلۈك قىلىپ چوڭ زىيان تارتىش» دەل مۇشۇنداق ھادىسە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مىڭ سۇلالىسىدىكى فېڭ مېڭلوڭ يازغان «ئەلگە تەۋسىيە ھېكىمەتلەر» دىگەن كىتابتا «كىچىك پايدىغا ئاچكۆزلۈك قىلىپ چوڭ زىيان تارتىش» قا ئائىت مۇنداق بىرھېكايە بار:
400 يىل بۇرۇن مەلۇم بىر شەھەردە «پايدىكەش» لەقەملىك بىرى بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ بۇنداق ئاتىلىشىدىكى سەۋەب ئۇ كىچىك پايدىلارنى ئېلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆردىكەن. پەقەت پايدا ئالغىلى بولىدىغان ئىشلار ئۇنىڭغا ئۇچراپ قالسىلا، ئۇنىڭ بېرىپ «توڭگۇزنىڭ بىرتال تۈكىنى يۇلغىنى يۇلغان >>ئىكەن. قوشنىلىرىمۇ ئۇنىڭدىن ناھايىتى بىزار بوپتۇ.
بىر كۈنى،پايدىكەش كوچىدا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز يەردە تۇرغان بىر بوغچىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ بوخچىنى قولىغا ئېلىپ، ئىچىدىكى كۈمۈش يامبونىڭ بىر بۇرجىكىنى ئەمدىلا كۈرىشىگە بىر ئادەم كېلىپ بوغچىنى چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پايدىكەش ئەلۋەتتە بۇنداق پايدىنى قولدىن بەرمەيىتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېلىقى ئادەم بىلەن تالىشىشقاباشلاپتۇ، ئەتراپقا بىردەمدىلا ئويۇن كۆرىدىغانلار يىغىلىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا بىرمويسىپىت ئوتتۇرىغا چىقىپ: «ئىككىڭلار كوچىدا سوقۇشساڭلار بولمايدۇ، ئەگەرخەۋەرچىلەرگە يولۇقۇپ قالساڭلار ھېچكىم پايدا ئالالمايدۇ، شۇڭا ئالدىدىكى مەيخانىغا بېرىپ مەسلىھەتلەشكىنىڭلار ئەۋزەل.» دەپتۇ. مويسىپىتنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، پايدىكەش بىلەن ھېلىقى ئادەم بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارلىقىنى ھېس قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مويسىپىتقا ئەگىشىپ يېقىن ئەتراپتىكى مەيخانىغا بېرىپتۇ.
مەيخانىغابارغاندىن كىيىن، مويسىپىت ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا بوغچىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى ئىككى كۈمۈش يامبونى كۈرۈپتۇ. پايدىكەش بۇلارنى ئۇچۇق كۆرگەندىن كىيىن تېخىمۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن تالىشىشقا باشلاپتۇ، بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئادەم: «يامبونى مەن چۈشۈرۈپ قويغان، سەن نېمىشقا تېپىۋالغاندىن كىيىن ماڭا قايتۇرۇپ بەرمەيسەن؟» دەپتۇ. پايدىكەش تەپتارتماستىن: «مەن تېپىۋالغاندىن كىيىن مېنىڭ بولىدۇ!» دەپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەتراپتىكى كىشىلەر غۇلغۇلا قىلىشىپ: «كۆرگەنلەرنىڭمۇ بىر ئۆلۈشى بار، بىزھەممىمىز كۆردۇق، پەقەت تېپىۋالمىدۇق، خالاس. بىزگە بىر ئۆلۈش تىگىشى لازىم.»دەپتۇ. پايدىكەش بۇنى ئاڭلاپ قانداقمۇ قوشۇلسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مىجەزى تېخىمۇ ئوساللىشىپتۇ.
گەرچە پايدىكەش ناھايىتى ئاچكۆز بولسىمۇ، بىراق ئەتراپتىكىلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەس بوپتۇ. ھەم جامائەتنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلالماي ئۇ ئاخىرى بىر ئامال ئويلاپ چىقىپتۇ. ئۇ كىشىلەرگە قاراپ: «مۇنداق بولسۇن، مەنمۇ سىلەرگە يول قوياي، سىلەرمۇ كۈمۈشنى تالاشماڭلار، مەن پۇل چىقىرىپ سىلەرنى مەيخانىدا ھاراق ئىچىپ، گۆش يىيىشكە تەكلىپ قىلاي. مەن بىلەن كۈمۈشنى تالاشقان بۇ بۇرادەرگە كەلسەك، سەنمۇ مەندىن كۈمۈشنى تالاشمىغىن، ئىشقىلىپ مەن ئاۋۋال تېپىۋالغان. مەندە 10 نەچچە دانە پارچە كۈمۈش بار، مەن ھەممىنى ساڭا بېرەي. شۇنداق قىلساق بولمىدىمۇ؟» دەپتۇ. پايدىكەشنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان كىشىلەر بېكارغا ھاراق ئىچىپ، گۆش يەيدىغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ ئۇنىڭ دىگىنىگە قوشۇلۇپتۇ. كۈمۈش تالاشقان ھېلىقى ئادەممۇ كۆپچىلىكنىڭ سالاسى بىلەن قوشۇلۇپتۇ.
پايدىكەش ئۆزىدىكى بارلىق كۈمۈشلەرنى ھېلىقى ئادەمگە بېرىپتۇ، ئۇ ئادەم خۇشال بولغىنىچەكېتىپ قاپتۇ. ئۇ ئاندىن باشقىلارنى مېھمان قىپتۇ، ئاخىرىدا ئۆزى تېپىۋالغان ھەمياننى كۆتۈرۈپ خۇشال بولغىنىچە ئۆيىگە قايتىپتۇ.
ئۆيگەقايىتقاندىن كىيىن، پايدىكەش بۇ ئىككى يامبو كۈمۈشلەرنى قوشقاندا ئاز بولغاندا100 سەر بولۇپ، خەجلەشكە قولايسىز بولىدىغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ سەرراپخانىغا كېلىپ كۈمۈشنى ئېرىتمەكچى بوپتۇ. كۈمۈشچى ئۇستام يامبونى ئېلىپ سىلاپ كۆرۈپ تازا توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەدىمكى «پۇل تەكشۈرۈش ماشىنىسى» بولغان ئۈسكىنە بىلەن يامبونى پارچىلىغان ئىكەن، بۇ ئاتالمىش يامبولارنىڭ ئەمەلىيەتتە سىرتى بىرقەۋەت كۈمۈش قەلىيى بىلەن قاپلانغانلىقىنى، ئىچىدىكىسىنىڭ قوغۇشۇن ئىكەنلىكىنى كۈرۈپتۇ. پايدىكەشنىڭ بۇنى كۆرۈپ كۆزلىرى ئالىچەكمەن بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ ئېسىگە كېلەلمىگەن پەيىتتە سىرتتىن ئىككى يايى كىرىپ تۆمۈر ئىشكەلنى ئۇنىڭ بوينىغا سېلىپ،«يالغاندىن پۇل ياساش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ كېتىپتۇ.
پايدىكەشكەئوخشاش نامراتلار دائىم كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى ئويلايدۇ، ئاچكۆزلۈك قىلىپ باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتماقچى بولغاچقا، دائىم زىياننىڭ چوڭىنى تارتىدۇ. بايلار بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار ۋاقىتلىق مەنپەئەتنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن پايدىنىڭ چوڭىنى ئالىدۇ. بايلار «كىچىك زىيان» لارنى تارتقاندا، بىر قىسىم كىشىلەرئۇلارنى ئەخمەق دەپ ئويلايدۇ، ھالبۇكى بۇ بايلار كىچىك زىيان ئارقىلىق پايدىنىڭ چوڭىنى ئىگەللىگەن ۋاقىتتا، باشقىلار ئاندىن ئۇلارنىڭ ئەقىللىق تەرىپىنى بايقايدۇ.
200 نەچچە يىل بۇرۇنقى ئامېرىكىنىڭ شەرقى قىسىمىدا، مۇنداق بىر «ئەخمەق بالا» نىڭ ھېكايىسى تارقالغان:
مۇنداق بىربالا بولغان ئىكەن، كىشىلەر سول قولىدا 10 سىنىت، ئوڭ قولىدا 5 سىنىتنى تۇتۇپ ئۇنى تاللاشقا بۇيرۇغاندا، ئۇ ھەمىشە 5 سىنىتنى تاللىغان. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئىشەنگۈسى كەلمەي، ئۆزلىرى بالىنى ئىزدەپ كېلىپ سىناپ باققان،نەتىجىدە بۇ بالا ھەر قېتىمدا 5 سىنىتنى ئالغان. بۇ ئىشنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇبالىنى ئىزدەپ كېلىدىغان كىشىلەر بارغانسىرى كۆپەيگەن، كۆپچىلىك ھەممىسى بۇ بالىنى كالىىسىدا مەسىلە بار ئەخمەق بالا دەپ قارىغان.
بىر كۈنى، ناھايىتى ئابرويلۇق سابىق گېنىرال بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇ ئۆزى بۇنى سىناق قىلىپ، باشقىلار تەسۋىرلىگەن بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ. گېنىرال قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ بالىغا: «ئوغلۇم، سەن ناھايىتى ئەقىللىقكەنسەن! سەن كىيىن چوقۇم بۈيۈك شەخىسلەردىن بولالايسەن!» دەپتۇ.گېنىرالنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئەتراپتىكى كىشىلەر چۈشىنەلمەي ئويلاپتۇ:گېنىرال نېمىشقا بۇ «ئەخمەق» بالىنى بۈيۈك شەخىسلەردىن بولىدۇ دەپ قارايدۇ؟
كىيىن ئەمەلىيەت گېنىرالنىڭ پەرىزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ «ئەخمەق»بالىنىڭ ئىسمى ۋېليام.خارسىن بولۇپ، چوڭ بولغاندىن كىيىن ئامېرىكىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان. زۇڭتۇڭ خارسىن ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى بۇ ھېكايىنى ئەسلەپ شۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مەن 10 سىنىتنى ئالسام، باشقىلار مېنى قايتا ئىزدەپ كەلمەيدۇ، ئۇنداقتا مەن باشقىلارنىڭ پۇلىنى بېكارغا ئالالمايمەن، ئەجىبا بۇ بىرچوڭ زىيان ئەمەسمۇ؟»
ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان ئىش، ئەسلىدە بۇ«ئەخمەق» بالا نېمە دىگەن ئەقىللىق ھە!
زۇڭتۇڭ خارسىن ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەقىللىق ئادەم . ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ قىزىقىش ھېسىياتىدىن پايدىلىنىپ باي بولۇشنى چۈشەنگەن. گەرچە 5 سىنىتنى 10 سىنىتقا سېلىشتۇرغاندا، ئېنىقلا زىيان بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ كىچىككىنە زىيان تارتىش ئارقىلىق توختىماستىن 5 سىنىتنى ئېلىپ تۇرغان، ۋە مۇشۇ تەرىقىدە چوڭ پايدىنى ئالغان.
رېئال تۇرمۇشتىمۇ دەل مۇشۇنداق، نامراتلار ھەمىشە كۆز ئالدىدىكى كىچىك مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ھالبۇكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى نىسپىي بولسىمۇ، بىراق بىر ئادەم پايدا ئالغان ۋاقىتتا، يەنە بىر زىيان تارتىدۇ. دۇنيادا ھېچكىمنىڭ ئەخمەق بولغۇسى يوق، نامراتلار كىچىك پايدىنى ئىگەللىگەندىن كىيىن، ئۆزلىرىنى پايدا ئالدىم دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ چوڭ زىيان تارتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاچكۆزلۈك قىلىپ ئەڭ قىممەتلىك بولغان ئادىمىيلىكىنى يوقىتىدۇ.
تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا تەرىپى كىچىك مەنپەئەتلەرگە تويۇنغان، ئەگەر ھەمىشە كىچىك مەنپەئەتلەرنى ئويلىغاندا، ئۇنداقتا ھەقىقىي بايلىققا سەل قاراش كېلىپ چىقىدۇ. بايلار ئەزەلدىن كىچىك زىياندىن قورقمايدۇ، بىر كېچىدىلا باي بولۇشنىمۇ ئويلىمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ يۆنىلىشىگە ئاساسەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقەجەريانىدا ئادەمگەرچىلىك پوزىتسىيىسىنى ساقلايدۇ، زۆرۈر بولغاندا ئۆزى ئازراق زىيان تارتسىمۇ باشقىلارغا پايدا بېرىدۇ، دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ سودىسى ئوزۇن داۋاملىشىدۇ، بايلىقى بارغانسىرى كۆپىيىپ بارىدۇ.
ۋېنجۇ سودىگەرلىرى ئەقىللىقلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر، ئۇلار كىچىك پايدىلارنى ئىگەللەشنى ئەقىللىقلىق ھېسابلىمايدۇ، بەلكى خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشنى ئەقىلىقلىق دەپ بىلىدۇ. خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار بەزىدەھەتتا زىيان تارتىشتىنمۇ يانمايدۇ.
مۇنداق بىر ۋېنجۇلۇق سودىگەر ئۆتكەن، كىشىلەر ئۇنى لىيۇ خوجايىن دەپ چاقىرىشقا ئادەتلەنگەن.ئۇ شەنشىدە بىر ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى ئېچىپتۇ. بىر قېتىم، بىر كوناخېرىدار زاپچاس سېتىۋېلىشقا كەپتۇ. ئۇ ناھايىتى جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەگەرئۇ بۇ زاپچاسنى ئالالمىسا، ئۇنىڭ زاۋۇتى بىر كۈن ئىش توختىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن100 مىڭ يۈەنلىك ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىقاتتى. «بالا كەلسە قوش كەپتۇ.» دىگەندەك،بۇ زاپچاس ئامباردا يوق بولۇپ چىقىپتۇ. لىيۇ خوجايىن خېرىدارغا تەسەللىي بېرىپ، بىر كۈننىڭ ئىچىدە زاپچاسنى تەييار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
خېرىدارغابولغان ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، لىيۇ خوجايىن ئۆزى شىئەنگە بېرىپتۇ،ئويلىمىغان يەردىن شىئەندىمۇ مال يوق بولۇپ چىقىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كېچىلەپ خاڭجۇغا بېرىپتۇ، ئۇ ئايروپىلاندىن چۈشكەندە ئاللىقاچان سەھەرسائەت ئۈچ بولغان ئىكەن. ئۇ يەنە نەچچە يۈز يۈەن خەجلەپ تاكسى توسۇپ ۋېنجۇغا بېرىپتۇ، ۋېنجۇغا بارغاندىن كىيىن ئۇ 10 نەچچە زاۋۇتنى ئايلىنىپ ئاخىر ئىزدىگىنىنى تېپىپتۇ ،ھەم تېپىپ كەلگەن ھېلىقى كەمچىل زاپچاسنى تەقلىد قىلىپ ياساشقا باشلاپتۇ.
لىيۇخوجايىن بۇ زاپچاسنى خېرىدارغا تاپشۇرغاندا، دەل 24 سائەت ۋاقىت ئۆتكەن ئىكەن. بۇزاپچاستىن پەقەت 30 يۈەنلا پايدا چىقىدىكەن، بىراق لىيۇ خوجايىن نەچچە مىڭ يۈەنلىك ئايروپىلان كىراسى ۋە تاكسى پۇلى خەجلەپتۇ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلەرمۇ ئۇنى چوڭ زىيان تارتتى دەپ قاراپتۇ. ئىككىنچى كۈنى بۇ خېرىدار ئۇنىڭغا چوڭ سوۋغات ئەۋەتىپتۇ، ھەمدە يەرلىكتىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنى باشلاپ كەپتۇ. ئوزۇن ئۆتمەستىن لىيۇ خوجايىننىڭ خېرىدارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن زىيان تارتىشقا رازى بولغانلىقىدەك ھېكايە سودا دۇنياسىغا تارقىلىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، تىزلا كەسىپتىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلىنىپتۇ.
لىيۇخوجايىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەلىگەنلىكىدە، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى دەپ خېرىدارنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويمىغانلىقىدا، نەچچە مىڭ يۈەن پۇل ئارقىلىق كىيىنكى نەچچە مىليونلۇق بايلىققا ئېرىشكەنلىكىدە.
نۇرغۇنلىغان نامراتلار بۇ قائىدىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە تىكىلىپ قارىۋالىدۇ، ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاپ باقمايدۇ.ئۇلارنىڭ پىرىنسىپى بولسا: پايدىسى يوق ئادەملەر بىلەن بېرىش – كېلىش قىلماسلىق،پايدىسى يوق ئىشلارنى قىلماسلىق. بايلار چىقىمغا قارىماستىن ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپ پۇل تېپىۋاتقاندا، نامراتلار كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئۆزىنىڭ يولىنى تېخىمۇ تارايتىپ، ئاخىرىدا ماڭىدىغانغا يولىمۇ قالمايدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
«زىيالىيلارھېكىمىتى» دىگەن كىتابتا مۇنداق سۆزلەر بار: «جاھاندارچىلىقتا يول قويماق، چېكىنىش ئارقىلىق ئىلگىرلىمەك لازىم؛ باشقىلارغا كەڭ قورساق بولماق، ئۆزىنىڭ ئاساسىنى چىڭىتماق لازىم.» بايلىق يولىمۇ دەل مۇشۇنداق، پەقەت كىچىك زىيانلاردىن قورقمايدىغان كىشىلەرلا بايلىققا ئېرىشەلەيدۇ. بىر نامرات ئادەمگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، مەيلى سىز قانچىلىك نامرات بولۇڭ، پەقەت «باشقىلارغا قولايلىق بولسا ماڭىمۇ قولايلىق» دىگەن قائىدىنى چۈشەنسىڭىزلا، ئېھتىمال قىيىنچىلىق ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، بايلارنىڭ سىپىگە قوشۇلالىشىڭىز مۇمكىن.
********************************* *** ******
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى