A-A+

نامراتلار ئالدىراقسان ، بايلار ئەتراپلىق ئويلايدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 318 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( ئىككىنچى كىتاپ )

بىرىنچى باپ

ئىدىيىدىكى پەرق:

نامراتلار قويغا ئوخشاش راھەت-پاراغەتكە بېرىلىدۇ، بايلار

بۆرىدەك خەتەرگە تەييار تۇرىدۇ

s27185139

1-باپ 1-پارىگىراپ

ئالدىراقسانلىق بىلەن قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىش قىلىش

مەغلۇبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەتراپلىق ئويلىنىش

غەلبىگە باشلايدۇ

مۇۋەپپەقىيەت -رىقابەتچانلىق ۋە خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش روھىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر كىشلەر پەقەت راھەت-پاراغەتنىلا ئويلىسا، تىنىچ ۋە مۇقىم ياشاش مۇھىتىغا بېرىلىپ كەتسە،ئۇنداقتا ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيدۇ. لىكىن كىشلەر ئۆزىدىن ھالقىپ كىتىشكە جۇرئەت قىلسا، جان تىكىپ كۆرەش قىلسا، ئىش قىلغاندا كۈچلۈك رىقابەتچانلىق روھىغا ئىگە بولسا، غەلبە كۆز ئالدىدىلا.

ئۆزىگە ئىشىنىش ھەم ئۆزى تاللىغان يولغا ئىشىنىش، باشتىن-ئاخىر دەسلەپكى ئارزۇسىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەسلىك كېرەك. ئادەم ياشايدىكەن ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش، ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. بىر ئادەم نىشاننى بەلگىلەپ، يولنى توغرا تاللاپ، ئۆزى تاللىغان يولدا قەتئى ئالغا ئىلگىرلەپ، مەغلۇب بولۇشتىن، قىيىنچىلىققا ئۇچىراشتىن قورقمىسىلا غەلبە قازىنالىشى مۇمكىن. شۇڭا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلايدىكەنمىزچوقۇم شۇنىڭغا ماس پىلان بولۇشى كېرەك. بىر ئادەمنىڭ غەلبە قىلالىشى ياكى قىلالماسلىقىدا ئاساسلىق شۇ ئادەمنىڭ پوزىتسىيىسىگە قارايمىز. چۈنكى پوزىتسىيە شۇكىشىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەغدىرىنى بەلگىلەيدۇ.

پۇرسەت پەقەت تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ. ئادەم پۇرسەتنى تۇتۇشنى ھەم ئۆگىنىش پۇرسىتىنى تىزگىنلەيدىغان ئىقتىدارنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىشى، ئۆزىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئەمىلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى، ھەتتا روھىيىتىدىكى پاسسىپ ھالەتتىن ئاكتىپ ھالەتكە ئۆزگىرىشى،ھەركىتىدىكى قولايسىزلىقنى قولايلىققا ئۆزگەرتىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.

 ئالدىراقسانلىق بىلەن قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىش قىلىش مەغلۇبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەتراپلىق ئويلىنىش غەلبىگە باشلايدۇ

رېئال تۇرمۇشتا،بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ يۈرۇش - تۇرۇشىدا ناھايىتى كۆپ پەرق بار. نامراتلارنىڭ ئويلانماستىنلا قولىنىڭ ئۇچىدا ئىش قىلىشى بۇ پەرىقلەرنىڭ بىرسى. ئەكسىچە بايلارئەتراپلىق ئويلانغاندىن كىيىن، ئاندىن ھەركەت قىلىدۇ. «بەك ئويلىنىپ ئىش كۆرۈش ئادەمنى چارچىتىۋېتىدۇ، ئاددىيلا ئىش كورگەنگە يەتمەيدۇ» دەپ قاراش  نامراتلارنىڭ ئادەت سۆزىدۇر. بايلار ئەكسىچە «ئىشتىن بۇرۇن ئەتراپلىق ئويلىنىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئاسان خاتالاشمايمىز. پەقەت پىلان بىلەن ئىش كۆرگەندە ئاندىن غەلبە قازانغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن نامراتلارنىڭ ھەركەتلىنىش ئېڭى بولىدۇ. ئۇلارمۇ ئۆزى ئىش قىلىش ئارقىلىق،مۇشكۈل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ ھەركەتلىنىشى قارغۇلارچە ،قولىنىڭ ئۇچىدىلا بولۇپ، بۇ ھال ئۇلارنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇ خىل پايدىسىز ھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئىش قىلىشتىن ئاۋال چوقۇم ئەتراپلىق ئويلىنىشىنى ، ئىشنى تەرتىپلىك پىلان بويىچە قىلىشنى ئۆگىنىش كېرەك. مۇنداق بولغاندا  ئۈنۈمى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.

بىز تۆۋەندىكى مەسەلنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:
بايىلا دېھقاننىڭ تۇخۇسىنى ئوغرىلاپ يىگەن بىر تۈلكە كۆرەڭلىگەن ھالدا ئۆيىگە كىتىۋېتىپ قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ھەر قانچە قىلىپمۇ قۇدۇقتىن يامىشىپ چىقالماپتۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر ئۆچكە سۇ ئىزدەپ قۇدۇق بويىغا كىلىپتۇ ۋە قۇدۇق ئاستىدىكى تۈلكىنى كۈرۈپ، تۈلكىدىن سۇنىڭ ئىچىشلىك ياكى ئەمەسلىكىنى سوراپتۇ. گەرچە تۈلكىنىڭ ئەھۋالى شۇنداق ئېچىنىشلىق بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنى پەردازلاپ، قۇدۇق سۇيىنىڭ ئىچىشلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئېغىزى قۇرۇپ كەتكەن ئۆچكە پەقەت سۇ ئىچىشنىلا ئويلاپ، تۈلكىنىڭ راسىت  ياكى يالغان سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدا ئويلانمايلا قۇدۇققا سەكرەپ چۈشۈپتۇ. ئۆچكە سۇنى قانغۇچە ئىچىپ بۇلۇپ، بەدىنىنىڭ خېلىلا ئېغىرلاپ قالغانلىقىنى، قۇدۇقتىن سەكرەپ چىقالىشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايقاپتۇ. ئۆچكە ئالاقىزادىلىك ئىچىدە تۇرغاندا،تۈلكە ئۇنىڭغا قۇدۇقتىن چىقىشنىڭ ياخشى بىر ئامالىنى ئېيتىپتۇ. «ئۆچكە ئاكا، سەن ئاۋال بېشىڭنى تامغا تىرەپ تۇرۇپ بەرگىن. مەن يامىشىپ چىققاندىن كىيىن سېنى تارتىۋالاي» ئۆچكە ئويلانماستىنلا تۈلكىنىڭ دىگىنىنى قىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ تۈلكە تىزلا يامىشىپ قۇدۇقتىن چىقىۋاپتۇ. قۇدۇق ئاستىدىكى ئۆچكە جىددىيلەشكەن ھالدا تۈلكىنىڭ تارتىۋېلىشىنى ئۈتۈنگەن بولسىمۇ ، لىكىن تۈلكە پەرۋامۇ قىلماپتۇ.  بۇ ۋاقتتا ئۆچكە تۈلكىنى ۋەدەڭدە تۇرمىدىڭ دەپ تىللاپتۇ. لىكىن تۈلكە «سەن ھەقىقەتەنمۇ كاللاڭ ئىشلىمەيدىغان دۆت بىرنىمە ئىكەنسەن. ئەگەر سەن ھەركەت قىلىشتىن ئاۋال كاللاڭنى ئىشلەتكەن بولساڭ قۇدۇققا چۈشمىگەن بولاتتىڭ ھەمدە بۇ قىلتاققىمۇ دەسسىمەيتتىڭ»دەپتۇ-دە كۆرەڭلىگەن ھالدا كىتىپ قاپتۇ. ئەكسىچە ئۆچكە ئەخمەقلەرچە قۇدۇق ئاستىدا قېلىپ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.

ھېكايىدىكى ئۆچكىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن سۇ ئىزەپ كېلىشى ماختاشقا تىگىشلىك ئىش. ئەمما كېيىنكى ئالدۇراڭغۇلىقى ئۇنى ئاشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.شۇڭا ھەر بىر ئادەم ئىش قىلشتىن ئاۋال ياخشى ئويلىنىشى، يىنىكلىك قىلماسلىقى، ئۆزىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشى لازىم.  «تىز سۈرئەتتە بېيىش»نى ئارزۇ قىلىدىغانلارنىڭ ‹سالماقلىق بىلەن ئويلىنىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ھەركەتلىنىپ سىجىل بېيىش › تىن ئىبارەت بۇ قائىدىنى ئەستە تۇتۇشى تېخىمۇ زۆرۈر. مۇۋەپپەقىيەتلىك بېيىش يولىغا  بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئامىللار يوشۇرۇنغان.پەقەت پۇختا ھەركەت قىلالايدىغان ئادەملا بۇ يولدا مەزمۇت تۇرالايدۇ ھەم غەلبە قىلالايدۇ. ئەگەر سىز ھەمىشىە يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىش قىلسىڭىز، ئۇ ھالدا باي بولۇش يولىڭىزنى ئەگرى – توقاي، جاپالىق قىلىىپ قويىسىز. ھەتتا يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، نىشاندىن ئادىشىپ قالىسىز. شۇڭا سالماقلىق بىلەن ئەتراپلىق ئويلىنىشنى بايلارنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ تەجرىبە دىيىشكە بولىدۇ. بېيىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نامراتلار بۇ نۇقتىغا چۇقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك.

كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى لېل.خورلىن ئىلگىرى مۇۋەپپەقىيەت ئۇستازى كارنىگنى زىيارەت قىلغان. زىيارىتىدە ئۇ كارنىگنىڭ ئىش ئۈستىلىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. خورلىن: «ناھايىتى ئاسانلا نۇرغۇن پۇل تاپالايدىغان بىر باينىڭ ئۈستىلىنىڭ شۇ قەدەر رەتلىك ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەقىقەتەنمۇ تەس. چۈنكى ئۇنىڭدەك ئالدىراش ئادەمنىڭ ئۈستىلى ئۈستىدە ھەر خىل ھۆججەت ياكى ماتېرىياللار تولۇپ كەتكەن بولىدۇ» دىگەن. لېل.خورلىن بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەي: «كارنىگ ئەپەندى كۈندىلىك ئىش بېجىرىش جەريانىدا سىز قىلىدىغان ئىش چوقۇم كۆپ. لېكىن سىز قارىماققا شۇنداق تەمكىن ھەم تەرتىپلىك ئىكەنسىز. سىزبۇنى قانداق قىلالىدىڭىز؟» دەپ سوراپتۇ. كارنىگ كۈلۈپ تۇرۇپ : «بۇ بەلكىم مېنىڭ خىزمەت قىلىش ئۇسۇلۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە ماڭا  بىر كۈن ياكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا بىر ئىشنى تاماملاش ياكى قارار چىقىرىش زۆرۈر بولسا، ئىشتىن ئاۋال ئاشۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ماتېرىياللارنى رەتلىۋالىمەن. مېنىڭچە، قانداق ھەركەت قىلىشنى قىياس قىلىش ياكى قارار چىقىرىش ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. مېنىڭ قىلدىغىنىم شۇ قارار ياكى خىزمەت مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئامالنىڭ بارىچە كۆپرەك تەتقىق قىلىش، ئاشۇ ماتىرياللارنى تەتقىق قىلغاندىن كىيىن كاللىمىزدا كونكىرىت ھەركەت پىلانى ياكى تەدبىر تەبىئىيلا شەكىللىنىدۇ. چۈنكى بۇ ماتىرياللارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەت ئاساسىدا توپلانغان. بۇ ئاڭلىماققا بەك ئاددى، شۇنداقمۇ؟»،دەپتۇ.

كارنىگنىڭ ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار. لىكىن تۇرمۇشتا ئۇ دائىم كىشلەر تەرىپىدىن سەل قارىلىدىغان ئىش. كىشلەرنىڭ ھەركىتى كۆپىنچە ئالدىراقسانلىق ھەمدە كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇ ھەم پىشپ يىتىلمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى ھەم باي بولۇشتىكى ئەڭ چوڭ توساق بولۇپ،بۇنى «بالىلارنىڭ ھەمىشە ئويلانماستىنلا بىر ئىشنى قىلىش»قا ئامراقلىقىغا ئوخشاتساق بولىدۇ. بۇ يەنە كىشىلەردىكى ئويلىنىشنىڭ كەم ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۆزىدىكى بىردەملىك ھاياجانغا بىرىلىپ يەڭگىلتەكلىك بىلەن قىلىنغان گۆدەكلەرچە قىلىقتۇر..

شۇنى دىيىش زۆرۈركى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دائىم ئۆتكۈزدىغان ‹ ئۆزىدىكى مەسلىنى  ئەستايىدىل تەھلىل قىلماسلىقتەك › بىر خاتالىقى بار. ئادەم مۇنداق خاتالىق سادىر قىلغاندا مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلالماي بېشى قاتىدۇ، ھەتتا ئۇيقۇسى قاچىدۇ. شۇنداق قىلىپ قارار چىقىرىدىغان قىممەتلىك ۋاقتىنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ ياكى ياخشى ئويلانمايلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالدىراپ قارار چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەركەتلىنىشتىن ئاۋال مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئامالنىڭ بارىچە كۆپرەك جۇغلاش ھەم رېئاللىققا يۈزلىنىشكە جۇرئەت قىلىش، مۇمكىن بولسا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا چوڭقۇر تەھلىل يۈرگۈزۈش بەكمۇ زۆرۈر.

ئەمەلىيەتتە،ھەممە ئادەم ئالدىراقسانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان مەغلۇبىيەتتىن ساقلىنالمايدۇ،بۇ نورمال ئەھۋال. چۈنكى ئالدىراقسانلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەت بىزنى ئازاپقا دۇچار قىلىدۇ. شۇڭا يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىش كۆرىدىغان كىشلەر «ئاۋال ئۆزىگە نىمە كېرەكلىكىنى ھەقىقىي چۈشىنىش،ئاندىن ھەركەت قوللىنىش» تىن ئىبارەت بۇ ھېكمەتلىك قائىدىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇشى زۆرۈر. بۇ قائىدە نامراتلىق سېپىدە تىركىشۋاتقان كىشلەرگە ‹ ئىش قىلغاندا ئالدىراقسان بولماسلىق، چوقۇم ئىشنىڭ ياكى مەسلىنىڭ ماھىيىتىنى تۇلۇق ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئاندىن توغرا ھەركەت قىلىش› كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇخۇددى تاشقى كېسەل دوختۇرى ئوپراتسىيە قىلغاندا، ئەگەر بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرماي ئوپراتسىيە قىلسا، داۋالاش ھادىسىسى كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىدەكلا بىر ئىش. ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئەھۋال ئاستىدا دەرھال ھەركەت قوللىنىش زۆرۈر. لىكىن بۇ يەردىكى ‹ دەرھال ھەركەت قوللىنىش › ھەرگىزمۇ يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئالدىراپ - تىنەپ ئىش كۆرۈشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.

لىنجىيەن بېيجىڭغا كەلگىلى 8 يىل بولغان. ئۇ مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق بىر كارخانا تەرىپىدىن پىلان نازارەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىللىق مائاشى 300 مىڭ ئىدى.باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئىسمى - جىسمىغا لايىق باي ئىدى. ئۇ كەسپى ھاياتىدا ماڭغان ھەر بىر قەدىمىنى پۇختا ئويلىنىپ باسقان، ئەزەلدىن ئالدىراپ ئىش كۆرمىگەن.پىلان نازارەتچىلىك خىزمىتى لىنجىيەنگە نىسبەتەن بىر خىرىس ئىدى. لېكىن يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ غەلبىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىدى. ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئاۋال مۇشۇ شىركەتنىڭ بۇرۇنقى پىلان نازارەتچىسى ۋە ھازىرقى بازار بۆلۈمى دېرىكتورىنى ئىزدەپ كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەنگەن ھەمدە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئانالىز قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەتنى ياخشى قىلىشنى ئويلىغان، ھەمدە بازار ئېچىش ۋە پىلانلاشتا بۈسۈش ھاسىل قىلىش كېرەكلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن. شۇ سەۋەپتىن، ئۇ بىرقېتىملىق داغدۇغا قوزغايدىغان بازار پىلانى پائالىيىتىنى تاماملاشقا تەييارلانغان.شۇنداق قىلىپ پۇرسەت بىر ئايدىن كىيىن يىتىپ كەلگەن. شىركەت بىلەن مەلۇم ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ بىئولوگىيە قۇرۇلۇشى ئىنىستىتۇتى بىرلشىپ، يېڭى بىر ساغلاملىق مەھسۇلات تۈرىنى ئاچقان.بۇ مەھسۇلات دۆلەت ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ھازىر شىركەت ئۇنى چەتئەلگە، بولۇپمۇ شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سېتىپ چىقىرىشنى پىلانلىغان ئىدى.بۇنىڭغا قارىتا لىن جىيەننىڭ ئويلايدىغىنى باشقىچەرەك بولۇپ، ئۇ بۇ مەھسۇلاتنى تايلاند بازىرىغا ئەكىرىشنى پىلانلىغان. ئۇ تەكشۈرۈش ئارقىلىق تايلاندنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى پىششىق ئىگەللەپ، تايلاندنىڭ بۇددا دىنىغا كۈچلۈك ئىتقاد قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلگەن. بۇ مەھسۇلاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تايلاند بازىرىغا ئەكىرىش بىلەن بۇددا دىنىنىڭ بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، لىن جىيەن بۇنى مەسلىنىڭ نۇقتىسى دەپ قارىغان.

بۇشىركەتنىڭ مەھسۇلاتى يۈرەكنى تازلاپ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ،قۇتىغا قاچىلىنىدىغان سۇيۇقلۇق ئىدى. لىن جىيەن مەھسۇلاتنىڭ ئۈنۈمىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تايلاندىكى ۋاكالەتچى سودىگەر بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلاشقان. ئاۋال تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكدىكى بىر قىسىم بۇتخانا يېنىغا كۆزگە چېلىققۇدەك قىلىپ تەشۋىقات تاختىسى ياسىغان. بۇ تەشۋىقات تاختىسىدا تايلاندتىكى داڭلىق بىرناخشىچىنىڭ قولىدا ساغلاملىق مەھسۇلاتى تۇتقان، كۈلۈمسىرگەن ھالدا يىراققا قاراپ تۇرغان رەسىمى ۋە «شۇ دەقىقىدە يۈرىكىم ئەينەكتەك سۈزۈك!» دىگەن سۆزلەر بار ئىدى.  لىنجىيەن ئېلان تاختىسىنى كۆرگەنلەرنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل كۈزەتكەن، ھەم بىر مەزگىل كۈزىتىش ئارقىلىق مەھسۇلات تەشۋىقاتىنىڭ كىشلەرنىڭ ياختۇرىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىغان. بىر قاتار ئەتراپلىق پىلانلاش ئارقىلىق، شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى تايلاند بازىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگەن ھەم سېتىلىش مىقدارى ناھايىتى تىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. لىنجيەننىڭ بۇ خىل ئەستايىدىل،ئىنچىكە ئىش قىلىش ئۇسۇلى ئاخىرى ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن.

ئەمەلىيەت داۋامىدا قانداق ئىش قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق ئىشقا سەگەك كاللىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز ھەم كۈچىمىزنىڭ بارىچە قارغۇلارچە ئىش قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز زۆرۈر. ئىش قىلىشتىن ئاۋال ياخشى ئويلىنىپ، ئاندىن قول سېلىشىمىز كېرەك. مۇنداق بولغاندا بىز  تەشەببۇسكارلىق ئورنىنى ئىگەللەپلا قالماستىن، يەنە ناھايتى تىزلا  غەلبە مېۋىسىنى ئۈزەلەيمىز. بۇ ئەمىليەتتە بايلار بىلەن نامراتلاردىكى ئەڭ روشەن پەرقنىڭ بىرسى.نامراتلار باي بولۇشنى ئويلايدىكەن، ئىشتىن ئاۋۋال ئەتراپلىق ئويلىنىش كېرەك.ئالدىراقسانلىق بىلەن ئىش قىلمايدىغان كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىگە پايدىلىق بولغان بارلىق پۇرسەتلەرنى تۇتالايدۇ ھەم تىرىشىپ كۆرەش قىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئادەملەردە مەڭگۈ يېڭىلىق يارىتىدىغان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان يۈرەك بولىدۇ.يەڭگىللىك بىلەن ئىش قىلمايدىغان، ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان كىشىلەرجەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغانلاردۇر. پەقەت شۇنداق ئادەملا كىشىنى ھەۋەس قىلدۇرالايدىغان بايلىققا ئېرىشەلەيدۇ.

كىشىلىك تۇرمۇش ھەمىشە كومىدىيلىك بولىدۇ. نامراتلار باي بولۇشقا قانچە ئالدىرىغانسېرى غەلبە قىلىشى شۇنچە تەس بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى ئالدىراقسانلىق ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇلارنىڭ سەگەك كاللىسىنى،جانلىق تەپەككۈرىنى بۇغۇپ قويىدۇ. ئاخىرىدا كۆرەش قىلىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ يەڭگىلتەكلىك بىلەن قوللانغان ئۇسۇلى سەۋەبىدىن مەغلۇب بولىدۇ.شۇڭا بايلىق ئىزدەش يولىغا قەدەم قويغان ۋاقىتتا نامراتلار ئۆزىدىكى ئالدىراقسانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە تۈرلۈك  قايمۇقتۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى بىلىشى زۆرۈردۇر. پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇلار ئاندىن ئۆزىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتەلەيدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

بىر ئادەم پەقەت ئۆزىدىكى يەڭگىللىك بىلەن ئىش قىلدىغان ئادەتنى كونتىرول قىلالىسىلا، ئاندىن سەۋىرچانلىق بىلەن مەزمۇت ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدۇ، سىرتتىكى ھەر خىل قايمىقتۇرۇشلاردىن ئازمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، كىشى ھەۋەس قىلغۇدەك بايغا ئايلىنىش بەك تەس.

*************************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ