بىر مىليارد يۈئەنلىك كۆك تارغاق قاش
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
تەرجىماندىن :كۆكتارغاق-翡翠 FEI CUI قاشتېشى-قاشتېشى چوڭ ئائىلىسىدىكى مۇھىم بىر تۈر بولۇپ،بېرما دۆلىتىدىن چىقىدىغان رەڭلىك،قاتتىق قاشتېشىنى كۆرسىتىدۈ.
كۆكتارغاق-جەنۇبىي دېڭىزدا ياشايدىغان بىر تۈرلۈك بېلىقچى قۇشنىڭ ئىسمى بولۇپ،بۇ قاشتېشىنىڭ رەڭ ،جۇلالىرى مۇشۇ قۇشنىڭ رەڭگى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كەتكەچكە شۇ قۇشنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
كۆكتارغاق قاشنىڭ ئاساسلىق رەڭلىرى يېشىل،كۆك،سېرىق،قىزىل،قارا،ئاق،مۇزرەڭ....قاتارلىق ئون بىر تۈرلۈك بولىدۇ.
سۈرەتتىكى بۇ كۆكتارغاق قاشنى بىرقانچە يىل بۇرۇن بىر قاشتېشى ھەۋەسكارى ئۈچ مىليون سەككىز يۈز مىڭ يۈئەنگە سېتىۋالغان بولۇپ،ئېغىرلىقى ئالتە كىلو كىلىدۇ.باشقىلار بۇ قاشنى كۆرۈپ <<كەسسەك ئىچى سۆسۈن رەڭلىك چىقىدۇ>> دەپ قارىغان .شۇنىڭ بىلەن سېتىۋالغۇچى تەۋەككۈل قىلىپ كەسكەن .كىسىلگەن بۇ كۆكتارغاق قاشنىڭ ئىچى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىن نەچچە ھەسسە سۈپەتلىك چىقىپ پۈتۈن قاشتېشى ھەۋەسكارلىرىنى ھەيران قالدۇرغان.
مۇتەخەسىسلەر بۇ كۆكتارغاق قاشنىڭ سۈپىتى كۆرۈپ سۆسۈن رەڭلىك كۆكتارغاق قاشتىن بۇنداق سۈپەتلىكىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدۇق.بۇ قاش ھەقىقەتەنمۇ سۈپەتلىك،مايلىق ،ئىسىل ئىكەن دەپ باھا بەرگەن.
2010-يىلى 11-ئايدا بۇ كۆكتارغاق قاش بېرما قاشتېشى بازىرىدا تەخمىنەن ئىككى يۈز مىليونغا يارايدۇ دەپ باھالانغان. ھازىرقى كۆكتارغاق قاشنىڭ باھاسى شىدەەت بىلەن ئۆرلەۋەتقان ،مال كەمچىل بولىۋاتقان شارائىتتا بۇ سۆسۈن رەڭلىك كۆك تارغاق قاشنى بازار باھاسى بويىچە ھىسابلىساق بىر مىلياردقا يارايدىكەن.
مەنبە: تور دۇنياسى
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى