ئەقىدە جاۋاھىرات تورى كەسپى جەھەتتىن تەھرىرلىدى
كۆكتارغاق قاش 翡翠 fei cui
يىغىپ ساقلاشتا يەنىلا «قەھرىتان سوغۇق»تا تۇرۇۋاتقان كۆكتارغاق قاش مەبلەغ سېلىشقا ماس كېلەمدۇ؟
تېڭشۈن تورى مالىيە باشقۇرۇش خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كۆكتارغاق قاش - يېشىل قاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى مەرۋايىتنىڭ يېقىملىقلىقىغىمۇ، ئالماسنىڭ ئىتتىكلىكىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۇ خۇددى بىر سۈزۈك بۇلاققا ئوخشاش، كىشىنىڭ قەلبىنى ھۇزۇرلاندۇرالايدۇ. مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىدىن بۇرۇن كۆكتارغاق قاش ئانچە ئېتىبارغا ئېرىشەلمىگەن، لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كۆكتارغاق قاش «قاش - تاش شاھى» دېگەن نامىغا لايىقلاشتى. 2002- يىلىدىن باشلانغان 10 يىل داۋامىدا كۆكتارغاق قاش يىغىپ ساقلاش ۋە مەبلەغ سېلىشتىكى چوڭ قىزىق نۇقتا بولۇپ قالغان، باھاسىمۇ ئۆرلەپلا ماڭغانكى چۈشۈپ كەتمىگەن. لېكىن 2012- يىلىغا كەلگەندە كۆكتارغاق قاشنىڭ باھاسى خۇددى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئايروپىلان سىبىرىيەگە چۈشۈپ كېتىپ پاچاقلىنىپ كەتكەندەك «قەھرىتان سوغۇق»قا چۈشۈپ قالغان. ئۇنداقتا كۆكتارغاق قاشنىڭ باھاسى نېمىشقا بۇنداق قاتتىق ئۆسۈپ قاتتىق چۈشۈپ كېتىدۇ؟ ھازىر كۆكتارغاق قاشقا مەبلەغ سېلىشقا يەنىلا ماس كېلەمدۇ؟ بۈگۈنكى «بايلىق يوشۇرۇنغان خەرىتە»نىڭ بۇ سانىدا سىز بىلەن بۇ «ئەسەبىيلەشكەن قاش»نى بىللە ئانالىز قىلىپ باقايلى.

كۆكتارغاق قاش - قاشتېشىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇ بىرما قاشتېشى ياكى قاتتىق قاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەڭ بۇرۇن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئېلىمىزگە ئاندا-ساندا كۆكتارغاق قاش ئېقىپ كىرگەن، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاز مىقداردا تۈركۈملەپ كىرگۈزۈلگەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە كۆكتارغاق قاشتىن ياسالغان ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى بىر مەھەل ئىنتايىن مودا بولغان، لېكىن ئانچە دىققەتنى قوزغىيالمىغان بولغاچقا باھاسى ئەمەلىيەتتە ئانچە قىممەت بولمىغان. يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامانغا كەلگەندە كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈنچە- مەرۋايىت، زىننەت بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەنلىكى سەۋەبىدىن، پارقىراق ۋە سۈزۈك، شەرقنىڭ ئۆزگىچە سىرلىق خىسلىتىگە ئىگە بولغان زۇمرەت تېشى ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشكەن، يەنە كېلىپ قېزىش، پىششىقلاپ ئىشلەش باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، كۆكتارغاق قاش ئۆزىنىڭ قايتا ھاسىل بولماسلىق خۇسۇسىيىتىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ باھاسىمۇ خۇددى «سۇ ئۇلغايسا كېمە كۆتۈرۈلىدۇ» دېگەندەك تەبىئىيلا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

يۇقىرىقى سۈرەتتە: بېيجىڭ باۋلى 2013- يىللىق ئەتىيازلىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە تەبىئىي كۆكتارغاق قاش زەنجىرنىڭ پۈتۈشۈش باھاسى 8 مىليون 625 مىڭ يۈەن بولغان.

2002-يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى كۆكتارغاق قاش بازىرىدا كۆرۈلگەن ئەسەبىيلىك ئادەملەرنى ئىڭىكى چۈشۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە ھەيران قالدۇرغان، كۆكتارغاق قاشنىڭ باھاسى خۇددى راكېتاغا ئولتۇرغاندەك تۈز سىزىق بويىچە يۇقىرى ئۆرلەپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك كۆكتارغاق قاش (يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق رەڭلىك نىڭ باھاسى 400، 500 ھەسسە ئۆسۈپ كەتكەن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كۆكتارغاق قاش (يۇقىرى سۈپەتلىك ياكى تۆۋەن سۈپەتلىك يۇقىرى رەڭدار)نىڭ باھاسى نەچچە ئون ھەسسە ئۆرلىگەن، ئوتتۇرا-تۆۋەن دەرىجىلىك كۆكتارغاق قاش (بىر قەدەر تۆۋەن سۈپەتلىك رەڭسىز كۆكتارغاق قاش )نىڭ باھاسى ئون نەچچە ھەسسە ئۆرلىگەن، تۆۋەن دەرىجىلىك كۆكتارغاق قاشنىڭ باھاسىمۇ بىر قانچە ھەسسە ئۆسۈپ كەتكەن. ئەزەلدىن ھەر قانداق بىر خىل تاۋار كۆكتارغاق قاشقا ئوخشاش بۇنداق قىسقىغىنا ئون يىل ۋاقىت ئىچىدە شۇنچىۋالا قىممەتلەپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ باقمىغان.

قاشتېشىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ تۇرسا، نېمىگە ئاساسەن كۆكتارغاق قاش راكېتاغا ئولتۇرالايدۇ؟ مەدەنىيەت جەھەتتىن قارىغاندا، ئېلىمىز 8000 يىللىق قاشتېشى مەدەنىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، پادىشاھ، بەگ- تۆرە، ئاقسۆڭەكلەردىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالارغىچە ھەممىسى قاشتىشىنى ئۇلۇغلىغان، قاشتېشىنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭدىن ھوزۇرلانغان ئەنئەنىگە ئىگە بولغان، شۇنىڭدەك كۆكتارغاق قاش ساپ رەڭگى، شەرق ئەللىرىنىڭ پۇرىقى ۋە قاتتىق ماتېرىيالى قاتارلىقلار بىلەن كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ قولىدىن چۈشۈرمەسلىكىگە مۇيەسسەر بولغان، شۇڭا كۆكتارغاق قاشنى يىغىپ ساقلاشمۇ بىر خىل مودا كەيپىياتىغا ئايلانغان.

بايلىق مەنبەسى جەھەتتىن قارىغاندا، دۇنيادىكى %90تىن ئاشىدىغان كۆكتارغاق قاشنىڭ ھەممىسى بىرمىدىن چىقىدۇ، شۇنىڭدەك ياپونىيەنىڭ نىئىگاتا ناھىيەسى ۋە شىمالىي قۇرۇقلۇق دېڭىز بويى، گۋاتېمالا، ئامېرىكا ۋە رۇسىيەلەردىنمۇ چىقىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ياقۇت دەرىجىلىك كۆكتارغاق قاشنىڭ خام ئەشياسى پەقەت بىرمىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كاچىن ئىشتاتىنىڭ ميىتكىنا رايونىدىن چىقىدۇ. بىرمىنىڭ باشقا رايونلىرىدىن چىققان كۆكتارغاق قاش زىننەت بۇيۇملىرى خام ئەشياسى بولۇش دەرىجىسىگە يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆكتارغاق قاش ئاز ئۇچرايدىغان، قايتا ھاسىل بولمايدىغان تەبىئىي بايلىققا تەۋە بولغاچقا، مەھسۇلات مىقدارى چەكلىك، شۇڭا ئۈزلۈكسىز قېزىشقا ئەگىشىپ ئۇنىڭ مىقدارى بارغانسېرى ئازلاپ كېتىدۇ، «نەرسە ئازلىقى بىلەن قىممەتلىك بولۇر» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟

ئۇنىڭدىن قالسا ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان يەنە بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بايلىقنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىشچانلىقى ئىنتايىن مۇھىم، نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىن ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن مىراس بېجى بارلىققا كېلىدۇ. ھالبۇكى كۆكتارغاق قاشقا ئوخشاش بۇنداق قاش ئادەتتە مىراس بېجى ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆكتارغاق قاشنىڭ باھاسى ئادەتتە ئۇزاق يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆرلەيدىغان بولغاچقا، ئۇ مەبلەغ سېلىش تۈرى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا سىياسەت جەھەتتىكى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىشقا ئەگىشىپ، بەزى كەسىپلەردىكى مەبلەغ سالغۇچىلار نەزىرىنى كۆكتارغاق قاشقا تىككەن، شۇڭا سېلىنغان نۇرغۇن مەبلەغمۇ كۆكتارغاق قاش باھاسىنىڭ تېز ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان.

بۇنىڭ تۈرتكىسىدە كۆكتارغاق قاشنىڭ شەرق شامىلى ئىزچىل 10 يىل داۋاملاشقان، تاكى 2012- يىلىغا كەلگەندە، كۆكتارغاق قاش بازىرى كاساتلىشىشقا باشلىغان، سېتىلىش مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن، نۇرغۇن ئوتتۇرا ۋە كىچىك كۆلەمدىكى تىجارەتچىلەر بەرداشلىق بېرەلمەي بەس- بەستە دۇكانلىرىنى تاقاپ كەسىپ ئۆزگەرتكەن. 2015- يىلىغا قەدەر بولغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرى، ئوتتۇرا- يۇقىرى دەرىجىلىك مالنىڭ باھاسى يەنىلا مۇقىم بولغان، لېكىن داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئۆرلىيەلمىگەن؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك مالنىڭ باھاسى تەڭلەشكەن ياكى ئازراق تۆۋەنلىگەن؛ ئوتتۇرا- تۆۋەن دەرىجىلىك ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك مالنىڭ باھاسى سەل تۆۋەنلىگەن، تۆۋەنلەش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىمۇ ئوخشاش بولمىغان، گۇاڭجۇ بازارلىرىدا تەخمىنەن %20تىن %30كىچە، يۈننەن بازارلىرىدا تەخمىنەن %10تىن %20كىچە، بېيجىڭ بازارلىرىدا تەخمىنەن %20 ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەن.
كۆكتارغاق قاش بازىرىنىڭ «قەھرىتان سوغوق»قا كىرگەنلىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەمەلىيەتتە بىر قايغۇ بىلەن خۇشاللىق تەڭ ئارىلاشقان ئىش بولۇپ قالغان. ئاۋۋال، كۆكتارغاق قاش باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىگەنلىكىگە ئەگىشىپ، بازار تەرتىپىدە مەلۇم دەرىجىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا بولغان، سۈپەتسىزنى ياخشىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىش، ئۆلچىمى كەمچىل بولغانلىقتىن «ئاسماندا باھا قويۇش» قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. كۆكتارغاق قاش باھاسىنىڭ سوۋۇتۇلۇشى ئەكسىچە كۆكتارغاق قاش بازىرىنى ساپلاشتۇرۇشقا ياردىمى بار، شۇنداقلا بازارنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق. ئەلۋەتتە ناچار مەھسۇلات سېتىۋېلىپ قالغان ياكى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى باھادا سېتىۋالغان يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار بۇ باسقۇچتا ھەقىقەتەن ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، كۆكتارغاق قاشنىڭ بازار باھاسىدا يەنىلا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش يوق. ئۇنداقتا ھازىر كۆكتارغاق قاشقا مەبلەغ سېلىش ياكى ئۇنى يىغىپ ساقلاش يەنە مۇۋاپىق بولارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە يەنىلا ناھايىتى مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى كۆكتارغاق قاش ھەممىدىن ئاۋۋال يەنىلا ھەشەم بۇيۇملىرىغا مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى ئەڭ ياخشىسىدۇر. مۇتلەق كۆپ قىسىم كۆكتارغاق قاشنىڭ باھاسى چۈشكەن چاغدا، يۇقىرى سۈپەتلىك كۆكتارغاق قاشنىڭ باھاسى يەنىلا مۇقىم بولغان، پەقەت ئېشىش نىسبىتى بۇرۇنقىدەك ئۇنداق تېز بولمىغان خالاس، شۇڭا ئۇنى «زىيان تارتمايدىغان، ئاز پايدا ئالىدىغان سودا» دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار سىستېمىسى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، پۇل ئامانەت قويۇشتا پاخاللىشىپ كېتىشتىن، زايوم سېتىۋېلىشتا ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشتىن، پاي چېكى سېتىۋالغاندا خېيىم- خەتىرى چوڭ بولۇشتىن قورقىدىغان ئىشلار بار، ئالتۇن سېتىۋېلىشمۇ ھەم ئىشەنچلىك ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن ئۈنچە- مەرۋايىت ۋە قاشتېشى قاتارلىقلار مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا مۇھىم مەھسۇلات بولۇپ قالدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، بىرمىدىكى نۇرغۇن كان مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنىڭ قېزىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ياقۇت دەرىجىلىك كۆكتارغاق قاشنىڭ ئەڭ ياخشىسى چىقىدىغان، ئەڭ قەدىمكىسى ۋە ئەڭ مۇھىمى بولغان پاكانت رايونى (يۇقىرىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلدى)مۇ تارىخقا ئايلىنىدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كەلگۈسىدە بىرمىنىڭ كۆكتارغاق قاش تۈرىدىكى كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەقىقەتەن ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، دۇنيادىكى %90 كۆكتارغاق قاش بېرمىدىن چىقىدۇ، ئەلا سۈپەتلىك كۆكتارغاق قاشنى تېخىمۇ تىلغا ئالماڭ. شۇڭا بىرمىدىكى كۆكتارغاق قاش كانىنىڭ تاقىلىشىمۇ زۇمرەت تېشى بايلىق مەنبەسىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، شۇنىڭدەك كۆكتارغاق قاش باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمۇ مۇمكىن.

شۇڭا بۇ ئىككى نۇقتا جەھەتتىن قارىغاندا، كۆكتارغاق قاش باھاسىنىڭ ئۆرلەش ئېھتىماللىقى يەنىلا ناھايىتى زور، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كۆكتارغاق قاش مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىيدۇ. بىراق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كۆكتارغاق قاشنى سېتىپ پۇل قىلىش يوللىرى ھازىرچە يەنىلا بىر قەدەر ئاز. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان «كۆكتارغاق قاش دەرىجىگە ئايرىشتىكى دۆلەت ئۆلچىمى»دىن قارىغاندا، پەقەت A دەرىجىلىك مالنىڭلا قىممىتى ئۆرلەش بوشلۇقىغا ئىگە، لېكىن B دەرىجىلىك ۋە C دەرىجىلىك مالنى پەقەت زىننەت بۇيۇملىرى سۈپىتىدە تاقاشقىلا بولىدۇ، A دەرىجىلىك مال ئىچىدە سۈپىتى قانچە يۇقىرى بولغان كۆكتارغاق قاشنىڭ قىممىتى ئېشىش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ، بۇنىڭدا ئۇزۇن مۇددەت مەبلەغ سالغان چاغدىلا يۇقىرى نەپكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. كۆكتارغاق قاش مەبلەغ سېلىش ۋە يىغىپ ساقلاشقا ئەرزىيدىكەن، ئۇنداقتا كۆكتارغاق قاش قانداق يىغىپ ساقلىسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدىمۇ توختىلىپ ئۆتكەندەك، يۇقىرى دەرىجىلىك كۆكتارغاق قاش ، يەنى «كونا كان» كۆكتارغاق قېشىدۇر. كۆكتارغاق قاش خام ئەشياسىنىڭ مەھسۇلات چىقىش شەكلى «كونا كان» ۋە «يېڭى كان» دەپ ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلەر ئۇزاق مۇددەت تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قار- مۇز سۇلىرىغا چىلىنىپ تۇرغان كۆكتارغاق قاشنىڭ خام ئەشياسىنى «كونا كان كۆكتارغاق قېشى » دەپ ئاتايدۇ، بۇنداق كۆكتارغاق قاشنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئادەتتە يېشىل رەڭگە مايىل بولىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك پارقىراق بولىدىكەن. سۈرەتتىكىسى تەبىئىي پۈتۈن يېشىل كونا كان كۆكتارغاق قېشى - <ئەجدىھا- سۇمرۇغ ئىلگەك>».

ئەڭ بالدۇر قېزىلغان كان ئېغىزىدىكى كۆكتارغاق قاش ئىچىدە سۈپىتى ياخشى ۋە نەپىس بولغانلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە قېزىش كۆلىمى بارغانسېرى چوڭ بولغانلىقتىن، يېڭى ئېچىلغان كان ئېغىزىدىكى كۆپ قىسىم كۆكتارغاق قاش سۈپەت جەھەتتىن كونا كان ئېغىزىغا يەتمەيدۇ، شۇڭا كېيىنچە كۆپچىلىك ياخشى سۈپەتلىك كۆكتارغاق قاشنى كونا كاندىن چىققان دەپ قاراشقا ئادەتلەنگەن. ئاستا- ئاستا كونا كان يۇقىرى سۈپەتنىڭ ۋاكالەتەن نامى بولۇپ قالغان. ئەلۋەتتە، ئەگەر سىز كۆكتارغاق قاشنىڭ «چېكىگە يەتكەن ساقلاش ھەۋەسكارى» بولسىڭىز، ئەگەر كۆڭلىڭىزگە ياقىدىغان كۆكتارغاق قاش بىلەن ئۇچرىشىپ قالسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنى يىغىپ ساقلاپ قويۇڭ!