بايلار مەغلۇب بولسا قايتىدىن باشلايدۇ
سۈرەتتە : دۇنيا مىليادىرلىرىنىڭ بىرى ، دۇنيا پاي چېكى پىشۋاسى ۋالۇن بافىت
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار مەغلۇب بولسا ۋاز كېچىدۇ، بايلار مەغلۇب بولسا
قايتىدىن باشلايدۇ
بۇ بۆلەكنى ئوقۇشتىن بۇرۇن بىز ئاۋۋال بىر تاللاش سۇئالىنى كۆرۈپ باقايلى:
سىز ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولسىڭىز قانداق ئىنكاس قايتۇراتتىڭىز؟
A.ۋاز كىچىمەن B. قايتىدىن باشلايمەن
نەتىجىنى خۇلاسىلىگەندىن كىيىن بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، Aجاۋابنى تاللىغان دوستلار ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىش قىلالمىغان ھالەتتە، B نى تاللىغانلارنىڭ ئىچىدە چوقۇم ئىشلىرىدا نەتىجە قازانغان،تۇرمۇشى پاراۋان كىشىلەر بار.
ئەگەر بۇتاللاش سۇئالىنى تېخىمۇ ئاددى سۆز بىلەن ئىپادىلىسەك، ئۇ ھالدا:
بايلىق قوغلىشىش جەريانىدا سىز نامراتلىققا قاراپ ماڭامسىز ياكى بايلىققا قاراپ ئىلگىرىلەمسىز؟
- نامراتلىققا قاراپ ماڭىمەن B. بايلىققا قاراپ ماڭىمەن
ئىككىنچى خىل تاللاش سۇئالىنى كۆرگەندىن كىيىن، كۆپچىلىك چوقۇم دىيىشىۋالغاندەكلا B جاۋابنى تاللايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ھەر بىرئادەمدە بايلاردىن بولۇش ئىستىكى بولىدۇ، ھالبۇكى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس،كۆپىنچە كىشىلەر نامرات بولۇپ، بايلار ئاز سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. بۇنداق ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، بىزنىڭ بۇيەردە مۇھاكىمە قىلىدىغىنىمىز بولسا كىشىلەرنىڭ مەغلۇبىيەتكە بولغان ئوخشىمىغان پوزىتسىيىسى.
ماقال –تەمسىللەردە: «كىشىلىك ھايات ئەگرى – توقاي بولىدۇ.» دىيىلگەن. ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر ئۆمۈر راۋان، ئوڭۇشلۇق ئۆتىشى مۇمكىن ئەمەس، مەغلۇبىيەتتىن ساقلىنىش تەس، بىراق ھەر بىر ئادەمنىڭ مەغلۇبىيەتكە بولغان پوزىتسىيىسى ئوخشىمايدۇ، بۇ دەل بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى.
نامراتلار مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلگەندە پۈتۈنلەي باش ئېگىپ زەربىگە ئۇچراپ، مەغلۇب بولىدۇ،شۇنىڭدىن كىيىن قايتا باشلاشقا جۈرئەت قىلالماي، ھەممە تىرىشچانلىقلىرىدىن ۋازكېچىدۇ، نەتىجىدە ۋاقىتلىق مەغلۇبىيەتتىن قايتا باش كۆتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بايلار ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىن پۇرسەتنى تاپالايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلسىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن، ناھايىتى سوغۇققان ھالدا مەغلۇب بولۇشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىدۇ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەيدۇ، ئاندىن قايتىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ بايلىق يولىغا قاراپ ماڭىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، كىنتاكىنىڭ ماركا لايىھەسى ئۈستىدىكى ياشانغان كىشى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالدى (ئۇ كىنتاكىنىڭ قۇرغۇچىسى ھالىن. سەندىش). ھالبۇكى ئۇنىڭ كىنتاكىنىڭ قۇرۇش جەريانىدىكى ئەگرى – توقاي سەرگۈزەشتىسىنى كىشىلەر تېخى بىلمەيدۇ.
1890 – يىلى 9 – ئاينىڭ 9 –كۈنى، ھالىن ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا شىتاتىدىكى شىلۋېرغا يېقىن بولغان بىر ئېكىنزارلىقتا تۇغۇلغان. ئائىلىدىكى سەۋەب تۈپەيلى، ئۇ ناھايىتى بالدۇرلا تاماق ئىتىشنى ئۆگەنگەن، ئۇنىڭ پىشۇرۇش تېخنىكىسىمۇ بۇ ۋاقىتتا ناھايىتى زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن.
سەندىش كىچىك ۋاقىتلىرىدا نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى قىلغان، مال ساتقۇچى، ئاقلىغۇچى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان. 40 ياش ۋاقىتلىرىدا ئۇ كېنتۇككى شىتاتىدا بىر ماي قاچىلاش پونكىتىنى قۇرغان، يىراق يوللاردىن ھېرىپ – ئېچىپ كەلگەن ئاشۇ كىشىلەرگە قاراپ، سەندىش ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى كىچىك ئاشخانىدا قولايلىق يىمەكلىكلەرنى تەييارلاپ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشنى قارار قىلغان. بۇ ۋاقىتتا، سەندىش ئۆزىنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى چىقارغان، بۇ دەل كىيىنكى دۇنياغا داڭقى چىققان كىنتاكى تىز تاماقخانىسىدىكى توخۇ پىشۇرۇش شەكلى ئىدى. تەمى ناھايىتى ئۆزگىچە بولغاچقا، قاقلانغان توخۇ كاۋىپى كىشىلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن،ھەتتا بەزىلەر بۇ كاۋاپنىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئاتايىتەن يىگىلى كېلىدىغان بولغان.
ناھايىتى تىزلا، قاقلانغان توخۇ كاۋاپلىرى ئەسلىدىكى ماي قاچىلاش سودىسىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ،توخۇ كاۋىپى يىگىلى كەلگەنلەر ماي قاچىلىغىلى كەلگەنلەردىن كۆپ بوپتۇ. توخۇ كاۋىپىنىڭ سودىسى ناھايىتى قىزىپ كەتكەچكە، ماي قاچىلاش پونكىتىغا ئادەم پاتمايدىغان بوپتۇ، بۇ ۋاقىتتا سەندىش ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئۇدۇلىغا بىر تىزتاماقخانا ئېچىپ، مەخسۇس توخۇ كاۋىپى يىگىلى كەلگەنلەرنى كۈتۈۋاپتۇ.
تاماقخانىنىڭ داڭقى بارغانسىرى تارقىلىپ، كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ. 20 –ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىكى چوڭ كاساتچىلىق مەزگىلىدىمۇ سودا ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.ھالبۇكى بەختنىڭ ئىچىدە بەختسىزلىكمۇ بولىدۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشى ۋە كېنتۇككى شىتاتلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ياسىلىشى سەندىشنىڭ سودىسىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بارلىق پىلانلىرىنى قالايمىقان قىلىۋېتىپتۇ.قەرزلىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ مال – مۈلۈكلىرىنى سېتىپتۇ، ھەتتا بانكىدىكى ئامانەت پۇلىسىنىمۇ ئىشلىتىپ تۈگىتىپتۇ. بىر كېچىنىڭ ئىچىدىلا، ھالىن. سەندىش كىشىلەر ھۆرمەت قىلىدىغان بايدىن ھېچنىمىسى يوق نامراتقا ئايلىنىپ قاپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا سەندىش ئاللىقاچان 66 ياشقا كىرگەن ئىدى، پەقەت ھۆكۈمەت تارقاتقان 105 ئامېرىكا دوللىرىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايىتتى، تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق ئىدى. يېشى ئاتمىشتىن ھالقىغان سەندىش بۇ سەۋەبتىن ۋاز كەچمىدى، ئۇ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ،قايتىدىن باشلاشنى قارار قىلدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ توخۇ كاۋىپى پىشۇرۇش رېتسىپىنى ئېلىپ، كېنتۇككى شىتاتىدىن ئېگەي شىتاتىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ پىلانىنى ھەر بىر ئاشخانا خوجايىنىغا ئېيتىپتۇ. ئەگەرقايسى ئاشخانا بۇنى قوبۇل كۆرسە، ئۇلارغا رېتسىپنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىپ،ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەيدىكەن، ھەمدە ئۇلارغا پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىدىكەن.
ئىشنى يېڭىدىن باشلىغاندا كىشىلەر سەندىشكە ئىشەنمەپتۇ، ھەممىسى ئۇنىڭغا مازاق قىلغان پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىپتۇ. ھەتتا بەزى ئاشخانىنىڭ خوجايىنلىرى بۇ قېرىنىڭ گىپىنى ئاڭلاش ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق دەپ قاراپتۇ. شۇ سەۋەبتن سەندىشنىڭ تونۇشتۇرۇپ سېتىش خىزمىتى ناھايىتى قىيىن بوپتۇ.بىراق ئۇ يەنىلا ۋاز كەچمەپتۇ، ئۇنىڭ ئاياغ ئىزى پۈتكۈل ئامېرىكا زىمىنىنى قاپلاپتۇ، ئىككى يىلدا 1009 قېتىم رەت قىلىنىپتۇ، ئاخىرى 1010 قېتىمدا سەندىشنىڭ ئويىنى باشقىلار قوبۇل قىپتۇ.
ھەر بىرئىشنىڭ باشلانمىقى تەس، بىرىنچى ئادەم بولغان ئىكەن، ئىككىنچى، ئۈچىنچىسىمۇ بولىدۇ... سەندىشنىڭ توختىماستىن تىرىشىش ئارقىسىدا ئۇنىڭ ئويلىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپتۇ، كەسپىمۇ بارغانسىرى راۋاجلىنىپتۇ، ئاخىرىدا تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق بولغان كىنتاكى زەنجىرسىمان تىز تاماقخانىسىغا ئايلىنىپتۇ.
ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئاز – ئازدىن ياراتقان بايلىقلىرىڭىزنىڭ بىر كېچىنىڭ ئىچىدىلا يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىڭىز، سىز قانداق قىلىسىز؟ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر چوقۇم كۆڭلى سوۋۇپ، ھەرگىزمۇ قايتىدىن باشلاشدەك ئىشەنچى ۋە جاسارىتى قالمايدۇ – دە، ۋازكېچىدۇ. ھالبۇكى ئاللىقاچان 66 ياشقا كىرگەن ھالىن. سەندىش ئۇنداق قىلمىغان،شۇنچىلىك ئېغىر زەربىگە دۇچ كەلگەندىمۇ، ئۇ قايتىدىن باشلاشنى تاللىغان.
شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۆيىدە جىم ئولتۇرۇپ ئاخىرقى ئۆمىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى كېرەك بولغان بۇ ياشانغان كىشى نام – نىشانسىز، قۇرۇق قول ئەھۋال ئاستىدا، ئۆيىدىن چىقىپ، ئۆزىنىڭ بايلىق سەپىرىنى قايتىدىن باشلىغان.
ئويلاپ باقايلى، ئەگەر ھالىن. سەندىش تۇيۇقسىز كەلگەن زەربىنىڭ ئالدىدا باش ئېگىپ ۋاز كەچكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ يەنە ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدا قايتا باش كۆتۈرۈپ، بايلىق ۋە شان – شەرەپكە ئېرىشەلەمتى؟ ئەگەر ئۇ باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشى ۋە رەت قىلىشى ئارقىسىدا ۋاز كىچىپ، قايتا سىناش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا بۈگۈن بىز كىنتاكىنىڭ مەززىلىك تاماقلىرىدىن بەھىر ئېلىپ، ماركا ئۈستىدىكى ئۇ ياشانغان كىشىنىڭ تەبەسسۇمىنى كۆرەلەمدۇق؟
جاۋاب ئەلۋەتتە «ياق». ئەگەر مەغلۇبىيەتكە قايتىدىن يۈزلىنىدىغان جاسارەت ۋە قايتىدىن باشلايدىغان چىداملىق روھ بولمىسا، ھالىن. سەندىشنىڭ ياشانغان ۋاقىتلىرىمۇ قۇتقۇزۇش پۇلىسىغا تايىنىپ ئۆتكەن، كىيىنكىلەرمۇ ئۇنىڭ توخۇ كاۋىپىنىڭ مەززىلىك تەمىدىن بەھرە ئالالمىغان بولاتتۇق.
مەغلۇبىيەتكە نىسبەتەن، ھالىن. سەندىش قايتىدىن باشلاشنى تاللىدى. بىر 60تىن ھالقىغان ئادەم بۇنداق قىلغان يەردە، بەدىنى ساغلام بولغان بىز ياشلارچۇ؟
تارىخقا ۋە رىئال تۇرمۇشتىكى بايلارغا نەزەر سالىدىغان بولسىڭىز سىز شۇنى بايقايسىزكى،ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ھالىن. سەندىشقا ئوخشاش ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغان، كۈچلۈك روھ بار، مەسىلەن: سودا مەيدانلىرىدا قاتتىق مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلگەن شى يۈجۇاڭ؛مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن بەش قېتىم ۋەيران بولغان ھېنرى. فۇت قاتارلىقلار.
كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بايلىق سەپىرى جەريانىدا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ۋاز كىچىشنى تاللىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سەپتىن چۈشۈپ قالغانلار، قايتا باش كۆتۈرۈشنى تاللىغانلار بولسا بۇ سەپتىن چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك دوستۇم، ئېھتىمال سىز يېقىندا خوجايىنىڭىز تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلغانسىز؛ ئېھتىمال سىز ھازىر ئۆيىڭىزدە خىزمەت كۈتۈپ، خىزمەت تاپالمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن؛ ئېھتىمال سىز ئىلگىرى سودا مەيدانلىرىدا مەغلۇبىيەتكە دۇچاربولغانسىز؛ ئېھتىمال ... بىراق ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، بۇ مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىق ھەممىسى ۋاقىتلىق، پەقەت سىز قايتىدىن باشلاشنى تاللىسىڭىزلا، ئىزچىل تىرىشسىڭىز،چوقۇم بايلىق ئىشىكىدىن ھالقىيدىغان كۈنىڭىز كېلىدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى :
كىشىلىك ھاياتتا دائىم ئۇنداق ياكى مۇنداق كېلىشمەسلىك، كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ تۇرىدۇ،تۇيۇقسىز كەلگەن ئاشۇ زەربە ۋە مەغلۇبىيەت خۇددى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى«چاتاقچى» لارغا ئوخشايدۇ، تۇيۇقسىز سىزنىڭ ئالدىڭىزدا پەيدا بولۇپ، سىزنىڭ بايلىق يولىڭىزنى توسىدۇ. ئەگەر ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلگە يىتىپ بارماقچى بولسىڭىز، سىز ھەرگىزمۇ ئارقىڭىزغا چىكىنمەسلىكىڭىز، يولىڭىزدىكى توسالغۇلارغا خاتىمە بېرىشىڭىزكېرەك. بىلىشىڭىز كېرەككى، مەغلۇبىيەتنىڭ يەنە بىر ئىسمى «ۋاز كېچىش» تۇر.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى