A-A+

تراكتۇرغا ئايروپىلان موتورى سەپلىسەكمۇ ھامان ئۇچمايدۇ

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 372 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

ئونىنچى دەرس 2-پارىگىراپ

تالانتلىقلارنى ماسلاشتۇرۇش: تراكتۇرغا ئايروپىلان موتورى

سەپلىسەكمۇ ھامان ئۇچمايدۇ

ئوقۇش تارىخى ئۇزۇن، خىزمىتى يۇقىرى كىشىلەر ئوقۇش تارىخى بولمىغان خىزمەتچىلەرگە قارىغاندا مەلۇم جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە. ھالبۇكى، ئەۋزەللىكنىڭ بولۇشى ئۇلارنىڭ ھەممە جەھەتتە ئادەتتىكى خىزمەتچىلەردىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ، يەنە ئوقۇش تارىخى بولغان، توققۇزى تەل ئىختىساسلىق خادىملارنى تالانت ئىگىسى دېيىشكە بولمايدۇ. غەربتە مۇنداق بىر ئەقلىيە سۆز بار: «ئەخلەت-خاتا ئورۇنغا قويۇلۇپ قالغان بايلىق.» بۇ تالانت ئىگىسىنىڭمۇ نىسپىي بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ تالانت ئىگىسى ياكى ئەمەسلىكىگە، ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ياكى قىلدۇرالماسلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئۇنىڭ قانداق ئورۇنغا قويۇلغانلىقىغا قاراش كېرەك. پەقەت ئۇ بۇ ئورۇندا خىزمەتنى ياخشى قىلىپ نەتىجە يارىتالىسىلا، ئۇنى تالانت ئىگىسى دېيىشكە بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارى بار بولسىمۇ تالانت ئىگىسى ھېسابلانمايدۇ.

مايۈن مۇنداق دېگەن: «تراكتۇرغا ئايروپىلان موتورى سەپلىسەكمۇ ھامان ئۇچمايدۇ.» ئەگەر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى ئورۇندىكى «تالانت ئىگىسى» نى كىچىك ماگزىنغا بېرىپ سودا قىل دېسە، ئۇ بەلكىم تولۇقسىزنىمۇ پۈتتۈرمىگەن، بۇ كەسپنى چۈشەنمەيدىغان كىشىدىنمۇ ياخشى قىلالماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر بۇ خىلدىكى «تالانت ئىگىسى» ئۆزى ئۆگەنگەن شۇ نەزەرىيەلەرنى كىچىك ماگزىنلارغا بېرىپ ئىشلىتىشنى خالىسىمۇ، بۇ بىر نەزەرىيە چۈشەنمەيدىغان ئادەمنىڭ سودىنى جانلىق قىلىشىغا يەتمەسلىكى مۇمكىن.

شۇ سەۋەبتىن، «تالانت ئىگىسى»-پەقەت ھەر ئادەم ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا ئىش قىلالىسىلا بۇ ئاتاققا مۇناسىپ كېلىدۇ. ئۇنداقتا ھەر كىم قانداق قىلىپ ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا ئىش قىلالايدۇ؟ پەقەت ھەر بىر ئادەمنى ماس كەلگەن ئورۇنغا قويغاندىلا، ئۇلار ئاندىن ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. بۇ يەنە «تالانت ئىگىسى» دىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.

تالانت ئىگىسىدىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسىگە قارىتا، مايۈن ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. 1999-يىلى ئالى بابا ئەمدىلا قۇرۇلغان ۋاقىتتا، مايۈن ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى بايلىق يولىغا يېتەكلەيدىغان يول باشلىغۇچى بولۇشقا ئىرادە باغلىغان. ئالى بابا گولدمان گۇرۇھىنىڭ تەۋەككۈل مەبلىغىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شىركەتنىڭ كەسپ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، مايۈن تېز سۈرئەتتە شياڭگاڭ ۋە ئامېرىكىدىن كۆپ مىقداردىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلغان. مايۈننىڭ گېپى بويىچە ئېيىتقاندا: «ئىگىلىك تىكلىگۈچى پەقەت ليەنجاڭ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئورۇنغىلا ماس كېلىدۇ، ئەترەت باشلىقىدىن يۇقىرى خىزمەتلەرنى چوقۇم سودا باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.»

ئەيى ۋاقىتتا، ئالى بابانىڭ 12 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش قوشۇنى ئىچىدە مايۈندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى چەتئەلدىن كەلگەنلەر ئىدى. ئارقىدىنلا ئالى بابا يەنە رۈەنيىن گۇرۇھىنىڭ 20 مىليون دوللار مەبلىغىغە ئېرىشكەن. بۇ ۋاقىتتا، چوڭ ئىش قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مايۈن كەسكىنلىك بىلەن خارۋارد، سىتەنفورد ۋە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن سودا باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى شىركەتتىكى بۇرۇنقى «يەرلىك خىزمەتچى» لەرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرماقچى بولغان.

ھالبۇكى، بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار ئالى بابادا «يىلتىز تارتالمىغاچقا»، مايۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن.

مايۈن كېيىن بۇلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «مەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جاڭ ۋېييىن پىروفېسسور بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۆزۈمنىڭ سەۋىيەسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدىم، سودا باشقۇرۇش كەسپىدىكى %95 ئىختىساسلىق خادىم شاللىنىپ كەتتى، ئەجىبا ئۇلارنىڭ خاتالىقى يوقمۇ؟ مەن قانداق قىلىپ سودا باشقۇرۇش كەسپىدىكى %95 ئىختىساسلىق خادىمنى شاللىۋەتتىم؟ بۇنىڭدا ئۇلارنىڭمۇ خاتالىقى بار. بۇ ئىختىساسلىق خادىملار شىركەتكە كېلىپلا يىللىق مائاشىنىڭ ئاز بولغاندا 100 مىڭ يۈەن بولۇشى لازىملىقىنى ئېيتىدۇ، گەپ قىلسىلا ئىستىراتېگىيەدىن سۆزلەيدۇ. ھەر قېتىم سىز سودا باشقۇرۇش كەسپىدىكى بۇ ئىختىساسلىقلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ناھايىتى ھاياجانلىنىسىز، بىراق ئىش قىلغاندا قانداق باشلاشنى بىلمەيلا قالىسىز.

مايۈننىڭ قارىشىچە، سودا باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئىختىساسلىق خادىملار ئاۋال چوقۇم ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم ئىدى. بىراق ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، كەسپىي روھى ۋە كەسپنى قەدىرلەش روھى ناھايىتى ئاجىز ئىدى. بۇ ئادەملەر ئالى باباغا ئادەم باشقۇرۇش ئۈچۈنلا كەلگەندەك، شىركەتكە كىرىپلا ئالدىنقىلار بەرپا قىلغان نەرسىلەرنى ۋەيران قىلىۋېتەتتى.»

ئەلۋەتتە، مايۈن بۇ كەسپى مەسئۇللارنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىنكار قىلمىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئايروپىلاننىڭ موتورىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، بىراق يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلان موتورىنى تراكتۇرغا سەپلىسە قانداقمۇ ماسلاشسۇن؟» مايۈن بۇنىڭدىن ئادەم ئىشلىتىشكە دائىر تۆۋەندىكى قائىدىنى يەكۈنلەپ چىققان: پەقەت كارخانىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلگەن ئىختىساس ئىگىسىلا ھەقىقىي تالانت ئىگىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا سودا باشقۇرۇش كەسپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەنلىك ئىشىنى ناھايىتى ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق چۈشەندۈرگەن:

«تراكتۇرغا ئايروپىلانىڭ موتورىنى سەپلىسە ھامان ئۇچالمىغىنىغا ئوخشاش، بىزمۇ دەل مۇشۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزدۇق. ئۇ كەسپىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ھەقىقەتەن يۇقىرى، ئەمما بىزگە ماس كەلمەيدۇ. شىركەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەرەققىياتى بۇنداق كىشىلەرنى سىغدۇرۇپ كېتەلمەيىتتى.»

بۇ قېتىملىق ساۋاقتىن كېيىن، مايۈن ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئوقۇش تارىخى ئۇزۇن بولغان «ئىختىساس ئىگىلىرى» نى قوغلاشمىغان. تالانت ئىگىسىنى تاللاش جەھەتتە، ئالى بابا سىرتتىن ئىختىساسلىق خادىم تەكلىپ قىلىش بىلەن ئىچكى قىسىمدىكى خادىملارنى تەربىيەلەشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى باشلىغان، بۇنىڭدا ئىچكى قىسىمدىكى خادىملارنى تەربىيەلەش مۇھىم نوقتا قىلىنغان. چۈنكى، ئىنتېرنېت سودىسى كەسپىدە ئالى بابا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىۋاتقان بولغاچقا، ساددىلىق بىلەن باشقا شىركەتلەردىن كۆپلىگەن پىشقان خادىملارنى قوبۇل قىلىشقا تايىنىپلا يىللىق ئېشىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇۋاتقان كەسپ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمايىتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىرتتىن كىرگەن خادىملارنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالى بابانىڭ ئۆزگىچە كارخانا مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قارىشىنى چۈشىنىپ كېتەلىشى ناتايىن ئىدى. ئەگەر قىممەت قاراش جەھەتتە بىرلىككە كېلەلمىسە، ئۇنداقتا ئۇزۇن مەزگىللىك كەسپ جەھەتتە ئورتاق تونۇشقا كېلىش ناھايىتى تەس ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مايۈن ئىچكى قىسىمدىكى خادىملارنى تەربىيەلەشنى مۇھىم نوقتا قاتارىغا قويغان.

كېيىن، ئۇ دائىم شىركەتتىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنى تەشكىللەپ تېلېۋېزىيە تىياتىرى-«تارىخنىڭ ئاسمىنى» نى كۆرگەن. مەزكۇر تېلېۋېزىيە تىياتىرىدا بىر دېھقاننىڭ قانداق قىلىپ قوماندانغا ئايلانغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ئىدى. باش پىرسۇناژ لۇ دايا دەسلەپتە ئۇچىغا چىققان باندىت ئىدى، بىراق توختىماستىن ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆگىنىش ئارقىلىق، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى ئۆگىنىۋېلىپلا قالماستىن، يەنە چوڭ كۆلەمدە ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگىنىۋالغان، ئۇ يەنە بۇنى ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئاخىرىدا يېڭىلمەس قوماندانغا ئايلانغان.

مايۈننىڭ خادىملارنى بۇ تېلېۋېزىيە تىياتىرىنى كۆرۈشكە تەشكىللىشىدىكى سەۋەب: ئۇ خادىملارنىڭ لۇ داياغا ئوخشاش توختىماستىن ئۆگىنىش ۋە ئۆزگىرىش، يېڭىلىق يارىتىشىنى، بۇ ئارقىلىق كارخانىنى ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ شىركەت يۇقىرى قاتلىمىدىكى خادىملارنى مۇددەتكە بۆلۈپ سودا ئىنىستىتۇتلىرىغا ئۆگىنىشكە ئەۋەتىپ، بۇ ئارقىلىق خادىملارنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلىگەن.

مايۈن ئالى بابانىڭ پۈتكۈل تەرەققىيات جەريانى ۋە ئادەم ئىشلىتىش تەجرىبىسىدىن ئاخىرىدا شۇنداق تەجرىبىنى يەكۈنلەپ چىققان: كارخانىغا ماس كەلگەنلەرلا ھەقىقىي ئىختىساسلىق خادىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مايۈن ئىشخانىسىنىڭ تېمىغا مۇنداق بىر بېيىتنى ئېسىپ قويغان: «جاھاننى سورىدى ليۇ بېي ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىر بولغاچ، مايۈنمۇ ھەم ئۇندىن ئۆگىنىپ شۇنداق قىلغاي.» جىن كاڭ 2000-يىلى مايۈن بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا بۇ بېيىتنى يېزىپ بەرگەن ئىدى. مايۈن مۇنداق دېگەن: «خىزمەت ئۈستىلىمنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويغىنىم ئۆزۈم كۆرۈش ئۈچۈن، ئارقىغا ئېسىپ قويغىنىم باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. كۈندە بۇنى كۆرۈش-ئۆزىگە بېرىلگەن ئەسكەرتىشتۇر.»

**********************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ