A-A+

مەرۋايىت ھەققىدە ئومۇمىي بايان

مەرۋايىت ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىلەر ( 1 )

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى

rdn_5268c995bb85f

مەرۋايىت    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ   دەريا-كۆل  ۋە دېڭىزلاردا ، قۇلۇلىنىڭ ( قۇلۇلە ھەققىدە ماقالىمىزنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا مەخسۇس توختىلىمىز ) بەدىنىدە ئۆسىدىغان بىر خىل  يۇمىلاق تۇخۇمسىمان تەبىئىي كالتىسى كاربۇنات بېرىكمىسىدىن ئىبارەت .

2342

مەرۋايىت  ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ   پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئورتاق ياخشى كۆرىدىغان زىننەت بۇيۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەن گۈزەللىك خانىشى دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە  ھەم دۆلەت خانىشلىرىدىن ئاۋام - پۇقراغىچە ھەممىلا ئادەمنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشكەن  ھەممىگە باب بىردىنبىر جاۋاھىرات سانالماقتا .

تەبىئىي مەرۋايىتنىڭ شەكلى كۆركەم ، رەڭ جۇلاسى ئۆزگىچە بولۇپ ئىنسانىيەت ئۇنى بايقىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەتىۋارلىنىپ كېلىۋاتىدۇ .

مەرۋايىت  ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ   بىر تۈرلۈك ئورگانىك گۆھەر  ھېسابلىنىدۇ .  ئۇ سالامەتلىك ، پاكلىق ، بايلىق ، بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۇزاق زامانلاردىن  بۇيان ئىنسانىيەتكە ھەمرا بولۇپ كەلمەكتە . تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا  دىيارىمىزدىكى لوپنۇر ، سايرام .... قاتارلىق كۆللەردىمۇ قۇلۇلە بار بولۇپ مەرۋايىت چىققانلىقى ھەققىدە بايانلار بار. لېكىن بۇ ھەقتە مەخسۇس تەتقىقات  نەتىجىلىرىدىن خەۋەرسىز بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ ھەقتە ھازىرچە كونكىرىتنى توختالمايمىز.

3

مەرۋايىت چىقىش ئورنىغا ئاساسەن تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ( تاتلىق كۆل مەرۋايىتى ) ۋە تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتى ( دېڭىز مەرۋايىتى ) دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەرۋايىت ئىشلىتىش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ ، ئۇ خەلقىمىز ئۈچۈن ، سىرلىق ، يۇچۇن نەرسە ئەمەس .ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىزتارىختىن بۇيام مەرۋايىتنى قىممەت باھالىق زىننەت بۇيۇملىرى قاتارىدا ئىشلىتىپ كەلگەن ، ھازىرمۇ ئەتىۋارلاپ ئىشلەتمەكتە . مۇھىمى مەرۋايىت ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە كىم بولسا بولمايدىغان دورا ماتىريالى بولۇپ ، تارىختىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كەلگەن ھەم ھازىرمۇ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى ، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن مەرۋايىت ئىشلىتىدىغان خېرىدارلارنىڭ سانى تېز كۆپەيمەكتە . بىراق بىر قىسىم مەككار تىجارەتچىلەر پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ سۈنئىي ، تەقلىدى ، ساختا مەرۋايىتلارنى دىيارىمىزدا يۇقىرى باھادا ساتماقتا .

بازارلىرىمىزدىكى ئاددى كۆز بىلەن ئايرىش قىيىن بولغان ساختا مەرۋايىتلار

587959 4536458679

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ