باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەك
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
4 - باب 1 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: پۇل، تېخنىكا ۋە تالانت ئىگىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى بولمىسا قانداقمۇ ئىگىلىك تىكلىگىلى بولسۇن؟
ۋېنجۇلۇقلار: ئۇ نەرسىلەر بولمىسا ھېچقىسى يوق، بىز باشقىلارنىڭكىدىن پايدىلىنىپ تۇرساق بولىدۇ! تىجارەتتە «باشقىلارنىڭ توخۇسىدىن پايدىلىنىپ تۇخۇم تۇغدۇرۇش» قا ماھىر بولۇش كېرەك.
سىز چوقۇم شاڭداۋ قەۋەخانىسىنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئۇنىڭ داڭقى جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىدىن تارقالغان.
ئەمما سىز لافاڭشې دەپ ئاڭلاپ باققانمۇ؟
سىز شاڭداۋ قەھۋەخانىسى بىلەن لافاڭشېنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلەمسىز؟
بۇ ھېكايىنى 2001-يىلىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
2001-يىلى ۋېنجۇلۇق لىن شاۋفېن قەھۋەخانا ئاچماقچى بولىدۇ. ھەم بازار تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن شاڭداۋ قەھۋەخانىسىنىڭ تارماق دۇكىنىنى ئاچماقچى بولىدۇ.
لىن شاۋفېن ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ بەنياۋ كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى ئورنى ياخشى جايدىن دۇكان تاپىدۇ ۋە ھەممە ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ شاڭداۋ قەھۋەخانىسى شىركىتىنىڭ تېخنىك خادىم ئەۋەتىشىنى ساقلايدۇ.
بىراق ئويلىمىغان يەردىن قەھۋەخانا ئېچىلىشقا ئاز قالسىمۇ، شاڭداۋ قەھۋەخانىسى ئەسلىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان تېخنىك خادىم ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا كېلەلمەيدۇ. لىن شاۋفېن بۇنىڭدىن ناھايىتى جىددىيلىشىدۇ.
قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەسلىدىكى تىجارەت باشلاش پىلانى بويىچە تىجارىتىنى باشلىيالماسلىق ئادەمنى ناھايىتى ئوسال قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇقىرى سوممىلىق ئىجارە ھەققى لىن شاۋفېننى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، لىن شاۋفېن ئۆزىگە تايىنىپ ئازراق «ئۆزگەرتىش» قىلماقچى بولىدۇ.
لىن شاۋفېن ئاۋال گۇاڭجۇغا بېرىپ ئاشپەر ئىزدەيدۇ، ئاندىن داڭلىق ئاشپەزلەرنى تەكلىپ قىلىپ ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ئادىتى بويىچە غىزا-تائاملارغا تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ، شۇنداق قىلىپ «قەھۋەنى ئاساس قىلغان ،ۋېنجۇ ئۇسلۇبى بىلەن گۇاڭدۇڭنىڭ ئاددى يېمەكلىكلىرى بىرلەشكەن» تائاملىق قەھۋەخانا بارلىققا كېلىدۇ.
لىن شاۋفېننىڭ شاڭداۋ قەھۋەخانىسى 2001-يىلى 11-ئايدا دەل ۋاقتىدا تىجارەت باشلايدۇ. ئەمما باشقا كۆپ ساندىكى شاڭداۋ قەھۋەخانىلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، لىن شاۋفېننىڭ قەھۋەخانىسىغا پەقەت «شاڭداۋ قەھۋەخانىسى» دېگەن ۋېۋىسكىلا ئېسىلغان بولۇپ، چىقىرىدىغان تائاملارنىڭ بىر نەچچە تۈرى ئارتۇق ئىدى، ھەمدە بۇ دەل لىن شاۋفېننىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەتتى.
ئەسلىدە لىن شاۋفېن بىلىپ-بىلمەي ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى قەھۋەخانا ئوبرازىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قەھۋەخانىنى ۋېنجۇلۇقلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئۇسلۇبى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئىدى. لىن شاۋفېننىڭ شاڭداۋ قەھۋەخانىسى كىشىلەرنىڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشكەن، نۇرغۇنلىغان ۋېنجۇلۇقلار دوستلىرىنى بۇ قەھۋەخانىغا كېلىپ غىزالىنىشقا تەكلىپ قىلىدىغان بولغان.
بۇ قېتىمقى مۇۋەپپەقىيەت لىن شاۋفېنغا «شاڭداۋ» دىن ئايرىلىپ چىقىشنىڭ ئېھتىمال تېخىمۇ ياخشى تاللاش بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ تېزلىكتە شياڭگاڭدا ‹‹شياڭگاڭ لافاڭشې خەلقئارا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ››نى قۇرۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا «لافاڭشې» ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ لىن شاۋفېننىڭ ئىشلىرى قايتىدىن باشلانغان.
2002-يىلى 8-ئايدا، ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ھېچقانداق ئاۋات بولمىغان جايدا تۇنجى لافاڭشې نازۇ-نېمەتلەر ئارامگاھى ئىش باشلىغان. گەرچە بۇ جاي ئاۋات بولمىسىمۇ، ئەمما قاتناش قولايلىق، تىنچ بولغاچقا، ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن بىزار كىشىلەر توپىنىڭ ئارام ئالىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك سورۇنىغا ئايلانغان.
ئىستېمالچىلار توپىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، لىن شاۋفېن كۆڭۈل قويۇپ مۇنداق ئېلان سۆزى لايىھەلىگەن: مەن ئۆيدە بولمىسام لافاڭشېدا بولىمەن، لافاڭشېدا بولمىسام لافاڭشېغا كېتىۋاتقان يولدا بولىمەن.»
بۇ خىل ئەستە ساقلاشقا قولاي ۋە ئۆزگىچە ئېلان سۆزى بولغاچقا، لافاڭشې ناھايىتى تېزلا ۋېنجۇلۇقلارغا تونۇش بولۇپ كەتكەن ھەمدە ۋېنجۇلۇقلار دائىم بارىدىغان ئارامخانىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
2006-يىلى 7-ئايدا چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغاندا لافاڭشې بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان پۇرسەتنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3600 مېتىر بولغان لاسا شەھىرىنىڭ مەركىزىدە لافاڭشې نازۇ-نېمەتلەر ئارامگاھى تىجارەت باشلىغان. بۇ جايدىكى لافاڭشې نازۇ-نېمەتلەر ئارامگاھى تۆت قەۋەتلىك بولۇپ ، تىجارەت كۆلىمى 2400 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، جەمئىي 100 دىن ئارتۇق ئۈستەل بولۇپ، 500 دىن كۆپرەك ئادەم بىرلا ۋاقىتتا غىزالىنالايدۇ، بۇ لافاڭشې نازا-نېمەتلەر ئارامگاھى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تارماق دۇكان ئىدى. ۋېنجۇدىكى لافاڭشې نازا-نېمەتلەر ئارامگاھىنىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارسلىق قىلغان ئاساستا، بۇ يەردىكى لافاڭشېمۇ ماجياڭ ئۈستىلى، ياغاچ كۈپتە يۇيۇنۇش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويغان. لاسادا تىجارەت قىلىۋاتقان ۋېنجۇ سودىگەرلىرى بۇ جايدا قەھۋەگە ئېغىز تېگىپلا قالماستىن، يەنە ۋېنجۇنىڭ داڭلىق قورۇمىلىرىدىن ھوزۇرلىنالايىتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لافاڭشې ۋېنجۇ شەھىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن «جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك ئۆرنەكلىرىنىڭ 2005-يىلىدىكى بابى» غا كىرگۈزۈلگەن.
ۋېنجۇلۇقلار باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىشقا ناھايىتى ماھىر. ۋېنجۇدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىلار دەسلەپتە باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ ياكى باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ماركىسىنى چاپلاپ ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدۇ، بىراق بەلگىلىك مەبلەغ ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنلا ئۆزلىرىنىڭ ماركىسىنى يارىتىپ كۈچلىنىشكە باشلايدۇ.
شاڭخەي چۈنتىڭ كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋېنجۇلۇق چۈنتىڭ خانىم. ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن باشقىلار ئۈچۈن ئىشلىگەن، مۇئەييەن تېخنىكا ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشنى باشلىغان.
دەسلەپتە ئۇ ئۆزىنىڭ شىركىتىنى تىزىملاتمىغان، بەلكى باشقىلارنىڭ شىركەت نامىدىن پايدىلىنىپ سودا قىلغان، بۇ ھال ئۇنى خېلىلا ھالسىراتقان. بىراق چۈنتىڭ خانىم ھەرخىل قېيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلىگەچكە ئاخىرى ئۆزىنىڭ شىركىتىگە ئىگە بولغان، ھەمدە شاڭخەيدىن نەچچە ئون مو يەر سېتىۋالغان، شىركىتىدىكى خادىملارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان.
جېجياڭ چاڭجياڭ ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ليۇ جيەنگومۇ باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر ئادەم.
90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ليۇ جيەنگو «مېيدې» ھاۋا تەڭشىگۈچلىرىنىڭ جېجياڭ رايونىدىكى باش ۋاكالەتچىسى بولغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئۆزىنى «مېيدې» ماركىسى بىلەن زىچ باغلاپ كەلگەن.
ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە ناھايىتى تېزلا سېتىش سوممىسى 80 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
ئۇ يەنە چاڭجياڭ ھاۋا تەڭشىگۈچ سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى قۇرغان.
2000-يىلى 9-ئايدا، چاڭجياڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى چەكلىك شىركىتى بىلەن چاڭجياڭ ھاۋا تەڭشىگۈچ سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى بىرلەشتۈرۈپ چاڭجياڭ ئېلېكترون سانائىتى چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. تۆت ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ليۇ جيەنگونىڭ شىركىتى ئۆز ئالدىغا يېڭى تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پۇرچاق ئۇيۇتۇش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان، ھەمدە «مېيدې» نىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى سېتىش تورى ئارقىلىق مەھسۇلاتىنى بازارغا سالغان. كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ليۇ جيەنگو ئۆز كېمىسىنى ھەيدەشتە «مېيدې» نى يەلكەن قىلغان.
جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى نەن سۈنخۇي ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «(پايدىلىنىش) ۋە (باغلاشتۇرۇش) تىن ئىبارەت ئىككى ھالقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، باشقىلارنىڭ تېخنىكىسىدىن، مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ناھايىتى ئاقىلانە ئۇسۇل. تىجارەتتە ئېھتىياجلىق كاپىتال ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن: مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساس ئىگىسى ۋە ئەقلىي كۈچ قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسى كەم بولماسلىقى كېرەك. بىراق ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا بۇ نەرسىلەردىن يېتەرلىك پايدىلىنالايدۇ، شۇڭا باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش ئىگىلىك تىكلەشتىكى بىرىنچى قەدەم ھېسابلىنىدۇ.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
(پايدىلىنىش) ۋە (باغلاشتۇرۇش) تىن ئىبارەت ئىككى ھالقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، باشقىلارنىڭ تېخنىكىسىدىن، مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ناھايىتى ئاقىلانە ئۇسۇل.
-جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى نەن سۈنخۇي
كارخانا چوقۇم ۋەزىيەتكە ماسلىشىشى، ئەڭ مۇھىمى بىر خىل تەبئىي قانۇنىيەتكە ماسلىشىشى كېرەك، بۇ ھەقىقىي كارخانىچىلىق ھېسابلىنىدۇ.
-تىڭيۈ گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى فەن پېيسۇڭ
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى